مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4596|ئىنكاس: 13

كالىندار ۋە يىلنامە ھەققىدىكى بىلىملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

88

تېما

959

يازما

1047

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90534
يازما سانى:
959
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10922
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2066 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-16
ۋاقتى: 2013-12-15 19:53:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

كالىندار ۋە يىلنامە ھەققىدىكى بىلىملەر

كالىندار ھەققىدىكى بىلىملەر ھەر بىرىمىز چوقۇم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەردۇر. ئەتراپىمىزدا كۆپۈنچە كىشىلەر بۇھەقتە كۆپ سۇئاللارنى سورىغان بولدى. شۇمۇناسىۋەت بىلەن ھەممەيلەننىڭ تەڭ بەھرىلىنىشى ئۈچۈن بۇھەقتىكى بىلىملەرنى يوللۇدۇم.

 1- ھىجرىيە ۋە مىلادىيەنى بىر–بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى

ئالدى بىلەن ئايلارنىڭ ئۈچ خىل ئاتىلىشىنىڭ شېلىشتۇرمىسىنى كۆرۈۋىتىپ ئاندىن ھىجرىيە ۋە مىلادىيەنى بىر–بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىمىز.

ئايلارنىڭ ئۈچ خىل  سېلىشتۇرۇلما ئاتىلىشى .

ئۇيغۇرچە         ئەرەپچە        خەلقارالىق   
ئاتىلىشى        ئاتىلىشى       ئاتىلىشى
             1 -ئاي
قەھرىتان،         مۇھەررەم،          يانۋار.
              2 -ئاي
ھۇد،                سەپەر،          فىۋرال.
                3 -ئاي
نورۇز،        رەبىئۇل ئەۋۋەل،           مارت.
               4-ئاي
ئۈمۈد،        رەبىئۇل ئاخىر،        ئاپرىل
               5-ئاي
باھار،،      جامادىيەل ئەۋۋەل،          ماي.   
                6 -ئاي
سەپەر،     جامادىيەل ئاخىر،         ئىيۇن.
               7-ئاي
چىللە،       رەجەپ،                  ئىيۇل،.
               8-ئاي
تومۇز،            شەئبان،        ئاۋغۇسىت.
              9-ئاي
مىزان،         رامىزان،              سىنتەبىر.
              10-ئاي
ئوغۇز،          شەۋۋال،              ئۆكتەبىر،
              11-ئاي
ئوغلاق،          ،زۇلقەئىدە،           نويابىر.
             12-ئاي
كۆنەك،        زۇلھەججە،          دىكابىر..

  ھىجرىيەدە  تاق ئايلار 30كۈن  جۈپ ئايلار 29كۈن بولىدۇ. ھىجرىيە كالىندارىنىڭ بىريىلى، مىلادىيە كالىندارىنىڭ بىريىلىدىن تەخمىنەن 11كۈن كىچىك بولغاچقا، ھىجرىيە كالىندا رىدىكى 1-ئاي بىلەن، مىلادىيە كالىندارىدىكى 1-ئاي بىر-بىرىگە 32يىلدا بىرقېتىم ئۇدۇل كىلىپ قالمىسا، ئادەتتە ئاساسەن ئۇدۇل كەلمەيدۇ. شۇڭا قۇربان ھېيت،روزاھېيت، رامىزان قاتارلىقلار ھەريىلى 11كۈن بۇرۇن ئالدىغا سۈرۈلۈپ كىلىدۇ.  ھىجرىيە كالىندارى مىلادىيە كالىندارىدىن ھەر يىلى 11كۈن كەم بولغاچقا،ھىجرىيەنىڭ 34يىلى مىلادىيەنىڭ تەخمىنەن 33يىلىغا توغرا كىلىدۇ. بىر ئەسىردە ھىجرىيە كالىندارى ، مىلادىيە كالىندارىدىن 3يىل كەم چىقىدۇ.  شۇڭا ھىجرىيە كالىندارى بىلەن مىلادىيە كالىندارىنى  سېلىشتۇرۇپ ھىساپللاش ناھايىتى مۇرەككەپ.  مەسىلەن؛ ھىجرىيەنىڭ مەلۇم بىر يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇنداق قىلىمىز؛ ھىجرىيە 1410-يىلىنى  مىلادىيەگە ئايلاندۇرۇشتا،  
     1989 = 622 +031 .1÷1410  بولىدۇ.
  ئەگەر قايسىبىر مىلادىيە يىلىنى  ھىجرىيەگە ئايلاندۇرماقچى بولساق، مۇنداق ھىساپلايمىز؛  .1433=32 ÷ ( 622-2012)+( 622- 2012 ) قوشىدىغان ياكى ئالىدىغان سان بولغان 621ياكى 622بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. نەتىجە توغرىلانغان ئىككى يىلنىڭ بىرى ئالدىنقى يېرىم يىل ، بىرى كىيىنكى يېرىم يىل بولۇپ چىقىدۇ.  
ھىجرىيە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاشۇرا كۈنى، 3-ئاي 21-كۈنى مەۋلۇد كۈنى، 7-ئاي 27-كۈنى مىراج "كۈنى. 10-ئاي 1-كۈنى روزاھېيىت. 12-ئاي 10-كۈنى قۇربان ھېيىت. بولىدۇ..بۇيىل يەنى 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى قۇربان ھېيىت بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ھىجرىيەنىڭ يىڭى يىلى  يەنى1434- يىلى 1- ئاينىڭ1- كۈنى بولىدۇ.  
2013-1
.
2- ئون ئىككى مۆچەل ھەققىدىكى بىلىملەر
12 مۆچەلنىڭ رەت تەرتىپى.

1-چاشقان يىلى 2020-2033-2044-2056

2-كالا يىلى    -2021-2033-2045-2057-

3-يولۋاس يىلى-2022-2034-2046-2058-

4-توشقان يىلى2023-2035-2047-2059-

5-بېلىق يىلى 2012-2024-2036-2048-

6-يىلان يىلى 2013-2025-2037-2049-

7-ئات يىلى  2014-2026-2038-2050-

8-قوي يىلى 2015-2027-2039-2051-

9-مايمۇن يىلى 2016-2028-2040-2052-

10- توخۇيىلى 2017-2029-2041-2053-

11-ئىت يىلى -2018-2030-2042-2054-

12-توڭگۇزيىلى2019-2031-2043-2055-


3- يىلنامە ھەققىدىكى بىلىملەر

  يىللارنىڭ بىشارىتى

ئىنسانلار ئۆزتارىخىدا ئۇزاق زامان ئۆزتەجرىبىللىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ھەربىر يىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھەرخىل بىشارەتلەرنى بەرگەن. مەسىلەن؛ يىلنىڭ بېشى،
1-يەكشەنىدىن باشلانسا،يىل بويى ئاپتاپ كۆپ چىقىدۇ،پادىشاھ ۋەھاكىملار پۇقرالارغا زۇلۇمنى كۆپ قىلىدۇ.يىل بويى بوران ھۆل -يېغىن ئازبولىدۇ. پۇقرانىڭ ئەھۋالىدا پەرىشانلىق يۈزبىرىدۇ. مىۋىلىك دەرەخلەردە مىۋە كۆپ بولىدۇ، ئۈزۈم كۆپ بولغانلىقتىن سېسىيدۇ،پاختا قىممەت بولىدۇ؛پادىشاھلار ئارىسىدا جەڭگە-جىدەل ،ئۇرۇش ماجرا كۆپ بولىدۇ.
2-يىل بېشى دۈشەنبىدىن باشلانسا پادىشاھلار ئارىسىدا دوستلۇق-كىلىشىم، بېرىش كىلىش پەيدا بولىدۇ. ھۆل- يېغىن كۆپ بولىدۇ ؛ چارۋىلار زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ ئۈزۈم ئوخشايدۇ ھەسەلدىن ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. پاختىنىڭ باھاسى چۈشىدۇ.
3-ئەگەر يىل بېشى سەيشەنبىدىن باشلانسا؛ئۇلۇغلار ۋە چوڭلار كۆپ ئۆلىدۇ. قانمۇ كۆپ تۆكۈلىدۇ؛ قەھەتچىلىكمۇ بولىدۇ؛ ھۆل يېغىن ئاز بولىدۇ؛ بېلىقنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئازبولىدۇ؛ ھەسەل كۆپ ۋەئەرزان بولىدۇ؛ شاھلار ئارىسىدا قانلىق ماجرا بولىدۇ.
4- يىلنىڭ بېشى چاشەنبە كۈندىن باشلانسا، پۇقرالارغا ئاراملىق ئاز بولىدۇ؛ خەلىق ئارىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا بولىدۇ؛ ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدۇ؛ زىرائەتلەرنىڭ بەزىسى ئوخشايدۇ، بەزىسى سۇ ئاپىتىگە ئۇچرايدۇ؛ ئۇششاق چارۋىدىن چىقىم كۆپ بولىدۇ. دەريا-دېڭىزدا يۈرگۈچىلەر كۆپرەك پالاكەتكە ئۇچرايدۇ؛ بۇغداي قىممەت بولىدۇ؛ مىۋە ھەسەل ئەرزان بولىدۇ؛خورما ئوخشايدۇ.
5- يىلنىڭ بېشى پەيشەنبىدىن باشلانسا؛ ئالىملار، قارىلار ۋە بىلىم ئەھلىنىڭ ،پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. بۇيىلدا تەخىتكە چىققان پادىشاھلار ئادىل بولىدۇ؛ مىۋە ،دانلىق زىرائەتلەر ئوخشايدۇ. ھەسەل، پاختا، ئۈجمىمۇ بەك ئوخشاپ مەمۇرچىلىق بولىدۇ.
6- يىلنىڭ بېشى جۈمە كۈندىن باشلانسا شۇيىل ئىچىدە بوھتان، يالغانچىلىق، پىتنە-پاسات كۆپ بولىدۇ؛ بۇغداي ھەسەل، قوغۇن قىممەت بولىدۇ؛ لىكىن يىلنىڭ كۈزپەسلى بەك ياخشى مولچىلىق بولىدۇ.
7- يىلنىڭ بېشى شەنبەكۈندىن باشلانسا بۇيىلدا قەھەتچىلىكمۇ ،مولچىلىقمۇ بولىدۇ. ھۆل يېغىن بەك كۆپ بولىدۇ؛ ئاھالە ئىچىدە ئۆلۈم-يىتىممۇ كۆپ بولىدۇ؛ يەريۈزىدە بەركەت كەم بولىدۇ؛ بەزى تېرىلغۇلار زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ خەلق ئىچىدە پەرىشانلىق پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھ بەگلەر زۇلۇمىدىن خەلىقتە نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. ظظظ يۇقارقىلاردا دىيلىۋاتقان يىل بېشى، تەبىئەت بايرىمى، تەبىئەت يىل بېشى بولغان 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئاساس قىلىدۇ.  
ئاي كۈنلەرنىڭ بىشارىتى
  ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق يىللىق تەجرىبىسى ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان ئاي كۈنگە ئائىت بىشارەتلەرنى بەرگەن. بۇبىشارەتلەر راستىنلام ئەمىلى تۇرمۇشتا سىناقتىن ئۆتىدۇ. مەسىلەن؛
@ئاي- يېڭى چىققان ئاي بەك ئوڭدىسىغا مايىل ھالدا چىقسا ياخشىلىق بولمايدۇ، ئىككى ئۇچى 30گىرادۇس ئەتراپىدا يانتۇ چىققان ئاي ياخشىدۇر، بۇنداق چىققان ئاي ئىچىدە بوران-چاپقۇن زىيانلىق ھۆل-يېغىنلار ئازبولىدۇ. ئەگەر ئىككى ئۇچى بەك تىك ياكى دۈم چىققان ھالدا چىققان ئايدىمۇ  پۇقرالارغا ياخشىلىق بولمايدۇ.
@كۈن-ئەگەر كەچقۇرۇن كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا بەك كۈن قىزىل بولۇپ كەتسە ئەتىسى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئاپتاپ ئوبدان چىقىدۇ. ئەگەر بەك كۆيۈك ئاپتاپ بولغان كۈن ئەتىسى چوقۇم ھاۋا بۇزۇلۇپ بوران-چاپقۇن بولىدۇ.
@شىۋىغان-قىش كۈنلىرى شەرىق تەرەپتىن شىۋىرغان(سوغۇق شامال)چىقسا قار ياغىدىغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
@يامغۇر-چۈمۈلە ئۇۋىسى ئەتراپىغا توپا دۆلىسە، قارلىغاچ پەس ئۇچسا، يازدا بەك دىمىق بولۇپ كەتسە يامغۇر ياغىدىغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
@ئاقيېغىن-يامغۇر ئاقيېغىن بولۇپ ياغسا ئۇزۇن ياغىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.خەلق ئارىسىدا«كۈن قوتانلىسا كۈندە ياغار،ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار»دىگەن گەپلەربار.
مەنبە :
ئۆزۈم ۋە ساقلانمىللىرىم.
  

رەتلىگۈچى؛ تۆمۈرتۇران
tiemur turan.
铁木尔

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

88

تېما

959

يازما

1047

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90534
يازما سانى:
959
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10922
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2066 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 22:43:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللارنىڭ بىشارىتى، "مىڭ بىركىچە "نىڭ 5- قىسىمىدىكى"ئەبۇل ھەسەننىڭ كىنىزىكى "ناملىق ھىكايىدىن ئېلىندى.

0

تېما

98

يازما

98

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 81966
يازما سانى:
98
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3469
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
205 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-22
ئاخىرقى:
2014-10-16
ۋاقتى: 2013-12-16 08:53:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت، بىزنى كالىندار ۋە يىلنامە توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىڭىز.

شىرىن

31

تېما

2026

يازما

2057

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79492
يازما سانى:
2026
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8708
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
944 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-29
ئاخىرقى:
2016-1-8
ۋاقتى: 2013-12-16 11:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىڭى يىل چارشەنبە كۈنى بولىدىكەن ھە.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

40

تېما

732

يازما

772

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96511
يازما سانى:
732
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2382
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
590 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-29
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-12-16 13:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيىلىك  پەيلاسوپ، دوختۇر ئالايسىئۇس لىلىئۇس دىگەن كىشى گالېلىي تۇزگەن يىل ھىساپلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەر 400 يىلدا كەبىسە يىلىدىن 97 كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان، ئۇ ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقىت بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن 1582-يىلى رىم پاپىسى گرىيگورىينىڭ نامىدا ئېلان قىلدۇرغان. گالىلىي كالىندارىدا ھەر 400 يىلدا 100 كەبىسە يىلى كېلەتتى، ھەمدە بىر يىل 365.25 كۈن ئىدى، بۇنداق بولغاندا ھەر 128 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقاتتى، ئەمما لىلىئۇس بىر يىلنىڭ 365.2425 كۈن بولىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھىساپلاپ چىقىپ، ھەر 3300 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە گالېلىي كالېندارىدا ئارتۇق ھىساپلىنىپ كېلىۋاتقان 10 كۈننى كالىنداردىن چىقىرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن گرىگورىي 1582-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى(پەيشەنبە)نىڭ ئەتىسىنى گرىگورىي كالىندارىدا 1582-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى(جۈمە) بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ گالېلىينىڭ توھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن يەنىلا ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىلادىيە كالىندارىنىڭ باشلىنىش يىلى بولىدۇ، كەبىسە يىلىدىكى تولۇقلانغان بىر كۈن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىنىڭ ئەتىسىگە قوشۇلۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بولىدۇ، دەپ بېكىتتى.

ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام، ھىجىرىيە كالىندارىدا بىر يىل زادى نەچچە كۈن، نەچچە سائەت بولىدۇ؟ مەلۇم بىر كۈننى ھىجىرىيە كالىندارىدا ئېنىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولسا تۇغۇلغان كۈن قانداق بېكىتىلىدۇ؟ 33 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 34 ياش، 66 ياشقا كىرگەن كىشىنى ئۆزىنى 68 ياش، 99 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 102 ياش دەپ ئاتامدۇ؟ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈشكە بولىدۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغان چاغدىكى يېشىغا يەنە بىر ياش قوشۇش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولمىسا، نىمىشقا نورۇز بايرىمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە بېكىتىلىدۇ؟؟؟
مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 01:17 PM  


2

تېما

1814

يازما

1816

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98903
يازما سانى:
1814
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4016
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
638 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-22
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2013-12-16 13:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمى مىلادىيە كالىندارىغا ئاساسلىنىپ تۇزۇلگەن ئىكەندە.

16

تېما

557

يازما

573

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94615
يازما سانى:
557
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2871
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1175 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-10
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-12-16 14:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن،خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

88

تېما

959

يازما

1047

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90534
يازما سانى:
959
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10922
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2066 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-16 14:53:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 01:15 PM
ئىتالىيىلىك  پەيلاسوپ، دوختۇر ئالايسىئۇس لىلىئۇس دىگە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!  سىزنىڭ مىلادىيە ھەققىدىكى بىرقىسىم بىلىملىرىڭىز مىنىڭ بىلىدىغىنىمدىن يۇقىرىكەن! . مىنىڭ بۇھەقتە بىلىدىغىنىم يۇقارقى يازمىدىن ئىبارەت. بىلىشىمچە دۇنيادا ئىككى خىل كالىندار ئىشلىتىلىدۇ. 1- مىلادىيە كالىندارى.بۇ قۇياش كالندارى بولۇپ، سىز ئىنكاسىڭىزدا بايان قىلغاندەك ئالىملار بۇنىڭدا بىر يىلنى تەخمىنەن 365 كۈن قىلىپ بىكىتكەن. مىلادىيە كالىندارىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن مۇقىملىق بولۇپ ياش ھىساپلاشمۇ ئاسان. بىراق ھىجرىيە كالىندارى، بۇكالىندار " ئاي كالىندارى "بولۇپ "دىھقانلار كالىندارى "دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يەنى بۇكالىندار مىلادىيە كالىندارىدىن تەخمىنەن 11 كۈن كىچىك بولۇپ، بىر يىلى تەخمىنەن 354 كۈن بولۇدۇ. شۇڭا ھىجرىيە كالىندارىنىڭ ۋاقتىمۇ مۇقىم بولمايدۇ.ياش ھىساپلىماقمۇ تەس. بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك.....

88

تېما

959

يازما

1047

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90534
يازما سانى:
959
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10922
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2066 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-16 14:53:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 01:15 PM
ئىتالىيىلىك  پەيلاسوپ، دوختۇر ئالايسىئۇس لىلىئۇس دىگە ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!  سىزنىڭ مىلادىيە ھەققىدىكى بىرقىسىم بىلىملىرىڭىز مىنىڭ بىلىدىغىنىمدىن يۇقىرىكەن! . مىنىڭ بۇھەقتە بىلىدىغىنىم يۇقارقى يازمىدىن ئىبارەت. بىلىشىمچە دۇنيادا ئىككى خىل كالىندار ئىشلىتىلىدۇ. 1- مىلادىيە كالىندارى.بۇ قۇياش كالندارى بولۇپ، يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ۋاقتىنى ھىساپلاپ تۈزۈپ چىقىلغان.     ئىنكاسىڭىزدا بايان قىلغاندەك ئالىملار بۇنىڭدا بىر يىلنى تەخمىنەن 365 كۈن قىلىپ بىكىتكەن. مىلادىيە كالىندارىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن مۇقىملىق بولۇپ ياش ھىساپلاشمۇ ئاسان. بىراق ھىجرىيە كالىندارى، بۇكالىندار " ئاي كالىندارى "بولۇپ "ئاينىڭ يەرشارىنى ئايلىنىشىنىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن. بۇكالىندار "      دىھقانلار كالىندارى "دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يەنى بۇكالىندار مىلادىيە كالىندارىدىن تەخمىنەن 11 كۈن كىچىك بولۇپ، بىر يىلى تەخمىنەن 354 كۈن بولۇدۇ. شۇڭا ھىجرىيە كالىندارىنىڭ ۋاقتىمۇ مۇقىم بولمايدۇ.ياش ھىساپلىماقمۇ تەس. بىلىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 03:03 PM  


40

تېما

732

يازما

772

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96511
يازما سانى:
732
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2382
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
590 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-29
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-12-16 15:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 02:53 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!  سىزنىڭ مىلادىيە ھەقق ...


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
‹‹دىھقانلار كالىندارى›› دىگىنى ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىشى بويىچە، 28كۈننى بىر دەۋر قىلىدىغان كالىندار بولۇپ، ئادەتتە  قەمەرىيە كالىندارى  ياكى ئاي كالىندارى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا بىر ئاي ئىچىدىكى تولۇن ئاي كۆتۈرۈلۈپ، يوقالغىچە بولغان 14 كۈن بىر ھەپتە، بىر ئاي ئىككى ھەپتە، بىر يىل 12ئاي، 24مەۋسۈم قىلىنىدۇ،  بۇ كالىندار  تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغاچقا، دىھقانلار كالىندارى)农历(دەپ ئاتالغان. شۇڭا ئاي كالىندارىنى ھېجىرىيە كالىندارى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ،  ئۇ پەقەت قەمەرىيە كالىندارى. ھېجىرىيە كالىندارى ھىساپلاشنى ئانچە ئېنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.

ھىجرىيە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاشۇرا كۈنى، 3-ئاي 21-كۈنى مەۋلۇد كۈنى، 7-ئاي 27-كۈنى مىراج "كۈنى. 10-ئاي 1-كۈنى روزاھېيىت. 12-ئاي 10-كۈنى قۇربان ھېيىت. بولىدۇ..بۇيىل يەنى 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى قۇربان ھېيىت بولىدۇ.

بۇ كۈنلەر نىمىشقا شۇنداق بېكىتىلىدۇ؟ قانداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 04:53 PM  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 09:37 PM, Processed in 0.152350 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش