ۋاقىت توشتى ئىشقا مېڭىڭ
(ھېكايە)
ئاپتورى:پادىشاھ
ئۇلار بىر-بىرىنى ناھايىتىمۇ ياخشى كۆرىشەتتى،بىر كۈنى يىگىت قىزدىن:
__ ئىككى يىلدىن كېيىنكى موشۇ كۈندە ماڭا تېگەمسىز؟دەپ سورىدى.
_ قىز پاتتىڭىغىچە قىزارغان ھالدا" بولىدۇ دىدى" دىدى جاۋابەن.
يىگىت ئۇيقۇچان بولۇپ ھەر كۈنى بىرەرسى ئۇيغۇتۇپ قويمىسا چۈش بولغىچە ئۇخلايتتى.شۇ ۋەجىدىن قىز ھەر كۈنى سەھەردە ئۇنى ئۇيغۇتۇپ قويىدىغان بولۇپ كېلىشتى.شۇندىن ئېتىبارەن قىز ھەر كۈنى سەھەردە qqپاراڭلىشىش كۆزنىكىدە سائەت يەتتە بولدى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ" ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ "دىگەن سۆزنى يوللايدىغان بولدى. يىگىت كۈندە ئېكراندا كۆرۈنگەن ھېلىق خەت ۋە بىر دانە ئەتىرگۈلنى كۆرگەندىن كېيىن ئىشقا ماڭىدىغان بولدى.ئۇ كۈندە qqئۆچۈرمەيتتى
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت بارغانچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،ئالدىراشلىقتا نە مۇھەببەتلىشىدىغانغا نە تورغا چىقىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ قىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندى،ھېلىقى qqسىمۇ غېرىبسىنىپ نومۇرى ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتتى!
ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى،يىگىت ئاخىرى ھارغىنلىق،زېرىكىشلىك ھېس قىلدى بولغاي، ئىللىق ئائىلە قۇرۇش خىيالىغا كەلدى،تۇيۇقسىز نازاكەتلىك،خۇش چىراي قىزنى ئېسىگە ئالدى-دە:
كومپىيۇتېرنى ئېچىپ qqغا چىقتى ۋە ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپلا قالدى!
ئەسلىدە ئىككى يىلدىن بۇيان قىز ھەر كۈنى سەھەردە"ۋاقىت توشتى،ئىشقا مېڭىڭ"دېگەن خەتنى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن كۈنگە قەدەر يېزىپ كەلگەن ئىكەن!
بۇ ئېلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدى،بىر ياقتىن قىزنى ئەسلىسە يەنە بىر ياقتىن قىزنىڭ باش سۈرئىتىگە چېكىشكە باشلىدى. قىزنىڭ نومۇرىمۇ ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتكەن ئىكەن.ئۇ قىزغا تېلىفون قىلدى لېكىن تېلىفونىمۇ توختاپ قالغاندى.ئۇ دەررۇ قىزنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى.
يىگىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلىغان قىز، يىگىتىدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغاچقا ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 10:48 PM