رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ئۆچ بولدۇم
ھەر يەردە غەيۋەت بولار غەيۋەتلەرگە ئۆچ بولدۇم،
قەلبىمدە ھەسرەت تولا نامەرتلەرگە ئۆچ بولدۇم.
مەن يار دىگەن تاشلىدى تېخى يۈرەك ياشلىدى،
يۈرۈكۈمنى ياشلىغان ۋاپاسىغا ئۆچ بولدۇم.
مۇھاببەتتە ۋاپا يوق بۇ يۈرەككە داۋا يوق،
قاچان بولار كۆڭۈل توق مۇھاببەتكە ئۆچ بولدۇم.
تەغدىر دىدىم ئامالسىز سۆيگۈم قالدى جاۋاپسىز،
باغرىڭ تاشكەن ۋاپاسىز ساڭا شۇنچە ئۆچ بولدۇم.
قەدەمدە بار قەس دىگەن ئالدايدىكەن پەس دىگەن،
ئاتا-ئانا دوست ئىكەن يالغالارغا ئۆچ بولدۇم.
ئەمدى قايتا باشلايمەن يېڭى قەدەم تاشلايمەن،
ئۈمۈد بىلەن ياشايمەن كۆز ياشلارغا ئۆچ بولدۇم.
رۇستەم قاراسۇ...2013...6..22...يېزىلغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 04:53 PM