|
|
|
|
يېقىندا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا بولۇپ قالدىم، بۇ جەرياندا خىزمەت ۋە باشقا ئىشلاردىن بىكار بولۇپ قالغاندا سىرتقا چىقىپ جەنۇبىي شىنجاڭ بازارلىرى ۋە ئارقا يان كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يېڭىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك بىرىكىپ كەتكەن بۇ مەدىنىيەت ھاسىلاتلىرىدىن خېلى ئوبدانلا ھوزۇر ئالدىم ! بىر كۈنى كېرىيە كەچلىك بازىرىدا ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ يول بويىدىكى يەرلىك خۇرۇچلار بىلەن ئالاھىدە تەم كىرگۈزۈپ پىشىۇرغان توخو كاۋىپىغا كۆزۈم چۈشۈپ، يىگۈم كېلىپ يول بويىغىلا قويۇپ قويۇلغان ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ، قارىسام بۇ يەردە توخۇ يەۋاتقانلارنىڭ قولىدا توخۇ پاچىقى بولسا، كۆزى بولسا تېلۋىزۇر ئېكرانىدا ئىدى، مەنمۇ قىزىقسىنىپ قارىسام، ئېكراندا ھۆررەم سۇلتان بىلەن سۇمبۇل بىگىم مەلۇم بىر شۇملۇق ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋىتىپتۇ. ئەتراپىغا نەزەر سالسام ، بۇ يول بويىدا بۇنداق توخۇ كاۋىپى ساتىدىغان دۇكاندىن يەنە بىر قانچىسى باركەن، لېكن مۇشۇ دۇكاننىڭلا بازىرى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ھەتتا بەزىلەر ئورۇن يوق ئۆرە تۇرۇپ توخۇ يەۋاتاتتى، توغرىسىنى ئېيتقاندا ‹ھۆررەم› نى كۆرىۋاتاتتى. مەن ئەھۋالغا قىزىقىپ ،خوجايىندىن بۇ توغرىسىدا سورىسام ، ئۇ : مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، بۇ ئەتراپتا تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خېلى ئوقۇغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن مۇشۇ تورغا چىقىشقا بەك ئامراق دەڭا، تور ئارقىلىق جىق پايدا تاپتىم، باشقىنى دىمەي، مۇشۇ ‹ھۆررەم› نىڭ كېنوسىنى مەن تور ئارقىلىق چۈشۈرۈپ دۇكىنىمدا قويغاندىن بويان خېرىدار جىق كېلىدىغان بولدى، سودام بەك ياخشى بولۇۋاتىدۇ-دەڭە..دېدى. مەن يەنە ئۇنىڭدىن بۇ فېلىمنىڭ پىلاستىنكىسى بارغۇ باشقىلارمۇ ئەكىلىپ دۇكىنىدا قويسا، سىزنىڭ بۇ ئۇسۇلىڭىز ئاقماي قالغۇدەك دەپ سورىسام ئۇ : ئۇنداق بولمايدۇ، قويۇۋاتقانلارمۇ بار ، ئەنە ئاۋۇ تەرەپتە ئىككى دۇكاندا قويۇلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قويۇۋاتقىنى ئەڭ يېڭى قىسىملىرى ئەمەس، پىلاستىنكىدىكىسنىڭ يىڭىلانمىقى تەسكەن، مەن توردىن تېخى پىلاستىنكىغا كۆچۈرلمىگەن قىسىمللىرىنى چۈشۈرۈپ دۇكىنىمدا قويۇۋاتىمەن، بۇ يەردىكى باشقىلار تورغا چىقىشنى بىلەمدۇ -دەيسىز ! -دېدى، مەن ئۇنىڭغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردوغاننىڭ بۇ فېلىمنى ئەيبلەب ‹ بۇ فلىمنىڭ ئوسمان ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ شەرىئىي قانۇن ۋە ئىسلام ئەخلاقلىرى چۈشكۈنلەشكەن ! ئوردا ئاياللىرى يىرىم يالىڭاچ تەسۋىرلەنگەن ! سۇلتان سۇلايماننى بولسا ئاياللارغا بىرىلگەن، ئوردىدىن سىرتقا چىقالمايدىغان سۇلتان قىلىپ تەسۋىرلەپ بىر ئسلام ئىمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانىنىڭ ۋە ئىسلام ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن شەرئىي قانۇنلارغا ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى قاتتىق بۇرمىلىغان ئاساستا ھاقارەت قىلغان ! › دېگەنلىكىنى ئېيىتسام . ئۇ بۇ خەۋەرنى ئۆزىنىڭمۇ كۆرگەنلىكىنى شۇڭا خېرىدارلاغا داۋاملىق بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدىغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالماي كۈرىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ يەنە بۇ فېلىمنىڭ بىرىنچى بۆلىمىنىڭ تەرجىمە قىلنغان نوخسىخىسى ئاغلاشقىنىغا خېلى كۈنلەر بوپ قالغان بولسىمۇ 2- بۆلۈمىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ قىلىنمايۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋاتقانلىقىنى، ئەگەر تەرجىمە قىلىنمىسا، ئۇنىڭ سودىسىغا چوڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئېىيتتى.
مەن يېرىم پارچە توخۇنى يەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا قاراپ ماڭغان بولساممۇ، كاللامدا بىر چىنلىقتىن ھالقىغان تۈركىيە فېلىمىنىڭ خەلقىمىزنى ئۆزىگە بۇنچىۋالا رام قىلىۋالغانلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاۋۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سودىسنىڭ ياخشى بولۇشىدا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم، خەلقىمىز نىمە ئۈچۈن بۇ فېلىمنى بۇنچە ياقتۇردىغاندۇ؟ ئەجەبا بىز ئاشۇ سۇيقەست ، ھېلە مىكىرگە تولغان كۆرۈنۈشلەردىن ئۆزىمىزنىڭ سىماسىنى ياكى ئەتراپىمىزدىكى بىرەرسىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتامدۇق؟ بۇ فېلىمدە ھەقىقەتەن مەن ھېس قىلالمىغان بىر ئالاھىدە تەلىم تەربىيە بارمۇ ؟ داۋامىلىق تەرجىمە قىلىنسا ئاۋۇ قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ھال-كۈنىنىڭ ياخشىلىنىشىغا راسلا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگەمدۇ ؟ سىزچە بولغاندا 2-بۆلۈمى تەرجىمە قىلىنىغىنى ياخشىمۇ ياكى .................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 04:17 AM
|
|
|
|
|
|