مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1110|ئىنكاس: 9

مەسئۇليەتسىزلىك ۋە ئاقىۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100760
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 03:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق مەسئۇليەتسىزلىكنىڭ قانچىلىك ‹‹ئۇمۇملىشىپ ››كېتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئەڭ ئاددىسى تۇرمۇشتىكى كىچىك ، كۆزگە كۈرۈنمەيدىغان ئىشلاردىمۇ مەسئۇليەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان زىددىيەت-تۇقۇنۇشلارنىڭ كىلىپ چىقۋاتقانلىقىنى ،ئاغرىنىش، سۈركىلىش ، قورساق كۈپۈكىنىڭ يۈز بېرۋاتقانلىقىنى بىلۋاتىمىز ھەم بىلىپ بىلمەي شۇ مەتئۇليەتسىزلىككە قاتنىشۋاتىمىز .مەن ئويلايمەن ئادەم تۇغۇلۇپ مەكتەپ يۈزى كۆرگەندىن باشلاپ مەلۇم خىل مەسئۇليەت يۈكلەنگەن بۇلىدۇ، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشلەر ۋە نەرسىلەر شۇ ئادەمنىڭ مەسئۇليەتچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنداق بىر گېپى مىنى قاتتىق ئويغا سالغان : 60-يىللاردا ياشىغان بىز مەيلى قايسى ساھەدە ئىشلەيلى خىزمىتىمىزگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتۇق, ھازىرقى ياشلاردا مەسئۇليەت تۇيغۇسى ئاجىز ،مۇنۇ  ئۈستەل دەرۋازا ئالدىدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى, قېنى كىم ئۇنى ئاسراپ ئەپكىرىپ قويدىكىن دەپ كۈندە قاراپ باقتىم بىرمۇ ئادەمنىڭ كارى بولمىدى ئاخىرى چىداپ بولالماي ئۆزۈم ئەپكىرىپ قويدۇم ، مەن ياش ۋاقىتلىرىمدا قاتناش قولايسىز نەچچە ئون كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ ئىش ئورنۇمغا باراتتىم، ئىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يېرىم كېچىدە يولغا چىققان ۋاقىتلىرىم ناھايىتى جىق، كونىراپ ئىشلەتكىدەك ھالى قالمىغان پارتا-ئورۇندۇقلارنىمۇ بۇنداق خالىغانچە تاشلاپ قويمايتۇق، ئومۇمنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ئاسراپ ئۇنىڭغا تۇلۇق مەسئۇل بولاتتۇق دىگېنى ھېلىمۇ يادىمدا، ھازىرچۇ ؟ تۇرمۇش باياشات ھېچنەرسىنىڭ تەڭلىكىنى تارتمايمىز چوڭلار بىزنى ھەسەل كورىسىغا تۇغۇلغانلار دەپ قويدۇ،تۇرمۇشىمىز قانچە باياشات بولغانچە مەسئۇليەتسىزلىك شۇنچە ئېغرلاپ كېتۋاتىدۇ، جەمىيەتنىڭ ھەر قانداق يېرىدە مەسئۇليەتسىزلىكنى ئۇچراتقىلى بولدۇ ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدۇ؛ قىسمەن  مۇئەللىملەر  ئۇقۇغۇچىلارغا مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدۇ؛ بەزى ئەر -ئاياللار بىر بىرىگە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدۇ دىگەندەك ...  ئەمدى بۇنىڭ ئاقىۋىتىچۇ؟ نەتىجىدە بالىلار تاپتىن چىقىدۇ ، بىر تۈركۈم تېخىمۇ مەسئۇليەتسىزلەر پەيدا بۇلىدۇ؛نەتىجىدە  بىر دەۋىر چالا ساۋات ، بىلىمسىزلەر مەيدانغا كىلىدۇ؛ نەتىجىدەبىر تۈركۈم تىرىك يېتىم ۋە كەلگۈسىدىكى ئەسكى ئىشلارنىڭ مەنبەسى ‹‹تەربىيلىنىپ ››چىقىلدۇ.....  ئەتراپىمىدىكىلەرگە شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ: قۇرداشلىرىم ھەممىمىز مەسئۇليەتچان بولايلى ، كىچىك ئىشلاردىن ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ مەسئۇليەتچانلىقنى تەكىتلەيلى، ھېچ بولمىسا بالىلىرمىزغا ئۈلگە بولايلى!
[ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurmangul118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-17 03:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1316 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە كارىم دەيدىغان ئىددىيە خۇددى چىملىقتەكلا ئايناپ كىتىگلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئىماملار ئىسلامنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئىنىق تونۇپ يىتىشى كىرەك ئىدى.....

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارچە رەزىللىك ۋە دۈشمەنلىكلەرنىڭ دەسلەپكى باشلانمىسى يالغۇزلۇق ۋە بىكارچىلىقتىن باشلىنىدۇ .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 811 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى قېرىنداشلىرىم !

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇلىيەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىز . كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹تاغار باينىڭ ،ئېشەك باينىڭ،يىقىلسا يۆلىمەيمەن،ئۆلسە تۆلىمەيمەن››‹‹سەن سالۇ،مەن سائۇ،ئاتقا ئوتنى كىم سالۇ››دەيدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا قاراپ،بالىلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۆمرىگە ئېچىنىمەن بەزىدە.....

مەسئۇلىيەت-ھەر بىر كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك كۆزقاراشقا ئايلىنىشى كېرەك ئەسلى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 10:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھازىر ئادەملەر بەك شەخسىيەتچى بوپ كەتتى  ، مۇشۇ سەۋەپلىك كىشىلەرنىڭ مەسۇلىيەت ئىڭى بەك تۆۋەن ، كاللىسىدا ئۆزىدىن باشقا ھىچنىمە يوق

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 12:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئومومنىڭ نەرسىسى دەپ بىچارە پۇقرالار پارتىيىگە ئاۋاز قۇشۇپ 40 يىل ئاسرىدى ، قوغدىدى ............. 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قارىسا مىڭ ،ئونمىڭ ، يۈزمىڭ پۇقرا ئاسرىغان ، قوغدىغان ، تىجىگەن ئومومنىڭ بايلىقى ، مۈلكى بىر كىچىدىلا  بىر ياكى بىر نەچچە رەھبەرنىڭ  ئولجىسى بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن سىرت ، بەزى جايلاردا رەھبەرنىڭ بۇيرىقىسىز قىلنى يۆتكەپ قويسىڭىز كۈرىدىغىنىڭىز بار ........................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

كۆڭلۈڭ خالىغاننى ئەمەس،ۋىجدانى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37896
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 2628 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 11:08:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەمدى بۇ مائارىپ سېپىگە قۇشۇلغان يېڭى بىر ئوقۇتقۇچى . دائىم ئۈزەمگە مەسئۇلىيەتچان بولاي ، مۇشۇلار كوپراق بىلىم ئاسۇن دەپ شۇنچە كۈچەيمەن .لېكىن يۇقىردىكى رەھبەرلەر كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ،كىتاپ ئوقۇش باشلىنىپ بىر ئايغىچە تارقىتىلمىغان . كۈندە  يېنىغا چىقىپ دېسىمۇ ،يەنىلا شۇ بىر ئېغىز گەپ «بىر ئامال قىلىپ ئۆتۇپ تۇرۇڭلار، ئاز قالدى ،كېلىپ قالار»    بەزىدە بىزمۇ ئامالسىز . رەھبەرنىڭ بۇيرىقىسىز قىلنى يۆتكەپ قويسىڭىز كۈرىدىغىنىڭىز بار.

جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش