|
|
|
|
ئەسكەرتىش:تۈۋەندىكى بايانلار پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز-قاراشلىرىم،باشقىلارنى كەمسىتىش ياكى ھاقارەت قىلىشتەك ناچار مەخسەتلىرىم يوق.بۇلار پەقەت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىنى ئېچىش ،تور مۇھىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە يوللاندى.ئەگەردە ئىدىيىڭىز بۇلارنى قۇبۇل قىلالمىسا ماڭا تىل تەككۈزىمەندەپ ئاۋارە بولماڭ،ئىلمى يۇسۇندا سۆھبەتلەشسەك بۇلىدۇ.ئىسپات سۈپىتىدە يوللانغان رەسىملەر ئۈندىدار،چ چ قاتارلىق سۇپىلاردىن يىغىپ يوللاندى.
مەن ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ھەرقايسى ئالاقە سۇپىللىرىدا ئېقىپ يۈرىۋاتقان ھەرخىل ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ ناھايىتى بىئارام بولدۇم،بىر نەچچىسىگە نەق مەيداندا رەدىيە بەرگەنمۇ بولدۇم.لىكىن بۇ خىلدى ئۇچۇرلارنىڭ كۆز ئالدىمدا كۆپلەپ پەيدا بۇلىشى مىنى ئويغا سالدى .نىمە ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرلار شۇنچە كۆپ قېتىملاپ تارقىتىلدۇ؟ئاخىر مەندە بۇلارغا سىستېمىلىق ھالدا رەدىيە بىرىش ئىستىكى تۇغۇلدى.شۇنىڭ بىلەن مەن مەندە بار بولغان ھەرقايسى چ چ توپى،ئۈندىداردا "ناۋادا سىلەردە ئەخلەت ئۇچۇرلار (يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە بىر كىملەر پۈتۈشۈپتۇ......،بۇ ھەرەمدىن كەلگەن خەت تارقاتمىسىڭىز ئاق بۇلىسىز كۆك بۇلىسىز......،ئۇيغۇرتىلى تۈگەشتى ....)دىگەندەك ئۇچۇرلار بولسا ماڭا يوللاپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن بۇ ئۇچۇرلارنى توپلاپ تۈرگە ئايرىپ تەھلىل قىپ باقماقچى،خاتا چۈشەنمەڭلار" دەپ خەت قالدۇردۇم. ئەفسۇس ماڭا بۇنداق ئۇچۇرنى پەقەتلا بىرلا ئادەم ئىككى پارچە يوللاپ بەردى. مەن بۇ ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئۇچۇرلار ئەخلەت ئۇچۇر ھىساپلانمامدۇ ياكى ئۇلاردا بولسىمۇ خىجىل بۇلۇپ يوللاپ بەرمىدىمۇ بىلەلمىدىم.مەن مەلۇم ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تورلاردا ئىزدەپ يۈرۇپ بۇنداق ئۇچۇرلانى يىغدىم.تۈۋەندە مەن بۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئايرىم ئايرىم ھالدا توختالماقچى.
1.تەھدىت تۈسىنى ئالغان ئەخلەت ئۇچۇرلار
يۇقىرقى ئۈچ پارچە ئۇچۇر ئۇرتاق ھالدا تەھدىت تۈسىنى ئالغان.بۇلارنىڭ چىقىش نوختىسى توغرا ئەمما قوللانغان ئۇسۇلى مۇتلەق خاتا .بۇ ئۇچۇرلارنى روياپقا كەلتۈرگەن ۋە ئەگىشىپ تارقاتقانلار شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى قىلغان ئەمىلىڭىز خالىس بولمايدىكەن يەنىلا ساۋاپقا ئىرىشەلمەيسىز.بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ كۈپىنچىسى ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئۈزىگە بالاقازانىڭ كىلىشىدىن قورقۇپ تارقاتقان.ھەرگىزمۇ باشقا قېرىنداشلىرىممۇ ئۇقۇپ پايدىلانسۇن دىگەن مەقسەتتە ئەمەس .بۇنداق ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدىغانلار ئىككى خىل بۇلىدۇ .بىرى ئەقىللىق كىشىلەر كاللىسى ھەقىقەتەن بەك ئىشلەيدىغان كىشىلەر،يەنە بىرى ساددا كاللىسى ناھايىتى ئاددى بولغان كىشىلەر.ئالدىنقى تۈردىكى كىشىلەر بولسا باشقىلارنىڭ دىنغا بولغان ماھىللىقى ۋە ئىلىمسىزلىكىدىن ناھايىتى ئۇستىلق بىلەن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كاللىسىدا دىنغا بولغان خاتا چۈشەنچىنى سىڭدۈرگەن.كىيىنكى تۈردىكى كىشىلەر بولسا كاللىسىنىڭ ئاددىلىقى سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ كاللىسىدا دىنغا بولغان خاتا چۈشەنچىنىڭ بىخ سۈرىشىگە سەۋەپچى بولغان. ئەگەردە بۇ ئۇچۇرلاردا دىيىلگەندەك بۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتسا بىر كىچىدىلا مۆجىزە يۈز بىرىپ ئەمىلى ئۆسسە،باي بوپ كەتسە ،پەرزەنتلىرى ياخشى كەلگۈسىگە ئىرىشسە......،ناۋادا تارقاتمىسا بالاقازاغا يۇلۇقسا ،ئۇرۇق تۇققانلىرى تالاپەتكە ئۇچرىسا ،ئائىلىسىدە مۇسىبەت يۈز بەرسە .....ئەگەردە راسلا شۇنداق بولسا مۇقەددەس دىنىمىزدىكى ئادالەت نەگە كىتىدۇ؟! يەنە بىر گەپ بىزنىڭ دىنىمىز خاراپلىشىپ بۇ خىل ناچار ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تەشۋىق قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكىنى يوق.سىز دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دىنىمىزنىڭ غۇلىغا پالتا ئۇرۇپ ئاۋارە بولماڭ.دىنىمىزدا زورلاش يوق ،باشقىلارغا تەھدىت سېلىپ دىننى تەشۋىق قىلىدىغان ناچار ئۇچۇرلارنى روياپقا چىقارماڭ،بۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە قارۇغىلارچە ئەگىشىپ تارقاتماڭ.
2.دىنى تونغا ئۇرىنىۋېلىپ دىنغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلار ئالدىنقى تۈردىكى ئۇچۇرلار بىلەن پەرقى چوڭ ئەمەس.شۇڭا بۇ تۈردىكىلەر توغرىسىدا كۆپ توختالمايمەن.بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان قېرىندىشىم سىز ‹توغرا يول دەستۇرى ›ناملىق بىر كىتاپنىڭ بارلىغىنى بايان قىپسىز،ھەمدە بۇ كىتاپتا نەقىل قىلىنغان ئاياتلەرنىڭ مۇتلەق خاتا ئىكەنلىكىنىمۇ يېزىپسىز.بۇنىڭدىن قارىغاندا سىزدە بۇلارنى پەرق ئىتەلىگۈدەك ئىلىم بار دىگەن گەپ.سىز نىمە ئۈچۈن ئىسپات سۈپىتىدە بىرە قۇرمۇ بولسا نەقىل ئېلىپ چۈشەندۈرمەيسىز؟ناۋادا سىزدە بۇلارنى پەرىق ئەتكۈدەك ئىلىم بولمىسا بۇ ئۇچۇرنى ئالىملىرىمىزغا يوللاڭ ،شۇلاردا بۇنداق ئىلىم بار.دەلىل ئىسپات بىلەن قىلىنغان سۆز ھەقىقى يۇسۇندا قايىل قىلارلىق بۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئەخلەت ئۇچۇرمۇ بار ،ئىسىمدە قېلىشچە ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق"ئىچكىرىدە مايمۇنسىمان ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ بېسىلغان قۇرئان بايقالدى،يەھۇدى ناسارالارنىڭ دىنىمىزغا بولغان رەزىل دۈشمەنلىگىنى يەربىلەن يەكسان قىلايلى،بۇلارنى باشقىلارغىمۇ تارقىتىڭ ،باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ دىن دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى بىلىۋالسۇن،ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭ ،ئامانەتكە خىيانەت قلماڭ."ئەفسۇس بۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىدىم.سىلەردە بار بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيۇڭلار.بۇنىڭدا ئالدىنقى ئۇچۇردىكىگە ئوخشاش ئايەتلەر ساختا دىيلىپتۇ،ئىسپات قېنى؟ ياكى بولمىسا بۇ ساختا قۇرئاننى بايقىغان قېرىندىشىمىزدا سېلشتۇرۇپ نەقىل كەلتۇرۇپ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويغۇدەك ئىلىم يوقمىدۇ؟ سىلەنىڭچە بۇ كۈلكىلىك بىر ئەھۋال ئەمەسمۇ؟! بىر ھەقىقەت ئىسىڭلاردا بولسۇنكى دۇنيانى ئالقىنىدا چۆگلىتىۋاتقان يەھۇدىلارمۇ قۇرئاننى ئۆزگەرتىشكە پېتىنالمايدۇ.نىمە ئۇچۇن؟!ئەگەر بايقىلىپ قالسا سىلە بىزگە ئوخشاش "دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى بىلىۋېلىپلا" بولدى قىلىدىغان ئىش يوق ،پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭغا ئاۋاز قايتۇرىدۇ.قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ ،بۇنىڭغا قارشى نامايىشلار،كونسولخانىغا ھۇجۇم قىلىشتەك بىر قاتار ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ.شۇڭىلاشقا بۇلار جۈرئەت قىلالمايدۇ.
سىز بۇنى يوللاش ئارقىلىق قەلەملىك قۇرئان ئىچكىرىدە بېسىلىدۇ ،بۇ خىلدىكى قۇرئاننى ئىمكان بار ئۇقۇماڭلار دىمەكچىمۇ يا؟ئىلىمسىز قالغان بىزلەرنى تېخىنۇ ئىلىمسىز قالسۇن دەمسىزيا؟! سىزلەرگە سەمىمى ئەسكەرتىش،ناۋادا راسلا بۇ ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنغاندەك ئەھۋالنى بايقىسىڭىز ئالىملىرىمىزغا خەۋەر قىلىڭ،ھەرگىزمۇ بىزلەردەك ئەلىف نىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغانلارغا يوللاپ ئاۋارە بولماڭ . بۇلارنى پەرىقلەندۈرەلىگەدەك ئالىملىرىمىز تېخى ئۈلەپ تۈگىگىنى يوق.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى يوللايدىغانلار ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ،ياكى بولمىسا قىلچە خەۋىرىمۇ بولمىغان بۇلىدۇ.مەن سىزلەرگە ئاددى بىر مىسال ئېپ بىرەي.ناۋادا مەن سىزگە ناتۇنۇش بولغان بىر ئادەمنى ئۇ بولسا بىر ئوغرى دەپ تۇنۇشتۇرسام،سىزدە ئاپتۇماتىك ھالدا ئۇنىڭغا قارتا مۇداپىيە ئېڭى شەكىللىنىدۇ،ئۇ ئۆمرۈدە ئوغۇرلۇق قىلمىسىمۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەڭگۈ ئوغرى بۇلىشى مۇمكىن.ناۋادا مەن سىزگە ناتۇنۇش بولغان بىر ئوغرىنى ئۇ خېلى يامان ئەمەس ئادەم دەپ تۇنۇشتۇرسام ،سىزدە ئۇنىڭغا قارتا مۇداپىيە شەكىللەنمەيدۇ. ئۇ تاكى يەنە بىر قېتىم ئوغۇرلۇق قىلغۇچە سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە خېلى يامان ئەمەس ئادەم پەدىسىدە بۇلىدۇ.بەلكىم شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسىڭىز ،ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە خېلى يامان ئەمەس ئادەم بۇلاۋىرىدۇ.دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدىنقى ئىككى ئۇچۇرنى تەھلىل قىپ بېقىڭ قانداق نەتىجىگە ئىرىشىسىزكىن قېنى؟
3.كىشىلەر قەلبىدە ۋەھىمە تۇغدۇرىدىغان ئۇچۇرلار
بۇنداق ئۇچۇرلار كىلىش مەنبەسى ئىنىق ئەمەس ،پاكىتسىز بۇلىدۇ.ۋاقتىمۇ ئىنىق ئەمەس،بۇ ئۇچۇرغا قانداق ئىرىشكەنلىكى توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە يوق. بۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى گۇمان ۋە قورقۇنۇچتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان بۇلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا ئۈزىنىڭ كاللىسىنىڭ "ناھايىتى بەك ئىشلەيدىغانلىقىنى" ئۈزىگە كۆز-كۆز قىلىش مەقسىتىدە،ئۈزىنىڭ "دانالىقىدىن" ئېيتقان سۈزىنىڭ توردا سەلدەك ئېقىپ يۈرگىنىدىن ھۇزۇر ئېلىش مەقسىتىدە يوللانغان بۇلىدۇ. بۇنداق ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە قارۇغىلارچە تارقاتماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
4.يوق يەردىن ئىش تاپىدىغان ئۇچۇرلار
بىرىنچى ئۇچۇردىكى قىزچاقنىڭ رەسىمى بولسا خەنزۇچە تور بەتلەردە مودا بۇلاۋاتقان رەسىم.بۇنى ئەكىلىپ كاللىسى 55 تەرەكتۇرنىڭكىدەك ئىشلەيدىغان بىرسى ئوغۇرلۇققا سېلىش ئۈچۈن سېتىۋىتىلگەن ئۇيغۇر قىزى دەپتۇ.ئادەمنى بۇنداق تەتۈر قىينىمىساڭلار قانداق.ئۇقمايدىغان بىرسى كۆرسە راستىنلا ئىچى سىرىلىپ كىتىدۇ ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرسە.
تىگىدىكى ئۇچۇردا قەشقەردە ساقچىلارنىڭ 75 پاھىشىنى تۇتقانلىقىنى دەپتۇ،بۇ ئەجىبا كۈلكىلىك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ خەلىق ساقچىللىرىمىز پاھىشە تۇدىغان بولسا شىنجاڭدىكى ئەيدىزلەرنىڭ نىسبىتى جۇڭگو بۇيىنچە بىرىنچى بولمىغان بۇلاتتى.قەشقەر ۋابا مەركىزى بۇلاي دىدى ،سىز ئويلاپ باقمىغان كىشىلەر ئەيدىز چىقىپتۇ دىيىلىپتۇ .مەن مۇشۇلارنى تارقاتقانلاردىن شۇنداق بىر سوراپ باقاي ،ناۋادا بىزلەر شۇ ۋابانىڭ ئۇۋىسىنى لالما ئىتتەك پۇراپ تاپمىساق ئۇ نىجىس ۋابا بىزنى ئۆزلىگىدىن ئىزدەپ كىلەمۇ؟ پاھىشلەرنى تىللاپتۇ ۋابانى ئۈزىگە ھەمراھ قىلغانلارغا تەنقىد سۈزى يوق. ئەگەردە ئۇ پاھىشلەردە ئەيدىز ۋىروسى بولمىغان بولسا باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ،جەمىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىغان بۇلاتتى شۇنداقمۇ؟
5.مىللەت روھىنى چۈشۇرىدىغان ئۇچۇرلار
بۇ ئىككى ئۇچۇر مىللەتنىڭ روھىنى چۈشۈرۈشتىن باشقا ئەھمىيتى يوق.بىرىنچىسىدە بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆرگۈچە تارقىتىڭ دىيلىپتۇ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆرسە نىم بولماقچى ؟يۈزىنى تۆككەن قىزلىرىنى جايىدا قەتلىئام قىلىۋىتەمۇ؟ياۋاش ئەردىن بىرنى تېپىپ ياتلىق قىلىۋەتمەكتىن ئۆزگە ئامال بارمىدۇ؟بۇنداق ئۇچۇرلار ياشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنىڭ يوققا چىقىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .ياشلىرىمىزدا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بولغاندىلا مىللىتىمىز ئالغا سىلجىدۇ.يۇقۇرقى رەسىملەردىكى چۈشكەن رەسىم راست ياكى يالغان بولسۇن سىز مۇشۇ رەسىمنى قالايمىقان تارقىتىپ يۈرسىڭىز شۇ كىشىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىسىز.باشقىلارنىڭ ياشاش ئەركىنلىكىنى مازاق قىلىش،كەمسىتىش دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا ھەمدە خەلقئارالىق قانۇنلاردىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە بار.شۇڭا،سىز بىر شەخسنى بىر توپقا،بىر مىللەتكە باغلاپ ھەممە كىشىنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇردىغان بۇنداق رەسىملەرنى يوللاپ نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
سىز بۇنى يوللاپ نىمە دىمەكچى ؟ ئىسلامغا مايىل بولغان قىزلارنى ياشلارنىڭ نەزىردىن چۈشۈرمەكچىمۇ؟ئىسلامچە كىيىنىپ شەيتانغا دەرىس بىردىغانلار يوق ئەمەس بار ،لىكىن ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان ئىسلامغا بولغان ماھىللىقنى بۈشۈكتىكى ۋاقىتتىلام تۇنجۇقتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى بارمۇ؟
بۇنىڭدا ئۇيغۇرتىلى دۇنيادىكى يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردى دىيلىپتۇ. بۇنى كىملەر قەيەردە تۇرۇپ قاچاننىڭياقى سىتاستىكىلاپ ئىرىشىپتۇ؟ئۈزىنىڭ دۇنيادا قانچىلىك نۇپۇسى بار بۇنى ھەقىقى يۇسۇندا سىتاتسىكىلاپ ئىنىقلاشقا قۇربىتى ۋە ئىمكانىيتى بولمىغان بىر مىللەت قانداقسىگە تىلىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنى سىتاتسىكىلاپ چىقالىسۇن؟سىزلەر بۇلارنى يوللاش ئارقىلىق مىللىتىمىز ئاجىز دىگەن ئۇقۇمنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىگە سىڭدۈرىۋاتىسىز.ۋىندوسقا ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنىڭ قېتىلىشى ،يېڭى چىققان ئاندىرويد سىستىمىسىدا ئۇيغۇرچە فونتنىڭ بۇلىشى،ئالما مىكروسوفىت شىركەتلىرىنىڭ بازارئىگىلەش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇقىلىش گىردابىدا ئەمەسلىگىگە پۇلاتتەك پاكىت.قارلۇقتەك ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان شىركەتمۇ بۇنىڭغا پاكىت.سىز يۇقىلىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز بۇ تىل ھامان بىر كۈنى يۇقىلىدۇ،بۇ ئۇيغۇر بولغان ھەر بىرىمىزگە باغلىق.
بۇ ئۇچۇر توغۇرلۇق گەپ قىلغۇم يوقتى بولدى بىر ئېغىزلا گەپ قىلاي.قايسى ئۇرۇن كىمگە ۋاكالىتەن قايسى ئۇرۇن بىلەن نىمە ئۈستىدە توختاملىشىپتۇ؟بۇنى ئىككى يۈز مىڭ ئادەم تارقاتسا يەنە نىمە بولماقچى؟تارقاتقان سانى نەچچىگە يەتتى بۇنى قانداق سىتاتسىكىلايسىز؟ئۇيغۇر لايھەسىمىش تېخى .ئۇقۇپ قېلىڭ ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئاجىزلىشىپ بۇنداق بالا ئۇيىنى ئوينايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالمىدى.
يۇقارقىلارغا ئوخشاش مىللەت روھىنىڭ چۈشكۈنلىششىگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئەخلەت ئۇچۇرلارنى يوللايدىغانلاغا شۇنى دەيمەنكى مىللەت روھنى ئۇنداق بىر ئاددى نەرسە دەپ ئويلىماڭ ،ھون ئىمپىريىسى ،قاراخانىيلار ئىمپىريىسى دەل سىزلەر ئوينىشىۋاتقان مىللەت روھىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان.سىزلەرگە ئاددىي بىر تەكلىپ،مەيلى خەنزۇچە بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇرچە بولسۇن ئەدەبىيات كىتابىنى ۋاراقلاپ بېقىڭ،تارىختا ناچار ئەخلاغلىق،ساتقىن،مۇناپىق ئادەملەر كۆپ ئۆتكەن بولسىمۇ دەرىسلىكتە ياخشى خىسلەتلىك كىشىلەر ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرىدۇ.بۇلار دەل مىللەت روھنىڭ ئىز باسارلىرىغا ئۈگىتىلدۇ. يەنە بىرگە ئوغۇل بالا كۆپ ئۆيدە چوڭ بولغان قىز بالا بىلەن قىزبالا كۆپ ئۆيدە چوڭ بولغان ئوغۇلنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.(مىنىڭ بۇلارنى كەمسىتىش مەقسىتىم يوق)شۇندىلا بۇنىڭ تىگىگە يىتەلەيسىز.گەپ كىملەرنىڭ كىمگە ئۈلگە بولغىنىدا.
6.ۋاختى ئىنىق بولمىغان ئۇچۇرلار
مەن بۇلارنىمۇ ئەخلەت ئۇچۇر دىيشىمدىكى سەۋەپ بۇلارنىڭ ۋاختى ئىنىق ئەسكەرتىلمىگەن.ئەگەر بۇ ئۇچۇرلار ۋاقتى ئىنىق بولمىسا مەڭگۈ تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرىشى مۇمكىن.بۇلارغا پەقەت ئاددىي بىر تەكلىپ ۋاقىتنى ئىنىق يېزىڭلار،بولمىسا ھەربىر يېڭى كۆرگەن ئادەمنى بۇنىڭ ئۈچۈن تىت-تىت قىپ قۇيىدۇ.
7.ئەكىس تەسىرى يوق ئەخلەت ئۇچۇرلار
مەن بۇ خىلدىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈستىدە بىر نەرسە دىگۈم يوق.
خۇلاسە:بۇندىن كىيىن بۇنداق ئۇچۇرلارغا يۇلۇقۇپ قالساڭلار سۇغۇققانلىق بىلەن بىر قاتار ئويلانغاندىن كىيىن ئاندىن تارقىتىش ياكى تارقاتماسلىقىڭلارنى قارار قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
2013-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى
شاڭخەي
بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۈچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 05:47 AM
|
|
|
|
|
|