|
|
|
|
سەئىدى شىرازىنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن ئىككى خىل كىشى بىھۇدە جاپا چىكىدۇ ۋە پايدىسىز ئەمگەك قىلىدۇ: بىرى مال توپلايدۇ يىمەيدۇ؛ يەنە بىرى ، ئىلىم ئۈگىنىدۇ، ئىشلەتمەيدۇ. دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش خاتا. لىكىن ئاڭلاپ قويۇش راۋا. چۈنكى ئۇنىڭ تەتۈرسىچە ئىش قىلساڭ بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە غەزەپلىنىش ۋەھىمە تۇغدۇرىدۇ. ئورۇنسىز يۇمشاقلىقمۇ ھۆرمەتنى كەتكۈزىدۇ. قوپاللىق قىلما، كىشىلەر سەندىن بىزار بولىدۇ؛ بەك يۇمشاقمۇ بولۇپ كەتمە، سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ. سۆزلىگۈچىنىڭ باشقىلار كۆرسىتىپ بەرمىگىچە، ئۇنىڭ سۆزى تۈزەلمەيدۇ. 10 ئادەم بىر داستىخاندا تاماق يىيەلەيدۇ. ئەمما، 2 ئىت بىر تاپ ئۇستىدە چىقىشالمايدۇ. ئاچكۆز ئادەم پۈتۈن جاھان بىلەنمۇ تويمايدۇ. قانائەت قىلغۇچى بىر نان بىلەنمۇ توق يۈرىدۇ. شۇڭا، دانىشمەنلەر ئىيتىدۇ: مال مۈلۈك بىلەن باي بولغاندىن كۆرە، قانائەت بىلەن باي بولغان ياخشىراق. نادانغا سۈكۈت قىلىشتىن ياخشى چارە يوق. ئەگەر، بۇ مەسلەھەتنى چۈشەنسە، ئۇ نادان بولماس ئىدى. كىمكى<< نادالىقىمنى باشقىلار بىلسۇن >> دەپ ئۆزىدىن داناراق كىشى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلسا، ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار قابىليەتلىكلەرنى كۆرەلمەيدۇ. خۇددى بازار ئىتلىرى ئوۋ ئىتلىرىنى كۆرسە قاۋاپ قېشىغا بارالمىغاندەك. پەس ئادەملەر ھۈنەردە باشقىلارغا تەڭ كىلەلمىسە، يامان غەرەزدەئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ.
10.نادان بىلەن سۆز تالىشىپ قالغان دانا كىشى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىنىشنى ساقلاپ تۇرماسلىقى كىرەك. ئەگەر نادان كىشى دانانى يىڭىۋالسا ئەجەپلىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى تاش گۆھەرنى پارچىلاپ تاشلايدىغۇ!
مەنبە: سەئىدى شىرازىنىڭ ھېكمەت خاتىرسىدىن
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-22 08:54 AM):
4.سۆزلىگۈچنىڭ كەمچلكىنى باشقىلار كۆرسىتىپ بەرمگىچە ئۇنىڭ سۆزى تۈزەلمەيدۇ.
|
|
|
|
|
|