مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1666|ئىنكاس: 16

ۋاقىتقا خائىنلىق قىلغان بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 04:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاقىتقا خائىنلىق قىلغان بالا

يازغۇچى: پى چاۋخۇي  
  
بىر بالا مەكتەپكە بارماقچى بولۇپ، تاقەتسىزلىك بىلەن ماشىنا ساقلاپتۇ، ئۇنىڭغا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ناھايىتى تەس كەپتۇ. بالا ئەسكى-تۈسكى يېغىدىغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ:«ئارتۇقچە ۋاقىتلارنى يىغىۋالغىلى بولسا، سېتىۋېتىپ يەنە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولاتتى»دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. بوۋاينىڭ سېۋىتىدە بىرقانچە ئاق خالتا بار ئىكەن.   

بالا ھاياجانلىنىپ:   

-بوۋا، مەن ماشىنا ساقلايدىغان ۋاقتىمنى سىزگە سېتىپ بەرسەم بولامدۇ؟-دەپتۇ.  
  
بوۋاي ئەپكەشنى قويۇپ:   
  
-سىزنىڭ نېمە تەلىپىڭىز بار؟-دەپ سوراپتۇ.   
  
-ماشىنىغا چىقىش،-دەپتۇ بالا.   

-پۇتۈشتۇق، -دەپتۇ بوۋاي.   

ئاقساقال بوۋاي بىر تال ئاق خالتىنى ئېلىپ، بالىنىڭ بېشىغا كەيدۇرۇپتۇ. دەرۋەقە ماشىنا كەپتۇ. كىشلەر قىستىلىشىپ ماشىنغا چىقىپتۇ، ئەمما بالا يەنىلا ماشىنغا چىقالماپتۇ.  بالا بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:

-ماشىنىغا ئولتۇردىغان ۋاقىتىمنى ساتىمەن، مەن مەكتەپكە بېرىشىم كېرەك،-دەپتۇ. -بولىدۇ.

ئاقساقال بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-بالام، ئەگەر يەنە ئوشۇق ۋاقتىڭ بولسا، دەرىزە يېنىغا كېلىپ، «ۋاقتىمنى ساتىمەن»دەپ توۋلىساڭ، مەن دەرھال پەيدا بولىمەن،-دەپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بالا مەكتەپكە كېلىپ قاپتۇ.   
ئۇ پايدىنىڭ  تەمىنى ئوبدانلا تېتىپ قاپتۇ. ئەمما بالا دەرس ۋاقتىدا دەرسنى ئاڭلاۋىرىپ زىرىكىشلىك ھېس قىلىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە:«مەن نېمىشقا ئوشۇق ۋاقىتىلىرىمنى سېتىۋەتمەيمەن؟ مۇۋاپپەقىيەت قازانغان ئالىمغا ئايلانمايمەن؟»دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا دەرىزە يېنىغا بېرىپ، بوش ئاۋازدا:   
-ۋاقتىمنى ساتىمەن،-دەپ توۋلاپتۇ. شۇ ھامان ئاقساقال بوۋاي دەرىزە يېنىغا پەيدا بوپتۇ.   
بالا ئۆزىنىڭ ئوشۇق ۋاقتىنى مول بىلىم، نۇرغۇن داڭلىق ئەسەر ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى نام ئاتاققا ئالماشتۇرۇپتۇ. ئەمما بۇ ئالىمغا ئاللاقاچان قېرىلىق يېتىپ، كۇنبويى كېسەل كارىۋىتىدىن قوپمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قاپتۇ. ئاخىردا ئەزرائىل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:   

-سېنىڭ ھاياتىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، مەن بىلەن ماڭ،-دەپتۇ. ,    

ئۇ قاتتىق چۆچۈپ :   

-ياق،-دەپ ۋاقىراپتۇ. ئۇ ھاياتىنى ئەسلەپ باقسا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاشۇ بىر نەچچە يىلدىن باشقا ھەممە ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۋەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۈمتىسزلىك ئىچىدە ئاقساقال بوۋاينى ئەسلەپ:  -ۋاقتىمنى ساتىمەن،-دەپ توۋلاپتۇ. ئاقساقال بوۋاي پەيدا بوپتۇ.   

-ۋاقىت بوۋاي؟!- ئەزرائىل كۈچلۈك دۇشمەنگە دۇچ كەلگەندەك بوپتۇ. ئەسلىدە ئاقساقال بوۋاي ۋاقىت بوۋاي ئىكەن. ئالىم پۈتۈن كۈچى بىلەن توۋلاپتۇ:

-ۋاقىت بوۋا، مېنى قوتۇلدۇرۋېلىڭ...   

ئەزرائىل ۋاقىت بوۋايغا:- ۋاقىت بوۋا، بۇ ئادەم ۋاقتىنى سېتىپ بولدى،-دەپتۇ.   
ۋاقىت بوۋاي ئىچى لىق تۇشقۇزۇلغان بىر تال چوڭ خالتىنى ئېلىپ:
-مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ھەممسى ئۇنىڭكى،-دەپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئەزرائىلنىڭ كەيپى ئۇچۇپ قايتىپ كېتىپتۇ.
ۋاقىت بوۋاي ھېلقى يوغان خالتىنى ئالىمغا بېرىپتۇ. ئالىم تاقەتسىزلىنىپ، شۇ ھامانلا ئۇنى بېشىغا كېيۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
ۋاقىت بوۋاي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ:  

-بالام، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى ۋاقتىمىز كۆرەش قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. بايىقى ئوشۇق ۋاقىت ئەمەس، بەلكى  ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ھايات.
-مەن ئېسىمدە تۇتۋالدىم، بوۋا،-دەپتۇ بالا بېشىنى لىڭشىتىتۇ.بورۇنقىدەكلا كوچىنىڭ بىر چېتىدە ئابتۇبۇس ساقلاپتۇ، ئەمما بۇ ۋاقتىنىڭ ئوشۇق ۋاقىت ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ. بو ۋاقىتتا بالا بىر ئابزاس تېكىست يادلاپتۇ، بىر پارچە ھېكايە ئوقۇپتۇ.  بۇ تېخىمۇ مەنىلىك ئەمەسمىكەن؟
«مەنىزار» ژورنىلى ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە رەيھانگۈل ھېمىت

http://www.iptihar.net/bbs/

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 06:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما مۇنبەردىكى ئەزالار ساپلا يىڭى ئەزالارغۇ ؟ تولىسى ماڭا ئوخشاش يىپيىڭى . كونا ئەسەر ئەتىقىلەر نەگە كەتكەندۇ ؟!

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5113
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8591
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1562 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 06:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەنىلىك ئىكەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 06:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيتى چوڭقۇر تىما ئىكەن ھازىرقى دەۋىردىكى ۋاقىتنى قىلچە كۆزگە ئىلماي ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بىلەن بىخارامان ياشاۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرگە تەربىيە بولغۇدەك. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100676
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 08:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئوبدان چىقىپتۇ. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 08:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12390
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32438
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 09:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت›،‹‹ۋاقتىڭ كەتتى،بەختىڭ كەتتى››دېگەم ماقال -تەمسىللەر ئېغىزىمىزدىكى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالمىسۇن...

ەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى تەرجىمە قىپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 10:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 06:18 PM
ما مۇنبەردىكى ئەزالار ساپلا يىڭى ئەزالارغۇ ؟ تولىسى ما ...

بىز بارغۇ

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 10:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ئۈچۈن قىممەتلىكتۇر .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:42:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم ، ياخشىكەن بۇ مەزمۇن .

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش