مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 871|ئىنكاس: 4

سەبۇرى: چولپاننىڭ ئائىلە يوقلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53551
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 01:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەر ئوسمان سەبۇرى

چولپاننىڭ ئائىلە يوقلىشى
(ئېتوت)


قاتناشقۇچىلار:
سائادەتخان ئانا---60 ياشلاردىكى دېھقان موماي
قاسىم—سائادەتخان ئانىنىڭ چوڭ ئوغلى، 40ياشلاردا،دېھقان
ئاسىمجان-- سائادەتخان ئانىنىڭ كىچىك ئوغلى، چوڭ شەھەردە ئىشلەيدىغان داڭلىق ناخشا چولپىنى،35 ياشلاردا
سەھنە: بىر دېھقاننىڭ ئۆيى. ئۆي ئىچىدە بىر سۇپا، سۇپا ئۈستىدە كىچىك تاماق شىرەسى قويۇلغان. شىرەگە ئاسىمنىڭ سەھنىدە بوينىغا گۈلچەمبىرەك سېلىۋالغان  ھالدا ناخشا ئېيتىۋاتقان چوڭايتىلغان سۈرىتى قويۇلغان.
      سائادەتخان ئانا: ( سىرىتتىن سۈپۈرگىنى كۆتۈرگەنچە كىرىدۇ) ئۇھ، ئەجەبمۇ ھېرىپ كەتتىم. خۇددى نەچچە يىل ئادەم ئولتۇرمىغان ئۆيدەك تازىلىسام-تازىلىسام  ھويلىنىڭ توپىسى ئەجەب يوقاي دېمەيدۇيا؟ (سۈپۈرگىنى يانغا قويۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئاسىمنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئېلىپ سۈرتىدۇ) ھەي جېنىم ئوغلۇم، ھەر قېتىم تېلېۋېزوردا چوڭ باشلىقلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ چىقساڭ مەھەللىدىكىلەر «بىزنىڭ مۇشۇ جاڭگالدىنمۇ ئاسىمجانغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە داڭ قازانغان چولپانلار چىقتى» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشقىلى تۇرسا خۇشلۇقتىن بېشىم ئاسمانغا تاقىشىپ كېتىدۇ ...ئامراق بالام، تاتلىق بالام، ئىككى-ئۈچ يىلدىن بىرى سېنى كۆرمەي يېگەن-ئىچكىنىم چىرايىمغىمۇ چىقمىغانتى، خۇداغا مىڭ شۈكرى، سېنىمۇ كۆرىدىغان، ھېدىڭنى پۇراپ ياتىدىغان كۈنلەرمۇ نېسىپ بولىدىكەن ماڭا...
قاسىم: (سىرىتتىن سۇلياۋ خالتىدا مېۋە-چېۋە، سامسا، تاتلىق-تۈرۈملەرنى كۆتۈرۈپ كىرىدۇ) ئانا، ئانا، سىز بۇيرۇغان سودىلىقلارنى مىڭ بىر جاپادا پۈتتۈرۈپ كەلدىم مانا! ھەممە نەرسە ئەجەب قىممەت بولۇپ كېتىپتۇيا! (خالتىلارنى ئېچىپ مېۋىلەرنى تىزىشقا باشلايدۇ)
سائادەتخان ئانا: بىزگە قىممەت بولغان بىلەن خەقنىڭ يانچۇقىدا پۇل جىق، بالام. پۇل يەتمىگەن بولسا ھېلىقى تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن يىغىپ-تۆشەپ قويغان ئۈچ-تۆت يۈز كوي پۇل مانا مە يەردە بار. لازىم بولسا قورقماي ئىشلىتىمىز ،بالام.
قاسىم: ۋاي ئانا، ئۇ دېگەن سىزنىڭ  پۇلىڭىز! ئاغرىپ-سىلاپ قالسىڭىز ئەسقاتىدۇ! ئۆتكەن ھەپتە مەھەللىمىزدىكى قۇناخۇن قاسساپنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇپ بېرىپ تاپقان پۇل تېخى يېنىمدا بارتى، بۈگۈن ئەجەب ئەسقاتتى... ئۇكام ئاران بىر كەلگەندە پۇل لازىم بولسا قۇلۇم-قوشنىلاردىن ئالساممۇ ئېلىپ، سىزنى يەرگە قاراتماي ئالدىغا چىقالايمەن،ئانا!
سائادەتخان ئانا: ۋاي، رەھمەت بالام، رەھمەت! ھېلىمۇ نەچچە يىلدىن بىرى داداڭنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماي، مېنى گۈلدەك بېقىپ كەلدىڭ. خۇدايىم ئەجرىڭنى بېرەر، بالام!
قاسىم: ھە،ئانا، گۈلسۈمخان كۆرۈنمەيدىغۇ!
سائادەتخان ئانا: ۋاي، نېمىسىنى دەيسەن، بىچارە كېلىن بالام سەھەردىن بىرى ھويلا-ئاراملارنى تازىلاپ، بىر تونۇر ناننى يېقىۋېتىپ، بايام تېخى زەپ-زىرائەتنى يوقلاپ كېلەي دەپ ئېتىزغا ماڭدى. ئەتىگەندىلا پىكاپتىن بىرنى تېپىپ ئايرودرۇمغا ئۇكاڭنىڭ ئالدىغا چىققىن دېسەم، كۆڭەلشىمىدىڭ. ئۇكاڭ كەلگەن بولسا، يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرەلمەي قىينىلىپ قالمىغاندۇ-ھە!
قاسىم: ۋاي ئانا، خاتىرجەم بولۇڭ. ئالدىغا مەن بارمىساممۇ ئاسىمجاننى كۈتىۋالغىلى بۇ چاغقا شەھەردىكى ئېسىلزادە بايۋەتچىلەر پىكاپتىن ئوننى تەييار قىلىپ بولغاندۇ؟ ئۇ دېگەن كاتتا چولپان تۇرسا، ماڭا ئاشامتى دەڭا! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ ھويلىنىڭ لاي تاملىرىنى ئۇلدايمەن، ئېغىل-قوتانلارنى ئوڭشايمەن دەپ چولاممۇ تەگمىدى.
سائادەتخان ئانا: ئوبدان قىلدىڭ بالام. ئۇكاڭ كەلسە مېھمانلىرىمۇ بىللە كېلىدۇ. كەمبەغەل بولساقمۇ پاكىزە بولغىنىمىز ياخشى. ئۇكاڭنىڭ يۈزى ئەمەسمۇ!
قاسىم: شۇنى دەڭا ئانا! ئالدىنقى قېتىم ئاسىمجان ئايالىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئايالى ھويلىغا كېرىپلا: « بۇ ھويلا نىمانچە كونا، نېمانچە مەينەت! ھازىر قايسى زامان، يەنىلا مورا ئوچاقتىن خۇمداندەك ئىس چىقىرىپ ئەخلەت-چاۋارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ تاماق ئېتىپ بىرىدىغان گەپمىكەن- ھە!؟ ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ! ئەگەر بۇنداق ئۆيدە بىر كۈن تۇرىدىغان بولسام ئەتىلا ساراڭ بولۇپ قالغۇدەكمەن، بۇنىڭدىن ئالۋاستىنىڭ ئۇۋىسىمۇ ياخشىراق!» دەپ ئۆيگىمۇ كىرمەي دارقاڭشىپ چىقىپ كېتىپ، مىھمانساراينىڭ ھاجەتخانىسى بار ئالىي ياتىقىغا كىتىپ قالغانتى... ئۆيدىكى بار دۇنيالىق بىر پاقلاننى سويۇپمۇ، ئۇ ساھىبجامالغا بىر لوقما يېگۈزەلمىگەنتۇق. بۇ قىتىم يەنە شۇنداق بولۇپ قالمىغاي-ھە ،ئانا!
سائادەتخان ئانا: ۋاي، بالام! ئۇ چاغدا داداڭ رەھمەتلىك ئۇزۇن كېسەل تارتىپ ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بېساتىمىزنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ بۇ ھويلىمۇ راست بىر جىنننىڭ كەپىسىگە ئوخشاپ قالغانتى. تېرىك يۈزىنىغو كۆرەلمىدى، ئۆلۈك يۈزىنى بولسىمۇ كۆرسۇن دەپ تېلېفۇن قىلدۇرسام، ئاتايىن ئۇ خېنىمنى ئېلىپ كەپتىكەن، بىزنىڭ بىسەرەمجان ۋاقتىمىز بولغاچقا شۇنداق بولۇپ قالغان، بالام! شۇ ئىشنى ھەر ئويلىسام مېنىمۇ يىغا باسىدۇ...
