مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2590|ئىنكاس: 24

ئۇ دۇنيادىمۇ ئىناۋەتلىك كارتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دۇنيادىمۇ ئىناۋەتلىك كارتا
تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

ساتۇقنىڭ يانفونىغا ئۇچۇر كەلدى، قارىۋىدى بۇ ئايلىق مائاشىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلغانلىق ئۇقتۇرۇشى ئىكەن. «شۈكرى!» دېدى ئۇ بىلىنەر – بىلىنمەس تەبەسسۇم بىلەن. ئاندىن ئىنتېرنېتنى ئېچىپ بىر مۇنازىرە مۇنبىرىگە چىقتى. يېڭى تېمىلارغا بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئارىدىكى بىر ياردەم تېمىسىنى ئاچتى. ياردەم ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قارشى تەرەپكە ھېسداشلىق قىلىپ ئامانلىق تىلىدى ۋە ئۈستەلدىكى قەغەز باغاقچىدىن بىرنى ئېلىپ بىر مۇنچە نومۇرلارنى خاتىرلىۋالدى. ئاندىن باغاقچىنى ئىككى قاتلاپ ھەميانىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويدى.

سائەت 12دە ئۇ ئىشتىن چۈشتى، خىزمەت بىناسىدىن چىققاندا يوللاردا قىزىل، كۆك كىيىملەرنى كىيگەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇپ كەتكەن بولۇپ، گاھىلىرى بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ كۈلۈشۈپ، گاھىلىرى ئالدىراپ، گاھىلىرى ئېزىلىپ دېگەندەك ئۆيىگە قايتىشىۋاتاتتى. بالىلارغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتى يادىغا كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇلارغا زوقى كېلىپ پەلەمپەي ئۈستىدە بىر ھازا تاماشا قىلىپ تۇرۇپ قالدى. كەينىدىن چىققان خىزمەتداشلىرى «ساتۇق، خىزمەتكە قانماي تۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟» دەپ چاخچاق قىلغاندىلا ئاندىن كۈلۈمسىرگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ پىيادىلەر يولىغا چىقتى.

بىر ئاز مېڭىپ كۈندە ئالدىدىن ئۆتىدىغان لېكىن مائاش چىقسا ئاندىن كىرەلەيدىغان بانكىنىڭ ئىچىگە كىردى. مائاش ئالىدىغانلار ئۆچرەت تۇرۇشقانىدى. ئۇ ئۆچرىتى قىسقىراق بىر پۇلبەرگۈنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆچرەتتە تۇردى. بايامقى قەغەز باغاقچىنى ھەميانىدىن ئېلىپ ئۈستىدىكى نومۇرلارغا يەنە بىر قۇر قاراپ چىقتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭغا نۆۋەت كەلدى. ئۇ پارولنى كىرگۈزۈپ بولۇپلا ھېساب يۆتكەش مۇلازىمىتىنى تاللاپ قەغەز باغاقچىدىكى نومۇرنى تولدۇردى، ئۇ كۇنۇپكا بېسىشقا ئۇستا ئىدى، 21خانىلىق نومۇرنى تاسىلدىتىپ بىردەمدە كىرگۈزۈپ بولدى – يۇ، سومما كىرگۈزىدىغان يەردە سەل ھايال بولۇپ قالدى. 100 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ بولۇپ ئۆچۈرىۋىتىپ 200نى كىرگۈزدى، جەزىملەشنى باسىدىغان چاغدا يەنە ئويلىنىپ قالدى، بۇ ئاي بالىسى ئىككى ياشقا تولۇپ ئانىسى ئۇنى سۈتتىن ئايرىماقچى، بالىسىغا بۇ ئاي كۆپىرەك يېمەكلىك سېتىۋىلىشى كېرەك. ئۇ 200نى ئۆچۈرۈۋەتتى، يەنە قايتىدىن 100نى كىرگۈزدى – دە، جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتتى. نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا پۇل يۆتكىلىپ تالۇن بېسىلدى. ئۇ تالۇننى قولىغا ئېلىپ، «ئاللاھ، پەقەت سىزدىنلا ئەجىر تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن قالغان مائاش پۇلىنىڭ ھەممىسنى چىقىرىۋالدى – دە، ھەميانىغا سېلىپ بىرخىل خۇشاللىق ھېسىياتىدا بانكىدىن ئايرىلدى.

ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن بېرى ھەر قېتىم مائاش ئالغىنىدا مەلۇم مىقداردا پۇلنى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ئىئانە قىلاتتى. بەزىدە ئاز، بەزىدە كۆپرەك دېگەندەك. شۇ ئارقىلىق ئۇ خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك، قەلبى نۇرلىنىپ قالغاندەك بولاتتى. لېكىن بۇ «ئەقىل»نىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى مېھرىبان ئانىسى ئىدى. ئۇ يېڭى خىزمەتكە چىققاندا ئانىسى ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «بالام، خۇداغا شۈكرى، خىزمەتكە چىقىپ خاتىرجەم بولدۇڭ، تۇرمۇشۇڭ كاپالەتكە ئىگە بولدى. لېكىن بەك مەغرۇرلىنىپ كەتمە، يانچۇقۇڭدىكى كارتاڭ ساڭا مەڭگۈ ئەس قاتمايدۇ. ھەممىمىز ھامىنى ئۆلىمىز، ئۇ دۇنيادىكى نامراتلىق ھەممىدىن يامان، شۇڭا قۇربىڭنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشنى كۆپ قىل، سەدىقە – ئېھسان قىلىپ تۇر. ئاخىرەتتە ساڭا لازىملىق پۇل سېنىڭ يانچۇقۇڭدىكى كارتىدىن ئەمەس باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى كارتىدىن چىقىدۇ!» دېگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ تېتىملىق گەپ ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلغان ئىدى. توغرا، ھەقىقەتەن ئاخىرەتتىمۇ ئىناۋەتلىك كارتا يانچۇقىمىزدىكى كارتا بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى كارتا ئىدى.



1435-يىلى، سەپەرنىڭ 10-كۈنى، جۈمە،  بورتالا

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 11:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن . ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 11:49:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 11:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىنساندا گۈزەللىك بار دىيىلسە ؛ ئۇ - دەل ئەخلاق ۋە سېخىلىقتۇر . دەپ يازغان مەن ھىكمەت خاتىرەمگە ...

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 12:14:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز  .يوللاپسىز  .....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100628
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 12:51:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن ، قولىڭزغا دەت بەرمسۇن قېرىندىشىم ،     ......رەخمەت سىزگە....

بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ ، ئەمما گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدىكەن    !!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99556
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 08:56:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىسىل پەزلەتلىك كىشلەر رىيال تۇرمۇشتا ئۇچىراپ يۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100640
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 10:13:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھميەتلك،تمدېن،برنې،يوللاپسز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 10:30:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   توغرا دەيسىز. بۇ دۇنيادىكى بايلىق، مەڭسەپ ئۇ دۇنيادا ئىشلىمەيدۇ. ئىشلەيدىغىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بەرز ئەمەللىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، چەكلىگەن نەيھېي ھاراملاردىن يېراق بولۇپ، ياخشى ئلىشلارنى كۆپ قىلىپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارساق ھەر ئىككى دۇنيالىقىمىزنى خەيرىلىك ئېلىپ باغان بولىمىز.

   تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9123
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 11:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز.ئۇلۇغ ئاللاھ ياخشى كۈنلەرنى نىسىپ قىلغاي.

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش