كېچىككەن ۋىسال
(ھېكايە)
بۇ دەل مېنىڭ تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى،چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر نەچچىمىزنىڭ ئۆيىمىز يىراق بولغاچقا قايىتماي سىنىپتا قالاتتۇق.
-ئاداش،بىرسى سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،-ئاينۇر شۇنداق دەپ شوخلۇق بىلەن بىقىنىمنى چىمدىدى.
-تولا قالايمىقان سوزلىمىگىنە،-مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم.
-راست دەۋاتىمەن،سەن كىملىكىنى پەرەز قىلىپ باققىنە.
-مەن نەدىن بىلەي،كىمكەن دىگىنە.
-ۋاي- ۋۇي ،قىزىرىپ كەتكىنىڭنى قارا،ئاڭلىساڭ چوقۇم ھەيران قالىسەن.
ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى «كۆزلىرى يوغان،چىرايلىق قىز» دەپ ماختىشاتتى،لېكىن مەن ئائىلە تەربىيەمنىڭ چىڭلىقى سەۋەبىدىنمۇ ئۇنداق گەپلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم،زېھنىمنى دائىملا ئۆگىنىشكە قارىتاتتىم.شۇنداقتىمۇ ھەمىشە ئوغۇللارنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ يازغان خەتلىرىنى تاپشۇرۋالاتتىم.لېكىن مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئىدى.ئەمما بۇ قېتىم دوستۇمنىڭ ھەييارلىق بىلەن قاراشلىرىغا،ئىشنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىشىغا قاراپ راستىنلا كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم.
-دىگىنە ئادەمنى تولا جىلە قىلماي.
-ماقۇل،ماقۇل،كىمنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلەمسەن،ئەكرەم،سېنىڭ كەينىڭدە ئولتۇرىدىغان ئەكرەم.
-ھە!؟
مەن راستىنلا ھەيران قالغان ئىدىم،چۈنكى،ئەكرەم خۇشچاقچاق بالا بولۇپ،بىز ياخشى ئۆتەتتۇق،مەن بىرەر قېتىم ئۇنداق غەيرى ئەھۋاللارنى سەزمىگەن ئىدىم.ئۇ سىنىپىمىزدىكى ھەممىلا بالا بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتەتتى.
-ئاداش،ساڭا دىسەم ئۇ سېنى تولۇقسىز 1-يىللىقتىلا سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن،لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۆگىنىشىڭگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن دەپ ساڭا چاندۇرماي كەپتۇ.ئۇ ماڭا‹ئاسىيەگە دىمەڭ،بولمىسا ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ،ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى تۈگىگەندە ئۆزەم دەيمەن ›دەيدۇ.مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىسام سېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىدۇ،-دېدى دوستۇم ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن.
ئاينۇر مەن بىلەن بىر مەھەلىلىك،بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قەدىناسلاردىن ئىدۇق،بىر-بىرىمىزدىن سىر يوشۇرمايتتۇق.
-ئاداش،ئەكرەم ھەقىقەتەن ياخشى بالا،لېكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرەلمەسمەنمىكىن.
-مەنمۇ ئۇنى سەن ياخشى كۆرىدىغانلار تىپىدا ئەمەس دەپ قارايمەن،لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى بالا ئىدى،-دەپ ئۇھسىنىپ قويدى ئاينۇر.
شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن مېنىڭ ئەكرەمگە تەبىئىي مۇئامىلە قىلىشىم تەسكە چۈشتى،شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم.مەن ئۇنۇڭغا ئاستا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم.ئۇ بۇغداي ئۆڭ،چىرايىدىن دائىملا كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان ،چاقچاقچى بالا ئىدى.مىجەزى يېقىشلىق بولغاچقىمۇ سىنىپىمىزدىكى قىزلار ئۇنۇڭغا ئامراق ئىدى.ئۇنىڭ شۇنچە ئوچۇق مىجەز بولغىنىغا قارىماي بەزىدە ئويچان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ جىمىپ قالغىنىنى كۆرەتتىم.دىققەت قىلغانسېرى ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.قىزلا بۇنداق نۇقتىلاردا تۇغما سەزگۈر بولىدۇ، ئەلۋەتتە.مەن مەيلى سىنىپنىڭ قەيەرىدىلا بولماي بىرجۈپ كۆزنىڭ ماڭا مېھىر بىلەن تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆڭۈل كۆزۈم سېزىپ تۇراتتى.
بىر كۈنى كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرسام يان تەرەپ كەينىمدىكى دېرىزىدىن چۈشكە كۈن نۇرى مۈرەمگە چۈشۈۋېلىپ مېنى بەك بىئارام قىلىۋەتتى.مەن كەينىمگە قاراپ ‹ئەكرەم خاپا بولماي پەردىنى تارتىۋېتىڭە،مۈرەمنى ئاپتاپ بەك قىزىتىۋەتتى›دېدىم،پەردە ئۇنۇڭغا يېققىن بولۇپ قولىنى سوزسىلا يېتەتتى.ئەتىسى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا سىنىپتا بىر نەچچىمىزلا قالغان ئىدۇق ،سىنىپتىكىلەرنىڭ تولىسى بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇخلاۋاتاتتى .مەن كىتاپ خۇمار كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم.بىرچاغدا ئاپتاپ مېنى يەنە قىزدۇرۇشقا باشلىدى ،تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىر نەرسىنىڭ سايىسى چۈشكەندەك بولۇپ چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم.ئەسلى ئۇ قوللىرى بىلەن مۈرەمگە چۈشكەن ئاپتاپنى توساۋېتىپتىكەن،مېنىڭ تۇيۇقسىز قايرىلىپ قارىشىمدىن چۆچۈپ قولىنى تارتىشقا ئۈلگىرەلمەي دۇدۇقلاپ:‹پەردە شۇنچىلىكلا تارتىلىدىكەن،مۈرىڭىزگە ئاپتاپ چۈشۈپ قاپتۇ›دېدى.مەن دەرھال ئالدىمغا قارىۋالدىم.يۈرىكىم بىر خىل ئىللىق سېزىمدىن تېز سوقۇپ كەتتى..
مەكتەپ دائىم بىزگە ئەمگەك ئورۇنلاشتۇراتتى،بىز پاختا تەرگىلى باراتتۇق.ئۇ چاغلار بەك كۆڭۈللۈك ئىدى.ھەي، ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل كۈنلەر...يوغان،يوغان خالتىلاردا پاختا تېرىپ تاشتەك چىڭداپ توشتۇرۋېتەتتۇق.بۇنداق چاغلاردا ئۇ مېنىڭ خالتام توشقان ھامان كۆتۈرۈپ قىر بېشىغا ئەپچىقىپ بېرەتتى.ئەمدى ئويلاپ باقسام شۇ يېشىمىزدىكى،شۇ چاغلاردىكى مۇھەببەت شۇنچىلىك ساپ،شۇنچىلىك پاك ئىكەنتۇق.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تېز ئۆتمەكتە،مانا ھەش-پەش دىگۈچە تولۇق 3-يىللىققا چىقتۇق.مەن دادامنىڭ خىزمەت ئورنى ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپ ئالمىشىدىغان بولۇپ قالدىم.ساۋاغداشلىرىم،دوستلىرىمغا شۇنچە قىيمىساممۇ ئامال يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىپ بارىدىغان مەكتىپىم ھەر قايسى جەھەتلەردىن ھازىرقى مەكتىپىمدىن ئۈستۈن تۇرغاچقا دادام ھازىرقى مەكتىپىمدە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشۇمغا ھەرگىز قوشۇلمايتتى. شۇنداق قىلىپ ھېچكىم بىلەن خوشلاشمايلا ئۈن تىنسىز مەكتەپ ئالمىشىپ كەتتىم...
يېڭى ساۋاغداشلىىمغا ئانچە كۆنۈپ كېتەلمىدىم،دائىم دوستۇم ئاينۇرغا تىلفۇن قىلىپ دەرت تۆكەتتىم.بۇگۈنمۇ كۆڭلۈم يېرىم ئۇنۇڭغا تىلفۇن قىلدىم.
‹ئاداش، سەن كېتىپ ئەكرەم بەك جىمغۇرلىشىپ كەتتى،نىمە بولدىڭىز دىسەم،ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ ،دەپ ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، ئۇنۇڭغا ئېغىر كەلگەندەك قىلىدۇ›دېدى ئاينۇر بىردەم ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن.بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى.
ئامال يوق، ھازىر زىمىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدا باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا نەدە چولا.باش كۆتۈرگىدەك ۋاقىت يوق ئۆگىنىش قىلىۋاتقاچقا ئۇ ئىشلار تېزلا ئېسىمدىن كۆتۇرلۈپ كەتتى.
بىز مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان سىنىپ بولغاچقا تەنتەربىيە دەرسىدە مۇئەللىم بىزنى بىردەم چېنىقتۇرۇپلا ئىختىيارى پائالىيەتكە قويۇپ بېرەتتى.بۇگۈنمۇ تەنتەربىيە دەرسىدە باشقىلارغا ئارلاشقۇم كەلمەي گۈللۈكنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردۇم،كۈز پەسلى بولغاچقا ھەممە يەرنى سارغايغان دەرەخ يوپۇرماقلىرى قاپلىغان،نىمىشقىدۇر كۈز پەسلىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. تۇيۇقسىز بىرى قارا دىگەندەك بېشىمنى كۆتۈرۈپ چۆچۈپ كەتتىم،ئالدىمدا ئەكرەم تۇراتتى.
-ئاسماندىن چۈشتىڭىزمۇ ئەكرەم ،ھەجەپ چۆچۈتتىڭىز مېنى،-دېدىم مەن،ھەم خوشال بولغان ھەم تەمتىرگەن ھالدا.
-خوشمۇ دىمەي، كېتىپسىز،سىزنى سېغىنىپ كەلدىم.-ئۇ ‹قاپ يۈرەكلىك›بىلەن شۇنداق دېدى.
مەن قىزىرىپ كەتتىم.
-يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ،-ئۇ كەيپىياتنى ئوڭشاش ئۈچۈن گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.بىز بىردەم تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ:‹ئەمدى سىزگە دەخلى قىلماي،سىنىپىڭىزغا كىرىپ كېتىڭ،ئۆگىنىشىىزگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن ›دېدى دە، مەن بىلەن خوشلشىپ كېتىپ قالدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇماڭا ئارىلاپ-ئارىلاپ تىلغۇن قىلىپ تۇردى.ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى ‹ئاشكارا مەخپىيلىك› بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتى،مەنمۇ بىلمەسكە سېلىپ ئۇنۇڭغا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشاتتىم،قانداقلا بولمىسۇن بىر ئوبدان ئۆتىۋاتقان ساۋاغدىشىم بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن پاراڭلىشالماي قېلىشنى خالىمايتتىم.
تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىمۇ ئاياغلاشتى.نەتىجىلىرىمىزمۇ چىقتى،مېنىڭ نومۇرۇممۇ يوقىرى بولۇپ ،ئۆزەم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيتتىم.ئۇزۇن ئۆتمەي ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋلدىم.خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق قوشۇلۇپ جان-جىگەر دوستۇم ئاينۇر مەن بىلەن بىر مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ئىدى.
مەكتەپكە ماڭىدىغانغا نەچچە كۈن قالغاندا ئاينۇر ماڭا تىلفۇن قىلىپ :‹سۆيگۈ ئىلاھىنىڭ خېتىنى مەكتەپكە بارغاندا ئېلىۋالامسەن، ياكى بۈگۈن كۆرۈشەمدۇق›دىدى.مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن ئەكرەمنىڭ ماڭا خەت ئەۋەتكەنلىكىنى پەملەپ،‹بۈگۈن كۆرىشەيلى سېنى سېغىنىپ كەتتىم ›دىدىم ،ئۇنۇڭغا چاخچاق قىلىپ.‹خەتنى ئېچىۋەتمە ھە،بىللە ئوقۇيمىز›،مەن ئۇنىڭ بىلەن باغچىدا كۆرىشىدىغانغا كېلىشىپ تىلفۇننى قويدۇم.
بىز كۆرۈشۈپلا ئاۋال خەتنى ئاچتۇق.خەت يۇرەك شەكلىدە قاتلانغان ئىدى.‹قەدىرلىك ئاسىيە›،ئۇ ئادەتتە ھۆسۈن خەت يازغاچقا خېتى چىرايلىق ئىدى.‹ياخشىمۇ سىز،سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بولسىمۇ لېكىن نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم.ئاسىيە، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ بولدىڭىز دەپ ئويلايمەن،چۈنكى سىز ئەقىللىق قىز،ئالتە يىل بولدى سىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كەلگىلى.سىزنىڭ ئاشۇ يوغان ،چىرايلىق كۆزلىرىڭىز،ئوماق كۈلىشلىرىڭىز پەقەت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن،ئەمما يۈرىكىمنىڭ سىز ئۈچۈن كۆيىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشمۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە بەخىت.بۇرۇن سىز كۈندە كۆز ئالدىمدىلا بولغاچقا بىلىنمەپتىكەن ،سىز مەكتەپ يۆتكىلىپ كېتىپ مېنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغىنىمنى ،كۈنلىرىمنىڭ سىزنى سېغىنىش بىلەنلا ئۆتكىنىنى بىلمەيسىز. ئاسىيە سىزنىڭمۇ ماڭا بولغان كۆز قاراشلىرىڭىزنى بىلىپ باققۇم بار.مېنى ئازراق بولسىمۇ ياخشى كۆرەسىزمۇ؟
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ،سىزنى چەكسىز سۆيۈپ:
ئەكرەم›
خەت قىسقا ھەم مېغىزلىق يېزىلغان ئىدى.
نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك؟مەن ئادەتتە ئوغۇللارغا قاتتىق قول ئىدىم،بۇنداق خەتلەرگە ئۆزەمنىڭ ئۆگىنىشتىن باشقىغا قىزىقمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،ئارتۇق ئىنكاس قايتۇرمايتتىم.
-ئۇنۇڭغا ئازار بەرمە،رەت قىلساڭمۇ چىرايلىق رت قىل،بولمىسا ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ،چۈنكى ئۇ سېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ-دېدى ئاينۇر مېنىڭ مىجەزىمنى بىلگەچكە.
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن،بىر ئادەمنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ بەخىت ،دىدىم مەن.
شۇنداق قىلىپ ئۇنۇڭغا ئۇنى ساۋاغداشلارچە ھېسىياتىم بىلەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى،ھازىرچە ئۇ ئىشلارنى ئويلاشمايدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ بىر پارچە خەت يېزىپ ئاينۇرغا بېرىپ قويدۇم.خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا تىلفۇن قىپتۇ،مەنمۇ چاندۇرماي پاراڭلاشتىم،ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن‹يولنى ئېچىۋالدىم،ئەمدى سىزنى قوغلىشىمەنغۇ›دىگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى.
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرگە تولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ باشلاندى. يېڭىچە ھايات ،يېڭىچە تۇرمۇش قاينىمىدا بىر ئاينىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدىم.بىر ئايدىن كېيىنكى دۆلەت بايرىمىدا ئويگە قايتىپ كەلدىم.ئۆيگە كېلىپ ئەتىسىلا ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى.تىلغۇندا ئۇ كەچقۇرۇن ئۆزى بىلەن كۆرۈشىشىمنى ئۆتۈندى .مەن سەل ئىككىنلىپ ماقۇل بولدۇم.گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن ئاپامدىن رۇخسەت ئېلىپ سىرتقا چىقتىم .كۈز كېلەي دەپ قالغاچقا ھاۋا سەل سالقىن ئىدى.بىز كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئانچە چۈشمەيدىغان دەرەخزارلىققا كەلدۇق.دەسلەپتە كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئىككىلىمىزلا كۆڭلىمىزدىكى جىددىيچىلىكنى چاندۇرمىدۇق.كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز جىمىپ كەتتى،مەنمۇ سەل جىددىيلىشىپ ئېرىق بويىدىكى تاش ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردۇم.ئۇمۇ يېنىمغا كېلىپ سەل ئارلىق قويۇپ ئولتۇردى-دە،كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، سۆزىنى باشلىدى.
-ئاسىيە،-ئۇنىڭ ئاۋازى سەل تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى-مەن سىزگە خېتىمدە دىگىنىمدەك سىزنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدىم.سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ...
يۈرۈگۈم ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى،چۈنكى مەن نۇرغۇن سۆيگۈ خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساممۇ،بۇمېنىڭ بىر يىگىتنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى تۈنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئاڭلىشىم ئىدى.
ئۇ ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-مەن سىزنى مېنى چۈشۈنۈپ باقسىكەن،ماڭا كۆڭۈل بەرسىكەن دەيمەن.ماڭا سىز بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ ئۆز-ئارا چۈشىنىش پۇرسىتى بەرسىكەن دەيمەن.
مەن سەل مۇزلىغاندەك ھېس قىلىپ بىلەكلىرىم بىلەن مۈرەمنى قوردۇم.ئۇ دەرھال چاپىنىنى سېلىپ ماڭا يېپىنچاقلاپ قويدى.مەن ئۇنىڭ بۇ ‹رومانتىك ھەركىتى›دىن سۆيۈنۈپ رەھمەت ئېيتىپ سۆزۈمنى باشلىدىم.