قاسىم: ھەي...، بۇ كۆڭۈلسىز گەپنى دېيىشمەيلى ئانا...
(سىرىتتىن ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن، سېگنال بەرگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ)
قاسىم: ئانا،ئانا! ئۇكام كەلگەن ئوخشايدۇ. قاراپ  باقاي! (سىرتقا بويۇنداپ قارايدۇ) ۋاي ئانا، ئەنە، ئىككى پىكاپ كېلىپ توختىدى. ئالدىغا چىقاي!
سائادەتخان ئانا: (پاي پېتەك بولغىنىچە ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەچ داستىخاننى ئوڭشايدۇ) ۋاي، ئاسىمجان، جېنىم بالام! بىر جېنىڭغا ئىككى پىكاپ بىلەن كەلگەنسەنمۇ؟ كۆزۈمدىن ئۇچقۇدەك بولغانتىڭ (ئانا سىرتقا ماڭىدۇ ۋە ئىشىكتىن كىرگەن ئاسىمجان بىلەن دوقۇرىشىدۇ)
ئاسىمجان: (ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ چوڭقۇر  سالام بېرىدۇ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا!
سائادەتخان ئانا: ۋاي، جېنىم بالام! كەلدىڭمۇ؟ (ئانا-بالا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ) جېنىم بالام! سېنىمۇ كۆرىدىكەنمەن ھە، ئەجەب سېغىندىم! داداڭ رەھمىتىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايسەن يىگىت بالام. يەنە بىر كۆرەلمەي ئاخىرەتكە كېتىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيىتتىم.
ئاسىمجان: ئۇنداق دېمەڭ، خۇدايىم ئۆمرىڭىزنى بېرەر جېنىم ئانا! پۇتىڭىز خېلى ئوڭشىلىپ قاپتۇ-ھە! بېلىڭىزنىمۇ تۈزلىيەلىگۈدەك بولۇپسىز مانا!
سائادەتخان ئانا: خۇدايىم شىپالىق بەردى بالام. بەك ئۆرە بولالمىساممۇ ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىمدىن چىقالايمەن، مىڭ قەتلە شۈكرى!
ئاسىمجان: ئالدىراشچىلىقتا ئېسىلراق سوۋغاتمۇ ئەپكېلەلمىدىم. ئاز بولسىمۇ بۇنى ئالغاچ كەلدىم. پايدا قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.(قولىدىكى ئېسىل ئورالمىلىق ئىككى بولاق سوۋغاتنى ئانىغا بېرىدۇ)
سائادەتخان ئانا: نېمىشقىمۇ ئاۋارە بولغانسەن بالام! كەلگىنىڭنىڭ ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل سوۋغات ئىدى... بۇلتۇر ئاغرىپ قېلىپ، بەك ئېغىر يېتىپ قالغان چېغىمدا خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن كېلەلمىگەنتىڭ.
ئاسىمجان: ئۇ چاغدا ئىچكىرىگە يەرمەنكىگە ئويۇن قويغىلى ماڭغان، شۇڭا...
سائادەتخان ئانا: شۇنىڭ بىلەن  ئاكاڭ ئۈرۈمچىگە ئاپاردى. ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتمەي دوختۇرخانىغا يوقلاپ كېلىپ بىر مۇنچە ئاۋارە بولدۇڭ.
ئاسىمجان: خىجىل قىلمىڭ ئانا، مەن قانچىلىك ئاۋارە بوپتىمەن؟ بارسام ئاكام پۇلنىڭ ھەممىنى تاپشۇرۇپ بوپتىكەن، ئانچە-مۇنچە تاماق ئەكىلىپ بەردىم شۇ. پەرزەنت بولغان ئادەم بۇنچىلىك قىلمىساق بولامدۇ؟
(قاسىم سىرتتىن كىرىدۇ)
قاسىم: ئۇكام، مېھمانلارنى ئۆيگە باشلىسام ئۇنىمىدى، قوغۇندىن بىرنى پىچىپ بېرىپ يېنىپ كىردىم. ئۆزىڭىز چىقىپ باشلاپ ئەكىرەمسىز يا؟
ئاسىمجان: بولدى، بولدى ...شەھەردە قېپقېلىڭلار دېسەم ئۇنىماي قۇيرۇقۇمدىن سالىشىپ چىققاندىكىن تۇرسا تۇرار بىردەم...ھە ئاكا، «ئانامنى پات-پات دوختۇرخانلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ دورا ئېلىپ بېرىڭلار» دەپ نەچچە دېدىم. تېخى چەت ئەلنىڭ دورىلىرنىڭ ئىسمىنى توردىن تېپىپمۇ تېلېفۇندا دەپ بەردىم. شۇنىمۇ قىلغىلى چولاڭلار تەگمەپتۇ-دە!
قاسىم: ئەمدى ئۇكام، شۇ...(ئانىسىدىن يوشۇرۇنچە ئاسىمجانغا پۇل يوق دېگەن  ئىشارىنى قىلىدۇ، ئاسىم كۆرمەسكە سالىدۇ)
سائادەتخان ئانا: ياق بالام، ئاكاڭمۇ ئوبدان قارىدى...
ئاسىمجان: قارىمىسا بولامدۇ؟ بىز پەرزەنت بولغۇچىلار ئاتا-ئانىنىڭ ئوتىدا كۆيىشىمىز، سۈيىدە ئېقىشىمىز، دەردىگە دەرمان بولىشىمىز كېرەك. قانداق دېدىم ھە ئانا! بۇ قېتىم يۇرتتا ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالىمەن. چوڭ پائالىيەت بار. بىراق، ھازىر يەنە مېھمانخانىغا قايتمىسام بولمايدۇ. بىر نەچچە دوست-بۇرادەرلىرىم بىللە چىققان، بەك  ساقلاپ كەتتى. كەچتە چىقالماي قالسام ئەنسىرمەڭ. ئەتە چوقۇم چىقىمەن  جۇمۇ، ئانا!
سائادەتخان ئانا: ۋاي بالام! دىدارىڭغىمۇ قانمىغانتىم!  جىندەكلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كەتسەڭ بولامدۇ؟ بىر ئوتلام سۇمۇ ئىچمەي ماڭامسەن؟ ماۋۇ بىر تال ئالىمىنى سويۇپ بېرەي ئەمىسە...
ئاسىمجان: بولدى، ئانا، سىز بىز دېگەن دائىم بارغۇ! ئاۋۇ دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بۈگۈنلا كۆرۈشتۇق. تەكلىپىنى رەت قىلسام سەت تۇرىدۇ. شۇ تاپتا مېنى شەھەردە  بىر مۇنچە ئادەم ساقلاۋاتىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ئاكام بىللە بارسۇن.
سائادەتخان ئانا: ياق بالام،ساڭا  ئىشىنىمەن... ھە... ئاكاڭ بىللە بىرىپ ئالىي رىستۇرانلاردا تاماق يەپ باقسا، ئۇمۇ مەيلى. بۇ بىچارە جاپاكەش ئوغلۇم جاھاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باقمىدى.  بىللە ئاپارغىن ئەمىسە...
قاسىم: لېكىن مەن، شۇ...
ئاسىمجان: ھە،ھە...ئاكامنىڭ بارغۇسى بولسا مەيلى بىللە بارسۇن...يۈرە ئاكا...
قاسىم: مەن بۇنداق بارسام...
سائادەتخان ئانا: بولە بالام، ئاۋۇ بېشىڭدىكى تەلپەكنى تاشلىۋەتسەڭ قالدى ئۈستىۋاشلىرىڭ بەك چېنىپ كەتمەيدۇ. بايام تېخى ھېيتلىق كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلىۋالغانغۇ! بولسا كەچتە ئىنىڭنى بىللە ئېلىپ چىقارسەن.
ئاسىمجان: ماقۇل ئانا. ئالدىراپ قالدىم، بىز ماڭايلى ئەمسە.
        سائادەتخان ئانا: خوش، خۇدايىمغا ئامانەت بالام. ئاللاھ سىلەرنى سالامەت قىلسۇن!
(ئاسىمجان بىلەن قاسىم سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. موماي ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالىدۇ)
سائادەتخان ئانا: ۋاي، بۇ بالىنىزە...يېنىمدا بىر دەممۇ تۇرمىدى...بالىلار كېلىپ بولغۇچە جىندەك كۆزۈمنى يۇمىۋېلايچۇ...(موماي شىرەگە يۆلەنگىنىچە مۈگىدەپ قالىدۇ. سىرىتتىن مۇڭلۇق مۇزىكا بېرىلىدۇ. سېۋىت ئاجىزلىشىپ، كەچ بولغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ)
قاسىم: (سىرىتتىن ئاۋاز) ئانا...ئانا...تېز بولۇڭ، ئىشىكنى ئېچىڭا...
        سائادەتخان ئانا:   ئىشىك ئوچۇق بالام، كىرىۋەرگىن.
        (قاسىم ئىككى قولىدا چوڭ چوڭ ئىككى بوغچىنى كۆتۈرگەنچە ھاسىراپ كىرىدۇ.)
        قاسىم: ياق، ماۋۇ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالامدىكىن دىگەن.
        سائادەتخان ئانا: ۋاي ۋۇي بالام، نېمانچە جىق بىرنەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ، نېمە بۇ؟
        قاسىم: نېمە بولاتتى، ماۋۇ بېلىق، ماۋۇ پاقلان كاۋىپى، ئاۋۇ توخۇ قورۇمىسى، ماۋۇنى داپەن ياڭيۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ....
        سائادەتخان ئانا: ۋاي بالام، ئۇكاڭ شۇنچە نەرسىلەرنى ئەۋەتتىمۇ ماڭا؟
        قاسىم: ياق ئانا، ئۇلار تامىقىنى يەپ بولۇپ، بىر-بىرنى قولتۇقلۇشۇپ يۆلىشىپ، قول قېقىشىپ خوشلۇشۇپ، قۇچاقلىشىپ يالىشىپ دېگەندەك تەرەپ-تەرەپكە تارقاپ كېتىشتى. قارىسام 40 كىشلىك تاماق شىرەسىدە ئۆزۈم يالغۇز قاپتىمەن، شىرە ئۈستىگە قاتمۇ-قات تىزىلىپ كەتكەن مېۋە-چېۋە، كاۋاپ-قورداقلارنىڭ ھەددى -ھېسابى يوق، تەخسە ئۈستىدە تەخسە،تەخسە ئۈستىدە تەخسە... باشتا ئەكەلگەنلىرى ئەڭ تېگىگە كۆمۈلۈپ قىلىپ، شىرەنىڭ ئۈستىدە يوغان بىر تاغ ھاسىل بولدى دەڭا! مانا ماۋۇ يوتامدەك بېلىقلار، قپقىزىل پىشقان مىزىلىك غاز- ئۆدەكلەر. كۆپكۆك چىڭسەينى چىشلىگەن پېتى تونۇردىن قېچىپ چىقىپ، داستىخاننىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پاقلانلار شىرەدە شۇ پىتى تۇرۇپتۇ. قارايدىغانغا ئادەممۇ يوق، شۇڭا قورسۇقىمغا جىن كىردى. بۇنداق نازۇ-نىمەتلەرنى داستىخان بىلەن «شاققىدە!» قاتلاپ قوينۇمغا سېلىپ ئەپكېتەلىگەن بولسام،   ئەتە مەھەللىمىزدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە جامائەتنى ھويلىمىزغا جەم قىلىپ : «ئېچىل، داستىخېنىم، ئېچىل!» دەپ داستىخاننى شۇنداق بىر يايسام نازۇ-نېمەتلەر ھورى كۆتۈرۈلگەن پېتى داستىخاندا ھازىر بولسا...پاھ،پاھ، كارامەت ئىش بولاتتى-دە! يەنە تېخى  بايام سورۇندىكىلەر كالا مەنتەڭ ئىچكەندەك ئىچىپ تۈگىتىۋەتكەن بىرسى 1800كويلۇق ئادەمباشلىق ئات سۈرەتلىك ئون-يىگىرمە شېشە ھەلەقنى قولتۇقۇمغا قىسىپلا ئەپچىقىپ سېتىپ، پۇلىسىنى نەق مەيداندىلام غېرىپ-غۇرۋالارغا تارقىتىپ بېرەلىگەن بولسام.... تېخىمۇ كارامەت ئىش بولاتتى دەڭا، ئانا!
        سائادەتخان ئانا: بالام، ئۇ گەپلىرىڭنى قويۇپ ھېلىقى  گېپىڭنىڭ ئاخىرىنى دېگىنە!
قاسىم: شۇنداق قىلىپ كۈتكۈچى قىزدىن :«مەن بۇلارنى ئىلىپ كەتسەم بولامدۇ» دەپ سورىسام، ئۇ قىزچاق قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، ئېغىزلىرنى پۈرۈشتۈرۈپ: « سىز كىم بولىسىز؟» دەيدۇ، « كىم بولاتتىم، مىللىتىمىزنىڭ داڭلىق چولپىنى، بۈگۈنكى سورۇننىڭ ئەزىز مىھمىنى، يۇرتىمىزنىڭ پەخرى، كۆزىمىزنىڭ گۆھىرى، ئاسىمجان نامان دېگەن ئاتاقلىق چولپاننىڭ ئاكىسى بولىمەن» دېدىم!
سائادەتخان ئانا: ھە، ئۇ قىز بالا نېمە دېدى، بالام؟
قاسىم: ئۇ قىزچاق كۆزگە ئىلمىغاننى قىلىپ: « ۋىيەي سىزما! كونتاكىنتىنىڭ ئاكىسدەك تۇرىسىز قارىسا، قوتۇ باسقان ئەچكۈدەك، شۈمۈپ تاشلىۋەتكەن ئۈچكىدەك، قارىڭە ئەپتىڭىزگە ! يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئىشەنگىدەك گەپنى تېپىپ قىلمامسىز؟! » دەيدۇ.
سائادەتخان ئانا: خۇدايىم توۋا، شۇنداق دەمدۇ تېخى...
قاسىم: ۋاي، ئۇنى بىر دېمەڭ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ  ئاچچىق دېگەن چوقامدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقتى. شۇنىڭ بىلەن يېنىمدىن كىملىكىمنى شاققىدە چىقاردىم، « ھە، سىز ساچىر خانىمنىڭ سىڭلىسى بولسىڭىزمۇ، بۇنىڭغا بىر قارىۋېتىڭە، كىمكەنمەن؟» دېدىم.
سائادەتخان ئانا: تازا ئەدىپىنى يەپيۇ-دە ئۇ جىنتەك! زۇۋان سۈرەلمەي قالغاندۇ؟
قاسىم: نەدىكىنى؟  ئۇ چىرايلىق ئاشىق تەپتارتماستىن قولۇمدىن كىملىكنى شاققىدە تارتىپ ئېلىپ، « قاسىم نامان؟ ۋىيەي راسكەن!›› دەپ چايان چىقىۋالغاندەك چىقىراپ كەتتى.
سائادەتخان ئانا: ۋاي،ۋاي...ئەمدى تونۇپتۇ-دە!
قاسىم: ئۇمۇ بولىدىغان ئوبدان قىزكەن ئانا! شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇئامىلىسى بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ، «سىز بەك بەخىتلىككەنسىز جۇمۇ، بىز قولىنى بىر تۇتۇۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەك ئارمىنىمىز يوق دەپ، تىكىلىپ قاراشقىمۇ پىتىنالماي يۈرگەن، ئاشۇ دۇنياۋىي چولپان راست سىزنىڭ ئىنىڭىزكەن-دە! بولدى خالىغىنىڭىزنى ئېلىڭ، كۆتۈرەلمىسىڭىز مەن كۆتىرىشىپ بېرەي. ماۋۇ تېلېفۇن نومۇرۇم، ئىنىڭىز كەتكىچە يەنە كۆرۈشەرمىز، مېنىڭ ياخشىلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويارسىز!» دەپ توموچۇقتەك سايراپلا كەتتى.
سائادەتخان ئانا: ھە، كېيىن قانداق بولدى؟
قاسىم: ۋاي، قانداق بولاتتى ئانا؟ ئۇ قىز بىر نەچچە دوستىنى چاقىرىپ، بۇ نەرسىلەرنى خالتىغا قاچىلاپ، كۆتە-كۆتە قىلىپ ماشىنا بار يەرگىچە ئەكىلىشىپ بەردى. مەن ماشىنا كىرا قىلىپ ئۇدۇللام ئۆيگە چىقتىم شۇ.
        سائادەتخان ئانا: ۋاي بالام يامان قىپسەن. ئىنىڭنىڭ دوستلىرى بىلىپ قالسا، ئاسىمجاننىڭ ئاكىسى دىۋانىكەن دەپ ئەيىپ قىلارمۇ ئەمدى؟
        قاسىم: ياق، ئانا. ئۇنداقمۇ دېمەس. دېسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. بىز دىۋانە ئەمەس، لېكىن ئۇلاردەك باياشادمۇ ئەمەس. ئىنىم كەلگەندە ئىشىك تۈۋىگە يىغىلىپ كەلگەن پىكاپلار ئىنىم كەتكەندە يولدا ئۇچراپ قالسا، خۇددى سوقۇۋەتكىدەك بولۇپ، بىزنى چاڭ-توزاندا كۆمۈۋىتىپ، غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىنىمنىڭ بالىسىغا خوشامەت قىلىپ، مىڭ كويلاپ ھېيتلىق بېرىشكەن ئاشۇ بايۋەتچىلەر سىز ئەجەلنىڭ چاڭگىلىدا ياتقاندا ئاڭلىماسقا سېلىپ، بىر قېتىم قاراپ قويۇشنىمۇ ھار ئېلىشىدۇ...
        سائادەتخان ئانا: ئاڭلىماي قالغاندۇ، بالام.
        قاسىم: ئاڭلىماي قالامدۇ؟ ئۇكام كەلسە شۇ مىنۇتتىلا رو چىۋىندەك پەيدا بولۇشىدىغان، ئۇكام بىلەن ھەپتىدە نەچچە قېتىم تېلېفۇن قىلىشىدىغان، ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالسا، ئۇكام  بىلەن كۈندە نەچچە ۋاق رىستۇراندا مېھمان بولۇشىدىغان ئەشۇ ئېسىلزادىلەر ئاڭلىماي قالامدۇ؟ بۇلتۇر، بىز بىر ياز كەنتنىڭ ياردىمىدە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دەپ، ئانا-بالا پاتىڭىمىزنى چىقىرىپ ئىشلىدۇق. كەنتتىكى ياش بالىلار، ئاسىمجاننىڭ ساۋاقداشلىرى چولىسى تەگسىلا كېلىپ ياردەملەشتى. ئەشۇ ئىسىلزادە بايۋەتچىلەرچۇ؟ مەھەللىمىزدىن نەچچە ئۆتتىكى، ماشىنىدىن چۈشۈپ قاراپ قويغىلىمۇ بولالمىدى.  ئۇنىمۇ ئاڭلىماي قالامدۇ؟ گەپ نەدە؟ گەپ دەل ئاسىمجاننىڭ بۇ يەردە يوقلىقىدا! ۋاييەي كارىم يوق، ئۇلار مېنى نىمە دەپ قالسا قالار.
        سائادەتخان ئانا: ئەكەلگىنىڭمۇ بوپتۇ. لېكىنزە بۇ تائاملارنى، مېھمانلار كەتكەندىن كېيىن ئاشۇ كۈتكۈچى قىزلارمۇ يەيدىغان بولغىيتتى، بالام؟
        قاسىم: قويىڭا ئانا. چوكا تەگمىگىنى بىلەن، 7~8 سائەت چاقپەلەكتەك ئۈستەلدە چۆرگىلەپ ېىشى قىيىپ، تاماكىنىڭ ئىسىدا ، ھاراقنىڭ بۇسىدا دۈملىنىپ، ھەتتا ئۈستىگە ھەلەقلەر تۆكۈلۈپ، تاماكىنىڭ كۈللىرى توزۇپ، ئەشۇ سورۇندىكىلەرگە ئوخشاش بىھۇش بولۇپ، مەززىسى قالمىغان بۇ تائاملارنى، تاشلىۋەتكىلى چىدىماي مەن كۆتۈرۈپ چىققان بىلەن رېستۇراندىكىلەر مىھمان كېتىشىلا، يۇندا چىلىكىگە تۆكۆۋىتىدىكەن ئەمەسمۇ!
        سائادەتخان ئانا: ۋاي ئېسىت! ئوبدان قىپسەن بالام. ئېلىپ چىققىنىڭ ناھايىتى ئوبدان بولۇپتۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ دېگەن تۇز، بۇ دېگەن رېسق! بۇ دېگەن ئىنساننىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن نازۇ-نىمەت! رېسىقنى ئىسراپ قىلىش، تۇزنى خارلاش -ئېغىر گۇناھ، بالام! بىلەمسەن ئوغلۇم؟ كونا زامانلاردا، ئاتا- بوۋىلىرىمىز ھەتتە بىر بۇردا نانغا زار ئۆتكەن چاغلارمۇ بولغان. كونىلارنىڭ بىر گېپى بار:« جاھاندا قىرىق يىل توقچىلىق، مەمۇرچىلىق، باي-باياشاتلىق بولارمىش. ئۇنىڭدىن كېيىن يەتتە يىل ئاچارچىلىق دىشۋارچىلىق بولارمىش. ئەشۇ يەتتە يىللىق ئاچارچىلىقنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك رىيازىتى، دىشۋارچىلىقى ئاشۇ قىرىق يىللىق مەمۇرچىلىقنىڭ راھەت- پاراغىتىنى بېسىپ چۈشەرمىش». ئوتتۇز-قىرىق يىل بولدى. جاھان ياخشى، ھال كۈنىمىز كۈندىن-كۈنگە ئوڭشىلىۋاتىدۇ، ئىشقىلىپ ئاچ-يالىڭاچ بىرمۇ ئادەم قالمىدى. توقچىلىق، مەمۇرچىلىق دېگەن مانا مۇشۇ.  بىراق، قىرىق يىل مەمۇرچىلىقتىن كېيىن، يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولىمىش دېگەن گەپ ھەر قېتىم ئېسىمگە يەتسە تەنلىرىم شۈركىنىپ كېتىدۇ.
        قاسىم: ئادەمنى قورقۇتماڭا ئانا، خۇدايىم ساقلار، ھازىر جاھان ياخشى، يۇرتمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولمايدۇ. ئاچارچىلىق بولسا ھۆكۈمەت بار، قاراپ تۇرمايدۇ.
        سائادەتخان ئانا: دېگىنىڭدەك بولغاي ئىلاھىم. لىكىن، شۇ ئاچارچىلىقنى كونىلار:«ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىل قىلغان ئىسراپچىلىقلىرى، نائىنساپلىقلىرى، مۇناپىقلىقلىرى، تەكەببۇرلۇقلىرىنىڭ جازاسى» دېيىشىدىكەن. شۇڭا مەيلى ئاچارچىلىق بولسۇن بولمىسۇن، ئەشۇنداق نائىنساپلىقلاردىن، ئىسراپچىلىقلاردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك.
        قاسىم: مەنغۇ ھەزەر ئەيلاۋاتىمەن شۇ.
        سائادەتخان ئانا: ھە، يېنىڭدا بۇزۇپ-چاچقۇدەك، ئىسراپ قىلغۇدەك بىر نەرسە بولمىغاچقا ھەزەر ئەيلاۋاتقانسەن، تايىنلىق.
        قاسىم: ئەمىسە بۇ گەپنى ھېلىقى ئىسراپ قىلغان، بۇزۇپ-چاچقانلارغا دېسىڭىز بولىدۇ-دە!
        سائادەتخان ئانا: ھەي بالام، دېمەيدۇ دەمسەن؟ ماڭا ئوخشاش ئاجىز، بىچارە، ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىغا بۇ گەپنى دەيدۇ. ئەگەر ئاشۇ بالىلار  ئاتا-ئانىلىرىنىڭ،  ئەجدادلىرىنىڭ يولىنى تۇتىدىغان، گېپىنى ئاڭلايدىغانلار بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىسراپچىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەيتتى.
        قاسىم: چۈشەندىم ئانا. ئەمسە مەن ئۇلاردىنمۇ ھەزەر ئەيلىسەم بولغۇدەك.
        سائادەتخان ئانا: ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيلى، بالام!


ئاپتورى : ئۆمەر ئوسمان سەبۇرى
يەكەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
2012-يىل 10- ئاي.  يەكەن

ئەسكەرتىش: بۇ ئېتوت «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- سانىدا، «مۇقام يۇرتى» ئېتوت – كۈلدۈرگە ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى سەھىپىسىدە قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغان. مۇسابىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەسەرنىڭ سەھنىلەشتۈرۈش ھوقوقى يەكەن ناھىيەلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە مەنسۇپ.  



باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 06:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھنىلەشتۈرۈلدىما؟ تەربىيە خاراكتىرىدىكى ئېتوتكەن.

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 08:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىتوت خىلى ياخشى يېزىلىپتۇ، ئارتىسلار رولىنى ياخشى ئالسا تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ...

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53551
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 09:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى سەھنىلەشتۈرۈلمىدى. 3- ئايلاردا  سەھنىگە چىقىشى مۇمكىن

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىزغۇ . فىلىمى چىقسا ياخشى چىققۇدەك.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش