ھەيرانمەن
بەزىلەرنىڭ سۆز چۆچەك تېپىشىغا ھەيرانمەن،
بىر-بىرىنى چاياندەك چېقىشىغا ھەيرانمەن.
كىچىككىنە پۇل ئۈچۈن ھاياتلىقتا ھەتتاكى،
قېرىنداشنى ئۆز-ئارا سېتىشىغا ھەيرانمەن.
مۇشەققەتنى ئەسلىدە بىللە تارتقان دوستلارنىڭ،
مەنپەئەت دەپ گېلىنى سىقىشىغا ھەيرانمەن.
قولى قىسقا ۋاقتىدا ياراتمىغان بىراۋنى،
پايدا تەگسە ئاسمانغا ئېتىشىغا ھەيرانمەن.
ماختاپ قويسا ئازراقلا لالما ئىتتەك شادلىنىپ،
ئوتتا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشىغا ھەيرانمەن.
كۆرسە بىرەر يېڭىلىق ئۇنتۇپ ئەسلى زاتىنى،
جان كەتسىمۇ بىر دوراپ بېقىشىغا ھەيرانمەن.
تاراپ كەتسە ئۆزىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى،
نومۇس قىلماي گەپ بىلەن يېپىشىغا ھەيرانمەن.
ئەتراپىدىن بىخەۋەر پېتىپ تامام غەپلەتكە،
ئۇيقۇسىدىن ئويغانماي يېتىشىغا ھەيرانمەن.
مەمەتئابدۇللا مەتتوختى ئۆزياش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-21 08:51 PM