-ئەكرەم ،-دىدىم پەس ئاۋازدا،-سىزنىڭ مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت،مەن سىزگە سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىيەلمەيمەن،چۈنكى سىزنى ئەڭ يېققىن ساۋاغداشلىرىمنىڭ بىرى دەپ قارايمەن،سىز بىلەن يۇرەلەيمەنمۇ دىيەلمەيمەن،چۈنكى سىزنى ئۈمىدلەندۈرۈپ قويۇپ كېيىن ئازاپلاشنى خالىمايمەن.لېكىن مەنمۇ تىرىشىپ باقاي، ئۆزئارا چۈشىنىپ باقايلى- دىدىم مەن قىزىرىپ تۇرۇپ.
-ئاسىيە،مەن بىلەن يۈرۈپ ئايرىلىپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى ئىدى.ھېچ بولمىسا سىز بىلەن يۈرگەن دەپ كۆڭلىمنى تاتلىق قىلىپ يۈرەتتىم...
مەن ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ يەرگە قارىۋالدىم.ئۇ مەندىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن،‹بوپتۇ،سىزنى مەجبورلىماي، لېكىن سىزمۇ مەن بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىشقا،مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماسلىققا ۋەدە بېرىڭ›دېدى.مەن كۈلۈمسىرەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
-تۇرىڭە مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي،دادىڭىز سىزنى بەك چىڭ باشقۇرىدۇ،سىزنى دادىڭىزنىڭ تەنقىدىگە قالدۇرغۇم يوق-دېدى ئۇ كۆڭلىمدىكىنى بىلگەندەكلا.
ئاھ! چىن سۆيگۈ شۇنداق بولامدىغاندۇ،ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنچىلىك ئوتلۇق،ئۇنىڭ ھەربىر ئىش ھەركەتلىرىدىن تارتىپ ماڭا بولغان چىن مۇھەببىتىنى ھېس قىلاتتىم،گەرچە ئۇ بىر-بىرلەپ كۆڭۈل چۈشەندۈرمىسىمۇ.
ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ماڭدۇق،ئەتراپنى تۈن قاراڭغۇسى قاپلىغان ئىدى.بىز يانمۇ-يان پاراڭلىشىپ كېتىپ باراتتۇق،ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا:‹سىزدىن ئۆتىنىدىغان بىر ئىش بار ئىدى›دېدى.مەن قەدەملىرىمنى توختاتتىم.
-ئەگەر قوشىلسىڭىز مۇشۇ يەردىن ئۆيىڭىز گىچە قول تۇتۇشۇپ ماڭساق.رەت قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
گەرچە ئۇنۇڭغا يۇزمۇ-يۇز قاراپ تۇرمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىلتىجانى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.نېمە دەيمەن؟مەن بىرنەچچە سىكۇنت تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن قوشتۇرۇپ تۇرغان قوللىرىمنى چۈشۈردۈم....ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ جاۋابىم ئىدى.بىز قول تۇتۇشۇپ كېتىپ بارىمىز،ئۆمرۈمدە تۈنجى قېتىم ئەركەك زاتى بىلەن قول تۇتۇشقاچقىمۇ يۈرۈكۈم سېلىپ ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم،كاللام تەپەككۇر قىلىشتىن توختىغاندەك،ھېچنىمىنى ئويلىيالمايۋاتاتتىم.شۇ تەرەقىدە 50مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ قولۇمنى شارتتىدە تارتىۋالدىم-دە ،ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم،ئۇنىڭ چاقىرغان ئاۋازىمۇ قۇلۇقىمغا كىرمىدى.
ئۆيگە كىرىپلا ئۇدۇل ھوجرا ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.كىرىشىمگىلا ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى.
-خاپا بولۇپ قالدىڭىزمۇ ئاسىيە،مەن...
-ياقەي،ئۆيىڭىزگە بالدۇراق قايتىپ كېتىڭ.
مەن شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتىم.ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم نىمىشقىدۇر كۆزلىرىمدىن ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئىختىيارسىز تۆكۈلدى.ئۇ ماڭا شۇنچە كۆيگەن بىلەن مېنىڭدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق بولسىمۇ مۇھەببەت بولسىچۇ كاشكى.ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالغان ئىدى.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuz920 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 04:42 PM