مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8751|ئىنكاس: 36

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99740
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 08:19:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 \+ s8 E- K9 E
ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر  (3)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( v* E  A% u" `) N: T% Y9 y" N: W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 D* C7 E7 y3 i  s/ S  قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆيىدىن قوغلىنىشبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 P5 l6 y3 Q: T2 n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 g- Q5 Y, P' x) S+ ^* U( y
  ۋاشىنگىتونغا كېلىپ 3 ئايدىن كېيىن قانۇنىي رەسمىيەتلىرىم پۈتتى. مەنمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئىجارىسى نىسبەتەن ئەرزانراق بولغان قارا تەنلىكلەر مەھەللىسىدىن  ئۆز ئالدىمغا ئۆي ئىجارىگە ئالدىم. " ئۆز-ئۆزۈمگە "  بۇنىڭدىن كېيىن قوشنىلارنىڭ   قاش-قاپاقلىرىغا قاراش يوق" دەپ ھاياتىمدىكى بۇ تەرەققىياتنى تەن-تەنە قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىداEfficiency دىيىلىدىغان  بىر كىشىلىك ئۆيدە كۆپ كىشى تۇرىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن، قولۇم قوشنىلارنىڭ  سېزىپ قېلىشى ۋە ئۆي شىركىتىگە چېقىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلاتتۇق. شۇڭا   بىنا ۋە ئۆيگە كىرىپ-چىقىشتا بەك كۆزگە چېلىقىپ كەتمەسلىككە تىرىشاتتۇق.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 k' f6 a* b: D+ I) m
  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Y0 F+ c4 I9 z' O& Q2 a7 _1 P1 ]ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى مۇستەقىللىقىممۇ ئۇنچىۋالا  تولۇق ۋە ھەقىقىي بىر مۇستەقىللىقمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىجارىگە ئالغىنىم  Single House دىيىلىدىغان بىر ئائىلىلىك ئۆينىڭ بىر ياتاق ئۆيى ، ئۆيدە مەندىن باشقا يەنە 4 كىشى تۇرىدۇ. نېمە بولسا بولسۇن ئىجارە توختامىدا مېنىڭمۇ نامىم بار، 350 دوللار ئايلىق ئىجارىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تۆلىسەملا، بۇ ئۆيدە مەنمۇ  خوجىدار . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچى ئەر، بىرى ئايال بولغان بۇ 4 قارا تەنلىك قوشنامنىڭ بىر-بىرىدىن سىپايە ۋە بىر-بىرىدىن قىزغىن مۇئامىلىسى مۇستەقىللىقىمدىكى بۇ كەمتۈكلۈكنى  تولدۇرغۇدەك تەسەللىي كۈچىگە ئىگە. شۇڭا بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ 15 كۈندىن كېيىن ياتىقىمدا دوستلاردىن تۆتىمىز  جەم بولۇپ مۇستەقىللىقىمنى تەبرىكلىدۇق. تەبرىك كېچىسى يالغۇز كۈلكە -چاقچاقلا ئەمەس، كەسكىن مۇنازىرەلەرمۇ بولۇندى. مۇنازىرە جەريانىدا دۇنيا خەرىتىسىدىكى قايسى بىر دۆلەتنى "ئوشۇق" دۆلەت دەپ قاراپ خەرىتىدىن ئۆچۈردۇق، قايسى بىر دۆلەتنى بەشكە پارچىلىدۇق، قايسى بىر دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقتۇق.  