ئەڭ ئاخىرقى سودا
رابىندىرات تاگور (ھىندىستان)
پانتېكىن ئەركىن تەرجىمىسى
سەھەر، شېغىل ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭغاچ:«كېم مېنى ياللايدۇ؟»دەپ توۋلىدىم.
شاھ قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، ئېسىل شاھانە پەيتۇندا يېتىپ كەلدى.
ئۇ قۇلۇمنى تۇتۇپ:«مەن، ھوقۇقۇمغا تايىنىپ سېنى ياللايمەن»دېدى.
لېكىن ئۇنىڭ ھوقۇقى مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، شاھ پەيتۇنىغا چىقىپ كىتىپ قالدى.
چۈش، پىژغىرىم ئىسسىق، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى يېپىق.
مەن ئەگىرى -بۈگرى تار كوچىلارغا كىردىم.
بىر چال بىر خالتا تىللا ئېلىپ چىقتى.
ئۇ ماڭا زەن سېلىپ قارىۋېتىپ:«سېنى پۇلغا ياللايمەن»دېدى.
ئۇ تىللالىرىنى بىر-بىرلەپ ساناشقا باشلىدى، لېكىن مەن بۇرىلىپلا كىتىپ قالدىم.
گۇگۇم چۈشتى، گۈللۈكنىڭ چىتلىقىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
بىر گۈزەل چىقىپ:«مەن، كۈلكەم بىلەن سىزنى ياللايمەن»دېدى.
ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇنۈكلىشىپ، چېھرى ياش بىلەن يۇيۇلدى؛
گۈزەل تەنھالىق ئىچرە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولدى.
كۈن نۇرى دېڭىز ساھىلىنى يۇرىتىۋاتاتتى، دېڭىز دولقۇنى ھەدەپ قىرغاققا ئەكىن ئۇرۇلۇۋاتاتتى.
بىر شاكىچىك دېڭىز ساھىلىدا قۇلۇلە قېپى ئويناۋاتاتتى.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مېنى تۇنۇيدىغاندەك:«سىزنى ياللاشقا ھېچنىمە ئىشلەتمەيمەن»دېدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن بىر ئەركىن ئادەمگە ئايلاندىم!