مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1221|ئىنكاس: 9

ياق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16520
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3662 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 01:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                          ياق

                                        (ھېكايە)

                                 ئاپتورى:پەرھات جەمشىت

ئۇ تاكى بۈگۈنگىچە«ياق »ېگەن سۆزنى ئاغزىغا بىر قېتىممۇ ئېلىپ باقمىغاندى.

ئىدارىسىدە بولسۇن ياكى ئائىلىسىدە بولسۇن ئۇ پەقەتلا «ياق»دېگەن سۆزنى ئاغزىغا ئېلىشنى خالىمايتتى.شۇ ۋەجىدىن ئائىلىسىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى.

يەكشەنبە كۈنى ئۇ خوتۇنىغا ياردەملىشىپ كىر-قاتىلارنى يۇيۇشۇپ بەرگەندىن كېيىن،چاچ-ساقاللىرىنى ياسىتىش ئۈچۈن ساتىراچخانىغا كەلدى،ئادەم كۆپ بولغاچقا ساقلىماقتىن باشقا چارە بولمىدى.نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلدى ساتىراچ    ئۇنىڭ چېچىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن.

ــ بۇرۇت قويۇپ قويايمۇ ؟دېدى.ئۇ ئىككىلەنمەيلا:

ــ «ماقۇل» دېدى.شۇنداق قىلىپ ئۇ چاچ –ساقاللىرى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەينەككە شۇنداق بىر قارىۋىدە كۆز ئالدىدا ئۆزى ئەمەس باشقا بىرى تۇرغاندەك ھېس قىلدى ۋە ساتىراچقا قارىدى.

ــ قالتىس ياراشتى بۇ بۇرۇت  سىزگە دائىم موشۇنداق بۇرۇت قويۇپ يۈرسىڭىز بولغۇدەك دېدى ساتىراچ كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە شۇنداق قىلىپ ئۇ ساتىراچخانىدىن رازىمەنلىك بىلەن چىقىپ كەتتى.

كۈندىلىك ئادىتى بويىچە بالدۇرلا ئىشخانىغا كەلگەن ئۇ ئىشخانىنى تازىلاپ بولۇپ تاماكا چەككەچ  خىيالغا چۆمدى:«توۋا بۇرۇت دېگەن ئادەمنىڭ زىننىتى ئىكەن قارىمامدىغان يارىشىپ كەتكىنىنى»ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇرۇنراق بۇرۇت قويۇشنى ئويلۇشۇپ باقمىغىنىغا پۇشايمان قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئەيبلەپمۇ ئۈلگۈردى.

  مەمۇرىيەت يىغىنىدا باشلىق ئۇنى تونۇمايۋاتقاندەك يېنىشلاپ بىر نەچچە قېتىم قاراپ چىقتى.«سېكىرتارغا نېمە بولغاندۇ،ئەجەپ ماڭا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ كەتتىغۇ،مېنى ئۆستۈرۈشنى ئويلۇشۇۋاتقانمىدۇ؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆلگۈردى.

يېغىندىن يېنىپ ئۇ ئىشخانىسى تەرەپكە مېڭىشىغا:

ــ ئىشخانامغا كىر !دېدى باشلىق كۆزىنىڭ ئاق پاقتىسىنى چىقارغان ھالدا.

شۇنۇڭ بىلەن ئۇ باشلىقنىڭ كەينىدىن ئىخشخانىسىغا كىردى.

ــ بۇ نېمە قىلىق؟سورىدى باشلىق قاپاقلىرى تۈرۈلگەن قىياپەتتە.ئۇ ھېچنەرسىنى چۈشەنمىگەندەك قېتىپلا قالدى.

ــ مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن!

ــ نېمە بولدى سېكىرتار؟دېدى ھىجايغان قىياپەتتە.

ــ نېمە بولغىنىنى ئۆزەڭ بىلمەمسەن!قارىغىنا قۇيۇۋالغان بۇرۇتۇڭنى؟مېنىڭ بىر نەچچە قېتىم بۇرۇت قويۇشقا بولمايدۇ،دېگەنلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ئۇ سەت بىرنى ئالىيىپ قويدى.

ــ بۇرۇت قويۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەسقۇ؟

ــ تولا قانۇن-پانۇن دېمەي دەرھال بېرىپ بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرىۋېتىپ كەل!

ــ «ياق»ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكنى سەزمەيلا قالدى.سېكىرتارنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى بولغاي.

ــ نېمە دېدىڭ؟ سورىدى ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ.ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى تۇيقسىز ئۇنىڭ ئاغزىدىن.

ــ«ياق»دېگەن سۆز قايتا چىقتى.سېكىرتار ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى ئىدى.ئەرۋايى ئۇچقان ئۇ.

ــ ئۇنداق بولسا خىزمەتتىن توختا!دېدى.

ــ «بولىدۇ»ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماتېرىياللىرىنى يىغۇشتۇرۇپ سومكىسىنى قولتۇقلىغىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئۇ تۈرلۈك خىياللار بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە،«قاتار چاي»غا تەييارلىق قىلىۋاتقان خوتۇنى ئەركىلىگەن قىياپەتتە:

ــ مەن چايغا بېرىپ كېلەي سىز بالىلارغا تاماق ئېتىپ بېرىڭ دىدى.

ــ «ياق» خوتۇن قۇلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى ئۇ ئەتىراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتكەندىن كېيىن ھېلىقى سۆزنى قايتا تەكرارلىدى.

ــ «ياق»ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق سۆز چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان خوتۇن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئېرىنىڭ پىشانىسىنى سىللىدى .ئۇ قىززىپ قالمىغاندى.

ــ نىمانداق قىلىسىز مېنىڭ سىزگە باشقا بىر نېمە دېگىنىم يوق«چايغا »بېرىپ كېلەي سىز بالىلارغا تاماق ئېتىپ بېرىڭ دەۋاتىمەن دىدى پەرىشان ھالدا.

ــ«ياق»دېدىمغۇ«ياق»دېدى ئۇ زەردە بىلەن.

ــ قانداق گەپ بۇ؟ خوتۇنى كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا ئۇنداق بولسا ئاجرىشىپ كېتەيلى دېىدى.

ــ «ماقۇل»شۇنداق قىلايلى ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چاپىنىنى ئۆشنىسىگە ئارتقىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-17 03:06 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 05:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئاۋارچىلق ‹ياق› دىيشنىڭ ئورنىغا ‹ھەئە› دەپ قويغانلقتىن كىلدۇ ،چوڭقۇر مەزمۇنغا ئگە ئەسەركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 06:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ئەمەس يۇمۇركەن .

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9123
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 06:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
/

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43797
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15959 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 06:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇساپىرنىڭ يۇرتى يوق ،
قانجىق ئىتنىڭ قۇرقى يوق ،
دۆت چوكاننىڭ خۇلقى يوق ،
يۇمشاقباشنىڭ بۇرتى يوق .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1438 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 06:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋاي،قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ،ھېكايىمىكىن دېسەم يۇمۇردەك قىلىدۇ يۇمۇرمىكى دېسەم گەپنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلامدۇ نېمە؟...........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 09:57:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇردىن ئۆزگەرگەن ھىكايە ئىكەن . بەزىدە ياق دېمىسىمۇ بولمايدۇ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 09:17:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇت ئۇ ئەرگە ئۆزىنى تونۇتۇپتۇ.ياخشى ھىكايە ئىكەن.

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100760
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 12:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[ ياخشى يېزلىپتۇ، بىراق يارتىلغان بۇ باش پېرسوناژ ھەقىقى تۇرمۇشىمىزدا بۇلىشى ناتايىن ، مەزمۇنى ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 06:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايېڭىزدە جەمىيتېمىزدىكى  بىر قىسىم ئىشلارنى ناھايىتى ئوچۇق تەسۋېرلەپ بېرىپسىز. ئاپىرىن

http://www.iptihar.net/bbs/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش