مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1786|ئىنكاس: 13

‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››نىڭ سىھرى كۈچى(مىخچى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96496
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 12:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››نىڭ سىھرى كۈچى


ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا،مىللى-مەدەنيەتكە،باشقا مىللەتلەرنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە مىللەت بولغاچقىمىكىن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى،سۆزى،مەدەنىيتى تارىخ بەتلىرىگە يىزىلىپ يىراق زامان،ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئەجداتلىرىمىزغا يىتىپ كىلىپ، بۇ ئىسىل ئەنئەنىمىزنى ھازىرغىچە ساقلاپ كىلىپ باشقا مىللەتلەرنى تاڭ قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتتۇق ۋە يارىتىۋاتىمىز...بولۇپمۇ بىزدىكى كۆرۈشۈش،سالاملىشىش ئۇسۇلىمىز-قائىدىمىز باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىگە سىڭىپ كىرىپ مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئۇيۇشقاق مەدەنيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەرمەكتە.
بىزدە-يولدىن ئۆتۈشۈش جەريانىدا ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ھەر قانداق بىر قەۋىمگە نىسپەتەن ئىككى قولىمىزنى ئوڭ كۆكسىمىزگە ئىلىپ ئىگىلىپ تۇرۇپ <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دەپ ئامانلىق سورايدىغان بىر ئادەت بار.ھەتتا بىر مەسچىتتە بىرگە ناماز ئوقۇپ چىققانلارمۇ مىسچىت ئالدىغا چىقىشى بىلەن <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دەپ تەكرار-تەكرار سورىشىپ ئەھۋاللىشىدۇ.<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دىمەك باشقىلارغا <<ئاللاھنىڭ سالامى سىزگە بولسۇن>> دىگەندىن ئىبارەت خاسىيەتلىك بىر سۆزدۈر.باشقىلار<<ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام>>(بىرگە بولسۇن) دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ باشقىلارغىمۇ بەخىت-ئامەت.ئىنساپ-ھىدايەت تىلىشىدۇ.بۇ سالام باشقىلارغا بىر خىل يىقىشلىق بىلىنىپ سالام قىلمايدىغان ياكى كىبىرى ئۈستۈن كىشىلەرنىمۇ خىجالەتتە قويىدۇ....ھازىر جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن باللىرىمىز <<قوش تىل>>سىنىپلىرىدا ئۇقۇپ بۇ خاسىيەتلىك سالامنىڭ ئورنىنى<<نىخاۋ>>ئىلىپ كۆڭۈللەرنى غەش قىلماقتا.مەن تۆۋەندە بىر مىسال كەلتۈرەي؛
1-بىر كىشى مەلۇم بىر ئىش ئورنىغا  ئىمتاھان بىرىپ يۈز-تۇرانە ئىمتاھانغا كىرمەكچى بوپتۇ.ئىمتاھان ئالىدىغان كامىسىيەلەر ساپلا خەنزۇ بولغاچقا نىمە دەپ كىرىشىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قاپتۇ.باشقىلار كىرىپ ئىمتاھان بىرىپتۇ.بۇ ئادەم ئۇزۇن يىل مىللى كادىرلار بىلەن ئىشلەپ خەنزۇچە سۆزلەشنى يا يىزىشنى بىلمەيدىكەن.بىشى بەكمۇ قىتىپتۇ.ئىمتاھان مەيدانىغا كىرمەي دەپ ئويلاپمۇ بىقىپتيۇ نەتىجىسى باشقىلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن بولغاچقا تەۋەككۇل قىلىپ كىرىپ باقماقچى بولۇپ نۆۋەت كۈتۈپتۇ دە ئىمتاھان مەيدانىغا <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دەپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام قىلىپ كىرىپتۇ.شۇ چاغدا ئىمتاھان ئالىدىغان11 نەپەر خەنزۇ يولداش بۇ سالامنى كۆرۈپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كىتىپتۇ....شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئۆزىنى ئۇيغۇرچە تونۇشتۇرۇپ ئاساسى قاتلامدا ئۇزۇن ئىشلىگەنلىكىنى،شۇڭا خەنزۇچىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى،خىجالەت بولۇپ كىرمەي قايتىپ كىتەيمۇ دەپ ئويلغانلىقىنى،نەتىجسىنىڭ ياخشى چىققانلىقى ئۈچۈن كىرىپ ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بايان قىپتۇ.ئىمتاھان مەيدانىنىڭ نازارەتچىسى ئاز-تولا ئۇيغۇرچە ئۇقىدىغان خەنزۇ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ سەمىيمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلىپ خىزمەتكە قوبۇل قىپتۇ.ئۇ سۆز<<بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،ئۈگەنمەسلىك ئەيىپ>>.....دىمەك ھىلىقى كىشى <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دىگەن سۆزنىڭ بۇنچىلىك خاسىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئاخىرىدا باشقا تىللارغىمۇ يۈرۈش قىلىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ يۈزىنى يورۇق قىپتۇ.
2- بىر ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا جۇڭگو-فىرانسىيە شىرىكچىلىكىدىكى بىر مەدەنيەت تارقىتىش شىركىتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە بىرىپتۇ دە ئىشىكتىن كىرىپلا<<نىخاۋ>>دىگەن سۆزنى باشلىغانچە باش دىرىكتۇر ئىشخانىسىگە كىرىپتۇ.باش دىرىكتۇر كىلىش مەخسىدىنى ئۇققاندىن كىيىن تەپسىلى ئەھۋالىنى تولدۇرىدىغان بىر تال جەدىۋەل بىرىپ تولدۇرۇپ بولغىچە بىشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ.تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن؛
-سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز ياخشىكەن،تاللىغان كەسپىڭىزدىن ئۇتۇق قازانغۇدەكسىز،لىكىن سىزنى شىركىتىمىز قوبۇل قىلمىدى.قايتىپ باشقا ئورۇندىن ئىش ئىزلەڭ...-دەپتۇ.ھەيران قالغان ھىلىقى ئوقۇغۇچى سەۋىبىنى سورىغان ئىكەن ھىلىقى باش دىرىكتۇر مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ.
-شىركىتىمىز مەدەنيەت تارقىتىش شىركىتى،سىزنىڭ قوش تىل ئۈگەنگەنلىكىڭىز بەك ياخشى ئىش،لىكىن تىلىڭىزنى يىزىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىز نۇمۇسلۇق ئىش...مەن ئالاھىدە فىرانسىيەدىن كىلىپ شىنجاڭدا شىركەت ئىچىشتىكى مەخسىدىم-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى،مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش..سىزنىڭ بىرىنجى قەدەمدە <<نىخاۋ>>دەپ ئىشخانىغا كىرىشىڭىز،ئىككىنجى قەدەمدە جەدىۋەلدىكى ئىسىم-فامىلىسى دىگەن يەرگە خەنزۇچە خەت بىلەن ئىسمىڭىزنى يىزىشىڭىز توغرا بولمىدى.ھەر قانداق بىر مىللەت قايسى ئورۇنغا بارمىسۇن چوقۇم ئۆز تىلىنى،يىزىقىنى قوللىنىش كىرەك.ئەگەر باشقىلار بۇ يىزىقنى تونۇمايدىغانلىقىنى،خەلقئارادا ئورتاق قولىنىدىغان يىزىق-تىل تەلەپ قىلغاندا ئاندىن باشقا تىللارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.دىمەك سىز<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>نىڭ ئورنىغا <<نىخاۋ>>نى ئىشلىتىپ تىلسىز-يىزىقسىز بىر مىللەتنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز...مەن ئاتايىتەن يىراقتىن كىلىشىممۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىزىقىنى تەتقىق قىلىپ مەدەنىيتىنى دۇنياغا تونۇتۇش...شۇڭا سىز قوبۇل قىلىنمىدىڭىز...-دەپ يولغا سىلىپ قويۇپتۇ.
دىمەك؛بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى-<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>نىڭ خاسىيىتى چوڭ.
دوستلار! چوقۇم كۆرۈشكەندە ياكى سالاملاشقاندا <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>نى توغرا ئىشلىتەيلى...ھەممەيلەنگە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!

مەنبە؛ئۆزۈم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-20 01:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 02:59:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ   ياخشى تىمىكەن

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 03:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 03:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام دوسلۇقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ .
سالامنى ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ .
سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ .
سالام كىشىلەرنى يامانلىقتىن سالامەت ساقلايدۇ .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 04:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 05:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم             سالاملىشىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىر ئادەم مۆمىن بولمىغۇچىلىك جەننەتكە كىرمەيدۇ. بىر- بىرىنى ياخشى كۆرمىگۈچىلىك مۆمىن بولمايدۇ، مەن سىلەرنى ئۇنى قىلساڭلار بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟ سىلەر ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار». – مۇسلىم:54

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15619
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6159 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 05:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋاتتەك گەپ قىپسىز،  ھەممىمىز ئەھمىيەت بىرەيلى

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44525
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15755 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 06:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمۇتۇللاھى ۋەبىركاتۇ ۋەل ھىدايەت ۋەل مەغىپىرەت

ھەقىقى مۇسۇلمان مەيلى تۇنۇشسۇن ياكى تونۇشمىسۇن ھەر بىر مۇسۇلمان قىرنىدىشىغا سالام قىلىدۇ ياكى سالام قىلغان بولسا ئىلىك ئالىدۇ .
ھازىر ئۇيغۇر جەمىيتىگە قارايدىغان بولساق ، بىرسى بىرسىدىن سالام تاما قىلدىغان ، تونۇش بولسا سالام قىلدىغان ، ئەمەلدار بولسا سالام قىلدىغان ، مەنپەت چىقىدىغان بولسا سالام قىلدىغان ، پۇلى بارغا سالام قىلدىغان ....... بوپ كىتىۋاتىدۇ .
ھەقىقى بىر مۆھمىن مۇسۇلمان ،مەيلى باي بولسۇن ، مەيلى گاداي بولسۇن ، مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ، مەيلى تونۇش بولسۇن مەيلى تونىمايدىغان بولسۇن ، بىر كۈندە نەچچە قىتىم ئۇچرىشىپ قالسۇن ، مەيلى تىلفۇن ، مەيلى كۆت - كۆت ، مەيلى چايخانا بولسۇن «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم » دەپ سالام قىلىشى ، سالامغا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام » دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشى يەنى سالامنى ئىلىك ئىلىشى ناھايتىمۇ ئىسىل پەزىلەتتۇر ! گۈزەل ئەخلاقتۇر !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 06:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم دىنداشلىرىم،مىللەتداشلىرىم،تەقدىرداشلىرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 06:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش