داۋامى:
ئاللاھ تائالانىڭ يۇقارقى مۇبارەك سۈزىدىن ئىقتىسادىي مۇئامىلاتتا ھۆججەتلىشىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەق-ھۇقۇقلارنى ئاسراشنىڭ ۋە ئىسىدە چىڭ ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس.ئەمدى يۇقۇرقى ئىككى ئايەتتىن چىققان مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى:
1.مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ قىلىشقان قەرز،نىسى مۇئامىلىلەرنى يېزىپ ھۆججەتلىشىش.
2.قەرز ھۆججىتى ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ قارايدىغان،ئىقتىسادىي مۇئامىلە ھەققىدىكى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ،ھۆججەت يېزىشنىڭ قائىدە-ئۇسۇللىرىنى پىششىق بىلىدىغان كاتىپ يىزىپ بىرىش.
3.ھۆججەتكە يازىدىغان سۆزنى كاتىپقا ئېيتىپ بىرىشنى قەرز ئالغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش،ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئۆزى ئېيتىپ بىرەلمىسە (يەنى تىلسىز بولسا)ياكى مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئانچە بىلمەيدىغان ساۋاتسىز بولسا ،ئۇ كىشىگە قارايدىغان يېقىنى بۇ كىشىگە ۋاكالىتەن ئېيتىپ بىرىش.
4.ھۆججەت يېزىپ بولغاندىن كىيىن توغرا نىيەتلىك ،راست سۆزلۈك،پاك-دىيانەتلىك كىشىدىن ئىككى ئەر كىشى،ئىككى ئەر كىشى تېپىلمىغاندا بىر ئەر ،ئىككى ئايالنى (جەمئىي ئۈچ كىشىنى)گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىش.گۇۋاھلىق ئىشىدا ئىككى ئايالنى بىر ئەرنىڭ ئورنىدا قۇيۇشتىن مەقسەت،ئايال كىشى ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرىغا ئارلاشمىغانلىقى،كۆنمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ.بىر ئەر كىشىگە قۇشۇپ ئىككى ئايال كىشىنى گۇۋاھچى قىلغاندا ئاياللارنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ.
5.قۇرئان كەرىم ئاز سوممۇلۇق قىسقا مۇددەتلىك قەرز مۇئامىلىلىرىدە ھۆججەتلەشمەسلىككە رۇخسەت قىلدى.بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچىلىك،كىشىنىڭ ھەققىدىن قاچىدىغان بۇلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلدى.بۇنداق قەرز مۇئامىلىسىدە ھۆججەتلەشمەسلىك قەرزنى تېز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
6.قۇرئان كەرىم ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئاسراشتا يەنە بىر تۈرلۈك ئۇسۇلنى كۆرسەتتى.ئۇ بولسىمۇ گۆرۆ قۇيۇش ئۇسۇلىدۇر.يەنى مۇئامىلە قىلىشقۇچى ئىككى تەرەپ سەپەر ئۈستىدە بۇلۇپ،خەت يازىدىغان كاتىپ ياكى قەلەم-قەغەز ۋە ياكى گۇۋاھچى تاپالمىسا،قەرزنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك نەرسىنى قەرز بەرگۈچىگە گۆرۆ قۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغۇچىدا ھەققى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاپ ئۈتۈش كېرەككى،ئاللاھ تائالانىڭ<<ئەگەر سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار>>دېگەن سۆزىدىن سەپەر ئۈستىدە بولمىغانلارنىڭ گۆرۆ قۇيۇش ئارقىلىق قەرز مۇئامىلىسى قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى چىقمايدۇ.چۈنكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنىدە بىر يەھۇدىغا ئۆزىنىڭ تۆمۈر ساۋۇتىنى گۆرۆ قۇيۇپ تۇرۇپ 30 سا ئارپا قەرز ئالغان(بۇخارى،مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
7.قۇرئان كەرىم مۇئامىلاتلارغا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە چاقىرىلغان ۋاقتىدا گۈۋاھلىقتىن ئۆتۈشتىن باش تارتىشىنى ھەمدە گۈۋاھلىقنى يۇشۇرىشىنى ھارام قىلدى.كىمكى شۇنداق قىلسا قەلبى گۇناھكار،ئۆزى جىنايەتچى بولىدۇ.چۈنكى،گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشتىن باش تارتسا ياكى گۇۋاھلىقنى يۇشۇرسا ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققى كۈيۈپ كېتىدۇ.قىلىشقان مۇئامىلە ۋاقتىدا ساقىيىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە،ھەق تەلەپ داۋاسى جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىي مۇئامىلاتلاردا ھۆججەتلىشىشنىڭ رۇلىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار!قەرز مۇئامىلىلىرىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاقىدار بەلگىللىمىلىرىگە تۇلۇق ئەمەل قىلىپ،قەرز ئالساق ھۆججەت يېزىپ بېرىشتىن ئىرىنمەيلى.قەرز بەرسەك ھۆججەت تەلەپ قىلىشتىن تارتىنمايلى.چۈنكى قەرز بىرىپ تۇرغانلىق ياخشى ئىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<<كىمكى قېرىندىشىنى دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىدىكەن،ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىدۇ>>(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).شۇنىڭ ئۈچۈن قەرز بەرگۈچىلەر بىرىنچىدىن،ياخشى نىيەت بىلەن قەرز بىرىشى،مۇسۇلمانلار ئۆزئارا يار-يۆلەكتەبۇلۇش ئارقىلىق ئاللاھنى خوشال قىلىشى لازىم.ئىككىنچىدىن،قەرز بىرىپ ھۆججەت تەلەپ قىلىش ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كۈيۈنگەنلىك.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە مۇنداق بىر ئىش بۇلۇپ ئۆتكەن:بىر ھېيىت كۈنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دوستلىرىنىڭ يېنىغا ئوينىغىلى چىقىپتۇ.بۇنى كۆرگەن دوستلىرى:<<ھەي ئابدۇللا،سەن دىگەن خەلىپىنىڭ ئوغلى تۇرساڭ،مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردىمۇ ئادەتتىكى كىيىمنى كىيىۋاپسەن.داداڭ ساڭا ھېيىتلىق چىرايلىقراقمۇ كىيىم تىككۈزۈپ بەرمەپتۇ>>دەپ مەسخىرە قىلىشىپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ئابدۇللا سەل خىجىل بولغاندەك بۇلۇپ دادىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:<<دادا ،ئۆزلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى تۇرۇقلۇق ماڭا چىرايلىقراقمۇ كىيىم تىككۈزۈپ بەرمەيلا،دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىشتى>>دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلىغا:<<ئۇنداق بولسا ھازىر ساڭا كىيىم ئېلىپ بەرگۈدەك پۇل يوق.مەن ساڭا خەت يىزىپ بىرەي،خەتنى ئېلىپ خەزىنىچىنىڭ قېشىغا بارغىن ،خەزىنىچى مېنىڭ كېلەر ئايلىق مائاشىمنى ئالدىن قەرز ھىسابىدا بەرسۇن.ئاندىن ساڭا يېڭى كىيىم ئېلىپ بىرەي>>دەپتۇ.ئابدۇللا دادىسى يىزىپ بەرگەن خەتنى ئېلىپ كىلىپ خەزىنىچىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپتۇ.خەزىنىچى خەتنى بىر قۇر ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن:<<ئۇنداق بولسا داداڭغابېرىپ ئېيت.داداڭ كېلەر ئايغىچە ئۆمۈر كۈرۈشكە كېپىللىك قىلالىسا ئاندىن مەن ساڭا قەرز بىرىشكە كېپىللىك قىلاي>>دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللادادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ خەزىنىچىنىڭ دىگەنلىرىنى ئېيتقاندا،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلچە خاپا بولماستىن:<<خەزىنىچىنىڭ سۆزى توغرا بالام ،مەن ھەرگىز كېلەر ئايغىچە ھايات ياشايمەن دىيەلمەيمەن>>دەپتۇ(<<ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمھالى>>دىن)
دەرۋەقە شۇنداق،خاندىن تارتىپ گادايغىچە ھېچكىم ئۆز جېنىغا ئۆزى كېپىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىدى:<<ئاللاھ ھىچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كىچىكتۈرمەيدۇ،ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تۇلۇق خەۋەرداردۇر>>(سۈرە <<مۇناپىقۇن>>63-سۈرە،11-ئايەت)
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلارغا قايتا-قايتا تەۋسىيە قىلىمىزكى،ھەرقانداق ئىقتىسادىي مۇئامىلە،قەرز،نىسى ئېلىم-بىرىم ئىشلىرىدا قەتئىي ئىرىنمەستىن ۋە خىجىل بولماستىن ھۆججەتلىشىپ،كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىم تەلىپى،جەمىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار،جانابىي ئاللاھنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئوبدان ئويلاپ ،ئىنسان مىزانىنى ئادالەت قۇلىمىزدا تۇتۇپ،ھەقىقەت تېشى بىلەن ئۆلچەپ كۈرىدىغان بولساق،ئاللاھ تائالانىڭ ھەربىر سۈزىنىڭ ھىكمەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈب بىز مۇسۇلمانلار قەرزنى دىيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرۇش،ۋەدىگە ۋاپا قىلىش،ھۆددە -توختام،مەسئۇلىيەتنامىلەرگە ئەمەل قىلىش،ئامانەتنى ياخشى ساقلاشتىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارغا خاس سۈپىتىمىز ۋە ئەخلاقىمىزدىن ھەرگىز ئېغىشمايلى.قۇرئان كەرىمنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھنى مىزان قىلىپ،تەقۋالىق،ئادىللىق،ھەققانىيەت يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ ،ئىككىلا ئالەمدە بەخت-سائادەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولايلى،ئامىن!
تۈگىدى.
مەنبە:<<ھىدايەت گۈلزارى>> 3-قىسىم
ماقالە يوللىغۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسىمىز:
http://uyhqt.com/