ھە يەنە تارىختىكى قايسى بىر شەخسلىرىمىزنى گۆرىدىن تارتىپ ئاچىقىپ شەخسىي ۋە كوللېكتىپ بەختسىزلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىنى شۇنىڭغا يۈكلىدۇق ۋە ئۇنى تەنقىد قىلدۇق. ئەلۋەتتە بۇ كىچىك ئىشلار بولمىغاچقا ئاۋازىمىزنى كونترول قىلالمىغان، ئۈستەل مۇشتلاشلاردىن خالىي بولالمىغان ئانلرىمىزمۇ بار. سورۇننىڭ ئەڭ قىززىق يېرىدە ياتاق تېمىنىڭ  نارازىلىق رېتىمىدا مۇشتلىنىشى بىلەن ئۆزىمىزنى سوراپ، سورۇننى ئاخىرلاشتۇردۇق؛ شۇنداقتىمۇ ئۆيدىن چىقىپ قورودا يېرىم سائەت، قورودىن چىقىپ ئىشىك ئالدىدا يېرىم سائەت خوشلىشىش ئادىتىمىزدىنمۇ ۋاز كچمىدۇق. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) h, i1 |! y3 B) T5 @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. A+ F- g6 z8 a1 e0 q) i
بۇ كۈنكى خوشاللىقىمنىڭ خاپىلىقى ئانچە كېچىكمىدى.  ئۆگۈنى  ئىشتىن كەلسەم ياتىقىمنىڭ ئىشىكىدە بىر "ئۇلتىماتۇم "تۇرىدۇ.  ئۇلتىماتۇمدا ئىجارە توختامىنى بۇزغانلىقىم، شۇڭا ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىشىم بۇيرىلىپتۇ ۋە كۆچۈشۈم  ئۈچۈن بىر ئاي مۆھلەت بېرىلىپتۇ. مەن ئۆي ئىگىسىگە توختامدىكى " ئۆيدە ئولتۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ" دېگەن ماددىغا دىققەت قىلماي قالغانلىقىمنى ، بۇندىن كېيىن تۈزۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئامېرىكىغا يېڭىلىقىمنىمۇ ئەسكەرتتىم؛ ئەمما ئاقمىدى ، ئەمىلىيەتتىمۇ ئاقمىغىنى توغرا، بىر ئائىلىلىك ئۆيدە  5 كىشى تۇرىۋاتقان بولغاندىكىن بۇنداق قىستاڭ ئۆيدە ئولتۇرۇش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن توختامنى ئىنچىكە ئوقۇغان بولۇش ياكى ئامېرىكىغا كونا بولۇش كەتمەيتتى. مەسىلە مېھماندوستلۇقتىن ئىبارەت مىللىي ئادىتىمىز ۋە ۋارقىراپ گەپ قىلىشتىن ئىبارەت يۇقتۇرما ئادىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدا سوغۇق كېلىدىغانلىقىدىن ئامېرىكىغا كەلمەي تۇرۇپلا خەۋىرىمىز بوپ بولغان بولسىمۇ، بۇ بىلىشنىڭ  تېخى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ بولمىغانلىقىدىن ئىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& D* K. b6 P7 k, U% E' M2 L/ R
ئۆي ئىگىسى گېپىنىڭ ئاخىرىدا :بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 B' b( ?! Y& q/ `. p, y+ O! r2 I* J
--- مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆچمەن، مەن سېنى چۈشىنىمەن، بىراق بۇلار ) قوشنىلىرىمنى دېمەكچى( سېنى چۈشەنمەيدۇ. بۇلار  سەندىن قورقۇپ قاپتۇ، ئۆزلىرىنى سەن بىلەن بىللە تۇرۇشتىن  بىخەتەر ھېس قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، مېنىڭ ئامالىم يوق." دېدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ V: c+ D: w' D- `- \8 {/ D4 x
ما ئىشنى كۆرۈڭ! ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەر بار مەھەللە Bad Neighborhood يەنى ناچار مەھەللە دېيىلىدۇ. بەزىلەر بۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇش ئەمەس، بۇ مەھەللىدىن ئۆتۈشتىنمۇ  قورقۇدۇ. مەن ئىقتىسادنى تېجەش ئۈچۈن،  بۇ مەھەللىدە قارا تەنلىكلەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن، كىشىلەر  قورقۇدىغان بۇ كىشىلەرگە مەن قورقۇنۇچلۇق كۆرنۈپتىمەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 d9 K/ Z3 t& q  qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 O$ H! z; |1 O' T4 ?: M3 ~& ?9 f  U
   قانۇنىي رەسمىيىتىم بولغىنى بىلەن ئۆي ئىزدەشنىڭ ئۆزىمۇ ۋاقىت ئالىدىغان ئىش . يېرىم كۈن ئىشتىن توختىسام  ئاز دېگەندە 50 ، بىر كۈن ئىشتىن قالسام ئاز دېگەندە 100 دوللار كىرىم ئازىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتە ماشىنىسىز ئىش پۈتمەيدۇ، ماشىنىسى بار  بىرسىنى  ئۆي كۆرۈشۈپ بەر دەپ ئاۋارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا زىيان-زەخمەتسىز بىر ئادەملىىكمنى ئولتۇرۇپ- قوپۇشلىرىدىمدىن بىلىپ قالار ۋە ئۆي ئىگىسىگە تېلىپون قىلىپ " بولدى، تۇرىۋەرسۇن" دەپ قالار دېگەن تاما بىلەن بىرەر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم؛ بۇمۇ ئاقمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ  ئۆينىڭ كەيپىياتى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتتى. بۇرۇنقى " دۆلىتىڭ قايسى؟ مىللىتىڭ كىم" دېگەن ئۇ قىززىقىشلاردىن؛ " راستمۇ، شۇنداقمۇ بولدىمۇ؟ سىلەرگە ئاللاھ ياردەم قىلسۇن!" دەيدىغان ئۇ ھېسداشلىقلاردىن ئەمدى ئەسەر يوق. ئۇلار  ئۆينىڭ مېھمانخانىسىدا توپلۇشۇپ كۈلۈشۈپ- پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بولسا مېنىڭ دەرۋازىنى ئېچىپ قوروغا كىرىشىم بىلەن ياتاقلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۆينىڭ ئاشخانىسىغا تاكى مەن بىكار قىلمىغىچە دەسسىمەيدۇ؛ مەن بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، قاچۇرالماي قالسا غىل-پاللا بىر تەبەسسۇمنى كۆرسىتىپ قويۇپ كۆزىنى قاچۇرىدۇ. تېخى دېرىزىدىن مارىلاپ قوروغا كىرىپ-چىقىشىمنى كۆزىتىشلىرى بار. ئاخىرى  " بۇ، ئۆيدىن ھەيدىلىشتىنمۇ ئېغىر جازا بوپكەتتى!" دېدىم ئىچىمدە ۋە مۆھلەتتىن بۇرۇن كۆچۈشكە ھەرىكەت قىلدىم.  ئونغا يېقىن ئۆيگە ئىلتىماس سۇنۇپ بىرسىدىن تەستىق ئالدىم. ئۆيدىن كۆچىدىغان چاغدا ، خاتالىق ئۆزۈمدىن ئۆتكەن بولغاندىكىن، 500 دوللار زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالالمىغانلىق خاپىلىقىمنى  ئىچىمگە يۇتۇپ، قوشنىلار بىلەن  بىر خوشلىشىپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم؛ ئارىلىرىدىن بىرسى قورونىڭ سىرتىغىچە  ئۇزۇتۇپ چىقىپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! E# O+ Z$ j& C7 x: I7 s( w--- ئەسلىدە بىرەر قېتىم ئولتۇرۇش قىلغانغىمۇ بىر نېمە دەپ كەتمەيتۇق، جېدەللەشكىنىڭلار بولماي قالدى، بولۇپمۇ ئۇ بىر دوستۇڭلارنى بەك قاتتىق ئۇرىۋېتىپسىلەر.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: h$ Y, p2 D! x. U
شۇ كۈنى يۇقىرى ئاۋازدا تالاش-تارتىش قىلىشقىنىمىزنى جېدەللىشىش دەپ چۈشۈنۈپ قالغىنىدىن خەۋىرىم بار ئىدى، ئەمما  " ئۇرۇشتى" دەپ بىلگىنىنى ئەمدى ئاڭلىشىم، شۇڭا سورۇدۇم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& L3 s' z% z4 j* l7 Y2 A/ s--- كىمنى ئۇرۇپتۇق؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, R/ O4 H* j: k' \: r
--- ئەتىسى چاپىنىنى ئالغىنى  كەلگەن دوستۇڭنىڭ يۈز -كۆزى ئىششىق تۇرمامدۇ؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* M# `& e5 v: pئاندىن چۈشەندىم،  شۇ كۈنى دوستلاردىن بىرى چاپىنىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەتىسى ئالغىنى كەلگەن  ئىدى. مەن ئۇنى كۈتىۋالغىنى  دەرۋازىغا قاراپ كېتىۋېتىپ،  قوشنىلارنىڭ ئۇنىڭغا  دېرىزىلىرىدىن ئەنسىزلىك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى  بايقاپ قالغان ئىدىم ھەم قوشنىلار " يەنە ئولتۇرۇش قىلارمۇ" دەپ ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇنتۇپ قالغان چاپىنىنى ئالغىنى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ  قويغان ئىدىم. بۇ دوستۇم  ئەسلى توقسۇنلۇق بولۇپ بىراز تۇنگان قاپاق ھەم يۈزلىرى بىراز گۆشلۈك ئىدى. بۇ تەبىئىي ۋە يەرلىك يۈز ،  ئۇ ئەنسىز كۆزلەرگە شۇ كۈن  شۇ مىنۇتلاردا ئىششىق كۆرۈنگەن گەپ!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( \9 {& l8 B# D% E  r+ o8 |) C
تۇنگان قاپاق دېگەن گەپنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى بىلمىگەننىڭ ئۈستىگە چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقى ئۈچۈن كىنايە قىلدىم:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 N; i! I) U0 d! T/ z* |( R
---- رەخمەت، شۇ كۈنى ھېلىمۇ ساقچى چاقىرماپسىلەر؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 C. G8 o+ h: I5 ?' Z7 J& a
--- كەچۈرىسىلەر، شۇغىنىسى تاياق يېگۈچىنى كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتۇق.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 _8 p( f0 w7 B  q. [$ @  U8 |
شۇنداق قىلىپ " ئادەم ئۇرغانلىق" گۇنايىمىزنى بوينۇمغا ئېلىپ كونا ئۆيدىن ئۇزۇدۇم. ئەھۋالنى دوستلارغا ئېيتسام، تېتىمىدى بولغاي:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i7 I& Q" e: g, u/ S---- سەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردە چاخچاقچى بولۇپ كېتىۋاتىسەن--- دېدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ~+ F  K$ w* A! A( d " مەن چاقچاقچى ئەمەس، ھاياتنىڭ ئۆزى بەزىدە مانا مۇشۇنداق بىر مەيدان چاخچاق" دېمەكچىمۇ بولدىم-يۇ، بىزنىڭ بۇ ئاغىينىلەرنىڭ پەلسەپىۋىي گەپلەر بىلەن بەك خوشى يوق بولغاچقا ئېغىزىمدىن چىقارمىدىم. نۆۋىتى كەلگەن ئىكەن بىزنىڭ بۇ ئۇچۇپ كەلگەن ئاغىينىلەرنىڭ خۇيى ھەققىدىمۇ 4 ئېغىز گەپ قىستۇراي:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' I' G) [, h4 `1 N9 |* B0 M3 E
  ئۆيدىن قوغلىنىش ۋەقەسىنى  ئاڭلىغان تورداشلار " بۇ خەق شۇ كۈنى غىق مەست ئىكەن-دە؟ بولۇشىغا ئىچىشىپتۇ-دە" دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۈنكىن؛ ئۇ كۈنى مەستلىكىمىز راست، ئەمما ئىچكىنىمىز يالغان. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇپ كەلگەن دوستلارنىڭ بەزىدە  ئىچمەي تۇرۇپمۇ  مەست بولىدىغان بىر خۇيى  بار. مەسىلەن مىڭ كىشىلىك  بىر يىغىن ئېچىلىۋاتقان بولسا، يىغىندا سۆز قىلغۇچى "دۇنيادا كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتتىن يۇزى بار "دەپ ساناپ كېلىپ  ئۇيغۇرنى تىلغا ئالماي  ئاتلاپ  كېتىپ قالسا، بىزنىڭ بۇ تائىپىدىكىلەر  شۇ زامات كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ، ئورنىدىن چاچراپ قوپىدۇ: " كۆپ نوپۇسلۇقلاردىن يەر شارىدا ئۇيغۇرمۇ بار" دەپ لوقما سالىدۇ؛ قائىدە-ئىنتىزام، كۈنتەرتىپ دېگەنلەرگە پوش دېمەيدۇ. يەنە مەسىلەن، مەسچىتتە ئىمام  پەلەستىن ۋە چېچىنىستانغا دۇئا قىلىپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا، دەرھال مېھراپقا سەكرەپ چىقىپ، " دۇئا كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرمۇ بار" دېيىش پۇرسىتىنى قاچۇرمايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ ئاقچى-كوكچى دەپ قويسىڭىز سەۋر قىلىشى مۇمكىن، ئەمما " ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر ئەمەس" دەپ قويسىڭىز چاپان سالىدۇ. ئەگەر كۆلتېكىن ۋە تونيوقۇق ئابىدىلىرىدىكى مىللىي نەسىھەتلەردىن بىرەرسىگە  شەك چۈشۈرۈپ گەپ قىستۇرۇپ قالسىڭىز، سىز  بىلەن باردى-كەلدى  چېگرىسىنى ئادا-جۇدا ئايرىيدۇ. ھېلىقى كۈنكى ئولتۇرۇشىمىزنىڭ قوشنىلارغا  "جېدەل" بولۇپ تۇيۇلۇشىغىمۇ  بىزدىكى بايا دېگەن  يۇقتۇرما ئادەتتىن باشقا،دوستلارنىڭ بەزىدە ئىچمەيمۇ مەست بولۇپ قالىدىغان خۇيى سەۋەپ بولغان  ئىدى. شۇ كۈنى ئاتۇشلۇق بىر دوستىمىز، ھەممىمىز ۋەتەن ساتقۇچ دەپ ئەيىپلەۋاتقان بىر شەخسنى يۇرتدارچىلىق قىلىپ  " ئۇمۇ ئامالسىزتى " دېيىشى  ۋە بىزنىڭ " ئامالسىز بولغان بولسا، ئۆلىدىغان چېغىدا بولسىمۇ ئىككى ئېغىز راست گەپ قىلىۋېتىپ ياكى يېزىۋېتىپ كەتسە بولمامتى ئۇ دۇنياغا ؟!"  دېيىشىمىز بىلەن مەستلىكىمىز پەللىگە چىققان ئىدى. دېمەكچىمەنكى، ۋاشىنگىتوندا ياشاش دېمەك يالغۇز ئاق تەنلىكلەرنى ئۈركۈتمەي، قارا تەنلىكلەرگە يەم بولماي، باشقا تەنلىكلەر بىلەن ئەبجەش بولۇپ كەتمەي ياشاش دېگەنلىكلا ئەمەس؛ يەنە ئۇچۇپ كەلگەنلەر بىلەن ماسلىشىپ ياشاش دېگەن بىر زۆرۈرىيەتمۇ بار. چۈنكى بۇلار، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ھايات چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇدىغانلار ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇتلەق كۆپ سانلىقتا. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# c$ j+ l) Z5 g) B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, E: W8 F2 S9 f
چاتمىنىڭ  4 ‏- قىسمىنىڭ ماۋزۇسى: " تۇنجى خېرىدارىم سېرىق چاچلىق ئايال" ؛ ۋەقەلىگى بىر قەرز كوپىراتىپ خادىمىنىڭ ياقىسىنى سىقىشىم بىلەن باشلىنىدۇ.

كۆك ئەتتىرگۈل

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 1946
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7692
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقسۇنلۇق شۇنچە قورقۇنۇشلۇقمۇ ؟ ماڭا ئەجەپ ئۇنداق بىلىنمەيدىغۇ . بىزنىڭ يۇرتتىكىلەر بەك ئىللىق كۆرىنىدۇ ماڭا . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Q* a2 |8 D2 ?: W8 H; i$ R0 w
تەپسىلى ئوقىۋاتىمەن داۋامىغىمۇ قىزىقىۋاتىمەن.

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29201
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2748 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:46:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىن قوغلىنىش ۋەقەسىنى  ئاڭلىغان تورداشلار " بۇ خەق شۇ كۈنى غىق مەست ئىكەن-دە؟ بولۇشىغا ئىچىشىپتۇ-دە" دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۈنكىن؛ ئۇ كۈنى مەستلىكىمىز راست، ئەمما ئىچكىنىمىز يالغان. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇپ كەلگەن دوستلارنىڭ بەزىدە  ئىچمەي تۇرۇپمۇ  مەست بولىدىغان بىر خۇيى  بار

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29201
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2748 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىن قوغلىنىش ۋەقەسىنى  ئاڭلىغان تورداشلار " بۇ خەق شۇ كۈنى غىق مەست ئىكەن-دە؟ بولۇشىغا ئىچىشىپتۇ-دە" دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۈنكىن؛ ئۇ كۈنى مەستلىكىمىز راست، ئەمما ئىچكىنىمىز يالغان. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇپ كەلگەن دوستلارنىڭ بەزىدە  ئىچمەي تۇرۇپمۇ  مەست بولىدىغان بىر خۇيى  باربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 a4 g! d, @& ]& {# w8 P. q; U
روھى جەھەتتە مەس بولۇۋالغانلار ئىكەن-دە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17269
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:54:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى داۋاملىق ساقلاۋاتىمەن

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78281
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2984
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 01:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەكلا قىزىقىپ كەتتىم جۇمۇ!

ئادەم بولساڭ ئادەمدەك ياشا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 01:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  قىلىپ   ۋاشىنگىتوندىكى   ئەڭ   قورقۇنۈچلۇق  رايۇندىكىلەرنى  قورقاتتىم  دەڭ   ،  دېمىسىمۇ  بىزنىڭ  گەپ  سۆز  ۋە  يۈرۈش-تۈرۈشتىكى  بەزى  ئادەتلىرىمىز  قوپالراق   ..

ئاپئاق  قارنىڭ ئۈستىدە ئاياغلىرىمنى  ئېغىر يۆتكەۋاتىمەن  ، قارغا  چۈشكەن  ئىزلار  شۇنچىلىك  چۇڭقۇر  ،  لىكىن  بىر كۈن ئۆتكەندە  ئۇ  ئىزلارنىڭ ئاللىبۇرۇن  قارغا كۆمۈلۈپ  كىتىدىغانلىقىنى  ئويلىسام باسقان قەدەملىرىمگە  ئۆكۈنىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 02:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملاشتۇرۇڭ، ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتىمەن.

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

خۇداغا شۈكرى . ئىمزايىمنى ئۆزگ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8134
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 02:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئۇقۇۋاتىمەن .  منىڭمۇ دەھشەت بىر چىقىپ كىرگۈم بار شۇ ئامىرىكا دىگەن يەگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100350
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 02:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا مەن

اللە دىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن!اللە دىن قورققانلارنى ھۆرمەت قىلمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش