مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1086|ئىنكاس: 15

تىلەمچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:08:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچى

كۈن نۇرىدا قاقلىنىپ ئالقان يايار تىلەمچى،
ئۈمۈدلىنىپ ھەممىگە تەكشى قارار تىلەمچى،
سەدىقىنى ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئالار تىلەمچى ،
كۆزىنى يومۇپ ئىچىدە ساناق سانار تىلەمچى،
مۇھتاجلىقنىڭ چېچىنى جىمجىت تارار تىلەمچى ،


ئۇلار گويا ئېچىلغان تۆت دوقمۇشنىڭ يانچۇقى ،
ئۇلار گويا  ئىئانە پارچە پۇلنىڭ ساندۇقى،
ئۇلار گويا ئۈمۈدسىز نۇرسىز كۆزنىڭ قارچۇقى ،
قۇۋۋىتى بار نۇر كۆرمەس  تۇرمۇشىنىڭ تارچۇقى ،
ئاخىرىقى شام نۇرىدەك ئاجىز يانار تىلەمچى .


كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە ئارتۇق تەرى تۆكۈلمەس ،
مۇششەققەتكە ئارتۇقچە قوۋۇرغىسى ئىگىلمەس ،
تىرىكچىلىك غېمىدە قولتۇق -ئېغى سۆكۈلمەس ،
بىكار ئۆتسە پەسىللەر ھەسرەتلىنىپ ئۆكۈنمەس .
سالنامىگە ئىشىنىپ چوكا تاللار تىلەمچى .

چېچىشىدۇ كوچىغا ئامىتىنى  بىر كۈنلۈك ،
نان ئىزدىگەن نىيەتتە خىيال قىلار ھەر تۈرلۈك ،
سۈرۈشتۈرمەس رەستىلەر كىم ئەپۇچان كىم سۈرلۈك،
تىلەپ تېپىپ يىگەنلەر بولالامدۇ چوڭ يۈزلۈك ،
مۇزىكىدەك يىقىملىق زارلاپ تۇرار تىلەمچى.

ئەمەللەرنىڭ يېنى بوش، قېلىن بولدى ئەتلىرى ،
قەھرىتاننى يومشىتار ،دىل يىغلىتار < گەپ> لىرى .
شىرىقلايدۇ ھەر كىمدە سەدىقىنىڭ <بەت >لىرى ،
دۇئاسىغا ئېرىشىش نادان ئاۋام <شەرت >لىرى ،
پىيادىنى ئېرىنمەي سىناپ تورار تىلەمچى .

ئىللەتلەرگە دەۋا يوق ، ھۆجەيرىلەر سارغايدى ،
پايپىقىنى يامالماي تۆت كوچىلار تارايدى ،
چالا بولغاچ تاھارەت ،سەھەر سالقىن ئالايدى،
ساۋادىنى چىقارغان سۈزۈك رەڭلەر  قارايدى،
ئەنئەنىنى، ئەخلاقنى قىيناپ تۇرار تىلەمچى .


ئېسىلغانغا يىرتىلماس مائارىپنىڭ ياقىسى ،
زىيان قىلار تۇلپارغا نىجىس شەيتان تاقىسى ،
كۈتۈشلەردە ئۈزدى جان  شەجەرىنىڭ ئاكىسى ،
زوكام تەگسە ساڭگىلار بۇ مىللەتنىڭ ماڭقىسى،
گىرەلەشمە ھاياتتا تەرتىپ بۇزار تىلەمچى .


دائىم پاكىز بولالماس كىملىكتىكى نامىمىز ،
بەرىكەتنى تۇغالماس يىغقىنىمىز –بارىمىز ،
قاغا قوندى باغلارغا نىچۇن شورلۇق جايىمىز؟
ئۆزلىشىشتە  ئادىشىپ يەرمەنكىدە چانىمىز ،
لوقما ئۈچۈن بەزىدە پېتەك پۇرار تىلەمچى .


كەسىپلىشىپ ئۆز –ئارا راست –يالغىنى چانمىدى ،
ماركىلىشىپ ئەل ئارا قىلمىغىنى قالمىدى ،
ئىگە بولماي رىزقىغا ، مىللەت ئاشقا قانمىدى ،
ئىت قوغلىغان مەزلۇم  يەردىن داڭگال ئالمىدى ،
قىيامەتتە  ئېھتىمال بۇلۇت  سورار تىلەمچى !

ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-15 04:44 AM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10986
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2227 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 01:15:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلەرنى راسا قامچىلاپسىزغۇ..........  

بەزى تىلەمچىلەر باركى، بۇدۇشقاقنىڭ ئۆزىلا،، ئۇلارغا قارىساق كۈش قۇۋىتىدىن قالمىغان كىشىلەر...  شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە تىلەپ يىيىشنى كەسىپ قىلۋالغان، نېمىمۇ دىگۈلۈك......

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 01:19:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل  چىقىپتۇ،ئاپىرىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32306
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 09:12:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق،جان بېقىش ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيپ،ئاجىز،يوقسۇللارمۇ بار،ئەمما تىلەمچىلىكنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغانلارمۇ بار.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100676
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 10:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل چىقىپتۇ رەھمەت سىزگە

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 10:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى چىقىپتۇ...........ھازىر ھەقىقي تېلەمچىلەر بەكلا ئاز، كۆپلىرى جان بېقىش يولىغا كىرىۋالغان بىكارتەلەپلەر!!!!!!! قىززىق يېرى ئادەم نامازغا مېڭۋاتسا، ئادەمنىڭ يولىنى توسۇپ!!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:11:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلىك قىلغانلارنى نىمە دىسە بۇلار، رازى بۇپ بەرگەنگە رازى بۇلمايدۇ.ئۇلتۇرۇپ تىلەيدىغانلىرى ياخشى،مىڭىپ يۈرگەنلىرى كەينىڭىزگە كىرىپلاۋالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:24:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ھازىر تىلەمچىلەر ئچىدە تىلەمچىلىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان ياشلارمۇ كۆپرەك.ئۇلار ئەگەر ئۆزىنىڭ جىسمانى قارا كۇچىگە تايىنىپ مەدىكار ئشلىسىمى كۇنىگە بىرەر يۇز يۇئەن پۇل تاپالايدۇ.بۇنداقلارغا مېنىڭچە ھىچقانداق نەرسە بەرمەسلىك كېرەك،شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز كۇچىگە تاينىپ كۇن ئېلىشقا مەجبۇرلاش كېرەك.ئۇلار ياپ-ياش تۇرۇپمۇ بىكاردىن تىلەپ مىللىتىمىزنىڭ يۇزىنى تۆكمىسۇن!
قېرى،ئاجىز-مېيىپلەرگە سادىغات ۋە ئنسانپەرۋەرلىك يۇزسىدىن بولمسىمۇ يۆلەپ،ياردەم قىلىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99934
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:58:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ  تۇرغايسىز ؟ھېرىپ قالماڭ  قېرىندىشىم

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17607
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:58:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست زادى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىنىڭ كوچلىردا راسىت يالغان تىلەمچىلەرنى ئايرىش بەك قىيىن ، ئادەم بىرەي دېسە تىخى بەرمەي دېسە تىخى

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش