ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
گۆھەرقىز ئىبرايىم
1. ھەر كۈنى سەھەر ئۇيقىڭىزنى ئىچىپ، يىنىڭىزدىكى ھەمرايىڭىزگە كۈلكە ئاتا قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
2.ھەر كۈنى ناشتىلىق تەييارلاپ، ئائىلە بىلەن مىھمان كۈتۈشنىڭ پەرقىنى ھەمرايىڭىزگە تونىتىپ قويالىدىڭىزمۇ-يوق؟
3.ھەمرايىڭىز سىرىتقا مىڭىشقا تەمشەلگەندە ئۇنىڭ ئۈستى بىشىغا ئەتراپلىق زەڭ سىلىپ تۈزەپ، ئۇنىڭ پاكىز رەتلىك ۋە مەدىنىي قىياپىتىنى يارىتىپ، ئائىلىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ئوبرازىغا ئىگە بولالىدىڭىزمۇ-يوق؟
4.ھەر قىتىم ھەمرايىڭىز سىرىتقا ماڭغاندا "ئاللاھقا ئامانەت "دەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئامانلىق تىلىيەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
5. ئالدىراشلىغىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، خىزمەت ئارلىغىدا ھەمرايىڭىزدىن قىسقىغىنە ئەھۋال سوراپ كۆڭۈل بولىدىغىنىڭىزنى ئىپادىلەپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
6.ھەمرايىڭىز ئىشتىن ھىرىپ قايتىپ كەلگەندە كۈلۈمسىرەپ قارشى ئىلىپ، ئالدىغا بىر پىيالە قىزىق چاي؛ بىر قاچا تاماق كەلتۈرەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
7.ئىش ۋە ھەركىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا چىن سۆيگۇ-غورۇر،كىشىلىك قەدىر قىممەت،ئىنسانىي ھۆرمەت بەختلىك سۆيىنىش ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ-يوق؟
8.ئۇنىڭ ئاتا-ئانا قىرىنداشلىرىنى خۇددى ئۇنى بىشىڭىزدا كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
9.ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قىرىنداشلىرى ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يول قويدىڭىزمۇ-يوق؟
10.دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ كىشىك ھۆرمىتىنى قىلدىڭىزمۇ -يوق؟
11.خاتىرە كۈن ۋە ھىيىت بايراملاردا ئۇنىڭ ئۈچۈن دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ -يوق؟
12.ئائىلىۋىي ئىقتىساتقا سەزگۈر بولغىنىڭىزدەك ئارىدىكى مىھىر- مۇھاببەت ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشقا كۆڭۈل بولدىڭىزمۇ-يوق؟
13. ئۇنىڭ ئائىلە ئۈچۈن دەپ ھىرىپ چارچىغىننى سەزگىنىڭىزدە ئۇنىڭ پۇتىغا بىر داس ئىسسىق سۇ تەييارلاپ، مىھرىڭىزنى ئىپادىلەپ ئۇنىڭ چارچىشىنى تۆگەتتىڭىزمۇ -يوق؟
14."سىزنى سۆيگىنىم مىنىڭ بەختىم"، ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ؟....ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىگە تۈۋرۈك بولىدىغان مۇنداق سۆزلەرنى قەلبىڭىزدە ئىپادىلەپ بىرەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
15. ئۇ يەككە يىگانە قوللاشسىز يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭ يىنىدا پەيدا بولالىدىڭىزمۇ -يۇق؟
16.ئۇ بىرەر قىيىچىلىققا يولۇققاندا تەمكىنلىك بىلەن" غەيرەت قىلىڭ،يىنىڭىزدا مەن بار،بىرلىكتە تىرىشساق بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ" دىيەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
17.ئۇ مۈشكۈل ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇنى مىھرىڭىز بىلەن باغرىڭىزغا باسالىدىڭىزمۇ-يوق؟
18. ئاراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق ۋە ئارازلىق يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگۈدەك پۇرسەت ۋە ئىشەنچ بىرەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
19.ئاراڭلاردىكى ئىشەچ- گۇمان ۋە دۇشمەن گۇيلارنىڭ سەۋەبىدىن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغاندا، سەۋرىچانلىق بىلەن ئىشەچنى قايتا تۇرغۇزۇش ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
20. ئۇنىڭ تىللاپ كەتكىنى ۋە ئورۇنسىز ئازار بىرىپ زۇلۇم قىلغىنىنى باشقىلارغا داتلاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە غورۇرىنى دەپسەندە قىلغان قىلمىغانلىغىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
21. ئۆينىڭ گىپىنى تالاغا توشۇپ چىقىش ئالدىدا ئۆز پەزىلىتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ يوق؟
22. ئۇنىڭدىن ئۈمىتسىزلەنگەن چىغىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلىگىنىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
23.ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئۆزگەرگىنىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
24. ئۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان چىغىڭىزدا ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ -يوق؟
25.ئۆيىڭىزدە جىدەل قۇرىمىغاندا ئۆيىڭىزنى ئۇ تەلپۈنىدىغان جەننەت ئەمەس بىر سوراق سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغىنىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
26.ئۇ تالاغا قاراپ قالغاندا سەۋەبىنى ئۆزىڭىزدىن ئىزلەپ باقتىڭىزمۇ -يوق؟
27.ئۇ توغرا يولغا ماڭاي دىگەندە ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بەردىڭىزمۇ-يوق؟
28. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىغىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
29. سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش ئالدىدا كىيىنكى پۇشمانلىرىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
30. قايرىلىپ ئۆتمۈشكە قارىغىنىڭىزدا ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك قەدىرلىگىنىنى ئۆيلاپ ھەسرەت چەكتىڭىزمۇ-يوق؟
31. سىزنى قەدىرلەپ ئۆز جەمەتىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ كىرگەن ئاتا- ئانىغا قىلغانلىرىڭىزنى ۋە ئەجرىگە بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
32. پۇل،ئۆي، مەرتىۋە، ئاتالمىش غورۇر،مەنمەنچىلىك،قانائەتسىزلىك،ئاسىلىق، ئىزىش....قاتارلىق شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئۆز بەختىڭىزنى ۋەيران قىلغىنىڭىزنى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
33. ئاقىبەتتە يانغان كۆڭۈلنى ئالغىلى بولمايدىغىننى، پۇشمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغىننى ئۆيلاپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
34.ئۆي، پۇل- مال، مەرتىۋە.....ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئىسىل ئىنسانىي پەزىلەتنى ھەممىلا ئادەمدىن تاپقىلى بولمايدۇ، سىز ياخشى بىر ھەمراھنى، سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ، سىز ئۈچۈن پىشىپ كۆيۇگەن، سىزنى چىن يۈرىگىدىن سۆيۈپ بارلىغىنى بىغىشلىغان ئىنساندىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزدا پۇشمان ياشلىرىڭىزنىڭ قەيەردىن چىقىپ قەيەرگە تۆكىلىۋاتقىننى بىلەلىدىڭىزمۇ-يوق؟
35. ئارىدا قالغان بالىلار گۈناسىز، سىز ئۇلارنىڭ بەختىنى سورىۋەتكىنىڭىزنى ھىس قىلغىنىڭىزدا يۈرىگىڭىز ئىيتىشتىمۇ-يوق؟