بېسىم يېنىكلىتىدىغان تەرمەچلەر
*ئاغىنە ئۆتۈپ تۇرە ، يانفۇنۇمنىڭ سىگىنالىنى توسۇۋالدىڭ .
*پۈتكۈل دۇنياغا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر كەمتەر ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن .
*ۋۇي باشلىق ، شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ئۆزىڭىز ھاجەتخانىغا كەپسىزغۇ ؟
*دۆتلىكىڭىز ھەمىشە ئىجاتچانلىققا تولغان جۇمۇ .
*بۇ دۇنياغا كەلگىنىمدە تىرىك قايتىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم .
*روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن بۇيان خىلى روھلىنپ قالدىم .
*سۈرىتىمنى كومپيۇتېرىمنىڭ ئىكرانىغا چىقىرىۋالسام ، كومپيۇتېرىم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى .
*يۈرۈكىم پارە - پارە بولدى ، چىقىرىپ بىرەي مانتىغا قىيما قىلىڭ .
*گىپىڭىزنىڭ پەش - چىكىتلىرىگىمۇ ئىشەنمەيمەن .
*قىزچاق قورقماڭ ، مەن يا ياخشى ئادەم بولمىسام .
*ياشلىقنىڭ نىمىسى قالتىس ، كىمنىڭ ياش ۋاقتى بولۇپ باقمغان ؟ بىراق سەنچۇ ؟ قىرىپ باققانمۇ ؟
*ھەرگىز مىدىرلىماڭ ئوڭ مۈرىڭىزدە سۇ ، سول مۈرىڭىزدە ئۇن بار ئىكەن ، مىدىرلىسىڭىزلا ئىككىسى ئارلىشىپ ئۇماچ بولۇپ كەتكۈەك .
*يوقال ، توختىماي يوقال !
*ئۆزىڭىزنى قوغداڭ ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ ، بىراق ھەرگىز يىرىم كىچىدە چىقىپ باشقىلارنى قورقۇتماڭ .
*ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى ھايۋان ھامان ھايۋان ، بىراق ئادەم بەزىدە ئادەم ئەمەس .
*ھەر ئىشتا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدەيلى ، قانداقتۇر ئىچىڭىز قىتىپ قالسا ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز ئىكەن دەپ تۇرۇۋالماڭ .
*ئىشىڭىز بولمىسا يازدا كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىڭ ، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قالسىڭىز ، باشقىلار ئاقنانچى دەپ تىللاپ يۈرمەس .
*مەن بىلەن غايە توغرىسىدا پاراڭلاشماڭ ، مەن ئۇنى ئۈزۈل - كېسىل تاشلىدىم .
*تويغۇچە يىمىسەك ئورۇقلايدىغانغا نەدىكى مادار دەيسىز ؟
*ئۆپكىڭىزدە سۇ بار ئىكەن، ئۆتىڭىزدە تاش بار ئىكەن، ئەگەر ئۈچىيىڭىزگە قۇم چۈشسە، ئىچىڭىزدە بىر بىنا پۈتۈشى ئېھتىمالغا يىقىن!
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 12:01 AM
|