ئەسلى تېما:
تاشپولات: ئالەم بولسا گولوگراممامۇ؟
تۆۋەندىكىسى تاشپولات ئەپەندى تەمىنلىگەن ئادرىستىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىنكى تەسىراتىم.
مەن ماۋزۇنى ئوقۇپلا سەل گاڭگىراپ قالدىم:گولوگرامما دېگەن نېمىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى لوغەتتىن ئاختۇرۇپ كۆردۈم. گولوگرامما دېگىنىمىز، جىسىمنىڭ رازمىرى، شەكلى، يورۇقلۇق ۋە سېلىشتۇرما دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرفېرېنسىيە مودېلى ئىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدا بۇ ھەقتە قىسقىچە بايان بار بولۇپ، مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ۋاقتىمدا مۇشۇ تەجىربىنى ئىشلەپ باققان.
گولوگرامما ئۇقۇمىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئەسلى ئادرىستىكى ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئاپتورنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە بولغاندا، بىز ياشاۋاتقان توققۇز ئۆلچەم ۋە بىر ۋاقىت ئۆلچىمى ئىچىدىكى ئالەم بەلكىم ئۆلچەم سانى تۆۋەنرەك بولغان، ئېغىرلىق كۈچى بولمىغان بىر ئالەمنىڭ گوللوگىراممىسى( كۆلەڭگىسى) بولۇشى مۈمكىنكەن. خۇددى بانكا كارتىڭىزدىكى كىچىككىنە ماگىنىتلىق لىنتا سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى خاتىرلىگىنىدەك، ياكى سىز بىلىدىغان بارلىق ئۇچۇرلار كىچىككىنە بىر بارماق دېسكىدا ساقلىغىلى بولغاندەك، بىز ياشاۋاتقان ئالەممۇ بەلكىم ئاشۇنداق بىر <ساقلىغۇچ> قا ئوخشايدىغان <ئالەم>دە ساقلانغان، بىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى مەۋجۇداد شۇ ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنىڭ يىشىلمىسى بولۇشى مۈمكىنكەن.
ئەسلى ئاپتورنىڭ بىز ياشاۋاتقان ئالەم بولسا بىر گولوگىرامما دېگەن پەرىزى، پەقەت بەزى بىر فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.
ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان چۈشەنچىسى ئارستوتىل زامانىسىدىن تارتىپ كوپىرنىك، نىيوتۇن ئېينىشتىيىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ قەدەممۇ قەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. ئىلىم پەندىكى نۇرغۇنلىغان نەزەرىيەلەرنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ نەزەرىيە ئارقىلىق بەزى بىر ھادىسىلەرنى مۇۋاپىق چۈشەندۈرگىلى بولغانلىقىدا. ئەگەر ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر نەزەرىيە، كىيىنچە بايقالغان بەزى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرەلمىسە، شۇ ۋاقىتتا يەنە باشقا نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.
فىزىكىدىكى نۇرغۇن نەزەرىيەلەر پەقەت قۇرۇق نەزەرىيەدىنلا ئىبارەت، ھەم توغرا بولۇشى ناتايىن. نۇرغۇن نەزەرىيەلەرنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن. ئېىينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا ئاساس سالدى، زەررىچىلەرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى نەزەرىيەسى ئېلىكترونلۇق مىكروسكوپ تېخنىكىسىغا ئاساس بولدى. بۇلار يۇقارقى ئىنكار قىلغان دائىرىدە ئەمەس. لېكىن باشقا مەن بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان نەزەرىيەلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ياكى تەرەققىياتىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن تېخى خەۋىرىم يوقكەن.
مېنى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشاتسىڭىزمۇ مەيلى، لېكىن تۆۋەندىكى كۆز قارشىمغا قوشۇلمايدىغانلار بەلكىم كۆپ ئەمەس.
ئادەمنىڭ ئالەمنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتىشى مۈمكىن ئەمەس. ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشى، ئالەمنىڭ ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دائىرىسىگىچە بولسا شۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
بۇ ئالەم مەيلى ئوبىكتىپ مەۋجۇد بولغان ئالەم بولسۇن، مەيلى شۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىكى ئىككى ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ گولوگراممىسى بولسۇن، سىزنىڭ ئايلىق مۇئاشىڭىز يەنە شۇ تۆت تەڭگە، بىنزىننىڭ باھاسى ئالتە تەڭگە. تەبىئىي گازنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باھاسى شاڭخەيدىكىدىن قىممەت. پۇلىڭىز بولمىسا دوختۇر كېسىلىڭىزنى داۋالىمايدۇ. پۇلىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ بەزى كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولمايدۇ.
توۋا دەيمەن، ئاشۇ ئاتالمىش دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ۋاقتىنى ھەم زىھنىنى شۇ نەزەرىيەلەرگە سەرپ قىلغۇچە، بىر مو يەردىن قانداق قىلىپ بىر تاغار ئاشلىقنى ئارتۇق ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ياكى ئاپتوموبىلدىكى يىغىلغۇنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى 10 پىرسەنت يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ۋە ياكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى قانداق كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلسا بولمامدۇ دەيمە. ئاشۇنداق قىلغان بولسا، ماۋۇ بېيجىڭ، نەنجىڭ، شاڭخەيدىكى تۇمانلىق ھاۋانى كىشىلەرنىڭ ئۆيدە قورۇغان سەيدىن چىققان بۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان، ۋېلىسىپىت ئاپتوموبىلغا قارىغاندا مۇھىتنى تېخىمۇ بۇلغايدۇ دەيدىغان ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر نىڭ ئاغزى بېسىققان بولاتتى. ۋە شۇنداقلا مۇشۇ سوغۇق قىشتا قورسىقى تويمايۋاتقان، ئۇچىسى ئىسسىمايۋاتقان خەلىقمۇ باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتى.
پىكىرىم سەل چېچىلاڭغۇ بوپ قالدى، توغرا چۈشىنىڭلار.