مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2495|ئىنكاس: 24

باللىلىقتىن باشلانغان مۇھاببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 715
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

psb.jpg

     


باللىلىقتىن باشلانغان مۇھاببەت

    (ھېكايە)  

       ئىنسان ھاياتى ئاجايىپ ئەگرى -توقايلىقلارغا تولغان بولىدىكەن ،ھەر قېتىم ئۆتمۈشىمنى ئويلىغىنىمدا ،قىسقىغىنا ھايات ئالبۇمىىدىن گاھ قايغۇلۇق مىنۇتلارئىچىدىكى ئۈمىدىسىزلەنگەن بىر قەلىپ،گاھ شۇنچىلىىك پاك ،تەبئىي بىر تەبەسسۇمنىڭ ئىزناسى ۋاراقلىنىپ ئۆتىدۇ،مەن بۇنىڭدىن بەختنىڭ ھەققىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولىمەن. ئۆتكۈزگەن  ئاشۇ كۈنلىرىم خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېنىق يادىمدا، ھەي ئاشۇ باللىلىق، سەبىي چاغلىرىم !   ئېغىر ئۇھسىنىمەن، قايغۇرىمەن.

       تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تۇنجى يىللىرىم ئىدى ،شۇ يىلى گەرچە ئانامنىڭ داس سۆڭكى سۇنۇپ كېتىشى بىلەن بالنىستا يېتىپ قىلىشى بىلەن مەن ئائلەمدىكلەرگە ياردەملىشىمەن  دەپ رۇخسەت سوراپ نۇقتلىق سىنىپقا تاللاش ئىنتھانىغا قاتنشالمىغان بولساممۇ ،نەتىجەم  ياخشى ئىدى، كۈنلىرىم پۈتۈن زېھنىم بىلەن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ،ئاتا -ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپا -مۇشەققەتلەرگە يارىشا ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇلارنى رازى قىلىش ئىدى، شۇڭا تۇرمۇشتكى ئۇششاق ئىشلار مىنىڭ ئانچە دىقىتىمنى تارتالمىغان ئىدى. پۈتۈن  خىيالىم پەقەتلا سىنىپتكى بىرىنچى ئورنۇمنى تارتقۇزۇپ قويماسلىقلا ئىدى. پەقەت دەرستىن سىرتقى ۋاقتلىرىمدا كۈزۈم كۆرگەنلا كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتمەيدىغان مىجەزىم بولغاچقا ، ياش -ئۆسمۈرلار بولسۇن ياكى چوڭلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كىتاپلار بولسۇن ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگتەتتىم، شۇ سەۋەپتىن كىچىك تۇرۇپلا كىتاپتىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىش -ھەركىتى ،سۆزلىرى ،ھېسياتى مېنى خىيال دۇنياسىغا ئاستا-ئاستا ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى. شۇ سەۋەپتىن مەن قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسيات تەرەپتە  ئۆزەم بىلەن تەڭ ياشتىكلەردىن بىر قەدەم تېز يېتلىدىم.  شۇ يىلى ئالدىنقى يېرىم مەۋسۇملۇق ئىنتھانىدا مەكتەپ بويچە  خەنزۇ تىلى يەككە پەن بويچە  بىردىنبىر لايەقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىم،  ھەم مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىمنىڭ قىزغىن ماختىشىغا سازەۋەر بولدۇم.

        كۈنلەر بىر- بىرنى قوغلاپ ئۆتۈپ ،مانا مەن 14 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالدىم،  شۇ بىر قېتىملىق  پائاليەت مىنى ئاجايىپ ئاچچىق ھېس -تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈرىدۇ. بۇ بىر قېتىملىق ئىتتپاق ئەزالىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئىدى، مەن سىنىپىمىزدىكى ئىككى قىز ئوقۇغۇچى بىلەن بىرگە سىنىپىمىز كولكىتىپىغا ۋاكالتەن بۇ  پائالىيەتكە قاتناشتىم . مەكتىپىمىزنىڭ 500كىشلىك يىغىن زالىدا ،  نۇمۇر كۆرسىتىش سەھنىسىنى پائاليەتكە قاتناشقان ماھىرلار چۆرەىدەپ ئولتۇرۇشقان ئىدى ،ماھىرلارنىڭ ئارقا تەرپىدە شۇ ماھىرلارنىڭ سىنىپ كولكىتىپى  رەتلىك ئورۇنلاشقان ئىدى. پائاليەت رەسمىي باشلىنىپ ،ماھىرلارنىڭ جىددىيلىق كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئەدەبىي- سەنئەت نۇمۇرلىرى ئورۇندالدى .بىر نەچچە نۇمۇر ئورۇندالغاندىن كېيىن ،رىياسەتچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى بىلەن بىر قىز سەھنىگە چىقىپ كۆپچلىككە سالام بەرگەندىن كېيىن  ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى،  كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،ئۇ خۇددىي تەربىيلەنگەن كەسپىي ئۇسۇلچلاردەك ياڭراتقۇدىن چىقۋاتقان ناخشىغا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشكەن ئىدى. شۇ قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، ئۇنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان ئوتلۇق  كۆزلىرى،  كۈلكە تۆكۆلۈپ تۇردىغان چىرايى ، كىيۋالغان ئاپئاق ئۇسۇل كۆينكى بىلەن  چەبدەس ھەركىتى قۇشۇلۇپ مىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە رام قىلۋالدى.  شۇ پەيتتە مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزەمنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدىم، ھەتتا مەن يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم رەيھانگۈل  جەينىكىمگە يېنىك نۇقىغىچە بولغان جەرياندا  ھېچنىمنى سەزمىگەن ئىدىم. چۈچۈپ ئەسلىمگە كەلدىم ،قارسىام ،رەسمىي مۇسابىقە باشلىنىپ بىزگە يېقنلاپ قالغان ئىدى. مەن  تەييارلىقنى شۇنچە پۇختا قىلغان بولساممۇ ، سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش نۆۋىتىنىڭ ماڭا يېقنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ جىددىيلىششكە باشلىدىم، ئۆگەنگەنلىرىمنى  ئەسلەشكە ئۇرۇنساممۇ كاللام قوپقۇرۇق، ھېچنىمنى ئېسىمگە ئالالمايۋاتاتتىم. قېرىشقاندەك مەندىن سوئال سورالدى، كېكەچلىگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم ،  ھەممە ماڭا تىكىلگەن شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز كۆزۈم  بىر جۈپ كۆزگە تىكىلىدى.  بۇ دەل ھېلىلا ئۇسۇل ئويناپ  مىنى ئۆزىگە رام قىلۋالغان قىز ئىدى،  ئۇ  مەن بىلەن بىر قاتاردا نۇقتلىق سىنىپنىڭ ماھىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. جىدىيلەشكىنىمدىن يۈزلىرىم ئوت بولۇپ ياندى. منىڭ سەۋەبىمدىن سىنىپ كولكىتىپىمىز شۇ قېتملىق پائاليەتتە نەتىجىگە ئېرشەلمدى.

      نەچچە كۈنگچە ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا خىجىل بولۇپ گەپ قىلشقىمۇ جۈرئەت قىللالمىدىم . شۇنىڭدىن كېيىن  شۇ قىزنىڭ سىماسىي كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى كۈرۈشكە تەقەززا بولاتتىم. ئۆزەممۇ ھېس قىللالمايدىغان بىر ئوت  قەلبىمنى كۆيدۈرەتتى. لىكىن ئۇ شۇنىدىن كېينلا ماڭا ھېچبىر ئۇچىرىمايتتى، كۈن ۋە ئايلارنىڭ ئىز قوغلاپ ئۆتۈشگە ئەگشىپ مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئىككىنچى باھارىنى كۈتۋالىدىم، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلنىپلا مەن مەكتەپ تەرىپىدىن  نۇقتىلىق سىنىپقا تاللىنىپ كىردىم. مىنى  ئەجەبلەندۈردىغىنى ،نەچچە ئايلاردىن بۇيان مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان  ئۇ قىز بۇ سىنىپنىڭ ئۆگنىش ھەيئىتى ئىدى. بۇ سىنىپقا يېڭدىن كىرىپلا يېڭى ساۋاقداشلىرىم ماڭا تولمۇ يېقىنچلىق قىلاتتى، شۇ سەۋەپتىن مەن بۇ يېڭى مۇھتقا تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتىم.  شۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى قىش پەسللىرىنى ئويلىسام ،شېرىن خىياللار دۇنياسىغا شۇڭغۇپ كىرىمەن، ئاپئاق قارغا ئورالغان دالا ، كەپسىزللىك قىلىشىپ بىر -بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقان شۇ سۈيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم،  تۇيۇقسىز بېشمغا «پاققىدە» قىلىپ بىر نەرسە تەگگەندەك قىلدى، بۇرۇلۇپ ئارقامغا قارىدىم-يۇ ،ئۇنىڭ جاراڭلاپ تۇرغان كۈلكە ئاۋازىغا داخىل بولدۇم، ئۇ مىنى كۆرۈپ قاچتى ، مەنمۇ يەردىن ئاپئاق قارنى ئالدىم -دە ،ئۇنى قوغلىدىم ،يىتشۋېلىشقا ئازلا قالغاندا ،ئۇ بىر نەرسىگە پۇتىلشپلا ،يەرگە تاينىپ قالدى،«ۋايجان» دىگەن ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ چىرايى جىددى تۈسكە كىردى. قوللىرىمدىكى قارلارنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ،قارسىام ئۇنىڭ بىلىكى قىزىرىپ ئاستا -ئاستا ئىششماقتا ئىدى. مەن ئەنسىرەپ ،ساۋاقداشلىرىمغا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى مۇئەللىمگە ئېيتىپ قۇيۇشنى تاپلاپ ،ئۇنى يېزىمىزدىكى شىپاخانىغا ئېلىپ باردىم، دوختۇر ئۇنىڭ قولنى كۆرۈپ ، جەينەك بۇغۇمنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا  ،قىلغان ئىشىمدىن بەكمۇ خىجىل بولدۇم ، دوختۇر ئۇنىڭ بىلىكىنى گىپىسلاپ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشىنى تاپلاپ تۇرۇشغا ،ئارقىدىنلا سىنىپ مەسئۇلىمىز يېتىپ كەلدى، ئۇنى كۆرۈپ تېخمۇ قورقتۇم ،ئۇ باشقلارنىڭ ئالدىدا بىزگە گەپ قىلالمىغان بىلەن ،سىرتقا چىققاندا ،ئىككىمىزنى تەنقىد قىلدىغانلىقىغا شەك -شۈبىھسىز ئىشنەتتىم. لىكىن سىرتقا چىقىشمىزغا، ئۇنىڭ دادسى ئۇچراپ قېلىپ ،ئۇنى يۇقىرى دەرجىلىك دوختۇرخاندا تەكشۈرتۈپ باقماقچى بولۇپ ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئەمما  مەن يولدا ماڭغىچە مۇئەللىمنىڭ تەنقىدى ئاستىدا بشمنى كۆتۈرەلمەيلا قالدىم. شۇ كۈنى كەچتە سوغوق ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن بىر كېچە قىزىتىمام ئۆرلەپ ،ياتاقداشلىرىمنى ئاۋارە قىلدىم، ئەتسى ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

       شۇ ۋاقتلاردىن باشلاپ ،ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتىم كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى، دەرىس ئارلىقلىرىدا ،ئۇنڭغا تۇرۇپ -تۇرۇپ قاراپ قالاتتىم،   پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان شۇ بىر جۈپ ئوتلۇق نۇرانە كۆزلەرگە قارىغىنىمدا ،ئۆز-ئۆزەمگە «ئۇ قاچانمۇ مىنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى چۈشنەر »دەپ ئۇھسىنىپ قوياتتىم.  ئۇ مىنى يېقىن دوستۇم دەپلا قارايتتى،  لىكىن مەنچۇ؟ مەنمۇ شۇنداق ئويليالىسامچۇ كاشكى!

       كېيىن مەن سەبىيللىك ھېسياتىنىڭ تۈرىتكىسىدە ،قەلبىمنى ئىپادىلەپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم ،تولمۇ ئەپسۇس ،مېنىڭ بۇ خېتىم ئۇنىڭ رەت قىلنىشغا ئۇچىرىغاندىن سىرىت ،ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسۋەتنىڭ بۇزۇلىشغا سەۋەپ بولدى .شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئازاپلار قوينىمغا ئاستا-ئاستا شۇڭغۇپ كىردىم، مەندە ئەمدى ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۈتۈشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى، چۈنكى مېنىڭ پەقەتلا ۋاز كەچكۈم يوق ئىدى.

       تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەيرانمەن، شۇ كۈنلەردە سىنىڭ مەسئۇلىمىز سىنىپتىكى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۆگنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،سىنىپتىكى نەتىجىسى ياخشى بىر نەچچىمىزنى رىقابەتكە سالدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولۇپ قالدىم. سەبئىيللىك مىنى نۇرغۇن ئشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. دەرىس ۋە مۇزاكىرە ۋاقتلىرىدا ئۇشششاق قەغەز پارچلىرىغا يۈرۈكىمدە يېلىنجاۋاتقان ئىلىتجالىرىمنى يېزىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قوياتتىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بىۋاستە ئېغىزچە قەلبىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. مەن  بىر نەچچە ئايلارغىچە  بۇ ھەركىتىمنى توختاتمىغاچقا ،مەندىن بىزار بولۇپ ئالدىمدىكى جوزىدىكى قىز بىلەن ئالمىشىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ماڭا بولغان نەپىرىتىنى ئىپادىلەشكە كىرىشتى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش  ھوقۇقىدىن  پايدىلىنىپ ،بىر نەچچە قېتملىق سىنىپ يىغىنلىرىدا قەستەن يالغاندىن مۇئەللىمگە مىنى چېقىپ مۇئەللىم ئالدىدا يۈزۈمنى يەرگە قاراتقان ئىدى، لىكىن مەندە بۇنى  مۇئەللىمگە چۈشەندۈرگىدەك جۈرئەت يوقتە!

         شۇنداق ئازاپلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولساممۇ ،مەن يەنىلا،شۇ يىللقى ئىچكىرى توللۇق ئوتتۇرا ئىنتھانغا تىزىملاتتىم. مەن بۇ قېتملىق ئىنتھاندىممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش نۇمۇرغا ئېرىشىپ ،ئازراقلا نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۆتەلمىدىم.
        ھايات ھەقىقەتەن سىرلىق بولدىكەن، ھەر ئىككىلىمىز ۋىلايەت بويچە داڭلىق ھېساپلىندىغان ئىككى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇدۇق . مەكتىپىمىزنىڭ ئارلىقى ئىككى چاقىرىم كېلەتتى . ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتپ كەتكەن بۇ قەلبىم تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ تەنھا مۇھەببەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدىن ئازراق بولسمۇ يىراقلاشقان ئىدى، چۈنكى مەن ئۇنى ئىلگىرىكدەك كۆرۈپ تۇرمايتىم، ئۆگىنىشنىڭ ئالدىراشلىقىدا بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشدىغان پۇرسەتمۇ چىقىرالمىدىم. بۇ يېڭى مۇھىت مېنى ئاستا - ئاستا ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلشقا ئۈندەۋاتاتتى، كېيىن ئۈزۈم ئويلاپ يەتسەم تۇرمۇشتا بۇ خىل مۇھەببەتىنمۇ مۇھىم ئىشلار كۆپ ئىكەن.
        توپتوغرا ئۈچ ئاي بولغاندا ، ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ئۇنىڭ بىلەن تاسادىىبي ئۇچىرىشىپ قالدىم، قىسقىچە ئەھۋال سوراشقاندىن كيىن خېلى بىر ھازاغىچە بىر - بىرىمىزگە گەپمۇ قىلشمىدۇق، چۈنكى بۇ تاساددىبىيلىق بىزگە ئىلگرىكى ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويغان ئىدى ،تۇيۇقسىز ئۇ ئېغىز ئېچىپ قالدى:
   -ئىلگىرىكى ئىشلار ئۈچۈن مەندىن نەپرەتلىنەمسىز؟
بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي سەل تەمتىرەپ قالدىم، ئەمما ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قۇيۇشنى لايىق كۆرمىدىم، شۇڭا:
   -ياق، ھازىر ئۇ ئىشلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتتىم.
   -خالسىڭىز بىز تۇنجى قېتىم تۇنۇشقاندەك ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ ئۆتسەك، بولامدۇ؟
ئۇنىڭدىن بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغنىمدىن سەل ھەيران بۇلۇپ، بېشمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا نەزەر سالدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئۇچقۇننى سېزىپ تۇراتتىم، ئۇنى خىجىل قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن جاۋاپ بەردىم:
   - ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن ئىككىمىزنىڭ ياخشى دوستلاردىن بۇلالايدىغانلىقغا ئىشىنىمەن.

   -رەھمەت سىزگە  .  
   -سىزگمۇ رەھمەت .  
يولدا ماڭغىچىە تۈرلۈك تېمدا پاراڭلاشتۇق، ئەمما ھەر ئىككىمىزنىڭ قەلبىمزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىردىكى يۈرەك سىرلىرنى ئېيتالمايۋاتقانلىقىمىز ھەر ئىككىمىزگە ئايان ئىدى، چۈنكى ئاشۇ ئۆتمۈش بىزنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان ئىدى. شۇ قېتملىق ئۇچىرىششتىن كېيىن ئۇ يەنە قەلىپ ئاسمىنىمدا پات - پات پەيدا بۇلۇپ قالدىغان بولدى، ئېڭكىمنى قۇلۇم بىلەن تىرەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزدىغان كۈنلىرىمنى خىيال قىلىپ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قوياتتىم، گاھدا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن خوشال كۈنلىرىمنى ئويلاپ مىيىققدە كۈلۈپ سالاتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغانلىقىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
بۇ ھايات ماڭا ئەنە شۇنداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى، يەنە قانداق كۈنلەرنى ئاتا قىلدۇ بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ خالاس. نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كەلدى، ئۆز قۇلۇم بىلەن ئاددى ئەمما ئەھمىيەتلىك سوۋغىدىن بىرنى تەييارلاپ ھەدىيە قىلدىم. چۈنكى بىر ماتېرىيالدىن <<تۇغۇلغان كۈن قىز - ئوغۇللارنىڭ ئۆز ھېسياتنى ئىپادىلەشتىكى ياخشى بىر كۈن>> دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بىز يېڭى تۇنۇشقان چاغدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۇنىڭدىن بىۋاستە سوراشتىن خىجىل بۇلۇپ ئۇنىڭ بىر دوستىدىن سوراپ بىلۋالغان ئىدىم. ئۇ بۇ سوۋغامنى كۈرۈپ ئاددىيىلا رەھمتنى بىلدۈردى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بۇنداق قىلشمنى پەقەت ئويلاپ باقمغان ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز خۇشاللىق بېغشلاشنى ئۈمىد قىلاتتىم.
        ئاي ئاينى، كۈن كۈننى قوغلاپ مانا بىزمۇ 18 نىڭ قارسنى ئېلىپ قالدۇق، ھەر نىمە دىگەن بىلەن بىز كىچىك بالا ئەمەستە، تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىز بىلەن خوشلىشىدىغانغا يەنە بىر يىللا ۋاقىت قالدى، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ھەر ئىككىمىز كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدۇق، مەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېغىر - بېسىق، سالماق مىجەز خاراكتېرنى يېتلدۈرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شوخ، خۇشخۇي مىجەزى تۈپتىن ئۆزگىرىپ مىسكىن، باشقلارغا ئارلىششنى ياقتۇرمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى، ئەلۋەتتە مەن بۇنى ئازراق بولسمۇ چۈشنەتتىم. (ئىلگىرىكى ساۋاقداشلار ئىچىدە پەقەت ئۇ يالغۇز بىر مەكتەپتە ئىدى) شۇڭا كۈچمنىڭ يېتشچە ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ئىلھام، ئۈمىد - تىلەكلىرىم بىلەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردۇم، ئۇنىڭغا يالغۇزلقنى بىلندۈرمىدىم، چۈنكى مېنىڭ بىر ئارزيۇم بولسا ھەقىقىي، پاك سەممىي مېھىر - مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنى خۇشال قىلىش، بەخىت قاينىمىغا ئۇنى بىرگە ئېلىپ كىرىش ئىدى، تاكى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم ئاخىرلاشقىچە ئۇنىڭغا مۇھەببەت توغىرسىدا سۆز ئاچمىدىم، مەن پەقەت ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتمنى قەلبىمدە ساقلاپ كەلدىم.
ۋاقتنىڭ شۇ تەرىقدە ئۆتشى بىلەن بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمىزمۇ يېقنلىشىپ قالدى، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئاي ۋاقىت قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ. بىر - بىرىمىزگە نۇرغۇنلغان تىلەكلەرنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتۇق. شۇ قېتىم ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان <<پەقەت تىرىشىپ ئېرشكەن نەتىجنىڭ مېۋسى قەدىرلىك ھەم لەززەتللىك بۇلىدۇ>> دىگىنى يادىمدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئىككىمىزنىىڭ ئارزۇسى ئوخشاشلا بىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە تېرىشىپ ئوقۇپ مۇنەۋۋەر بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىدى، لىكىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىزنى يەنە بىر ئېغىر سىناق بىلەن سىنماقچى بولدى، چۈنكى مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېرشكەن نۇمۇرۇم ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپنىڭ نۇمۇر چېكىگە يەتمەي شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتتغا قۇبۇل قىلندىم، ئۇنىڭغىمۇ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستوتىتىدىن قۇبۇل قىلنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلدى، گەرچە بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولساقمۇ ، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىقنى بىلىپ ئىچ - ئىچمدىن ھاياجانلاندىم. چۈنكى نەچچە يىللىق جاپالىق تېرشچانلىقمنىڭ نەتىجسىدە ، ئاتا - ئانام، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدنى ئاقلايدىغان بىر پۇرسەتكە ئېرشكەن ئىدىم.
مەن ئالىي مەكتەپكە يولغا چىقىدىغانغا بىر ھەپتە قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرشىدىغان پۇرسەتكە ئېرشتىم، نەچچە يىللاردىن ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىپ كېلىۋاتقان بىر خاتىرە بار ئىدى، بۇنڭغا پەقەت ئۇنىڭغا بولغان سېغنىش ھېسياتىم، ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم ۋە بەزىدە تارتقان ئازاپلىق مىنۇتلىرىمنى خاتىرلەپ كەلگەن ئىدىم، مەن خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلدىغانلىقنى خىيالىي ھېس قىلاتتىم، مانا مۇشۇ تاپتا بۇ خىيالىم رېئاللىققا ئايلانغان ئىدى. قىزىقىش ئىلكىدە ئۈزۈم يازغان خاتىرىنى كۆرمەكچى بۇلۇپ ئوتتۇردىكى بەتلىرىنى ۋاراقلىدىم، تۇيۇقسىز كۆزۈم قىزىقىارلىق بىر ۋەقەگە چۈشۈپ قالدى. <<بۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى يىللىق ھاياتمنىڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىرى ئىدى، ئاخشام كەچ ئۇنى ئويلاپ پەقەت ئۇخليالمىدىم، ئۇنى بەك سېغىنغان ئىدىم، ئۈزۈممۇ بىلمەي بېشمنى يوتقان بىلەن بۈركەپ ئۇنىڭغا بولغان سېغنىشمنى مونولوگ ئارقىلىق ئىپادىلەپ كېتپتمەن، بىر چاغدا ئاستمدىكى كارۋاتتا ياتىدىغان <ئابدۇسالام > ئىسمىلىك بالا مىنىڭ ئاۋازىمنى خىرە ئاڭلاپ قېلىپ ياتاقتىكى ھەممە باللارنى ئويغۇتۇپ بىرلىشىپ ساپما كەش بىلەن پۇت - قوللىرىمغا ئۇرۇپ <بۇ ئۆز - ئۆزگە سۆزلەيدىغان ساراڭنى پېرىخۇننىڭ ئورنىدا ساقايتىپ قويايلى> دىگەنلىرىنى كۈرۈپ ئۆز ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم>> بۇلارنى كۆرۈپ ئىختيارسىز كۈلۈپ سالدىم.
بىز كۈرۈشتۇق، شۇنچىلىك ئەركىن - ئازادە پاراڭلىشىپ ۋاقتنىڭ بۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتكننى سەزمەيلا قاپتمەن، بۇ ئۇچىرىشىشتا نۇرغۇن ئىشلارنى بىلدىم، ئۇنىڭغا سەممىيلىك بىلەن مۇھەببەت تەلپى قۇيۇپ قۇبۇل قىلشغا ئېرشتىم، بىر جۈپ كۆزلەر بىر نۇقتدا ئۇچراشتى، ئۇنى پۈتۈن مېھر - مۇھەببەتتىم بىلەن باغىرىمغا باستىم، ئارىمىزنى جىمجىتلىق قاپلىدى . ھەتتا يۈرەك سۇقۇشلىرىمىزمۇ ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىسام كۆزلىرىدىن ياش تامچلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى، ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتتىم.
بىز بەخىتللىك ئىدۇق، بۇ خۇشاللىق يېشى ئىدى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن چىمچىلاق بارمىقىمىزنى گىرەلەشتۈرۈپ ۋەدىلەشتۇق، ئۇ ئۆزنىڭ ۋە مىنىڭ ئورتاق بولغان ئارزۇ - بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بۇلۇشتىن ئىبارەت بىر ئىستەكنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مەنمۇ تېرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر دوختۇر بۇلۇش ئۈچۈن بەل قۇيۋەتمەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم، ھەم خاتىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشنى تاپلىدىم، بىز بىر - بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.

        بەش يىللىق چىن ھېسسىياتىم ماڭا <<مۇھەببەت>> دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغان ئىدى. مەن بۇ بەختلىك كۈنلىرىمنى چوقۇم قەدىرلەيمەن.


        بۇ دۇنيادا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتىن ئىبارەت قوش بەختكە ئېرىشكەن بىر يۈرەكنىڭ ھاياجانلانغاندىكى ھېسسىياتىنى مېنىڭچە پەقەتلا بۇ خىل بەختكە مۇيەسسەر بولغانلارلا ھېس قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ <<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن>> دېيىش ئارقىلىق مېنىمۇ بۇ خىل بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلگىنىگە 3 يىل بولغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئوتتۇرىمىزدىكى چىن، پاك مۇھەببەتنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان جاپا - مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنىلا ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاپ كېلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.
مەن ئوقۇغان بىر كىتاپتا مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: <<تۇنجى مۇھەببەت - ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ تۇراقلىق، ئەڭ پاك، ئەڭ غۇبارسىز بولغان چىن ھېسيات، ئۇنىڭ ئىنسان روھىي - دۇنياسىدا قالدۇرىدىىغان ئەسلىمىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ>>. ئويلاپ يەتسەم بۇ بىر جۈمىلە سۆز ئىچىگە بەكمۇ كۆپ مەنالار يۇشۇرۇنغان ئىكەن. ناگان - ناگاندا مەنمۇ ئاشۇ ئەڭ... لەرنى ھېس قىلىپ يېتەلەرمەنمۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن ۋە شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئوتتۇرىمىزدا ساداقەت ۋە شەرمي - ھايا داۋاملىشىدىكەن چۇقۇم ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن.
12-13ياش ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ ھەرخىل پائالىيەتلەردە بىرگە بولدۇق، بىر - بىرىمىزنى چۈشەندۇق، ئاشۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدىكى بىر سىنىپتا بىر مۇئەللىمنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىغان، بىر - بىرىمىزگە ياردەملىشىپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەن، مەسىلىلەرنى بىرگە تالىشىپ مۇھاكىمە قىلغان، دەرس ۋاقىتلىرىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك تېپىشماق، يۇمۇر - چاقچاقلار بىلەن قاقاقلاپ كۈلگەن ئاشۇ گۈزەل ئەسلىمىلىك چاغلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىمەن، خۇددى ئۇنىڭ ئوماق، سەبىي سېيماسى مەن بىلەن قىزغىن سىردىشىۋاتقاندەك سېزىمەن.
ئۇ كەتتى، ئەمما ئوتتۇرىمىزدىكى چىن ھېسسىيات يېنلا ساقلىنىپ قالدى. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بىر مەزگىللەرگىچە ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزۈمنى بەكمۇ يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلدىم، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممىگە كۆندۈم. سىنىپ مەسئۇلىمىز گەرچە خەنزۇ مىللىتىدىن بولسىمۇ، بىزگە خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش كۆيۈنەتتى، جىددىي ئۆگىنىش مۇھىتى مېنى ئاستا - ئاستا ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۈم، چۈشەندىم، بولۇپمۇ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىدىكى سان - ساناقسىز ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىلىم - ئىرپان يولىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە تىلى ماڭا بىر خىل قىزىقىش ۋە زوق ئاتا قىلاتتى. بەزىدە تېببىي خەنزۇ تىلى دەرسلىك كىتابىمدىكى مەزمۇنلارنى يادلاپ چارچىغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ مەن بىلەن خەيرلىشىش ئالدىدا ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر پارچە سۈرىتىگە قاراپ، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىمغا سۇ سېپەتتىم. توۋا، سېغىنىش ئاجايىپ بىر ئىش ئىكەن، ئۇنىڭ زىناقلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاشۇ تەبەسسۇمىغا قاراپمۇ، ئۇنى سېغىنىپ ئاچچىق ھەسرەتلىنەتتىم، لېكىن تېزلا بۇ خىل ھېسسىياتنى ئۆزۈمنى چېنىقتۇرىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ئىنتىلەتتىم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ كەسىپكە قەدەم تاشلىغاندىن باشلاپ چوقۇم ئۆزۈم رازى بولغۇدەك نەتىجە قازىنىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. ئەڭ ئاددىيسى مەن ئاشۇ مېھرىبان ئانامنىڭ شېكەر سىيىش كېسىلى (دىئابىت كېسىلى) نى ئويلاپ يېتەلەيتتىم، ئاتا - ئانام مېنى نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەردە ئوقۇتتى، مەن چوقۇم ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەل - جامائەت ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىشىم كېرەك ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈمنى يېنلا خىياللار قاينىمىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ باشقا پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولاتتىم.
       مانا كۈن ۋە ئايلارنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۈتۈشگە ئەگىشىپ مىنىڭ تەييارلىقتىكى بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلاشتى، جاپاكەش ئاتا - ئانام، مەندىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان ئاكام ۋە ئوماق سىڭلىم، دوستلىرىم، كەڭ يۇرۇتداشلىرىم، تاڭ سەھەردە توخۇلارنىڭ چىللىشى بىلەن ھەممە مەۋجۇدات ئويغىنىپ ھەرىكەتكە كەلگەن قىياپەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئاشۇ گۈزەل تەبىئەت مىنى كۈتمەكتە ئىدى. مەنمۇ ئۇلارنى بەكمۇ سېغىدىم. مەن يەنە بىر ئادەمنى سېغىندىم. ئۇ بولسمۇ مىنىڭ قەلىبداش ، سىرداش دوستۇم بولغان - ئۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىن ، ئازغىنە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن سىرىت ، ئاساسەن ئۆيدە تەتللىك تاپشۇرۇق ئىشلەيتتىم، كىتاپ ئوقۇيتتۇم. ئالاھەزەل ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىدىغان بۇلۇپ كېلىشتۇق. بىز يەنە يېزا بازىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى دەريا بويىدا ئۇچىراشتۇق. بۇ قەھىرىتان قىشتا ياغقان نېپىز قارغا ھېچقانداق بىر مەۋجۇداتنىڭ ئاياغ ئىزى بېسلىمغانىدى. بىز تۇنجى بۇلۇپ ئىككىمىزنىڭ ئاياغ ئىزىدىن ئەسلىمە قالدۇرغىنىمىزدىن تولمۇ خۇشال بولدۇق، قول تۇتۇشۇپ يىراق - يىراقلارنى ئايلاندۇق، تۇيۇقسىز ئۇنى تۇنجى قېتىم ياخشى كۆردىغانلىقمنى ھېس قىلغان قىش پەسلى يادىمغا كەلدى . توپتوغرا ئالتە يىل بولۇپتۇ . ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە! ئارقا تەرىپىمدىن كېلۋاتقان ئاياغ تىۋىشىدىن چۈچۈپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم - دە ، چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالدىم، ئۇنىڭ قولىدىكى ماڭا ئاتماقچى بولغان قارلار ئاستا - ئاستا ئېرىپ يەرگە چۈشتى . قارىسام ئۇنىڭ يۈزلىرى ، قول ئالقانلىرى سوغوقتىن قىپقىزىل ئالمىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ئىللىتىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، ئۇنىڭ كۆز چاناقىرىدىن ياش تامچىلىرى لىغىلداپ قالغان ئىدى . قولۇمنى ئاجىرىتىپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈشكە تەمشەلگىنىمدە، ئۇ يەنە قۇلۇمنى مەھكەم تۇتۇۋالدى. مەن ئەجەپلىنىپ سورىدۇم؛
  -نمىشقا يىغلايسىز؟  
  -بەلكىم ھاياجانلانغانلىقىمدىن بولسا كېرەك.

  -...

  -...

        ئىنسان ھاياتى تولىمۇ مۈشكۈل ۋە جاپا مۇشەققەتلىك ئىچىدە داۋاملىشىدىغان بىر ئۇزۇن جەريان ئىكەن، ھەر بىرىمىز گاھىدا كۈلگەندەك قىلغان بىلەن يەنە نۇرغۇن كۈنلىرىمىز ئەنە شۇ مۇرەككەپ تۇرمۇشنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن خالىي بولالمايدىكەنمىز، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇ خىل مۇھىتتىن خالىي بولالمىدىم، مەن ھازىرمۇ بەزىدە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلمەن. شۇنداق قىلىپ مەن بىر ئاي داۋاملاشقان تەتىللىك ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتىم، كۆڭلۈمدە خۇددى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولساممۇ، يەنىلا ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ بۇ خىل تۇيغۇدىن شۇڭغۇپ چىقىشقا ئىنتىلەتتىم، ۋاقتىم چىقسىلا ئۇنىڭغا تېلېفون بېرەتتىم، لېكىن شۇنچە قىلساممۇ، ماڭا نىسبەتەن ئارىمىزدىكى ئارىلىق تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلاتتى، ئۇ مەندىن بار - بارا ئۆزىنى قاچۇراتتى، تېلېفون قىلساممۇ جىمجىت مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتى، ئۇنىڭ ماڭا ۋە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان كۆز - قارىشىنى ئاڭلاشنى خالايتتىم، لېكىن ئۇ مىنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى چۈشىنەمدۇ - يوق بىلمەيتتىم.
          مېنىڭچە بىر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسى بىر مەزگىل داۋاملاشسا، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقاتتىم، ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىللىق مۇھەببىتىمنىڭ ئەجىر مېۋىسىنى كۆرەي دېگەندە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مېنى بەكمۇ نائۈمىددە قوياتتى، ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ھەپتىلىك ئارام ئېلىشقا قۇيۇۋېتىلدى، ئۇ پويىزدا ئۆيگە قايتىپ كەتتى، لېكىن بۇ يىراق ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، شۇنىڭغا مەكتەپتە باشقا دوستلىرىم بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم، بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ھەم كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتىم، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان <<ئەقىدە>> دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، قەلبىم بۆلەكچىلا خۇشال ئىدى. يەنە ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ بىلەن قىسقا، ئەمما ئەھمىيەتلىك پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاسراشنى تاپىلاپ خوشلاشتىم.
       تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭ مېنى بۇنداقمۇ تاشلاپ قۇيۇشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ئۇ ئادەتتە تېلېفون ئىشلەتمەيتتى، بىزنىڭ نەچچە كۈنلۈك ئارام ئېلىشىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇنىڭغا ئۇنىڭ ياتىقىغا تېلېفون بەردىم، لېكىن ئاڭلىغىنىم شۇ بولدىكى ناتونۇش بىر قىزنىڭ <<كەچۈرۈڭ، بىز ياتاق ئالماشقان ئىدۇق>>، مەن نېمە قىلارىمنى ھېچ بىلەلمىدىم، لېكىن ئەمدى ماڭا ئۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۈتمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى، لېكىن ئۇ شۇ خىلدا ئالتە ئاي جىمجىت كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى.
كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ يەنە شۇ مېھرى ئىسسىق قىشلىق تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن ئانا دىيارىم ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم، بەلكىم يۇرت، ۋەتەن مۇھەببىتى دېگەن شۇ بولسا كېرەك، پويىزدىن چۈشۈپلا ھەممە نەرسە كۆزۈمگە شۇنداق مېھىرلىك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاتا- ئانا، ئاكا - سىڭلىمغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى قەلبىمدىن پارتلاپ چىقىپ كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش دوملاپ چۈشتى، ئويلاپ باقسام مېنى تېخىمۇ سىغدۇرىدىغىنى يەنىلا ئاشۇ تاش يۈرەك ئىدى. گەرچە ئۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز غايىب بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم يەنىلا كۈچلۈك ئىدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈشنى ئۇزاقتىن بۇيان ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. لېكىن باشقا بىر دوستۇمدىن ئۇنىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆيگە كېلىپلا يەنە ئالدىراشلا قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.

       ھاياتىمنىڭ ھەر بىر مىنۇتلىرىدىكى ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ئەسلىسەم، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ئۇ ھەقىقەتەن مەن پەخىرلەنگۈدەك قىز ئىدى. دائىم ئۆزۈمنى ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرۇپ باقاتتىم، مەن راستىنىلا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، كۆڭلۈمدە بولسا بىز ئەينى يىللىرى دوستلۇقىمىزنى شۇنداق ئاددىي باشلىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭغا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق قەلبىمنى ئىپادىلىشىم ھەم ئۇنىڭغا ئۆزگىچە بولغان بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىشىم كېرەك ئىدى. نەچچە يىللىق ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىم مېنى دائىم ئۇنى كۈتۈش، كۆيۈنۈش ۋە قەدىرلەشكە ئۈندەيتتى. ئۇنىڭغا توپتوغرا بەش يىل ساپ، چىن ئەقىدەمنى ئىزھار قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم، مانا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز باشلانغىلىمۇ ئۈچ يىلدىن ئاشتى، لېكىن بىزنىڭ بىر - بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىز خۇددى يات ئادەملەرگە ئوخشاش بارا - بارا سۇسلىشىپ كېتىپ باراتتى. بىز ئادەتتە بىر يىلدا پەقەت بىر قېتىم ئۇچرىشالايتتۇق، بەخت دېگەن ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ئىكەن، بەزىدە ئۈزۈمنى شۇنداق يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلساممۇ، يەنىلا ئۆز - ئۆزۈمگە ‹‹ئۇ مىنىڭ يېنىمدا، ئۇ ماڭا ئەڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا ئۈمىد بېغىشلاۋاتىدۇ›› دەپ ئويلايتتىم.
       مەن ھەش - پەش دېگۈچە مانا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتىم،بۇ قىسقىنىغا ئوقۇش ھاياتىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يېتىپتىمەن، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، كۈچلۈك رىقابەت، ئىقتىسادىي ئالاقە مېنى تولىمۇ چۈچۈتتى. ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇ بولىدۇكى، مەن بىلەن بىر خىل تۇرمۇش ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولدى. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ نەزىرىمنى تارتتى، توساتتىن ئۇلارنى تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسقان ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، بىر - بىرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ناتونۇش كىشىلەر مانا ئەمدى ساۋاقداش، ياتاقداش بولۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتاتتۇق، يەنە بەزلىرى تېخى مۇھەببەت سەپىرىگىمۇ ئاتلانغان ئىدى، بەزلەرنىڭ سەمىمىيلىك ئاستىدا ئاستا - ئاستا يېتىلگەن قىزغىن مۇناسىۋىتىگە بەكمۇ ھەۋىسىم كېلەتتى، يەنە بەزىلەرنىڭ كىچىككىنە ھەۋەس ئۈچۈن مۇھەببەت دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈپ بىر - بىرنى ئالداپ يۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ھەيرانلىقتىن ئېغىزىمنى ئېچىپ قالىمەن.  مۇھەببەت ئەسلى بىر پاك ھېسسىيات ئىدىغۇ... بەزىدە مەنمۇ ئەنە شۇ قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنى ئۇچراتقىنىمدا، ئۆزۈم چىن دىلدىن ياخشى كۆرگەن ئاشۇ قىزنى خىيالىي كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن، ئاشۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئوماق چېھرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىمەن، تېپىرلايمەن.
          بالىلىقتىن باشلانغان مۇناسىۋىتىم مۇشۇ تاپتا مېنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇ ئۈچ يىلدا نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، ئۇنى نۇرغۇن قېتىم ئۈمىدسىزلەندۈردۈم، لېكىن ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان خۇشاللىقلىرىم مېنىلا ئەمەس ھەر ئىككىمىزنى گۈزەل بىر بەخت تۇيغۇسىغا ئېلىپ كىرگەن ئىدى. مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە قىلغان ئىكەنمەن چوقۇم ۋەدەمگە ئەمەل قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن چوقۇم ئاشۇ گىرەلەشكەن ئاشۇ بىر جۈپ بارماققا يۈز كېلىشىم كېرەك.
          بۇ يىل ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ مۇمكىن بولمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇنى تۇيۇقسىز بىر خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلايتتىم، شۇڭا بىر ھەپتە بۇرۇنلا ياتاقدىشىم نىجات بىلەن بىرگە دوختۇرخانىدىكى دەرسلىرىم تۈگكەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سوۋغات سېتىۋالغىلى چىقتۇق، ئەمما ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمىدىم، دەل شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز يېقىن دوستۇم گۈلبەھرەم ئۇچراپ قالدى، ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر ئىشنى باھانە قىلىپ سورۇۋالدىم، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بىر لاتا قورچاق، بىر دانە سىياھ قەلەم سېتىۋالدۇق، ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قېلىۋېتىشنى ئويلىغىنىمدا، ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم. ئۇ بۇنى كۆرسە چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. شۇ كۈنى كەچتە قونچاققا قاراپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم. ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىد، ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى شۇ قونچاققا سىڭدۈرۋەتتتىم. نەچچە كۈندىن كېيىن پوچتىخانىغا قاراپ چاپتىم، يېرىم يولغا كەلگەندە شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى، چاچلىرىمدىن، يۈز - كۆزلىرىمدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى پۈتۈن بەدىنىمنى چىلىق - چىلىق ھۆل قىلىۋەتتى. لېكىن قەلبىم بۆلەكچىلا خۇشال ئىدى، بەلكىم بەخت تۇيغۇسى شۇ بولسا كېرەك.
ئويلىغىنىمدەك ئۇ تۇغۇلغان كۈنى سەھەردىلا مىنىڭ سوۋغىتىمنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى. تېلېفۇندىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازىدىن ئۇنىڭ راستىنىلا خۇشال بولغانلىقىنى بىلدىم، ھەم ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم بەخت تىلدىم . شۇنىڭدىن باشلاپ ئوتتۇرىمىزدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچەيدى، مەنمۇ پۇرسەت چىقسىلا، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ تۇردۇم، گەرچە ئوتتۇرىمىزدىكى ئىككى مىڭ چاقىرىملىق مۇساپە بىزنى يىراق - يىراقلارغا ئايرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىمىزدىكى پاك، سەمىمىي مۇھەببەت، ئىشەنچ ئۆزنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن بىزنىڭ سۆيگۈ رىشتىمىزنى باغلاپ تۇراتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ixaniq14 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-18 09:40 PM  


تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 11:44:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،بىشىڭلار باش ئايىغىڭلار تاش بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 715
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 12:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،  ئەپسسسۇلىندىغىنى   بۇ مۇھاببەت بىر نەچچە ئاي ئالدىدا ئاخىرلاشتى.

تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 01:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىڭلار باش يۈركۈڭلار قوش، ئايغىڭلار تاش بولسۇن !
ئەممە كۆزۈڭلار ياش، يۈركۈڭلار تاش بولمىسۇن!

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 01:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...............................................

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 01:22:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ، سىلەرنى مۇرات-مەخسىتىڭلەرگە يەتكۈزگەي.....

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 715
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 02:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 01:53 PM
ھازىر  شۇ خالاجايلا  قاپتۇ مۇھاببەت باشلانمىغان ، كىرخ ...

سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ،    ھە شۇنداقمۇ ؟   ئەمسە سىزدىن باشلانسۇن شۇ خالا جايدىن باشلانغان مۇھاببەت...

تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 02:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  قۇرلىرىڭىزنى بەكمۇ  ياقتۇرۇپ  قالدىم...

‹تۇنجى مۇھەببەت - ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ تۇراقلىق، ئەڭ پاك، ئەڭ غۇبارسىز بولغان چىن ھېسيات، ئۇنىڭ ئىنسان روھىي - دۇنياسىدا قالدۇرىدىىغان ئەسلىمىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ...›
شۇنداق  بولسا  كېرەك...

‹بۇ قىسقىنىغا ئوقۇش ھاياتىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يېتىپتىمەن، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، كۈچلۈك رىقابەت، ئىقتىسادىي ئالاقە مېنى تولىمۇ چۈچۈتتى. ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇ بولىدۇكى، مەن بىلەن بىر خىل تۇرمۇش ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولدى. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ نەزىرىمنى تارتتى، توساتتىن ئۇلارنى تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسقان ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، بىر - بىرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ناتونۇش كىشىلەر مانا ئەمدى ساۋاقداش، ياتاقداش بولۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتاتتۇق، يەنە بەزلىرى تېخى مۇھەببەت سەپىرىگىمۇ ئاتلانغان ئىدى، بەزلەرنىڭ سەمىمىيلىك ئاستىدا ئاستا - ئاستا يېتىلگەن قىزغىن مۇناسىۋىتىگە بەكمۇ ھەۋىسىم كېلەتتى، يەنە بەزىلەرنىڭ كىچىككىنە ھەۋەس ئۈچۈن مۇھەببەت دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈپ بىر - بىرنى ئالداپ يۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ھەيرانلىقتىن ئېغىزىمنى ئېچىپ قالىمەن.›.....  مېنىڭ  ھازىرقى  ھېسىياتىممۇ  دەل  مۇشۇنداق!

شۇنداق  ياخشى  يېزىپسىز... سىلەرگە  بەكمۇ  ھەۋەس  قىلىپ  قالدىم.مۇشۇنداق  چىن، ھەقىقىي،
ساپ  ھەم  پاك  مۇھەببەتنى  تاپمەق  ھەقىقەتەنمۇ  بەسى-مۈشكۈل  بولۇپ  كەتتى  ھازىر.
ئوقۇۋېتىپ  .... كۆزلىرىمگە  ياش  كەپ  قالدى. مۇشۇنداق  ئۇزۇن  مۇھەببەتلىشىپ، مۇھەببىتىڭلارنىڭ  مېۋىسىنى  كۆرۈشكە  ئازلا  قالغاندا  ‹...ئەمدى  ئۇ  مۇھەببەت  ئاياغلاشتى...›
دېگىنىڭىز  نېمىسى؟؟؟

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 04:45:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ixaniq14 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 12:19 PM
رەھمەت سىزگە،  ئەپسسسۇلىندىغىنى   بۇ مۇھاببەت بىر نەچچ ...


كىنىڭ سەۋەبىدىن ؟،ئىشىنىڭكى مۇھەببىتىڭلار بۇزۇلماپتۇ،ئەمدى رەسمى باشلىنىپتۇ چۈنكى مۇھاببەتنىڭ ئۆزىلا ھاياتلىق ئەمەس ، ھاياتلىقنىڭ ئۆزىلا بىر مۇھاببەت،چۈنكى ھايات ئادەمنىڭ يۈرىكىلا سوقالايدۇ،مېنىڭمۇ شۇنداق چاغلىرىم بولغان ،ئەپسۇس ھايات ھەمىشە كىشىگە كۈلۈپ باقمايدىكەن،بىراق كېرەك يوق ھاياتلىقنى دەپ بولسىمۇ تىرىشىش كېرەك،تۇنجى مۇھاببەت ئۇنتۇلمايدۇ دەيدۇ ،ئۇ راست بىراق،ئۇ پەقەت ئۆچرەتنىڭ ئالدىدا بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇنتۇلمايدۇ،باشقا ئالاھىدە سەۋەپ بىلەن ئەمەس......بىراق قېرىندىشىم ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ،ئەگەر ئاچچىقىنى چىقىرىش توغرا كەلسە قارشى تەرەپتىن چىقارماڭ،چۈنكى ھەركىم ھەر قانداق شارائىتتا  ئاۋال ئۆزىدىن كۆرۈش كېرەك،شۇڭا ئاچچىقنى چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى:ئۆگىنىش ئۆگىنىش........يەنە ئۆگنىش......ئامەت تىلەيمەن،
يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjahan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 05:17 PM  


ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52572
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 04:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشىنىڭ بىلەن  بۇ ئەسەر ئاياقلاشتىما!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش