شەيتانغا جۆر بولغان دەقىقە
(نەسىر)
غەلىتە ھېس تۇيغۇ مېنى قاماللىۋالدى.يۈرۈگۈم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېتىشىۋاتىدۇ.بۇ مېنى ياخشى كۆرمەي تاشلاپ كەتكەن ۋىجدانسىز يارىم ئۈچۈنمۇ؟ياكى ئۇنىڭغا چىدىمىغانلىقىم ،ئۇنىڭ باشقا قىزلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىنى كۆرۈپ ئىچىم قىززىدىمۇ؟نىمە ئۈچۈنلىگىنى ھىچ بىلەلمەيتىم.
ئەي دىل سىنى نىمە قىلاي نىمە قىلسام يىغلىمايسەن؟تىلىڭ بولسا ئېيتىقىن ،ئادەم يوق ئازارى يوق يەرلەرگە كىتەيلىمۇ- دەپ ئۆز ئۈزۈمگە تەسەللى ئىزدەيتىم. بىراق يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ساداغا ماڭا ياش تۈكۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
رەھمەتلىك دادامدىن كىيىن، شۇ سۇنۇق كۆڭلۈمنى ساڭا تاپشۇرغانىدىم،ئەمدىلىكتە بولسا سەن پۇچۇق قەلبىمنى《بەك ئېغىركەن مەن كۈتۈرۈپ بۇلالمىدىم》دېگەن باھانىدە مەندىن ئېلىپ قاچتىڭ .مەن راسلا چىدىمىدىم .بۇ يىتىم يۈرۈكۈم ساڭا چۈشۈپ قاپتىكەن . توغرا، تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمىغىنىدەك ،سېنىڭ شۇ بىباھا كۆڭلۈڭنى ماڭا ھەدىيەقىلىشىڭنى تىلەپ ئۆتكۈم كەلمىدى.ئاخىرى سېنى قۇيۇپ بەردىم .ساڭا چىدىمىغان ھالدا سەن بىلەن خوشلاشتىم . مەن ھېچقاچان سەندىن ئاغرىنىپ باقمىدىم. سېنىڭ قىلغان كىچىككىنە ئىشىڭ، مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق ئىدى.دىل ،شۇنچىكى ئاجىز،شۇنچىكى نازۇك ئىكەن .بىلىپ –بىلمەي كۆڭلۈڭگە ئازار بەردىم ،بىلىمەن مەندە جىق خاتالىقلار بار،ياق ياق ،خاتالىق دىيىشكىمۇ بولمىغۇدەك،مەندە جىق غەلىتە ھېسلار بار. تەس كەلدى،ھەقىقەتەنمۇ تەس كەلدى.ئادەم ھېس-تۇيغۇنىڭ كەينىگە كىرسە،مانا ماڭا ئوخشاش سەۋدايى بوپ قالامدۇ قانداق بىلمىدىم ،يېقىندىن بېرى ئەتتىگىنى كۆزۈمنى ئاچسام سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا ،ئورنۇمدىن تۇرساممۇ ،تاماق يىسەممۇ ،يولدا ماڭساممۇ سىنى خىيالىمدىن چىقىرالمىدىم.بىر كۈنلۈك بارچە پائالىيەتلىرىمنىڭ ھەممىسىدە كاللامدا سېنىڭ سىمايىڭ .يولدا مېڭىشمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالدى.كاللامدا لىققىدە سەن بارئىدىڭ .مېنىڭ كاللامنى كونتىرول قىلۋالدىڭ. نەچچە رەت يىقىلىپ چۈشكىنىمدە ،پۇت قوللىرىمنىڭ قايرىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنىمدىن دەس تۇرۇپ يولۇمنى داۋام قىلدىم.ئىشقا بېرىپ كىلىشتە موتسىكىلىتىمنىڭ رولىنى كىم باشقۇرۋاتىدۇ ،قارشى تەرەپتە نىمە كىلىۋاتىدۇ ،يېنىمدا نىمە مېڭىۋاتىدۇ؟بۇلارنى ئويلاشقا رايىم يوق ئىدى .بولسا شۇنداق بىرەر ماشىنا خاتا مېڭىپ كىلىپ، مېنى سوقۇۋەتسە نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە-دەپ ئويلايتتىم.بىراق بىلمىدىم، ئۇلۇغ زاتىمىز ھاياتىمنى بۇنداق ئاسان ئاخىرلاشتۇرشۇمنى پىشانەمگە پۈتمىگەن چېغى،كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق كاللام بىلەن پۇت-قوللىرىم بىر بىرىنى تۇنىمايدىغان ھالەتتە ياشاۋاتقىلى بىر ئايدىن ئېشىپتۇ.
يولدا ئۇچرىغان ،ئىشخانىغا كىرگەن ئەر زاتى قېتىدىن سىمايىڭنى ئىزلەيتتىم .بىراق بۇ بىر خام –خىيال ئىدى. ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراق تۇرسا نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن.
بىراق مەندە شۇنداق غەلىتە تۇيغۇلار باركى گېلىمدىن سىقىپ نەپىسىدىن قالايلا دەپ قالغان قۇشتەك بىچچارە بولۇپ يىتىملىك زارىمغا باشقىچە تۈس قوشتى.
سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن ،چۈنكى مەن چىن دىلىمدىن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سىنى سۆيدۈم،ساڭا كۆيدۈم. ساڭا رەھمەتمۇ دىيەلمەيمەن ،چۈنكى مېنىڭ نۇرغۇنلىغان ئازاپلىرىمنىڭ قايتىدىن مېنى قىينىشىغا سەۋەپچى بولدۇڭ.ئەمدىلىكتە سەندىن تىلەمچى سۈپىتىدە مۇھەببىتىڭنى تىلەپ تۇرۇپتىمەن.ئادەم بىچچارە بۇلا،بۇنداقمۇ بىچچارەبولماس.رەھمەتلىك دادامدىن كىيىن قالغاندا تەقدىرىمگە تەن بىرىپ ،پىشانەمدە مۇشۇنداق شۇملۇق بار ئىكەن ، بۇمۇ رەببىمنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ چوڭ سىنىقى دەپ ئۈزۈمنى تۈگەشتۈرۈپ قويماي ، دىلىم يات جىنىسنىڭ مۇھەببىتىنى سەزمەس بولۇپ تىنچ ئامان ياشاپ ،رەببىمىزنىڭ سىزغان سىزىقىدا مېڭىۋاتاتتىم ،بىراق تۇساتتىن ئالدىمدىكى قىزىل چىراققا دۇچ كەلدىم .بۇ قىزىل چىراقتا قىسقىغىنە بىر مىنۇتچە ۋاقىتتا ،مېنىڭ ھايات يۇلۇمدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان ،سەن پەيدا بولدۇڭ ،ماڭا شۇ مىھرىبانىم كەتكەندىن كىيىن بىرەلمىگەن مىھرىبانلىقنى يەتكۈزدۈڭ،كۆڭۈل بۆلدۈڭ.مەنمۇ كۆپ تەسىرلەندىم.مەندە غەلىتە تۇيغۇنىڭ ھاسىل بۇلىشى مانا شۇ ۋاقىتتا پەيدا بولغان .شۇندىن كىيىن،ئۆزۈمنىڭ بۇكېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشتا خېلى ئۇزاق ئويلاندىم،مۇمكىن بولمايدىغان ھەقىقەت ئۈستىدە مۇمكىن قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققىنىمدا،ئىچىمدىن كەلگەن كۈچلۈك ئاۋاز مېنى تەمتىرتىپ قويدى ،بولدى قىل يۈرۈگۈم ،خاتا يولغا مېڭىۋاتىسەن ،توختىغىن- دەپ تۇسۇپ قۇيۋىدىم ،يېشىل چىراق يېنىشى بىلەنلا شەيتان دەۋىر سۈردى،ئىشىمىز باشلاندى.
مانامۇشۇنداق تىنەپ يۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ قىزىل چىراققا قايتقۇم كەلدى.شۇچاغدا توغرا ھۆكۈم چىقىرالماي شەيتانغا جۆرە بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان دەلدۈش كاللامنى ئاپىرىپ تامغا نەچچە ئۈسسۈتۈپ باقتىم ،يولدا نەچچە يىقىتىپ باقتىم ،ھېچنەرسە كارقىلمىدى.ئەمما نىمە چارە دەيسەن جېنىم.بىراق ھازىرمۇ مېنى قاتتىق ئويلاندۇرۋاتقىنى ھاياتىمدىكى سېرىق چىراق ئىدى.يىشىل چىراقنىڭ مېھىرلىك ئىسسىق قوينىدا بەدىنىمدە ھاسىل بولغان قاڭقىش ئىچىدە مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرسام، تۇيۇقسىز سېرىق چىراق سىگنال بەردى ۋە ماڭا《توختا،سېنىڭ بۇ شېرىن دەقىقەڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا،قەدىمىڭنى ئاستىلات،يەنە بىر ئويلىنىپ كۆر.》دەپ ئەسكەرتتى .توغرا ،مەن بۇ سېھىرلىك، غەلىتە ھېسلار ئىچىدە نىمە ئىشلار قىلغىنىمنى قايتا بىر باشتىن ئويلىنىپ چىقتىم.مەن ئۇ بەندىنى سۆيدۈم ،بىراق ئۇنى ئۇلۇغ زاتىمىزنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سۆيدۈممۇ؟-ھەئە.مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈردۈم،بىراق ئۇنى ئۇلۇغ زاتىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن ھەق يول بىلەن يۈردۈممۇ؟-ياق.مانا شۇنچىلىك ئاددىي.مەن ئۇنىڭدىن ماددى،مەنىۋى جەھەتتىن ھەرخىل ھاۋايى-ھەۋەس ۋە ئۈمۈدلەرنى كۈتتۈم.ئۇنى رېلىستىن چىقىشقا ئۈندىدىم.بۇ گۇناھىم ئۈچۈن ھەر ۋاخ نامىزىمدا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلۇغ زاتىمىزدىن مەغفىرەت قىلىشىنى ۋە ھالال بىر جۈپلەردىن قىلىشىنى تىلىدىم.مەنىۋىيىتىمدىكى بۇخىل كېسەلنى ئىبادىتىم ئارقىلىق داۋالاش ئۇيىغاكەلدىم.
شۇندىن ئىتىبارەن ساڭا بولغان شۇغەلىتە ھېس تۇيغۇلىرىمنى يۈرۈگۈمنىڭ قات-قېتىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇپ، ئاللاھ نىسىپ قىلغان شۇ قۇتلۇق كۈنلەردىن كېيىن ساڭاھەدىيە قىلاي -دەپ، مۇھەببىتىمنى بىباھا گۈھەر سۈپىتىدە ساقلاپ قويدۇم.بارا – بارا ئايرىلدۇق.ئىككىلىمىز خېلىلا يەڭگىللەپ ،خىزمەت،ئۈگىنىش ئىچىگە چۈكۈت كەتتۇق .مانابۇ بىر ياخشى باشلىنىش.ئاخىرى شەيتاننىڭ ۋەسىۋەسىسىدىن قۇتۇلۇپ،ھەق يولغا قاراپ ئاتلاندۇق.بىراق سەن بىلەمسەن،بۇنىڭلىق بىلەن مەن ھەرگىزمۇ سەندىن ئۈمۈد ئۈزمەيمەن.بارلىق ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىمنى رەببىمىزدىن تىلەپ،ساڭا ھەق يولنى كۆرسىتىپ ھىدايەت قىلىشىنى ،ئىمان،ئىنساپ،بەخت-سائادەت بېرىشىنى تىلەيمەن.ئۇلۇغىمىزئارقىلىق سەن بىلەن بىرگە پارلاق كەلگۈسىمىزنى يارىتىشقا تېرىشىمەن.بىر ئۆمۈرساقلاشقا رازىمەن،پەقەت سەنمۇ مېنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن سۆيۈشنى خالىساڭ.
ۋاقىت نىمە دېگەن تىز ئۆتكەن ھە!بىردەمدە يېشىل چىراقمۇ يېنىپتۇ.ناھايىتى خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىمدىكى مېڭىشقاتېگىشلىك مۇساپىنى يەنە بىرخىل نۇرلۇق،ئىللىق مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تاماملاش ئۈچۈن ئاتلاندىم.2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زىياگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-20 09:19 PM