|
|
|
|
بۇ بىر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كەسىپ بولسىمۇ ھازىر ھەتتا تېرە ئېلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ كەم ئۇچرايدۇ. قوي-كالا تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار بەك قىممەت بولسىمۇ بىز تېرىلەرنى ئەرزان سىتىۋىتىمىز. شۇنچە يىللار بۇرۇن شەكىللەنگەن بۇ كەسىپ نىمىشقا ھازىرقى زامانىۋىلاشقان تۇرمۇشىمىزدىن يۇقاپ كىتىدۇ؟...
بۇرۇنلاردا تېرىنى ئېلەپ جۇۋا تىكىدىغان ئىشلار بار ئىدى، ئۈيىمىزدىنمۇ ئىسسىق ماشنىلار يوق شۇ دەۋىرلەردە ئات مىنىپ نەچچە كۈنلۈك يوللارغا چىقىدىغان كىشىلېرىمىز شۇ ئىككى پاخلاننىڭ تېرىسىدىن تىككەن جۇۋىنى كىيىپ، توڭ قىشلاردا دالادا قۇنۇپ يۈرۈپ تۇڭلاپ قالماي يولنى داۋام ئىتىپتىكەن.
ھازىرقى تېرە يىغىپ ساتىدىغانلار ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا تېرە ساتقان پۇلىنى ۋاختىدا ئالالماي دەپتەردىكى پۇلغا گۆل بۇلۇپ ئۈتىدىكەن، ئەمما نىمىشقا موسابايوفتەك زاۋۇتنى مۇشۇ يەرگىلا قۇرمىغاندۇ؟ دەپ ئۆزەمگە سۇئال قۇيۇپ قالدىم. ئاڭلىسام بۇ كەسىپلەر رايونىمىزدىمۇ بار ئىكەن.
توردىن ئىزلىسەم يۇڭىنى ئايرىش ماشنىسى، پارقىرىتىش ماشنىسى دىگەندەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.
قوي تېرىسى؛ ئىشنىڭ بىشى تېرىنى قۇرۇتۇشتىن باشلىنىدىكەن، سۇيۇلغان تېرىنى 20-30 گىرادوسلۇق مۇھىتتا قۇرىتىدىكەنمىز، بىزنىڭ قۇرغاق مۇھىتىمىز بۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك، قۇرۇتۇش ۋاختى بەك ئۇزىراپ كەتسە سىسىپ قىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن، تىمپىراتورا بەك يۇقىرى بۇلۇپ، تىز قۇرىتىمىز دىسەك، سىرىتقى يۈز بىلەن ئىچكى قەۋەتنىڭ پەرقىدىن تارتىشىپ قىلىش، ئىچكى قەۋەتلېرىدىن دەپتەر ۋارىقىدەك ئايرىلىپ كىتىش كېپ چىقىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە تېرىنىڭ ئىچىدىكى يىلىملىق ماددىنىڭ بۇزۇلۇپ، كىيىنكى قەدەمدە قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلغاندا ئەسلىگە كىلىشىگە زىيانلىقكەن، ئادەتتە %15 ئەتراپىدا سۈيى قالدۇرىلىدىكەن. قارىغاندا تۇرپاننىڭ شاماللىق يەرگە سىلىنغان چۈنجە(ئۈزۈم قۇرىتىدىغان تاملېرى تۈشۈك ئۆي) لېرى مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.
تېرىدە تۈشۈك بولسا تىكىپ ئاندىن ئىدىشتىكى سۇغا چىلايدىكەنمىز، يازدا بىر كۈن،قىشتا ئۈچ كۈنگىچە چىلاپ، تېرىدە قىپقالغان گۆش ياكى مايلارنى پاكىز قىرىپ ياكى سۇيۇپ چىقىرۋىتىپ، ئاندىن قايتا سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ، سوپون پاراشوكى بىلەن بولسىمۇ يوڭلېرىغىچە پاكىز بولغانغا قەدەر يۇيۇپ چايقىغاندىن كىيىن، سۇنى يىڭىلاپ ھەربىر تېرە ئۈچۈن
100100克盐گىرام تۇز، 50克芒硝 50 گىرام ناترى سولفات، بىر كىلو ئۇن最好是黄米面(قۇناق ئۇنىمۇ بۇلىدىكەن) بۇلارنى تېرە چۈككىدەك سۇدا ئېرىتىپ ئاندىن تېرىنى چىلاپ كۈپتۈرىدىكەنمىز، يازدا 7-8 كۈن، قىشتا20-30 كۈن، ھەركۈنى بىر قىتىم ئۆرۈپ تۇرىدىكەنمىز.
تېرىنىڭ بۇرجىكىدىكى يۇڭى يوق يەرنى قۇلىمىزدا يەڭگىل ئۇۋلىغاندا نىپىز بىر قەۋەت تېرىسى ئاجراپ كىتىدىغان بولغاندا ئىدىشتىن ئىلىپ ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرىتىمىز، ھاۋا ئۇچۇق ۋاقىتتا ئالغان ياخشى.
قۇرىغان تېرىنى يىيىپ ئازراق سۇ پۈركۈپ(سۇ پۈركۈگەندە بەك كۆپ بۇپ كەتمەسلىكى كېرەك)، ھەر ئىككى پارچە تېرىنىڭ ئىچ تەرپىنى جىپسىلاشتۇرۇپ بىر-ئىككى سائەت سالقىن يەردە قۇيۇپ نەمسىڭدۈرىمىز.
ئاندىن يەنە بىر قىتىم تىغلىق ئەسۋاپتا تېرىدە قالغان ماي ياكى گۆش لەرنى پاكىز قىرىۋىتىپ. كىيىم ياكى سىلىنچىلارنى تەييارلىساق بۇلىدۇ. بۇنداق سىلىنچىلارنىڭ بەك قىممەتلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، يەنە تىكىپ ئۇلاپ گىلەمگە ئوخشاش سىلىنچا قىلسىمۇ توپ باھاسى ھەر كۇۋادىراتى 500 يۈەن ئەتراپىدا سىتىلىدىكەن.
كالا تېرىسى؛ ھەر 100 كىلو سۇغا 50 گىرام ئۇۋۇتۇلغان ناترىي ئارسىنات سىلىپ تەييارلانغان سۇغا كالا تېرىسىنى بىر-ئىككى مىنوت چىلاپ ھاشارات-مىكروبلارنى دىزىنفىكسىيەلەيمىز، ناۋادا قۇرۇتۇلغان تېرە بولسا بىر-ئىككى كۈن سۇغا چىلاپ كۈپتۈرۈپ ئاندىن دىزىنفىكسىيەلەيمىز.
تېرىدىكى قالدۇق ماي-گۆشلەرنى قىرىپ تازلاپ بولغاندىن كىيىن، ئىككى ئىدىشتا سۇ تەييارلايمىز، بىرىگە ھاك سۈيى، 25 كىلو ھاك ۋە 1.5 كىلو ناترى سولفات بولسا يىتەرلىك. تەييارلانغان سۇغا كۈپتۈرۈلگەن تېرىنى ئۇتتۇردىن پارچىلاپ 将已消毒的湿皮从中间对等割成两块 ھاك سۈيىگە بىر كىچەچىلاپ، ئاندىن تىغلىق ئەسۋاپ بىلەن يۇڭلېرىنى قىرىپ چىقىرۋىتىمىز. ھىك سۈيىنى قايتا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ،ھاك سۈيىدىن پايدىلىنىپ تېرىدىن يۇڭنى ئايرىغىلى بولسىلا بۇلىدۇ.
يەنە بىر ئىدىشقا ئاممونىي سولفىد ھەر-بىر تېرە ئۈچۈن 150 گىرام ، سۇ مۇۋاپىق مىقتاردا تەييارلاپ تېرىنى چىلاپ ھاك تەركىپلېرىنى چايقاپ يۇقىتىمىز. ئاندىن تېرىنى كەڭلىكى 50 سانتى، ئۇزۇنلىقى 70 سانتىلىق ياغاچ تاختايغا قۇيۇپ، گۆش-ماي قالدۇقلېرىنى يەنە بىر قىتىم قىرىپ، ئاندىن سۈزۈك سۇدا پاكىز يۇيىمىز.
دورىلاش؛ ناترىي دى خرومات 500 گىرام، قويۇق سۇلفات كىسلاتاسى 500 مىللى لىتىر، سۇ 20 كىلوگىرام، ئاق شىكەر 2 كىلوگىرام تەرتىپ بۇيىچە ئايرىم ئېرىتمە قىلىپ قۇشۇپ تەييارلانغان سۇنى ئون مىنوت ئىلەشتۈرۈپ، ئاندىن كۈپتۈرۈلۈپ تەييارلانغان تېرىنى( قورۇق، قاتلانغان يەر بولمىسۇن) سۇغا سالىمىز. ئاندىن دورىلانغان تېرىنى ئىدىشتىن ئىلىپ، 40-50 گىرادوسلۇق ئىسسىق سۇغا قول بىلەن بىسىپ放进有适量软皮油的40-50℃的热水中,人工踩即成 ئېلەيمىز.
بۇنداق ئىشلەنگەن تېرە يۇمشاق سەل كۈكۈچ رەڭدە بۇلىدۇ، ئاقلېرىمۇ بار، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغانلېرى قالايمىقان داغلار بۇلىدۇ.
http://v.baidu.com/v?word=%C5%A3 ... =0&db=0&s=0&fbl=800
مەن بۇ كەسىپنى بىلىپ كەتمەيمەن، توردىن ماتىريال ئىزدەپ تەرجىمە قىلدىم. خاتا يەرلېرى بولسا بەرىبىر بۇ كەسىپكە كىرىشكەنلەر بۇ كەسىپنىڭ مۇتەخخەسىسلېرى بۇپ كىتىدۇ.
تۇلۇقلاپ ئىنكاس قىلىپ قۇيارسىلەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 05:50 PM
|
|
|
|
|
|