مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3732|ئىنكاس: 6

‹‹ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ›› ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 10:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                              جۇڭگو
جۇڭگونىڭ ‹‹ ئەمگەك قانۇنى ›› دا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەركۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 44 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن . ئۆلچەم بويىچە ھەركۈنلۈك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى 3 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، ھەر ئايدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئومومىي ۋاقتى 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . فۇجىكاڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەر ئايلىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى 80 سائەت بولۇپ ، يوقىرىقى بىلەن سېلىشتۇرساق ئەڭ يوقىرى چەكنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يوقىرى بولغان . ھازىر كۆپلىگەن زاۋۇتلاردا تۆۋەن بولغان ئايلىق ئىش ھەققى ، يوقىرى بولغان ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى سىياسىتىنى قوللانغانلىقتىن ، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ يوقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئەھۋالىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ .
                                                          ۋېتنام
ۋېتنامنىڭ ‹‹ ئەمگەكچىلەر قانونى ›› دا ئەمگەكچىلەرنىڭ  كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ، ھەپتىلىك ئەمگەك ۋاقتى 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەنگەن . خۇجايىن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئۆزئارا كېلىشىپ ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە بولىدۇ . بىراق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ۋاقىت بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدىن%50 تىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ . كۈنلۈك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى 4 سائەتتىن ، ئايلىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى 30 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئەمگەكچىلەر  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت ۋاقىتتا ئادەتتىكى مۇئاشنىڭ 1.5 ھەسسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئادەتتىكى مۇئاشنىڭ 2 ھەسسىگە ئۆستۈرۈپ بېرىلىدۇ . كېچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىنىدۇ .
                                                 فرانسىيە
فرانسىيىلىكلەر ئىزچىل تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىشنى ئەڭ بىلىدىغان كىشلەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە . فرانسسىيىنىڭ ‹‹ ئەمگەك قانۇن توپلاملىرى ›› دا ‹‹ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت ›› ھەر ھەپتىلىك 35 سائەتتىن سىرت خىزمەتنى كۆرسىتىدۇ . يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتتە ‹‹ 35 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى ›› نى ئۆزگەرتىش ساداسى ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ھازىرغىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى . ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى 27 دۆلەت ئىچىدە فرانسسىيىنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تۇرىدۇ . بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى ئەمەلىيەتتە 41.1 سائەت ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى 6.1 سائەت بولۇپ ، بۇ جۇڭگودا بولسا ‹‹ سەۋەپسىز ئىش قالدۇرغانلىق ›› ھېساپلىنىدۇ .
                                               كانادا
كانادانىڭ ‹‹ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆلچەم قانۇنى ›› ، ‹‹ فىدىراتسىيە ئەمگەكچىلەر قانۇنى ›› قاتارلىقلاردا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە قاتتىق چەكلىمە بار . بىر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 44 سائەت بولۇپ ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ھېساپلىنىدۇ . ھەر قانداق سەۋەپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر خۇجايىننىڭ ياللانما خادىملاردىن ھەپتىدە 16 سائەتتىن ئارتۇق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق . ياللانما خادىملار تەلەپ بويىچە ئىشلىگەن ئىسمېنا ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ، بىۋاستە ئەرز قىلسا پەقەت ئىسپات تولۇق بولۇپ ، دەۋادا ئۇتۇپ چىقسا ، خۇجايىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
                                     ياپونىيە
ياپونىيە نامى چىققان ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش چوڭ دۆلىتى . ياپونىيلىكلەر ھەر ئايدا 23 كۈن ئىشلەيدۇ .قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر ئايلىق خىزمەت ۋاقتى 184 سائەت . مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ھەپتىدە 46 سائەتتىن سىرت خىزمەت ۋاقتى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ھېساپلىنىدۇ . مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ياپونىيدە ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ۋاقىت 30 سائەتتىن 60 سائەتكىچە بولۇپ ، نوپۇس نىسبىتى بويىچە تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئىشچىلار ۋە خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكە تويۇتا ، NEC  قاتارلىق كارخانا بىنالىرى ‹‹ كېچە بولماس شەھەر ›› دەپ ئاتالغان .
                                 ئامرىكا
ئامرىكىنىڭ 1938- يىلىدىكى ‹‹ بارۋەر ئەمگەك ئۆلچەم قانۇنى ›› غا ئاساسەن ئۆلچەمنى تۇرغۇزغان . ياللانما خىزمەتچىنىڭ بىر خىزمەت ھەپتىسى ئىچىدىكى خىزمەت ۋاقتى 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . 40 سائەتتىن سىرت خىزمەت ۋاقتى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ھېساپلىنىدۇ . ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 60 سائەت بولىدۇ . فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىراش ۋاقىتلاردا ياللانما خادىملارنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ . ئىشچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشنىڭ 1.5 ھەسسىلك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئېلىش سالاھىيتى بار .  بۇ مۇئاشنى ئېلىشنىڭ شەرتى تكلەم شەكلىدە بولۇپ ، ماددىي بويۇم ياكى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى بۇنىڭ مۇئاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ .ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرسە جىنايى ئىشلار مەسئولىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .


مەنبە : خەنزۇچە ‹‹ ئوقۇرمەن ›› ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى . ( 2013-6 ، 三月下 ، 黄一涵 )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 12:42:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدە ھەممىدىن مەمور بولسا ياخشى، دەم ئىلىش، خىزمەتنى تەڭشىۋالغىلى بۇلىدۇ، كەسپى ئورۇنلار سەل چاتاق،جوڭگو پۇچتىسىنىڭ يېزىلاردىكى خىزمەت ۋاقتى خىزمەت ۋاقىت جەدۋىلىدە 8 سائەت، ئەمىليەتتە ھەپتىسىگە 54 سائەتتى كەم بولمايدۇ، يىلدا يەكشەنبىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۈگۈنۈش ياكى يىغىن بىلەن بۇلىدۇ...
ئۇندىن باشقا يەنە زورلاپ تىڭىپ ساتىدىغان نەرسىلەرمۇ خېلى بار...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

كىتابخۇمار

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96203
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەپتىسىگە 44 سائەت دەۋاتقىنىنى،نەدىكى،كىم بويسىنىدىغان سىياسەتكەن ئۇ.
بىز ھەپتىسىگە 6 كۈن ئىشلەيمىز ،ئىككى كۈن 24 سائەت ئىشلەيمىز،كۈندۈزى خىزمەت،كەچلىكى دۇجۇرنى،76 سائەتتىن ئارتۇقكەن بىزنىڭ خىزمىتىمىز،مۇشۇ ئامانلىق قوغداش خىزمىتىنى زە...ئىدارىدە يا ئامانلىق قوغدىغۇچى يوق،يا قۇبۇل قىلمىغان،ئىشچى خىزمەتچىلەر كۈندۈزى خىزمەت كىچىسى ئامانلىق ئىشلىسە ئىشىپ كەتمەي قالامدا ....

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6170 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 06:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسى تىرورچىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ‹‹ تىرورلۇق زۇلۇمى ››  جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدا بەكرەك ئەۋىج ئېلىپ كىتىپ باردۇ ....................... ھەي ئىجىرا بولمايدىغان يۇزى......... قانۇنلار...

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامانلىق قۇغداش خادىملىرىنىڭمۇ  كىچە- كۆندۈز  ئىشلىشى ئىسمىنا ئىشلىگەنگە كىرەمدۇ.(نۇرمال خىزمەت
ۋاقتىدىن ئاشقان قىسمى)  بۇلارنىڭ مائاشىغۇ تۇراقلىقكەن، قارىغاندا ۋەزىپە ئۇخشايدۇ.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6763
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 01:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما بىز ئىشلەپ باقىمىز ئىسمىنا قوشۇپ ،لېكىن ھىچ نىمە يوق، تازىمۇ  بىر

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:08:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال يوق، ھەقسىز ئىسمىنىدىن باشقا شەنبە يەكشەمبىمىزمۇ قالمايۋاتسا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش