|
|
|
|
ئەختەم ئۆمەر ۋە خالىدە ئىسىرائىلنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانمىتىڭىز؟ ‹1› «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»نى باشلاپ ھالىمنى بايان ئەيلەي، نېمىنى بايان ئەيلەي؟ تەكلىماكاندىكى بارسا كەلمەس يولدا ئۇچرغان رىۋايەتلىك كەچمىشلىرىمنى بايان ئەيلەي. مەن بۇ يولدا يالغۇز ماڭغانىدىم،تەلىيىمگە «تەكلىماكاندىكى ياۋا ئادەم» ئۇچراپ قالدىدە بىللە سەپەرداش بولدۇق. ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىز «قىيامەتتە قالغان سەھرا» غا كەلدۇق.بۇ يەردىكى «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» شۇ پىتى تۇرۇپتۇ، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا» يەنە شۇ رەھىمسىزلىكىڭ بىلەن بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى يىڭلاپ قوياي دىمەپسەن.بىز بۇيەردە ئۇزۇن تۇرماي ياندۇقتە «تاش مۇنار» نىڭ يىنىغا كەلدۇق، مۇنارنىڭ قىشىدا بىر «شۇم پىشانە» ئايال «ھەسرەت» بىلەن «مەن قان ئىچمەيتتىم» دەپ يىغلاۋىتىپتۇ. ئۇنى تونۇپ قالدۇق، ئۇ «دىلغۇللىقتىكى سۆيگۈ» نىڭ قۇربانى « چۈمبەللىك سايىبجامال» ئىكەن.ياۋا ئادەم ئۇنىڭ قىشىغا باردىدە «ئومىقىم، كۆزۈڭنى ياشلىما» دەپ تەسەللىي بەردى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ قالدىم ئۇ ئەنە شۇنداق تۈز كۆڭۈل ئىدى.سايىپجامال يىغلاشتىن توختىدى......مەن ياۋا ئادەمگە قارىدىم ئۇمۇ ماڭا قارايتتى، مەن چۈشەندىم، ئۇلارغا بەخت تىلەپ ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم. ماڭا-ماڭا بىر قۇم بارخىنىنىڭ قىشىغا كەلگەندە سەكراتقا چۈشكەن «بىلەيچى بۇۋاي» نى كۆرۈپ قالدىم، ئەسلى بۇ بۇۋاي «ئاھ، مېنىڭ كىندىك قېنىم» تۆكۈلگەن يۇرتۇم دەپ ماكانىغا قايتىپ كەلگەنىكەن ئەمما ئەزىرائىل ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇ ماڭا ئەڭ ئاخىرقى تەبەسسۇمىنى قىلدىدە كۆز يۇمدى. مەن ئۇنى قۇم بارخانلىرىنىڭ باغرىغا كۆمۈپ قۇيدۇم. ئۇنىڭ ئۈچۈن «يۈرىكىم يىغلايدۇ»، ئۇنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم، بار ئاۋازىم بىلەن «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە!»، دۇنيادا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئادەملىرىڭ بار دەپ توۋلىدىم. ئەپسۇس، ئەمدى «ئۇ كەلمەسكە كەتتى». ھاياتلىق مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ، بىر كەلمەكنىڭ بىر كىتىشى بار. مەن يالغۇز يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، بۇ جەرياندا ئادىمىيلىكىمنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە «ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى» دىگۈم كەلدى. ‹2› «ئېھ، ھايات» ئۆز «ئوربىتا» ڭدا مۇشۇنداق توختىماي چۆرگىلەۋىرەمسەن؟مەنمۇ ساڭا ئوخشاش چۆرگىلەۋىتىپتىمەن، سېنىڭ ئەگرى-تۇقاي يولۇڭدا «ئارمان» بىلەن مىڭىۋىتىپتىمەن ھەم «ئەڭ گۈزەل خاتىرە» قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋىتىپتىمەن.بۇ يولدا جىق نەرسىلەرنى كۆردۇم ھەم بىلدىم، رىۋايەتلەردىكى «شەيتان ئەينىكى» نى قولغا چۈشۈردۈم.مەن ئۇنى «تىمتاس شەھەر» گە توغرلىدىم، ئۇ يەردە «مۇقامچى بۇۋاي» ساتارىنى سازلاپ «ئىلاھىي كۈي» گە چىلۋىتىپتۇ.مەن يەنە «ئۇ كۆزلەر» بىلەن «تاش شەھەر» گە قارىدىم. ئاھ، نېمە ئىش بۇ؟ ئۇنىڭدىكى «ھاڭگىت كۆلى» قېنى؟ ئۇنىڭ ئۇرنىدا پەقەت «رەڭدار قۇيۇن» لارلا چۆرگىلەۋىتىپتۇ.ئۇ يەردىن رايىم ياندىدە ئەينەكنى تەكلىماكانغا توغرلىدىم. كىمدۇ بۇ ئەمدى؟ ھە،«مەختۇمسىلا» ئىكەندە. ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە «نان» تۇراتتى، ئۇ قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا تەپسىلىي قارايتتى. ئۇ نېمىنى ئىزدەۋاتقاندۇ؟ ئاكىسىنى ئىزدەۋاتقانمىدۇ-يە؟ ياق، ئۇ چوقۇم «ئانا دەريانى ئىزدەپ» ماڭدى. قولىدىكى ناننى شۇ دەريانىڭ سۈيىگە چىلاپ يىمەكچى. ئۇنىڭ كەينىدىن بىر توپ «مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر» كەلمەكتە، ئۇلار بەلكىم «يىلتىز» ئىزدەۋاتقاندۇ. بولدىلا بۇ ئەينەككە قارىماي، نېمىدىگەن ھەيران قالارلىق ھادىسلەر بۇ، بۇلارنى كۆرۈپ ھاياتنىڭ ئاجايىپلىقىنى ھىس قىلدىم. نېمىلا بولمىسۇن يولۇمنى داۋام ئىتەي، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» نى كۆرۈپ يىتىۋەرمەي......
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 04:19 PM
|
|
|
|
|
|