مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 8

قىشتىكى بىر كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 06:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش ھەرقانداق بىر يازغۇچى ھەرقانداق ئەسەردە دېگۈدەك بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئۆتكەل،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ماھارەت. نادىر ئەسەردە چوقۇم ناھايىتى گۈزەل يېزىلغان مەنزىرە(موھىت)تەسۋىرى بولىدۇ. مەنزىرە تەسۋىرى خۇددى تىز سىزما رەسىمگە ئوخشايدۇ.تىز سىزما رەسىم سىزىش ئۈچۈن مەنزىرىنى كۈزىتىش زۆرۈر بولغاندەك مەنزىرە تەسۋىرى يېزىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم يازماقچى بولغان جايلارنىڭ مەنزىرىسىنى ئەتىراپلىق كۈزىتىش كېرەك.

ساۋاقداشلار يازغان مەنزىرە تەسۋىرىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىك:

بىرىنچى،مەنزىرە ئۆتكەن زامان ياكى ھازىرقى زامان پىئېل شەكىلدە ئەمەس،كېلىدىغان زامان شەكىلىدە يېزىلىپ قالغان.دېمەك مەنزىرىنى كۈزەتمىگەن ياكى كۈزەتكەنلىرىنى يازمىغان. مەسىلەن: «قىش كىرىش بىلەن پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇيقۇغا كېتىدۇ.»سىلەر ۋە بىز مەۋجۇدات ئەمەسمۇ! راستىنلا ئۇيقۇغا كەتتۇقمۇ!

ئىككىنچى،ھېسىياتىنى ئايرىم جۈملە شەكىلدە قىپيالاڭاچ يېزىش.مەسىلەن:«مەن قىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن».مېنىڭچە ھېسىيات ئايرىم جۈملە شەكىلىدە ئەمەس،تەسۋىر ۋە ئىستىستىكىلىق ۋاستىلەرگە سىڭدۈرۈلۈپ،ئەگىتىپ ئىپادىلەنسە گۈزەل بولىدۇ؛خۇددى قىز-يىگىتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلىنغىنىدەك.

ئەمدى مەن مەھەللىمىز،مەكتىبىمىز ۋە يېزا بازىرىمىزنى كۆزىتىپ يازغان بىر مەنزىرە تەسۋىرىنى ئوقۇپ بېرەي.

قىشتىكى بىر كۈن


مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭ بۇ كېچە ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. خورازلار چىللاشقا،ئىتلار قاۋاشقا،قويلار مەرەشكە… باشلىدى. دېرىزىلەردىن لامپۇچكىلارنىڭ ئاپئاق نۇرلىرى تارالدى. ئىشىكلەر غىچىرلاپ ئېچىلىپ يۆتەلگەن،قاقىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.

سىرىتتىن ئېغىر ئۆتۈكلەرنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قارنىڭ غەزەپلىك غىچىرلىغان ئاۋازى ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى. ئۇچۇسىغا ئۇزۇن چاپان،بېشىغا قېلىن تۇماق كىيىپ،ئېغىز-بۇرنىغا ئاق ماسكا تاقىۋالغان ئەرلەر ئۆي-ئۆيلەردىن چىقىپ،خۇددى بىرسى-بىرسىنى كۆرمىگەندەك ئۈن-تىنسىز ھالدا مەسچىتكە قاراپ مېڭىشتى.دادىلارنىڭ ئارقىدىن بالىلار-ئۇچۇسىدىكى قارا،كۆك،قىزىل،سېرىق…رەڭلەردىكى پاختىلىق چاپانلىرى ۋە چاپاننىڭ بېشىغا كېيىۋالغان پوسمىللىرى توختاۋسىز چۈشىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئاستىدا ھېلىلا كۆمۈلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان توپ-توپ ئوقۇغۇچىلار بوخچىلىرىنى مۆرىسىگە ئارتقان ھالدا مەكتەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى.

چوڭ يولدا بېشىغا يوغان قارا قۇلاقچا،ئۇچىسىغا ماش رەڭ ھەربىيچە جۇۋا كىيىپ بېلىنى يوغان پۇتا بىلەن باغلىۋالغان بىر كىشى ھارۋىسىنى ھەيدەپ كەلدى. ھارۋا خېلى يىراقتىن كەلگەن بولسا كېرەك،ھارۋىكەشنىڭ باش-كۆزى،ساقال-بۇرىتى،ھارۋىنىڭ ئۈستى ۋە ئاتنىڭ دۈمبىسىنى نېپىز بىر قەۋەت قار باسقان ئىدى. ئات ھەر-بىر نەپەس چىقارغاندا ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن ئاپئاق ھور چىقاتتى.

قار ھېچ توختىماستىن ئالدىراپ ئۇچۇپ چۈشىۋاتاتتى.قارىغاندا ئۇ بىر يىلدىن بۇيان كۆكتە يۈرۈپ ئانا ماكانىنى بەكلا سېغىنغاندەك قىلاتتى. يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ شەرق تەرىپى بىلىنەر-بىلىنمەس سۈزۈلۈشكە باشلىدى. دوقمۇشتىكى سىتولبىغا ئورنىتىلغان يوقۇرى بېسىملىق كانايدىن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزۇلىنىڭ ئاڭلىتىش موزىكىسى ياڭرىدى. مەھەللە يېڭى بىر سەھەرنى كۈتىۋالدى.

ئۆي-ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن قارامتۇل ئىس-تۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ ئاستا-ئاستا بوشلۇققا تارالدى. يوغان قوش قاناتلىق دەرۋازىلار تاراقلاپ ئېچىلىپ گۈرجەك ۋە تارتقا تۇتقان يىگىتلەر،سۈپۈرگە تۇتقان كېلىنچەكلەر پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ باش-كۆزى ئەتىراپىدا قار ئەمەس،گويا سان-ساناقسىز كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى.چېھرىدە نامەلۇم بىر تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. شۇ تاپتا قۇياش نەگىدور غايىب بولغان بولسىمۇ يەر-زېمىن قار بىلەن،كۆڭۈل باھار بىلەن ئىللىپ قالغاندەك تۇراتتى.

باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى باراقسان ئۆسكەن ئىككى تۈپ قېرى سىدە دەرىخىنىڭ بەرگىدىن ئاجىراپ قۇرۇپ كەتكەن يۇپۇرماقلىرى شاخلار ئارىسىغا قىستىلىپ قالغان. سىدىلەر خۇددى مەكتەپ دەرۋازىسىنى قاردىن قوغدايدىغان ئىككى دانە گىگانت كۈنلۈكتەك مەزموت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ كۈنلۈكلەرنىڭ ئۈستىنى ئاپئاق قار باسقان بولسىمۇ ئاستى قۇپ-قۇرۇق ئىدى. شاخلىرىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئاق قۇشقاچلارنىڭ زوق-شوخ بىلەن چوڭىلداپ سايرىغان ئاۋازلىرى خۇددى مۇئەللىم كىرمىگەن سىنىپلاردىكى كەپسىز بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىدەك يولدا قار توزۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشنىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەتتى. بوخچىلىرىنى يېڭىلا سىنىپىغا ئەكىرىپ قويۇپ چىققان بالىلار خۇشاللىقنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ھالدا ئاق قۇشقاچلاردەك چۇۋۇرلىشىپ مەكتەپ مەيدانىنى بېشىغا كىيگەن ئىدى.قار يېڭىلا تازىلانغان سىمونت مەيداندا ئوغۇللار قامچىللىرىدىن قاس چىقىرىپ نۇر پىرقىراتسا،قىزلار ھەرخىل ھۆنەر چىقىرىپ تەپكۈچ تېپەتتى.

تۇيۇقسىز دەرسكە كىرىش قۇڭغۇرىقى چېلىندى.بالىلار كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا سىنىپقا كىرىپ كەتتى. چوقان-سۈرەنلەر بېسىقتى.

مانا ئەمدى نەچچە يۈز قاغا خۇددى ئۆلەن ئېيتىپ توي كۆچۈرۈپ كەلگەن يىگىتلەردەك قاقىلدىشىپ ئاسماندا ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈرەتتى.ئوقۇتۇش رايۇنىغا كىرىدىغان يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىگىز ئۆسكەن،گويا ھېچنىمىسى يوق جۇلدۇر-كېپەن خوتۇنغا ئوخشاپ قالغان دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدىكى ئىنىچكە شاخلار يېڭىلا قونىۋالغان قاغىلارنى كۆتۈرەلمەي يادەك ئىگىلگەن ئىدى.

قار توختىماستىن يېغىۋاتاتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرغان قىزىل بايراقتىن باشقا پۈتكۈل تەبىئەت بىر كېچىدىلا قېرىغان،دەل-دەرەخلەرنىڭ چاچ-ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن؛ ئۆگۈزلەر،ئېتىز-دالىلار ئاپئاق مامۇق يوتقان يېپىنغان ئىدى.

مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئارقا تېمىغا قونىۋالغان بىر توپ قاغا قاقىلدىغىنىچە ئۇچۇپ چۈشۈپ تاماق قالدۇقلىرى تۆكۈلگەن ئازگالنى ئىككى پۇتلى بىلەن ئالدىراش تاتلاشقا،تۇمشۇقلىرى بىلەن چوقۇلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا ئىككى قېرى مېكىيانمۇ ياردەملىشىپ جىددىي ئىشلەپ كەتتى. نېرىراقتا يەنە ئىككى چۆجە توخۇ بىر پۇتىنى يىغىپ قوينىغا تىقىۋالغان ھالدا قاناتلىرىنى ساڭگىلتىپ دۈگدىيىپ تۇراتتى.

چۈشكە يېقىن قار توختىدى. ئېتىزلاردا،ئورمانلىقلاردا قوي،ئۆچكىلەر ئىرىنچەكلىك بىلەن مېڭىپ تۇمشىقلىرى بىلەن قارنى تۈرتىپ ئېچىپ كۈزنىڭ قالدۇق ئوت-چۆپلىرىنى،غازاڭلارىنى ياقتۇرمىغان ھالدا تىرىپ يەپ يۈرەتتى. شالاڭ تۈكلىرى پاخپىيىپ كەتكەن ئۇرۇق بىر قارا ئىت يېزا بازىرىنى توغىرسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ئالدىنقى كۈنىدىكى بازاردا قوي سويۇلغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

چۈشتە بىردەم ھاۋا خېلىلا ئىللىپ قالدى.يېرىم سوتكىدىن ئارتوق ۋاقىت ياغقان قار بالىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىرىپ لاي سۇغا ئايلىنىپ كەتتى.

چۈشتىن كېيىن قۇياش يەنە غايىب بولدى.ھاۋا بۆلەكچىلا سوغ بولدى.مەيدان ۋە يوللاردىكى ئەگىز سۇلار ئەمدى قېتىپ مۇزغا ئايلانغان، ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولسىمۇ يېزا بازىرىدا قايناق ھايات داۋاملاشماقتا ئىدى. يول بويىدىكى تونۇردىن ئۇرۇق سامسىپەز يىگىت تەرلەپ-پىشىپ سامسا سويىۋاتاتتى. سىمىز مانتىپەزمۇ جىمبىلدىن ئالدىراشلىق بىلەن تەخسىگە ھورى چىقىپ تۇرغان مانتىنى ئېلىۋاتاتى.ئاشخانىدىن قايسى بىر مۇشتلاش فىلىمنىڭ ئاۋازى كېلەتتى. ئاشخانا يېنىدىكى بوش يەرگە كاۋاپدان قويۇۋالغان ياش يىگىت كۆزىگە ئىس كىرىپ ياش چىقىپ كەتكىنىگە قارىماي كەيپى بەكمۇ چاغ ھالدا كاۋاپ پىشۇرۋاتاتتى.كاۋاپچىنىڭ قارشى تەرىپىدە يولنىڭ غەربىدىكى دوقمۇشىدا ئۈچ چاقلىق  توكسىكىلىتتا ناۋاينىڭ ئوغلى خۇددى ئالدىدىكى توقاچلاردەك يۈزى قىزارغان ھالدا نان سېتىۋاتاتتى.

تېزلا كەچ بولدى. ئاۋۋال سىنىپلاردىن ئوقۇغۇچىلار توپ-توپ بولۇپ چىقىشقا باشلىدى. ئارقىدىن ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىدىن ئوقۇتقۇچىلار سومكلىرىنى كۆتۈرگەن،تېلىفونلىرىنى قولۇقىغا تۇتقان ھالدا ئالدىراش چىقىشتى. مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە ئورگانلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدى بىردەم ماشنىلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقا سىگنال ئاۋازلىرى بىلەن قىزىپ كەتتى.

بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشتى.مەكتەپتىن توڭلاپ تىتىرەپ كەلگەن بالىلار ئىسسىق ئۆيلەرگە كىرىپ توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئوچاققا قاقلاشتى.سىرتتا يەم يەيدىغان،دان يەيدىغان ۋاقتىنى تۇيۇپ قالغان قوي-كالىلارنىڭ،كەپتەرلەرنىڭ مەرىگەن،مۆرىگەن،بۇقۇلدىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن دادا قوللىرىنى يۇيۇپ سۈرتكەندىن كېيىن ئايىقىنى سېلىپ دۆڭگە چىقتى. بۇ چاغدا تېلېۋىزور ئاللىقاچان قويۇلۇپ بولغان بولۇپ،بالىلار قورساقلىرىنىڭ ئاچقىنى،ئاتا-ئانىسىنى سېغىنغىنى ئۇنتۇلغان ھالدا ئېكىرانغا تىكىلگەن ئىدى. داستىخان سېلىنىپ تاماق كەلتۈرۈلدى.

دۇئادىن كېيىن ئانا قازان-قۇچىلارنى يۇيدى.دادا يەنە چاھارپايلارنى يوقلاشقا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا توخۇ-كەپتەرلەر ئاللىقاچان قونداققا چىقىپ بولغان؛ قوي،كالا ۋە ئىشەكلەرمۇ مەيدىسىنى قىغقا چاپلاپ يېتىپ كۆشەشكە چۈشكەن ئىدى.

تېلىۋىزوردا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى جاپالىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن قايسى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بېرىلىۋاتتى. بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى ئاران تۈگەتكەن ئانا تېلىۋىزورغا قارىغان پېتى تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەن. دادىمۇ يۈككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا ئۇيقىغا كەتتى…

ئەل ياتقۇ مەزگىلى بىلەن مەكتەپ رادىئو كانىيدىن ئۇخلاشقا بەلگە بېرىپ سوناي موزىكىسى ئاڭلاندى. چىراغلار ئۆچۈرۈلدى.بالىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئاستا-ئاستا بېسىقتى. مەكتەپنى، مەكتەپنىلا ئەمەس، پۈتكۈل مەھەللىنى قاراڭغۇلۇق ئۆز قوينىغا ئالدى. ئۆرە تۇرۇپلا ئۇيقىغا كەتكەن دەرەخلەر يەنە چۈشۈشكە باشلىغان قار ئۇچقۇنلىرىنىمۇ تۇيماستىن چۈش كۆرۈشكە باشلىدى.قىش بىر كۈننى ئەنە شۇنداق ئۇزۇتىپ قويدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-17 06:26 PM  


جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىسى قانداق بولدى؟ ئاخىرىنى سۆزلەڭ!

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17564
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ ........ئىسىل ~! قالتىس ھەقىقەتەن قالتىس!  ئولتۇرۇپ خۇددى شۇ ئىشلارنى ئۆزم بىردىنبر كۆرۈپ خاتىرلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىپ قالدىم ..... دېمىسىمۇ مەن مەن خۇش بولدۇم. بەك ياخشى كۆرىمەن دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق ناھايتىمۇ گۈزەل سۆزلەر ئارقىلق شۇ ۋاقىتتىكى تەبىئەت مەنزىرسىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلسا  ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىدىكەن ... بۇلارنى ئوقۇۋىتىپ  تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا دەرىسلىكىمىزدىكى مېنىڭ بىر كۈنۈم دېگەن ئەسەر يادىمغا كىپ قالدى .... تىل ئىپادىلەش قابىلىيتىىڭز ھەقىقەتەن  ياخشكەن ...

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيە - گىننى ئۆزگەرتىدۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم ! راس ئوخشايدۇ ؟!

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىشنى ئەجەپ ياخشى تەسۋىرلەپسىز. قايىلمەن . ھارمىغايسىز . قار ياققان شۇ مەھەللىگە بېرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تىمىڭىزدا مەنزىرە تەسۋىرىنى ياخشى يارتىپسىز ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق مەيداندا تۇرۇپ كۈزتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 10:21:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-17 09:42 PM
ئەتىسى قانداق بولدى؟ ئاخىرىنى سۆزلەڭ!

ئاخىرىنىرىنى سۆزلىسەم،بۇ نەسىر تۈگىمەيدۇ.

جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 11:26:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزىرە تەسۋىرى ياخشى چىقىپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش