مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1237|ئىنكاس: 13

ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 06:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش

                   ئابلىز ئىبراھىم دولان

                                                              1
«فېليەتون» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆز بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە: «فېليەتون فىرانسوز تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن سەلبىي ھادىسىلەرنى ئۆتكۈر تىل بىلەن مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىپ يېزىلغان ئاكتۇئال تېمىدىكى تەنقىدى ماقالە⑴» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. ئاتاقلىق لۇشۈنشۇناس، تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى فېليەتون سۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى فىرانسوز تىلىدىن كېلىپ چىققان ‹فېليەتون› سۆزى بەزى چاغلاردا خەنزۇ تىلىدا زاۋېن، ئىنگىلىز تىلىدا ئېساي، ئەرەب تىلىدا ئىستىئارە، ھەجىۋى دېگەندەك ھەر خىل ئېيتىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە يەنىلا ‹فېليەتون› ئاتالغۇسى ئومۇملاشقان. بۇ ئاتالغۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ ئورتاق سۆزگە ئايلىنىپ بارماقتا. فېليەتون ئۆزىنىڭ قىسقىلىقى بىلەن بەزىدە پارچە تەسىرات، قىسقا مۇلاھىزە دېگەندەك شەرھىلەر بىلەنمۇ ئاتالماقتا⑵». فېليەتون سىياسى، ئىجىتمائى مۇھاكىملىك ھەم ئەدەبىيلىك خاراكتىرگە ئىگە بولغان جەڭگىۋار بىر ژانىر. ئەمما ئۇ قانداقتۇر بىر سىياسى دوكلات، نەزەرىيە تۈسىدىكى يازما بولماستىن بەلكى ئوبراز يارىتىشچانلىققا ئىگە ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان بىر ژانىردۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا فېليەتون «ئۆتكۈر خەنجەر، نەيزە، نەشتەر» ھەمدە «مەنتىقى تەپەككۇر بىلەن جۇشقۇنلۇق ھاياجاننىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ھەم شېرىن، ھەم چۈچۈك مېۋىدۇر⑶».
ئومۇمەن فېليەتون تىلى ئۆتكۈر ، ھەجىمى ئاز ئەمما ساز بولۇش، كۈچلۈك ھەجىۋىيلىك، جەڭگىۋارلىققا ۋە شەكلى خىلمۇ-خىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇڭا «سۆزلىرى ئىخچام، چاققان، يەڭگىل ھەم مەنىسى چۇڭقۇر دېگەن سۈپەتلەرنى ھەممىدىن ئاۋال فېليەتونغا بېرىش مۇمكىن⑷» دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئومۇمەن بىر نادىر فېليەتون ئىدىيۋىلىك، ئەدەبىيلىك، بىلىمچانلىق، ھەجىۋى ۋە يۇمۇرلۇق بولۇشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ يۈكسەك بىرىكىشىدۇر. گاھىدا ئۇ خەلقچىللىكى بىلەن «راسىت سۆزلەش، راسىت گەپ قىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فېليەتوننىڭ تېما دائىرىسى كەڭرى بولغان بولىدۇ. «فېليەتوندا ئەينى زاماندىكى ئىجتمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى، يەنى دىققەتنى تارتىپ تۇرغان ئېقىم مەسىللىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى قارغىش تەگكۈر رېئاللىقلار، كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ؛ ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋاپا-مېھرى مۇھەببەت، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت مەدھىيلىنىدۇ ۋە تەرغىپ قىلىنىدۇ؛ جاھالەت، خىيانەت، يالغانچىلىق، ساقتىپەزلىك، ئالدامچىلىق، ئاچ كۆزلۈك، نائەھلىلىك، ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىق، زالىملىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەزىللىكلەر ھەجىۋى، ئىستىئارە، كىنايە ئۇسۇلى بىلەن ھەتتا ئوڭ گەپنى تەتۈر قىلىش، تەتۈر گەپنى ئوڭ قىلىش يوللىرى بىلەن بايان قىلىنىدۇ⑸». ئىپادىلەش جەھەتتە فېليەتون باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىنرەك بولىدۇ. «ئىشقىلىپ فېليەتوندىن ئەدەبىياتتىكى ئۈستۈن تىل ماھارەتلىرىنىڭ ئىزدىگەن خىللىرىغا قانائەتلەنگىدەك مىسال تېپىش مۇمكىن⑹».
فېليەتون ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن جۈملىدىن «ھەم شېرىن ھەم چۈچۈك» تەمى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ «ۋاقتى ئۆتكەن»، «قىممىتى، ئورنى قالمىغان» ژانىر ئەمەس. «تەنقىدى روھنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان روھنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەنقىدى روھ كەمچىل جەمئىيەت ياخشىچاقلار جەمئىيىتىدىن ئىبارەت. ياخشىچاقلىق كەيپىياتى قويۇق جەمئىيەتتە چىنلىق بىلەن ساقتىلىقنىڭ قىممىتى مۇجىمەللەشتۈرۈۋېتىلگەن، رەزىللىك بىلەن گۈزەللىكنىڭ چىگراسى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ⑺». قىسقىسى فېليەتون ئۆزىدىكى تەنقىدى روھ بىلەن شۇ جەمئىيەتنىڭ نۇرمال، مۇقىم ۋە سىجىل راۋاجلىنىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوبرازلىق قىلىپ ئۇنى «جەمئىيەت دوختۇرى» غا ئوخشىتىش مۇمكىن.
«فېليەتونمۇ بىر خىل روھ، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇق قىممىتى جەمئىيەت تەنقىدى، مەدەنىيەت تەنقىدى، ئادىمىيلىك تەنقىدى يۈرگۈزۈپ ئىللەتلەرنى پاش قىلىشتىن سىرىت، كونىنى يېڭىلاش، ئالىيجانابلىقنى تەشەببۇس قىلىپ يىرىگىنىچلىكلەرنى قامچىلاشتۇر⑻». ئەمەلىيەتتە فېليەتونمۇ نۇرمال بىر تەنقىد ۋاستىسى. تەنقىدتىن ئايرىلغان فېليەتون، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ. فېليەتون ئۆتكۈر بىر نەشتەر بولۇش سۈپىتى بىلەن گەرچە «يېغىر تاتلايدىغان» بولسىمۇ ئەمما ساغلام بىر فېليەتوننىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ تەتۈر شامال چىقىرىش ياكى ئېقىمغا قارشى كۈشكۈرتۈشمۇ ئەمەس. بەلكى سەھۋەنلىكلەرنى، خاتالىقلارنى تونۇۋېلىشقا ياردەم بېرىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا  ئۈندەش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى كۆزلەشتۇر.
فېليەتونمۇ بىر ئەينەك. نۇرمال بىر تەنقىد تۈسىگە ئىگە فېليەتوننىڭ بولۇشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز فونكىسيىسىنى ياخشىلىشىغا، خەلق چاكارلىرى بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە پايدىلىق. ئەكىسچە تەنقىد ۋە نازارەتنىڭ ئاغزى ھىم ئىتىۋېتىلىدىكەن ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ نۇرمال يۈرۈشىشىگە زور تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
ئىنسان تەبىئىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ فېليەتون ھەرگىزمۇ «ئورنى، قىممىتى يوق» ئەمەس. ئىنسان گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. شۇنداق بولغانكەن ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرھېم ئېيىتقىنىدەك: «جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا رەزىللىك، پەسكەشلىك، قەبىھلىك، نادانلىق، قالاقلىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن ئەدەبىيات دۇنياسىدىكى فېليەتوندىن ئىبارەت بۇ ژانىر ئۆزىنىڭ رولى بىلەن قىممىتىنى ھەرگىز يوقاتمايدۇ. شۇنىسى مۇقەررەركى. دۇنيادا ئەدەبىياتلا بولىدىكەن، فېليەتونمۇ ئۆلمەيدۇ⑼» دېيىشكە بولىدۇ.
فېليەتوندىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر بەدئىي ژانىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس. بەزى بىر قىسىم پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا فېليەتون «4-ماي ھەرىكىتى» دىن كىيىن خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن كىرگەن بولۇشى مۇمكىن. لىكىن رۇس ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى بىلەن كىرگەن دەيدىغان قاراشلارمۇ مەۋجۇت. قىسقىسى بۇ ھەقتە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئىزدىنىش ۋە تەتتىق قىلىشمىزغا توغرا كېلىدۇ. «بىزدىمۇ، ل.مۇتەللىپ دەۋردىلا فېليەتونچىلىق باشلانغان، ھەتتا ئەڭ ياخشى ئۈلگىلىرى بارىلىققا كەلگەن⑽». «ئوت يۈرەك شائىر لۇتىپۇللا مۇتەللىپ 1940-يىللاردا يازغان ‹ئەجەل ھودۇقۇشىدا›، ‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ› قاتارلىق فېليەتونلار ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان⑾». دېمەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فېليەتون، ل. مۇتەللىپ ياشىغان دەۋردە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ياكى رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن باشلىنىپ، كىيىنكى چاغلاردا لۇشۈن قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ تەرجىمە فېليەتونلىرىنىڭ تەسىرىدە فېليەتونچىلىق بىر قەدەر جانلانغان دېيىش مۇمكىن.
ئىزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن 2006-يىل 5-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان تىببى-ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى⑴⑵ (1951-2005)» دېگەن كىتابتىكى تارىم ژورنىلىنىڭ كاتالوگىغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر ژورنالىنىڭ 1952-يىلى 8-سانىدا لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ناملىق فېليەتونى ئېلان قىلىنغان. ئومۇمەن بۇ فېليەتوننىڭ ئىلان قىلىنىشىنى  يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. دىمەك يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى 1952-يىلىدىن باشلانغان دېيىلگەندە، ئۇنداقتا ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى ھازىر دەلمۇ-دەل 60 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇ 60 يىللىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۇنى ئىلمىي، سېستىمىلىق ھالدا خۇلاسىلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ئۇنى بۈگۈنكى فېليەتونچىلىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتۇر. بۇ ماقالە ئۇشبۇ مەقسەتنى چىقىش قىلغان ھالدىكى ئىزدىنىش جەريانىدۇر خالاس. ماقالىدا بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلار، خاتالىقلار بولۇشى تەبئى. بۇ جەھەتتە كەڭ ئوقۇرمەنلەر، فېليەتون يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى، سەمىمىيلىك بىلەن تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭچە 1952- يىلى باشلانغان يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇساپىسىنى 1952- يىلىدىن 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغىچە بولغان مەزگىل، 1966-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە بولغان مەزگىل، 1978-يىلى يەنى 3-ئومۇم يىغىندىن يېڭى ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىل دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن.
                                                                2
«ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان تىببى-ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» دىكى تارىم ژورنىلى كاتالوگىغا كۆز يۈگۈرىتكىنىمىزدە 1952-يىلىدىن 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغىچە بولغان مەزگىلدە، تارىم ژورنىلىنىڭ 1952-يىلى 8-سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، يەنە مەزكۇر ژورنالنىڭ 1955-يىلى 4-سانىدا باتۇر راشىدىننىڭ «دېمەكچىمەن»، 1956-يىلى 10-سانىدا مۆمىن سەپىرىنىڭ «قولۇپلاقلىق كابىنىت»، 1959-يىلى 9-سانىدا ل.مۇتەللىپنىڭ «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق فېليەتونلار ئېلان قىلىنغان. ئومۇمەن بۇ مەزگىلدە ئىلان قىلىنغان فېليەتونلار سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىدا تۇتقان ئورنىنى، ئوينىغان رولىنى  ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى 1952-يىلىدىن 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغىچە بولغان مەزگىلدە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش فېليەتونمۇ زەربىگە ئۇچىراپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تېگىشلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالغان. 1966-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە فېليەتون ئىجادىيىتى ئاساسەن توختاپ قالغان. بۇ مەزگىل فېليەتوننىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىغان ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاپەتلىك سىياسى بۇران، سولچىل ئىدىيۋى ئېقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەنى پارتىيە مەركىزى كومتىت 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇم يىغىندىن كىيىن، ئەدەبىياتتىكى باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش فېليەتونمۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەسىر ئاخىرغىچە بولغان ئارلىقتا جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. «ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان تىببى-ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» دىكى تارىم ژورنىلى كاتالوگىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ مەزگىلدە تارىم ژورنىلىنىڭ 1978-يىلى 3-سانىدا ئەخەت ھاشىمنىڭ «پاشىنىڭ ئاقىۋىتى» نامىلىق فېليەتونى ئېلان قىلىنىش بىلەن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 1992-يىلىغا قەدەر بۇ ژورنالدا ھىمىت مەخسۇت، ھەسەن رېھىم، ھېزىم قاسىم، مۆمىن سەپىرى، ئىزىز ساۋۇت، ياسىن خۇدابەردى، مەمىتىلى زۇنۇن، ئاتاۋۇللا غۇپۇر، ئابلىمىت ئابدۇللا، سىراجىدىن سېيىتنىياز قاتارلىقلارنىڭ فېليەتونلىرى ئېلان قىلىنغان. ھەمدە يەنە بۇ ژورنالىدا توختى باقى ئارتىشى قاتارلىق تەرجىمانلارنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن بىر بۈلۈك تەرجىمە فېليەتونلارمۇ ئېلان قىلىنغان. ئومۇمەن تارىم ژورنىلى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى  ۋە تەرەققىي قىلىشىدا يول ئېچىش، ئۇل سېلىش خاراكتېرلىك رول ئويناپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئانا ژورنال 1992-يىلىدىن تارتىپ مەيلى ئىجادى ياكى تەرجىمە بولسۇن فېليەتون ئىلان قىلىشنى توختاتقان.
«ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان تىببى-ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى» دىكى تارىم ژورنىلىدىن باشقا ژورناللار كاتالوگىنى ئىستاستىكىلاپ تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، تارىم ژورنىلىنىڭ بايراقدارلىق بىلەن يول ئېچىپ بېرىشى ئارقىسىدا باشقا گېزىت-ژورناللاردىمۇ ئەسىر ئاخىرغىچە بولغان ئارلىقتا فېليەتون ئىجادىيىتى خېلى جانلانغان. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم داڭلىق شائىر، يازغۇچىلىرىمىزمۇ فېليەتون ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرىتكە بولغان. 1978-يىلىدىن ئەسىر ئاخىرغىچە بولغان ئارلىقتا تارىم ژورنىلىدىن باشقا يەنە «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئىلى دەرياسى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «كىروران»، «تەڭىرتاغ»، «قەشقەر گېزىتى»....قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ھېزىم قاسىم، مۇھەممەدتۇرسۇن سادىق، ياقۇپچان ئۆمەرى، ئەنۋەر ئەينىدىن، ئابدىلىم ئابدۇرھېم، ئوسمان رېھىم، ئالىمجان رەجەب، مەتسەيدى روزى، مۇھەممەد كامال، ئابلا ئەيسا، مۇھەممەد باغراش، ئابدۇۋېلى ئابدۇللا، تۇردى ئابلىز، مۇھەممەتجان قاسىم، ئابدۇراخمان قاھار، ئابلىز ھېزىموف، ئەخەت ھاشىم، ھەسەن رېھىم، مۆمىن سەپىرى، غەنىزات غەييۇرانى، سەلەي قاسىم، مەمتىمىن ئابلىز، ئابلا ئەخمىدى، مۇختار سوپى، مۇكەررەم ئابدۇللا، بۇمەريەم شىرىپ، ئەكبەر جاپپار، يۇسۇپجان مۇھەممەد، تۇردى قاسىمى، خالىدە ئاتىك، ئىبراھىم ئىسمايىل، ئەكرەم ئابدۇمىجىت، جىلىل ئاۋۇت، زۇلپىيە كۆلتىگىن، تۇرسۇن مەھمۇد، پەخىردىن مۇسا.....قاتارلىقلارنىڭ ئىجادى فېليەتونلىرى، توختى باقى ئارتىشى قاتارلىق تەرجىمانلارنىڭ بىر بۆلۈك تەرجىمە فېليەتونلىرى ئىلان قىلىنغان. 1978-يىلىدىن ئەسىر ئاخىرغىچە بولغان مەزگىلىدىكى فېليەتون ئىجادىيىتىدە ئومۇمەن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەنگەن.
بىرىنجى، فېليەتونلارنىڭ تېما دائىرىسى ئىلگىركىگە قارىغاندا بىر قەدەر كىڭەيگەن.
ئەخەت ھاشىمنىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 1978-يىل 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان «پاشىنىڭ ئاقىۋىتى»، ھەسەن رېھىمنىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 1981-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «مايمۇنجان»، ھېزىم قاسىمنىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 1981-يىل 8-سانىدا ئىلان قىلىنغان «سولخاي كاتىپ»، ئىزىز ساۋۇتنىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 1982-يىل 7-سانىدا ئىلان قىلىنغان «تانسىخانىدا»، غەنىزات غەييۇرانىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 1988-يىل 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان «كىتابلار زارى» قاتارلىق فېليەتونلارنىڭ تېما دائىرىسى ئىجىتمائى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ تۇرمۇش چىنلىقى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئىكىنجى، ئوبراز يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئابلا ئەيسانىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1981-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «سوتتا ئېلىشىش»، مۇھەممەد باغراشنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1982-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «لەززەت»، مەمتىلى زۇنۇننىڭ تارىم ژورنىلىنىڭ 1983-يىل 9-سانىدا ئىلان قىلىنغان «باشلىقمىكىن دېسەم»، ئوسمان رېھىمنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 1985-يىل 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ياخشى رېتسىپ» قاتارلىق فېليەتونلاردا ئوبرازلار خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىلغان.
ئۈچىنجى، فېليەتونلاردا ھەجىۋىي، يومۇرلۇق تۈس بىر قەدەر قويۇق. ئەخەت ھاشىمنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 1986-يىلى 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان «يالغانچى بىلەن گۇپپاڭچى»، ھەسەن رېھىمنىڭ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى 1994-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «مېنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغۇم بار»، ئەكرەم ئابدۇمىجىتنىڭ «كىروران» ژورنىلىنىڭ 1999-يىل 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان «كېسەل شېئىرلارنى داۋالاش مەركىزى» قاتارلىق فېليەتونلاردا ھەجىۋىيلىك، يومۇرلۇق تىل خېلى ۋايىغا يەتكەن.
«ئۇيغۇرچە ئىلان قىلىنغان تىببىي-ئەدەبىي ئەسەلەر كاتالوگى» دىكى ماتىرياللارغا ۋە كاتالوگقا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرچە نەشىردىكى بىر قىسىم گېزىتلەر ھەمدە 2005-يىلدىن كىيىنكى ئۇيغۇرچە نەشىردىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللارغا كۆز يۈگۈرىتكىنىمىزدە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى فېليەتونچىلىقتا ئىجادى فېليەتونلار بىلەن تەرجىمە فېليەتونلارنىڭ ئىلان قىلىنىش نىسبىتى ئاساسەن تەڭلىشىپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ. ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى ئارتىشىنىڭ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ»، «ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس②①» قاتارلىق تەرجىمە فېليەتونلار توپلىمى ۋە بىر يۈرۈش «لۇشۈن ئەسەرلىرى» نىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۇشى نەتىجىسىدە كىتابخانىلاردا تەرجىمە فېليەتونلارغا مايىل بولۇش خاھىشى كۆرۈلدى. ئومۇمەن توختى باقى ئارتىشى قاتارلىق تەرجىمانلارنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى نادىر فېليەتونلارنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا خەنزۇ فېليەتونچىلىقى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ ئۆرنەك ئېلىش، قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى فېليەتونچىلىق مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە رەڭدارلىشىپ باردى.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تۇرپان»، «يېڭى قاشتېشى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»....قاتارلىق گېزىت-ژورناللار فېليەتون ژانىرىغا مۇۋاپىق ئورۇن بېرىپ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنى قوللىدى. تور ئەدەبىياتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى ئەدەبىي تور بەت ۋە مۇنبەرلەرمۇ فېليەتون ئىجادىيىتىگە ئېتبار بەردى، قوللىدى. فېليەتونمۇ خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. نۆۋەتتە بىر قىسىم فېليەتون ھەۋەسكارلىرى ۋە تەرجىمانلار، فېليەتونچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلوگ ۋە تور بەتلىرىنى قۇرۇپ فېليەتون ژانىرىنىڭ تور ئەدەبىياتىدىكى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئومۇمەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فېليەتونچىلىقنىڭ ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلاردىن كۆرە، تور ئەدەبىياتىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.
ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇساپىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدىغىنى 1952-يىلىدىن 2012-يىلىغا قەدەر گېزىت-ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ئىجادى فېليەتونلارنىڭ سانى تەخمىنەن 200 پارچىگىمۇ يەتمەيدۇ. ھەم فېليەتونچىلىقتا باشتىن-ئاخىر ئىزچىللىقنى ساقلاپ بىر ئۆمۈر فېليەتون ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن فېليەتونچىلارنى سانىساق بارماق توشمايدۇ. ئومۇمەن يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىدا فېليەتون ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلاردىن ھەسەن رېھىم، ھېيىت مۇسا، مەمتىمىن ئابدۇۋېلى، ئەخمەد كىبىر، مەمتىمىن رەجەب نەشتەرى، مەتتۇرسۇن قۇربان، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، مەمتىمىن ئابلىز، يۇسۇپجان مۇھەممەد، مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن، مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز، ئابدۇلھەمىد ياسىن، ئەخمەتجان ئابدۇللا، ئابدۇرھېىم ھېكىمى، ئابدۇغىنى قۇرباننىياز، ئايىمنىسا سۇلايمان، ئابلىز ئىبراھىم دولان،  مىرىگۈل ئابلىز نەزەر، ئەنۋەرجان قادىر، ياسىنجان ئوسمان ئەركزات، بەھىرنىساقىز ئادىل دىلەفكار.... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. فېليەتون تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلاردىن توختى باقى ئارتىشى، پەتتارجان مۇھەممىدى ئەرقۇت، قۇربانجان مەمتىلى، نۇرشات مەمتىلى، داۋۇت ئادىل، يۈسۈپجان داۋۇت شاھىدى، ئابباس ئۆمەر ئەلقۇد، يۈسۈپ ئىلى، قاسىمجان مەترۇزى، توختىھاجى يۇنۇس، مۇھەممەد قىييۇم، ئەخمەتجان خۇما، مەخمۇتجان يانتاق، ساتتار غۇپۇر قەلەميار، راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى ، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكىرىم ئارغۇ، ئەسقەر ياسىن، مۇھەممەد ھۈسەن،  خانقىز ئابدىريىم، ئازادجان نىزامىدىن، ئەنۋەر يۇنۇس.... قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى نادىر فېليەتونلاردىن زور ئۇزۇق ئالغان يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىدا ئومۇمەن ئۆزىگە خاس بولغان تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى دېيىشكە بولىدۇ.
بىرىنجى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دەۋر ئېقىمى ۋە ماددى مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ فېليەتونلارنىڭ تېما دائىرسى جەمئىيەت تەنقىدى، مەدەنىيەت تەنقىدى ۋە ئادىمىيلىك تەنقىدى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيدى، مۇھاكىمە ۋە پەلسەپىۋى كۈچى ئاشتى. مەسلەن: ئابدۇغىنى قۇرباننىيازنىڭ «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىل 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئۈچىنجى قېتىملىق زور بايقاش»، مەمتىمىن ئابدۇۋېلىنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 2004-يىلى 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان « ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى»، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2005-يىل 5-سانىدا ئىلان قىلىنغان «مۆشۈك قىسمىتى» قاتارلىق فېليەتونلاردا تېما جەھەتتىكى كېڭىيىشچانلىق نامايەن قىلىنىپ، ئۆزگىچە مۇھاكىمە كۈچى ئارقىلىق جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەنقىدى يۈرگۈزۈلگەن ۋە رەزىل، ناچار ئىللەتلەر ئۆتكۈر تىل ۋاستىسى ئارقىلىق كۈچلۈك قامچىلانغان.
ئىككىنجى، ئىپادىلەش جەھەتتە ھەجىۋى، يومۇرلۇق ۋە كىنايىلىك تۈس قويۇق بولدى. مەسلەن: ھېيىت مۇسانىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2001-يىل 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان «غەرىبكە ماڭغانلارنىڭ غەيرى رەسمىي تارىخى»، ئەخمەد كىبىرنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2005-يىل 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان «يېڭى ھاراقكەشلىك جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق فېليەتونلاردا كۈچلۈك ھەجىۋى، يومۇرلۇق ۋە كىنايىلىك تىل ۋاستىسى بىلەن ناچار ئىللەتلەر دادىل قامچىلانغان.
ئۈچىنجى، شەكىل جەھەتتە مۇئەييەن ئۆزگىرىش ياسىدى. مەسلەن: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىل 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئالتە پارچە خەت»، ئابلىز ئىبراھىم دولاننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2009-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «لىڭگىر تاقتاق پەلسەپىسى» قاتارلىق فېليەتونلاردا ئەنئەنىۋى فېليەتونچىلىقتىكى شەكىل قاتىمالچىلىقى بۇزۇپ تاشلىنىپ ئۆزگىچە شەكىل ئارقىلىق تېما يۇرۇتۇپ بېرىلگەن.
تۆتىنجى، تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش، مىللى خاسلىقنى ئىپادىلەش خاھىشى كۆرۈلدى. مەسلەن: مەمتىمىن ئابدۇۋىلىنىڭ «تۇرپان» ژورنىلى 2004-يىل 1 -ساندا ئىلان قىلىنغان «بىز جەنۇبلۇق» ۋە مەمتىمىن ئابلىزنىڭ «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىل 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئابدۇكىرىم ئابلىزغا بىشارەت» قاتارلىق فېليەتونلاردا رېئاللىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ناچار خاھىش ۋە ناچار ئىللەتلەر پاش قىلىنغان.
                                                          3
1978-يىلىدىن ئەسىر ئاخىرغىچە بولغان مەزگىلدىكى ۋە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى فېليەتون ئىجادىيىتىنى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى فېليەتون ئىجادىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا گەرچە پەرق چوڭ، فېليەتونچىلىقىمىز خەنزۇ فېليەتونچىلىقىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچىرىغان بولسىمۇ ئەمما فېليەتونچىلىقىمىزدا خاسلىق، ئۆزگىچىلىك بار دېيىشكە بولىدۇ. لىكىن ھەر ئىككى فېليەتونچىلىقتا يەنىلا مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ فېليەتونچى لىن چى ئەپەندى ئېيىتقىنىدەك «ھازىرقى زامان فېليەتونلىرىنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاساسى ئىدىيىسى دىموكىراتىك كۆز قاراش، قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىكى تونۇش ۋە ئادىمىيلىك روھ بولغان بولۇپ، بۇ بىر خىل كۆپ مەنبەلىك تەپەككۇرنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىنىشىدۇر.⑿» دىن ئىبارەت.
ئومۇمەن ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى بېسىپ ئۆتكەن 60 يىللىق مۇساپە تولىمۇ ئەگرى توقاي ۋە مۈشكۈل بولدى، نۇرغۇن بۇران-چاپقۇن، ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەك بالايى-ئاپەتلەر ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىغا ئوخشاشلا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما فېليەتون ژانىرى مۇنداق ئاپەتلەرنىڭ زەربىسىگە خېلى بەكلا ئۇچىراپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى خېلى بەكلا يوقىتىپ قويدى. بۇ ھەقتە ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرھىم مۇنداق دەيدۇ: «سولچىل ئىدىيۋى ئېقىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا فېليەتون ‹چەكلەنگەن رايۇن›لارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تېگىشلىك ئورنىدىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى مۇجىمەل بەزى قەلەمكەشلەر فېليەتوننى ۋاقتى ئۆتكەن ژانىر دەپ قارىدى. مۇشۇنداق قاراشنىڭ تەسىرىدە فېليەتوندىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر بەدئىي ژانىرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى، رولى ھەم قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. قەلەمكەشلىرىمىز، گېزىت -ژورناللىرىمىز، نەشىرياتلىرىمىز بۇ مۇھىم ژانىرغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىدى. شۇڭا بىزدىن تا ھازىرغىچە بىرمۇ داڭلىق فېليەتونچى يىتىشىپ چىقمىدى ياكى ئۆز ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ بىرمۇ فېليەتون توپلىمى نەشىر قىلىنمىدى. بىز بۇنىڭدىن فېليەتون ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدە چەكلىنىپ بويۇن قىسىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز⒀». ئەمما، مەن بۇ يەردە  ئوبزورچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر ئابدۇرھېمنىڭ «ئۆز ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ بىرمۇ فېليەتون توپلىمى نەشىر قىلىنمىدى» دېگەن گېپىگە قارىتا ھەسەن رېھىمنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «مايمۇنجان» ناملىق فېليەتونلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم. ھەسەن رېھىم ئاپتۇرلۇقىدىكى «مايمۇنجان» ناملىق بۇ كىتاب قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1996-يىل 5-ئاي 1-نەشىرى بولۇپ، كىتابقا ئېنىق قىلىپ فېليەتون توپلىمى دەپ يېزىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا توققۇز پارچە فېليەتون كىرگۈزۈلگەن.
ل.مۇتەللىپنى ئاساسى ۋەكىل قىلغان دەۋردىكى فېليەتون ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يىلتىزى دېسەك، جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بۇ ئۆتكۈر ژانىر 1949-يىلىدىن كىيىن جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويا-قويمايلا سىياسى بۇران-چاپقۇنلارنىڭ يالماپ يۈتۈۋېتىشى نەتىجىسىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. «3-ئومۇم يىغىن» دىن كىيىن بولۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھېزىم قاسىم، غەنىزات غەييۇرانى، ھەسەن رېھىم، مۆمىن سەپىرى، توختى باقى ئارتىشى، ئەخەت ھاشىم، سەلەي قاسىم، ئابلىمىت باتۇر، مەمتىمن رەجەب نەشتەرى، مەمتىمىن ئابدۇۋېلى، يۇسۇپجان مۇھەممەد، مەمتىمن ئابلىز...قاتارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشى بىلەن فېليەتون ئىجادىيىتى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، جانلىنىپ فېليەتونچىلىقتا بەلگىلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىن فېليەتون ئىجادىيىتىگە غوللۇق قەلەمكەشلەردىن سىرىت يەنە بىر بۆلۈك ياش كۈچلەر قوشۇلۇپ مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلىنىش بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ يەنىلا مۇئەييەن سان ۋە سۈپەتكە ئىگە فېليەتونچىلار قوشۇنى ئاتىلىشتىن تولىمۇ يىراقتا. ھېلىھەممۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ ژانىر ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.
ئومۇمەن ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن 60 يىللىق مۇساپىسىدىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىغا كېلىش مۇمكىن.
بىرىنجى، ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە  ئومۇمىي جەھەتتىن بىر مەزگىل جانلىنىش، پەسىيىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت يەكلىنىش ھالىتىدە بولۇپ كەلدى. بۇنداق  بولۇشىدا كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭدا قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ، گېزىت- ژورنال، نەشىرىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ  ھەمدە باشقا كىشىلەرنىڭ فېليەتونغا بولغان تونۇشى، كۆز قارىشىنىڭ ئانچە مۇۋاپىق بولمىغانلىقى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنى «بىزدە نۇرغۇن كىشى فېليەتون يېزىشنى ئويلىسىمۇ ئىدىيسى ئازاد بولمىغاچقا ياكى ئىدىيسى ئازاد بولسىمۇ ئەتىراپىدا فېليەتوننى چۈشەنمەي تەتۈرلۈك قىلىدىغان ئىدىيسى ئازاد بولمىغان، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىشقا ئامراق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈردىغان، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاچقا يېزىشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ ياكى يازمايۋاتىدۇ. يازسىمۇ ناھايتى ئىھتىيات بىلەن مۇز ئۈستىدە ماڭغاندەك، دار ئۈستىدە تۇرغاندەك يېزىۋاتىدۇ⒁». ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ مانا بۇ ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسلىدۇر. بۇ مەسلە بېرىپ ئاخىر «يېزىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللار ھەل قىلىنماي تۇرۇپ يېزىش مەسلىسى ھەل بولمايدۇ. ئىدىيە ئازاد قىلىنماي تۇرۇپ يازغىلى ھەم بولمايدۇ.⒂» دېگەن گەپكە بېرىپ تاقىلىدۇ.
گەرچە خەنزۇ ئەدەبىياتىدا فېليەتون ژانىرى بىزدىكىگە ئوخشاش ئەگىرى-توقايلىقلارنى، چەتكە قېقىلىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىرقى فېليەتونچىلىقىدا  ئۆزگىرىش، تەرەققىيات زور. نۆۋەتتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدا فېليەتون ژانىرى تېما، شەكىل، ئۇسلۇب جەھەتتىن رەڭدارلاشتى. ئۇلاردا غوللۇق فېليەتونچىلار قوشۇنى شەكىللىنىشكە باشلىدى. « فېليەتونلاردىن تاللانما 杂文选刊» ژورنىلى، «فېليەتون ئايلىق ژورنىلى 杂文月刊»، «نادىر فېليەتونلار 经典杂文» ژورنىلى، «فېليەتون گېزىتى 杂文报» قاتارلىق مەخسۇسلاشقان گېزىت-ژورناللىرى، جۇڭخۇا فېليەتون تورى(中华杂文网) دەك داڭلىق فېليەتون تور بىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. فېليەتون توپلاملىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. قىسقىسى بۈگۈنكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقىنى خەنزۇ فېليەتونچىلىقىغا سېلىشتۇرغاندا پەرق چوڭ. بۇنداق چوڭ پەرقلەرنىڭ بولۇشىدا ئوبكتىپ ۋە سۇبىكتىپ ئامىللار ھەمدە سىياسى، ئىجىتمائى ئامىللارنىڭ تەسىرى بار، ئەلۋەتتە.
ئىككىنجى، بىزدە نۆۋەتتە مۇئەييەن سان ۋە سۈپەتكە ئىگە فېليەتونچىلار قوشۇنى تېخى شەكىللەنمىدى. ھەمدە فېليەتون ھەۋەسكارلىرى ۋە فېليەتونچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى ئومۇم جەھەتتىن تۆۋەن، ئىزچىللىقنى ساقلاش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كەمچىل. داڭلىق فېليەتونچى، فېليەتون ئوبزورچىسى لىيۇ چېڭشىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: « فېليەتوندا سېھرى كۈچ بار، ئۇنىڭ سېھرى كۈچى ئۇنىڭدا سىياسەتشۇناسلىقنىڭ تەركىبى، جەمئىيەتشۇناسلىق ئامىلى، تارخشۇناسلىق ئىلىمىنىتى يەنە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ھۈجەيرىسى، پەلسەپىنىڭ قېنى ۋە ئىستىتىكىلىق تۈس بولغانلىقىدا. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇنى بىر پۈتۈن قامۇس دەپ قاراشقا بولىدۇ ⒃ ». دېمەك بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، فېليەتون يېزىشمۇ ھەم مۇنەۋۋەر بىر فېليەتونچى بولۇشمۇ ئۇنچىۋىلا ئاسان ئىش ئەمەس. بىزدە بايانچىلىق ۋە ئاممىباب ھېكايىچانلىقنى ئاساس قىلىپ، ئازراق ھەجىۋى ۋە كۈلكە چىقىدىغان گەپلەرنى يىغىپ تۆشەپلا فېليەتون يېزىۋىرىدىغانلار ھېلىھەممۇ ئاز ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال داۋام قىلىۋەرسە، ئېنىقكى فېليەتوننىڭ جەڭگىۋارلىقى، سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى سۇسلىشىپ بارا-بارا ھەزىل ياكى لاۋزىراق ئىتوتقا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ھاياتى كۈچى ئاجىزلاپ چاكىنلىشىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە تەرجىمە فېليەتون ئوقۇرمەنلىرىنىڭ خېلى ئاۋۇپ، ئىجادى فېليەتونلارنىڭ ئانچە نەزەرگە ئېلىنماسلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەبىنىمۇ ئەنە شۇ دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىسى بىر فېليەتونچىدا ئەتراپلىق، كەڭ دائىرلىك بىلىم زاپىسى بولۇشى ۋە ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى ئۆمۈرۋايەت قولدىن بەرمەسلىكى ۋە ھەر ۋاقىت ھەر زامان ئۆز ئىدىيسى، كۆز قارىشىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.
ئۈچىنجى، فېليەتون نەزەرىيىچىلىكى، فېليەتون ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى نۆۋەتتە تېخى قۇپقۇرۇق بىر ساھە. تارىم ژورنىلىنىڭ 1958-يىل 1-سانىدا ب.كەنجىباينىڭ «فېليەتون توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئىلان قىلىنىشىنى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر فېليەتونچىلىقى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى دېسەك، ئۇنداقتا ئىستاستىكىلاپ كۆرگەندە شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر فېليەتون تەتقىقاتى ۋە ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلار  تولىمۇ ئاز، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىمۇ ناھايتى ئاز بولدى. بىزدىكى بىر قىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە  ئوبزورچىلار گەرچە فېليەتون تەتقىقاتى ۋە فېليەتون ئوبزورچىلىقىدا ئىزچىللىقنى ساقلىيالىمىغان بولسىمۇ، لىكىن فېليەتون ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى ھەر ھالدا ئاق قالدۇرمىدى. بۇ يەردە فېليەتون تەتقىقاتچىلىرى، ئوبزورچىلىرىدىن ب.كەنجىباي،  توختى باقى ئارتىشى، ئەنۋەر ئابدۇرھېم، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى، ئەركىن داۋۇت ئوغۇز، مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن، ئابدۇراخمان ئابدۇللا.... قاتارلىقلارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئومۇمەن، ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا قارىغاندا فېليەتون نەزەريىسى بېيىمىدى، بىر ئىزىدا توختاش داۋام قىلىۋەردى. مەسلەن: «فېليەتون ئەدەبىيلىك ھەم سىياسى، ئىجىتمائى مۇھاكىمىلىك خاراكتىرگە ئىگە تەنقىدى ئەسەر» دېگەن بۇ چۈشەنچىىمىزگىمۇ ئازراق كەم  يېرىم ئەسىر بوپ قالاي دىدى. ئەمەلىيەتتە دەۋر ئۆزگەردى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا زور يېڭىلىنىش بولدى. مۇنداق ھالەتتە زامان، ماكان ۋە دەۋرچانلىققا ئىگە بولغان فېليەتون ژانىرىدىمۇ يېڭىلىنىش بولۇشى كىرەك.
                                                                       4
نۆۋەتتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدا فېليەتونچىلىق خېلىلا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىكى فېليەتون يازغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق فېليەتونلارنى مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا قاراپ «ئادەتتىكى  فېليەتون 常规杂文»، «يېڭى ئۇسلۇبتىكى فېليەتون 非常规杂文»، «ئەپسانە، بىمەنىلىك تۈسىدىكى فېليەتون 荒诞杂文»، «مائارىپ تېمىسىكى فېليەتون 校园杂文»، «يۇمۇرلۇق فېليەتون 幽默杂文»، «مىكرو فېليەتون 百字杂文» قاتارلىق بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈپ فېليەتون نەزەرىيىسىنى خېلى كىڭەيىتتى. خەنزۇ ئەدەبىياتىدا فېليەتون چۈشەنچىسى خېلىلا كىڭەيگەن بولۇپ، تەنقىد تۈسى قويۇق، تىلى ئۆتكۈر، ھەجىۋى ھەم ئەدەبىيلىككە ئىگە ئەدەبىي ئەسەر (ئومۇمەن ھەجىم جەھەتتىن قىسقىراق بولغان ئەسەر) لەر، ئەبجەش يازما، ئەدەبىي پارچە ، ئەركىن يازما (随笔)، ئەدەبىي خاتىرە، ئەدەبىي ئۈزۈندە (文艺性语录) ھەتتا بىزدىكى ساتىرا ۋە ساتىرىك شېئىرلارمۇ فېليەتون دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما بۇ ھال بىزدە ئۇنداق ئەمەس، ناۋادا خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى فېليەتون چۈشەنچىسى، نەزەرىيىسى بويىچە ئەسەرلەرنى ژانىر تەۋەلىكىگە ئايرىغاندا بىزدىكى بىر قىسىم كىتاب ۋە خېلى نۇرغۇن ئەسەرلەر فېليەتون دائىرىسىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسلەن: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان «قىرتاق جاكارلار» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى ئۆزىدىكى تەنقىد روھىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن فېليەتون توپلىمىغا تەۋە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىككى خىل ئەدەبىياتنىڭ ھەر ئىككىلىسدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك، پەرق بار. خاسلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ  قارىقويۇقلا قۇبۇل قىلغىلى بولمىسىمۇ ئەمما، خەنزۇ فېليەتونچىلىقىدىكى ئۈزۈكسىز ئىزدىنىش روھى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
فېليەتونچىلىقنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ تۈرىتكە بولۇشىغا مۇھتاج. ئەمما فېليەتون ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى تېخى بىزدە ئېچىلمىغان بىر بۇلۇڭ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا نۆۋەتتە ئەدەبىي تەنقىد بىر قەدەر ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا،  فېليەتوندەك ئاجىز بىر ژانىرنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھازىر خەنزۇ ئەدەبىياتىدا مەخسۇسلاشقان فېليەتون تەتقىقاتچىلىرى، فېليەتون ئوبزورچىلىرى بار. بۇ ئۇلارنىڭ فېليەتونچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا زور تۈرىتكىلىك رول ئوينىغانلىقى ئېنىق.
ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەدەبياتىدىكى ئاجىز ئەمما تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بۇ ژانىرنىڭ تەرەققىي قىلىشى كۆڭۈل بۆلۈشىكە، قوللاشقا مۇھتاج. ھەمدە قەلەمكەشلەرنىڭ جان پىدالىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا باغلىق.

ئىزاھاتلار
⑴ «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل 5-ئاي 1-نەشىرى 397-بەت
⑵⑶⑷⑸⑹ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ»، توختى باقى ئارتىشى تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى، كىرىش سۆز 3- 4-5-بەت
⑺ يالقۇن روزى، «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن» ناملىق ماقالە، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2012-يىل 1-سان 58-بەت
⑻ لىيۇ چېڭشىن، لى فاڭ تۈزگەن «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان فېليەتونچىلىرىدىن200中国当代杂文二百家 » ناملىق كىتاب (1-قىسىم) جىلىن خەلق نەشىرىياتى 2009 - يىل 10–ئاي خەنزۇچە 1-نەشىرى، كىتاب مۇقاۋىسىدىكى ئۈزۈندە
⑼⑾⒀ «ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىز» (ئەنۋەر ئابدۇرھىم ئەسەرلىرى⑴ ) شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2008-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى 428-429-430-بەت
⑽⒁⒂ ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرۇن ئۈن-سىن نەشىرىياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى 419-420-بەت
⑿ «فېليەتونلاردىن تاللانما 杂文选刊» ژورنىلى 2011-يىل 7-سان (كىيىنكى يېرىم ئايلىق) 60-بەت
⒃ لىيۇ چېڭشىن، لى فاڭ تۈزگەن «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان فېليەتونچىلىرىدىن200中国当代杂文二百家 » ناملىق كىتاب (1-قىسىم) جىلىن خەلق نەشىرىياتى  2009 - يىل 10–ئاي خەنزۇچە 1-نەشىرى، كىرىش سۆز 5-بەت


ئاپتۇر: مەكىت ناھىيە دولان قوش تىل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.dolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-20 06:49 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 200 نادىرلاشقا تېگىشلىك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 09:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەپسىلىي ئىزاھلاپسىز. يەنە بىر بىلىمگە ئېرىشتۇق . ھارمىغايسىز.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10908
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 10:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم.........

چەتتىن كىرگەن نۇرغۇن سۆزلەر بىزگە ئۆزلىشىپ كەتتى.......... ئاددىسى نۇرغۇن خەنزۇچە ئاتالغۇلارمۇ ئۆزلىشىپ كەتتى ۋە كەتمەكتە.......



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3054 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 10:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمدە قېلىشىچە نەزەر مۇفتىمغا خەت دېگەن ئەسەرمۇ فىليەتوىغۇ دەيمەن ، تۇلۇقسىز ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە بار ئېدى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 10:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر  تارخىدىكى تۇنجى فىليەتتۇن قاينام ئۆركىشنىڭ ‹‹ ئەجەل ھۇدۇقىشىدا ›› دەپ ئېيتساق بۇلامدۇ ؟

خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 11:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ فېلىيەتۇن توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50682
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3411
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 11:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق،ئىلمىي تەھلىل بولاپتۇ.ھارمىغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 01:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7107
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 07:01:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا دولان ئەپەندى، فېليەتون بىلەن ساتىرىك ھېكايە ئىككىسى بىر گەپمۇ ياكى ئايرىممۇ؟ ئايرىم بولسا پەرقى نەدە؟

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azrat705 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 10:51 PM
ئىسىمدە قېلىشىچە نەزەر مۇفتىمغا خەت دېگەن ئەسەرمۇ فىل ...

«نەزەر مۇفتىغا خەت» بۇ ساتىرا، فېليەتون ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش