ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى:
بەلكىم مەۋھۇم دۇنيادىكى ئايىقى چىقماس جەڭگە-جېدەللەردىن دىلىڭلار ئازار يەپ كۆڭلۈڭلار يېرىم بولۇپ قالغاندۇ؟ۋە ياكى كۆڭۈل ئارامى ئىزلەپ زېرىكىپمۇ قالغانسىلەر؟
كەمىنە شۇ مەقسەتت سىلەر ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلاي دەپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇىدىغان بىر قانچە ناخشىلارنى كەڭ تورداشلىرىمىنىڭ كۆڭۈل ئارامى ئۈچۈن مۇنبەرگە ئېلىپ چىقتىم.
تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بىر قانچە ناخشىلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىمىز ۋە كىملىكىمىز توغىرلىق سوغوققانلىق بىلەن قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن،بۇنداق دېگىنىم نۇقۇل ھالدا ناخشا ئاڭلاش ئارقىلىقلا تەربىيەگاە ئىگە بولغىلى بولىدۇدېيىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ،كەڭ تورداشلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چارچىغان كۆڭۈللىرىنى سۆيۈندۈرۈپ ھارغىن نۇرسىز كۆزلىرىدە خوشاللىق جىلۋىسى پەيدا قىلالىسام بۇ مەن ئۈچۈن بەخت،ئەلۋەتتە.
ئۇنىڭدىن باشقا مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئۈچ ئايدىن بۇيان يېڭى-يېڭى تېمىلار ئارقىلىق مۇنبىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئاۋاتلىشىپ بارغان بولسىمۇبىراق ئاشۇ نادىر تېمىلار بىلەن ئايىقى چىقماس جېدەل مەيدانلىرىدا ئۆزى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئاللىكىملەرى بىلەن ئازارلىشىپ كۆڭۈل ئاغىرىقى تېپىۋالغان تورداشلىرىممۇ ئاز ئەمەس.
بىلىشىمىز كېرەككى بۇ كونۇپكا تاختىلىرى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ كۆڭۈل خاھىشىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.يېقىندىن بۇيان كۆرىۋاتىمەن،بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي ئازارلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى خېلى قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىكەن،قانداق دېسڭىز قورساقتا ئانچە-مۇنچە ئۇماچ بولمىغان ئادەملەر مۇنازىرە مەيدانلىرىدا ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاساسسىز مۇنازىرلىشەلمەيدۇ،لېكىن بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالغان بىرەر ئېغىز گەپلىرىمى،ۋە ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغان پەش چېكىتلەر بىزنىڭ شۇنداق ئازارلىشىپ قېلىشىمىزغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ،بەزى چاغلاردا بولدىلا دەپ بىر نەچچە قۇر سۆزنى يېزىشتىن ئىرىنىپ چىقىپ كېتىمىز،شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇشماسلىق باشلىنىدۇ.......
ئازارلىشىپ قالغان شۇ مۇنبەرداشلىرىمىز بىلەن ئاغىزاكى پىكىرلىشىش مۇمكىن بولۇپ قالغان بولسا ئىدى،كىم بىلىدۇ ئۇرۇشۇپ قالغان نەچچىلىرىمىز پىكىردە ئورتاقلىشىپ،كەم قالغان ئويلىرىمىزنى دېيىشىپ قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ كېتەمدۇق تېخى؟........
شۇڭا تەۋسىيە:
ھەممىمىز ئېغىر-بېسىق بولساق، بۇ دېگەن مۇنبەر،ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆز قارىشى دەپ تىللاپلا چۈشىدىغانلار ئازراق ئۆپكىمىزنى بېسىۋالساق.
دۇنيادا چەكسىزلىك يوق ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ چەكلىك بىر نۇقتىسى بولىدۇ، ھازىرىقى جەمىيتىمىزدە ھەممىلا نەرسە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ،ئەركىنلىك، ئىقتىساد، يۇرۇش-تۇرۇش،ھەتتاكى مېھىر-مۇھاببەتمۇ ئاتالمىش پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىۋاتمامدۇ؟..
بۇنداق دېسەم ئەمدى مەۋھۇم دۇنيادىمۇ ئەركىن بولالمامدۇق؟..دەپ كايىشڭلار مۇمكىن،بىراق ئاشۇ ئەركىنلىكىمىز ئىمان-ئەخلاق ،ھەققانىيەت ۋە دىل ئازارسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخمى زور بولامدىكىن دەيمەن.
ئىشىنىمەنكى، مەۋھۇم دۇنيادا مۇشۇ چەكلىك ئوربىتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەي سەيلە قىلالىساقلا مانا بۇ چەكلىكلىك ئىچىدىكى چەكسىز ئەركىنلىك ھەم بەخت ھېساپلىنىدۇ!!!..........
1.مەن ئۇيغۇر بالىسى
http://www.baidu.com/link?url=qp ... U2oxter4TeKa6USl4xe
2 .تېخى
http://www.baidu.com/link?url=J5 ... UsmdPk4eZF3BK9GAu1a
3.مەن ھايات
4.توۋا دەيمەن
5.بىزنىڭ ناخشىمىز
http://www.baidu.com/link?url=DX ... 8ZMphBFxPce2rkjPmLa
6.ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق
http://www.baidu.com/link?url=he ... 2VqXjUeyrSX4jjgbRua
7.قېرىنداشلار جەم بولسا دەيمەن
سۈرەتلىك ھالىتىنى تەھرىرلەپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 04:54 PM