مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2635|ئىنكاس: 7

گىگانىتلار زەربىدە 1-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئۇزۇن بوپتۇ مىسرانىمغا يېڭى خەتلىك فىلىملەردىن يوللىمىغىلى، بۈگۈن سىلەرگە يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياپونىيە 26قىسىملىق كارتون فىلىمى ‹گىگانىتلار زەربىدە›نى ئالغاچ كەلدىم.

ئىسمى:

گىگانتلار زەربىدە

خەنزۇچە ئىسمى:

进击的巨人

چەتئەلچە ئىسمى:

attack on titan

دۆلىتى:

ياپونىيە

تىلى:

ياپونچە

تۈرى:

كارتون

فورماتى:

باشقا

ۋاقتى:

2013-04-06

يېزىقى:

ئۇيغۇرچە

رازمېرى:

1080× 1920

سىغىمى:

800MB~1G

ئۇزۇنلىقى:

24~26 مىنۇت

رېژىسسور:

ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)

باش روللاردا:

ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى

مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى

ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا

رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.



1- قىسىم «ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى سىزگە» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  845- يىلى، ئىنسانلار سېپىل ئىچىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچ تۇرمۇش قوينىدا بىغەم ياشاۋاتاتتى. بۇ كۈنى سېپىل سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەزەك قوشۇن قايتىپ كەلدى، ئەمما ئۇلار زور بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتقان ئىدى، كوچىلاردا كىشىلەر ئۇلارنى كەينىدىن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتاتتى... ئەمما ئېرېن يېگارنىڭ يەزەك قوشۇن ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىغا بولغان قارىشى باشقىچە ئىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى يەزەك قوشۇن جەڭچىلىرى ھەقىقى قەھرىمانلار ئىدى، ئەكسىچە قاتمۇ-قات سېپىللار ئىچىدىكى ھاياتنى قوتاندىكى مالنىڭ كۈنىگە ئوخشىتاتتى...
  شۇ كۈنى تۇرمۇش بۇرۇنقىغا ئوخشاش تىنچ داۋام ئەتمەكتە ئىدى، كوچا رەستىلەردە سودا-سېتىق قايناۋاتقان، بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان، ئەسكەرلەر سېپىل قوۋۇقىنى ساقلىغاچ ھاراق ئىچىۋاتقان... ئەمما ئۇلار ھوشيارلىقنى يوقاتقان ۋاقىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ئىدى...ئاتالغۇلار ئىزاھاتى:
   يەزەك قوشۇن: سېپىل سىرتىدا گىگانتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يەزەك- تۈركى تىللار دىۋانىدا قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى ئاۋانگارت ئەترەت دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.)
   تۇرغۇن قوشۇن: سېپىل ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم.
   يورتۇغ قوشۇن: پادىشاھنىڭ يېنىدا شاھنى قوغداش، پۇقرالارنى باشقۇرۇش، تەرتىپ يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يورتۇغ- تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقاننى قوغداپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرگەن ھەمراھلىرى دېيىلگەن.)
   باشقا ئاتالغۇ ۋە مەلۇماتلار فىلىم ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلغان، ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى مەزمۇنلار ئاشكارىلىنىپ ماڭىدۇ..






360 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yunpan.cn/QUjuq45giTFix
访问密码 0dfc
2- ۋە 3-قىسىملىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ


kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 02:11:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 03:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى كۈرۈپ باقايلى.
مەن مۇشۇ ياپونىيەنىڭ كارتونلىرىغا بەك ئامراق بولۇپمۇ ئەقىللىق مىم بىلەن ئاكا-ئۇكا شاتۇرلارغا

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 03:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپۇنىيە قونچاقلىرى ھەر ھالدا چىرايلىق بىزنىڭ جۇڭگۇ قونچاقلىرىغا ئۇخشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 04:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۈشۈك بىلەن چاشقانننىڭ . تولۇق سۈزۈك ، ھەممە قىسىملىرىنى نەدىن تاپقىلى بولدىغاندۇ ..
مەن بەك ئامراق توم بىلەن جېرريغا

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9029
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 05:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 03:37 PM
قېنى كۈرۈپ باقايلى.
مەن مۇشۇ ياپونىيەنىڭ كارتونلىرىغا  ...

ئۇ ئاكا ئۇكا شاتۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازىنىمۇ بەك ياخشى بىرىپتىكەن جۇمۇ، ۋارقىراپ چىرقىراپ تۇرۇپ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87832
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 845
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:00:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ياپونىيە كارتون فىلىملىرىنى تېلىۋوزۇردىن بەك كۆرەتتۇق، بىراق 5 يىلدىن بىرى دۆلەت رادىئو-تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ چەتئەل كارتون فىلىملىرىنىڭ تېلىۋىزوردا قويۇلىشىنى چەكلەپ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ كارتون كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېگەن بۇيرۇقىدىن كېيىن، چەتئەل كارتون فىلىملىرى تېلىۋىزوردىن بىراقلا غايىپ بولدى، ئاندا-ساندا كىنو شەكلىدە ئىشلەنگەنلىرىنى ئانچە-مۇنچە قويۇپ قالىدۇ، بولمىسا ھەركۈنى شۇ «شى ياڭ ياڭ خۇي تەيلاڭسى».

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1321 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 05:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇنىڭ كارتونلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى بىزار قىلىدۇ. لىكىن مەجبۇرىي تىلىۋىزىيسدە قويۇلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش