ۋاز كېچىشنى مۇھەببەت دىدىڭ
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەررارى)
ئادەم ئاتا يەپقالغاچ <مېۋە>،
بەرپا بولدى ئىنسان ۋە دۆلەت.
ئىنسان قىلغان گۇناھ كەبىرلەر،
قىيامەتنى كېلىدۇ سۆرەپ.
شۇ گۇناھلار ئىچىدە بەلكىم،
ۋاز كېچىشتىن ئېغىر گۇناھ يوق.
ئىنسان ئۈچۈن جاھاندا چۈنكى،
جاسارەتتەك ياخشى پاناھ يوق.
ئەقىدىلىك كىشىدىن سورا،
ئەقىدەڭدىن ۋاز كەچكەنمۇ دەپ.
ۋاز كەچكەندە سۆيگۈ بولمايدۇ،
سۆيگۈ دىمەك چىدام ۋە غەيرەت.
ئەمدى قاراپ باققىن پەرھادقا،
شىرىن ئۈچۈن تاغنى كەسكەنتى.
ئەگەر پەرھاد ۋاز كەچسە ئېيتقىن،
شىرىن ئاڭا دەستە تىزامتى؟!
باھادىرلار ۋەتەن ئىشقىدا،
ئالغان ئىدى قولىغا قورال.
ۋاز كەچكەننىڭ ۋەتىنى بولماس،
شىجائەتتە كۈلىدۇ ئىقبال.
ئەپسۇس كەچتىڭ ئەي كۆڭۈل مېۋەم،
پەرۋىش قىلغان گۈلۈم سەن ئىدىڭ.
ئېيتقىن كەچتىڭ نە سەۋەپ دىسەم،
ۋاز كېچىشنى مۇھەببەت دىدىڭ.
غەيرەت بىرلە ھايات قىممىتى،
ئىنسان رىزقى پۈتمەيدۇ <بەر>دىن.
مەغلۇبىيەت ئىشىك ئاچىدۇ،
تىزنى پۈكۈپ ۋاز كەچكەن يەردىن.
ۋاز كېچىشنى مۇھەببەت دىدىڭ،
غەيرەتكە كەل، سۆزۈڭ بەك چاتاق.
ۋاز كەچكەن شۇ ئابىدلەرگىمۇ،①
بەلكىم جەننەت ئىشىكى تاقاق.
①ئابىد:ئىبادەت - ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-17 11:05 AM