شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
ئايلالە
‹‹سۆيدۈم››دېسەڭ ئىشىنىدۇ يۈرەكتىن، ‹‹كۆيدۈم››دېسەڭ ئۈمىت كۈتمەس بۆلەكتىن، سۆيىنىدۇ بىر دەستە گۈل-چېچەكتىن، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
بېرىپ قويساڭ شىرىن-يالغان ۋەدىنى، ساقلاپ ئۆتەر ساڭا بەرگەن ئەھدىنى، سۆيسەڭ بۈگۈن ئويلىمايدۇ ئەتىنى، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
ئىندىكىڭگە چۈشۈرگۈچە ھالىڭ يوق، ‹‹ياق››دېسىمۇ يىغلاپ يۈردۈڭ كارىڭ يوق، مانا ئەمدى قارىغۇدەك رايىڭ يوق، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
كۆزىچىلا ئۆزگە بىلەن يۈرسەڭمۇ، ئۇنى كۆرسەڭ قاپىقىڭنى تۈرسەڭمۇ، سەۋىر قىلار گاھى ئۇرۇپ-سۈرسەڭمۇ، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
مەھەللىنىڭ بىر گۈلىنى ئۈزگەنتىڭ، دەسلىۋىدە ئىجىل-ئىناق يۈرگەنتىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بەخت پەيزى سۈرگەنتىڭ، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
مانا ئەمدى گۈللىرىڭ كۆپ كوچىدا، داغلار قالدى سەن ئۇلىغان نوتىدا، خوتۇن كۆيەر ئائىلەڭنىڭ ئوتىدا، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
ھەر زىكرىدە ئىنسابىڭنى تىلەيدۇ، ھەر كېچىسى يولغا قاراپ تۈنەيدۇ. سەن نەلەردە كۈلۈپ يۈردۇڭ بىلمەيدۇ، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
جاۋاپ بېرەر ھەركىم قىلغان ئىشىغا، تىگىۋەرمە ئاجىزلارنىڭ چىشىغا، ئۇينىڭ كۈنى كېلەر موزاي بېشىغا، شۇنچە ئاخماق يارالغانمۇ قىز دېگەن؟
2013-12-14
‹‹مىسرانىم››مۇنبىرىدىن يۆتكەشكە بولمايدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-14 10:56 PM
|