مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7663|ئىنكاس: 51

سىز ئەسلى ئۆلگەن ( قورقۇنۇشلۇق ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 02:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            سىز ئەسلى ئۆلگەن ( قورقۇنۇشلۇق  ھېكايە)

دوختۇر قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇ ياخشى بوپ قالۇرمۇ؟ بىرەر يېرى سۇنمىغاندۇ، قان كۆپ چىقىپتىمۇ ؟
بۇ سۇئاللار قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى، لېكىن كۆزۈمنى ئېچىشقا ھېچ مادارىم يوق بىر خىل ئىسكەتتە ياتاتتىم .
قىزىڭىزنىڭ تەلىيىگە ھېلىمۇ موتوسىكىلىتتىن يېقىلغاندا بېششىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كېيۋالغانكەن، لېكېن كاللىسى بەك قاتتىق ئۇرۇلغاچ خاتىرسىنى يۇقۇتۇپتۇ، ھېلىمۇ شۈكرى قىلىڭلار، موتوسىكىلىتنى ھەيدىگەن يىگىتنىڭ جەسىتى ھازىرغىچە كىم ئىكەنلىكى ئىنىقلانمىدى ، چۈنكى قاتتىق ئۇرۇلۇش بىلەن ئۇنىڭ چىرايى تۇنغۇسىز دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خىيالىمدا قايسۇ ۋەقە؟ قايسۇ موتوسىكىلىت؟ ئۇ يىگىت كىمدۇ ؟دەپ ئويلاپ جۆيلۈپ ھۇشۇمغا كەلدىم، يېنىمدا دادام بىلەن ئانام تۇراتتى، لېكىن باشقا ھېچكىمنى تۇنمايتىىم ، ئانا بۇ قەيەر ؟ مەن نىمىشقا بۇ يەردە تۇرىمەن؟ مەن نىمە بولدۇم ؟ بۇلار كىملەر ؟
قىزىم سەن موتوسىكىلىت بىلەن يېقىلىپ چۈشۈپسەن ، شۇنىڭ بىلەن سىنى دوختۇرغا ئېلىپ كەلدۇق، ئوقۇتقۇچى ساۋاقداشلىرىڭ ھەممىسى سىنى يۇخلاپ كەلدى،  
مەن ھەرقانچە ئويلىغان بولساممۇ ، ھەرقانچە تىرىشساممۇ ئۇلارنى ئەسلىيەلمىدىم، ئۇلارنى تۇنمايمەن ، چىقىپ كەتسۇن دەپ ۋارقىرىدىم،  دوختۇر بەلكىم بۇ ۋەقە مىڭىسىگە بەك ئېغىر تەسىر قىلغان بۇلىشى مۇمكىن ،ئۇنى ئارامىدا قويۇڭلار بولدى، ئۇ ئارام ئالسۇن دەپ چىقىپ كەتتى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۆپ دوختۇرخانىدىن چىقساق بۇلدىغان بولدى ، دوختۇر ئۇنى مەيلىگە قويۋېتىڭلەر ، ئۇنى ساياھەت قىلدۇرىڭلار ، ئۆگۈنۈشكە ئاندىن ئۇ خالىمايدىغان ئىشقا زورلىماڭلار، ئامال بار ئۇنى كۆڭلىنى خۇشال تۇتسۇن دەپ ئالاھىدە جىكىلىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، بۇ ئۆيلەرمۇ ناتۇنۇش كۆرۈنەتتى،            ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدىغان، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغۇن كەلمەيدىغان، ئاسانلا ئىشلارغا چېچېلدىغان، مىجەزىممۇ ئوساللىشىپ، ئاسان خاپا بۇلدىغان ،ئاسان رەنجىيدىغان بۇلۇپ قالدىم.     

ئانام مىنى ساياھەتكە چىقىپ ،كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپ كەلگىن ، بەلكىم ساڭا پايدىسى بۇلۇر دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئورمانلىق گۈزەل جايلارغا يولغا سېلىپ قويدى، قىزىم ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن ئىش بولسا تېلفون قىل .
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ يەرگىمۇ كەلدىم، كەڭرى كەتكەن ئورماندىن ئىشىپ ، بىر چىغىر يولغا كىرىپ قالدىم ، شۇنچىلىك ماڭساممۇ  بۇ يولنى تۈگۈتەلمىدىم،  بىرەر تال ماشىنا بىرەر ئادەم ھەتتا بىرە ھايۋانمۇ ئۇچرىمايتى، خۇددى بۇ يەردە مەندىن باشقا ئادەم يوقتەكلا بىلىندى، لېكىن ئانچە ئۇزۇن ماڭماي بىر گۈزەل ئورمانلىقنى كۆردۈم  ، يول بۇيىدا بىر مىھمانخانا تۇراتتى، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ مىھمانخانىدا قونۇشنى ئويلىىدىم، چۈنكى كەشمۇ بوپقالغان ئىدى.
مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ئىشىك ئۆزلىگىدىن ئاستا غىچ غىچ غىچ  قىلىپ غىچىرلاپ بىر خىل ئەنسىز ئېچىلدى، ئىچىگە كىرىدىم ، ئىچى تۇلىمۇ ئاددى بېزەلگەن بۇلۇپ خۇددى كىنولاردىكى 30 يىل بۇرۇنقى مىھمانخانىغا ئوخشاش ئىدى، بىر ئۈستەل ئالدىدا چىرايىنى بىر گىزىت بىلەن تورىۋالغان بىر ئەر كىشى ئولتۇراتتى،  مەن ئاستا يېقىنلاپ كىلىپ ، قارسام ئۇ گىزىتتە 1950-يىلىىدىكى گىزىت دەپ تۇراتتى،  توۋۋا بۇ 2012 -يىلىدا 1950-يىلىنىڭ گىزىتلىرىنى نەدىن تاپقاندۇ  ، ئەجەپ غەيرىكىنا بۇ ئادەم ھەم بۇ مىھمانخانا، دىدىم ئىچىمدە.

خۇجايىن ياخشىمۇ سىز،  بۇ يەردە بوش ياتاق بارمۇ،  دەپ چاقىردىم ، لېكىن ئۈن-تۈنسىز جىم ئولتۇراتتى ،  مەن يەنە خۇجايىن دىيىشىمگە ،،ئۈنلۈكرەك سۆزلەڭ قۇلۇقۇم ئاجىز دەپ جاۋاپ قايتۇردى، ئاندىن گىزىتنى يېغىشتۇرۇپ ماڭا قارىدى، بۇ كىشى بەكمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى،  كۆز ئەينەك تاقىغان ياشانغان بىر بوۋاي ئىدى،
بوش ياتاق بارمۇ ؟ بار بىرتال ياتاق قالغان ، بىر كۈنلىكى 100،،،
ھە نىمە؟ سىز ئادەم قۇيامسىز يە نىمانداق قىممەت بۇ ئاددىلا ئادەتتىكى  ياتاق  دىسەم ، ياتمىسڭىز  كېتىڭ دىدى قوپال ئاۋازدا ، توۋۋا نىمانداق قوپال كىشى بۇ ، باشقا يەرگە بېرىپ ياتاي دەپ ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئارىقىمغا مېڭىشىمغا مۈرۈمدىن بىر قول تۇتتى ، كەينىمگە تېز سۈرەتتە قارىسام ، چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر خىل شۇملۇق بىلەن قارايدىغان بىر موماي تۇراتتى ، سىز سىز كىم ، بايا سىزنى كۆرمۈدۈمغۇ، نەچچە سىكىنوت ئىچىدە نەدىن پەيدا بولدىڭىز دەپ سورىدىم؟
مەن بۇ مىھمانخانىنىڭ ئايال خۇجايىنى،  قىزىم بۇ كەشتە بۇ يەردىن باشقا ھېچ يەردىن ياتاق تاپالمايسىز، 30 كېلومېتىر پىيادە ماڭسىزىڭىز ئاندىن ماشىنا بار يەرگە بارالايسز ، شۇ يەردە باشقا مىھمانخانا بار, بولمىسا بۇ مىھمانخانىدىن باشقا مىھمانخانا يوق بۇ ئەتراپتا .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ بۇ قەيەر دەپ سورىىدىم ؟
بۇ خىلۋەت ئورمان شەھەردىن بەك يىراق جاي ، بۈگۈن مۇشۇ يەردە يېتىپ تۇرۇڭ.
ھە ئەمسە بوپتۇ ياتاقتىن بىرنى ئاچاي دىدىم دە يېنېىمدىن يۈز يۈئەن خەلىق پۇلىنى چىقىرىپ ھېلىقى قوپال،كەمسۆز بوۋايغا بەردىم ، ئۇ بوۋاي پۇلنى ئېلىپ بىر خىل سۈرلۈك نەزەردە ماڭا بىر ، پۇلغا بىر قاراپ تۇرۇپ قالدى ئاندىن مەن ۋاي خوجاين ساختا پۇل ئەمەس بۇ ، مەن بانكىدىن ئالغان پۇل بۇ دىدىم ، ئۇ بوۋاي ھېچ بىر    گەپ قىلماستىن، ھېلىقى مومايغا شۇنداق قارغىنىدا، موماي ئالغىن دىدى شۇنداق قىلىپ ياتاقتىن بىرنى ئېچىپ بەردى، موماي ياتاققا كىرگۈچە ماڭا بىر خىل سوغۇق نەزەردە قاراپ بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن ئىشىك دەرىزىنى مەھكەم يېپېپ ئولتۇراسىز، پەردىنى يېپىشنى ئۇنۇتماڭ، ھەم بۇ يەردىكى نەرسىلەرگە قالايمىقان چېقىلماڭ دەپ چىقىپ كەتتى ، بۇ ياتاق شۇنچىلىك ئاددى بۇلۇپ بىر رەڭسىز كونا تېلۋېزۇر بار ئىدى،يول مېڭىپ بەك چارچىغاچقا كارۋاتتا يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن، سىرتتا شۇنداق قاتتىق چاقماقنىڭ چېقىلىشى بىلەن پۇتۇن ياتاق يۇرۇپ كەتتى، تۇيۇقسىز شارقىراپ يامغۇر ياغدى ، ئاستا بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارسام يامغۇر بەك قاتتىق ياغقان ئىدى، بولدىلا ئۇخلاي دەپ يېتىپ ئارىدىن بىر سائەتلەر ئۈتۈپ يۈزۈمگە سۇ تامچىشقا باشلىدى، سۇ تامچىسى توختىماي بىر رېتېم بىلەن يۈزۈمگە تېمۋاتاتتى، قولۇم بىلەن يۈزۈمنى شۇنداق سۈرتۈشۈمگە يەنە چاقماق چېقېپ ياتاق ئىچى يۇرۇپ كەتتى، قولۇمغا قارسام يۈزۈمدىكى قېپقىزىل قان ئىكەن......

داۋامى بار ...
تورداشلاردىن ئۆزۆر سورايمەن ، ئۇزاققا قالماي قالغان قىسىملىرىنى يوللايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-15 01:32 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 04:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىغىر قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ، يالغۇز ساياھەتكە چىقىپسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 04:41:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا مىز 。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89170
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 05:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئەسەرنىڭ داۋامى بار ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 05:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىدىم
سا يى سىىىىىى؟

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 05:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇشلۇق ھىكايىدىن يەنە بىرسى باشلاندى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7133
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 05:44:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىسەم يەنە شۇ گەپ.  ئادەم ئەڭ قىزقىدىغان ئەسەرلەنىڭ ھەممىنى نىمىشقا چالا يازدىغانسىلە.  مۇنبەردە ھازىر ئۈچ ئەسەر با داېامى بىرە ئايچە بوپ قالدى تىخچە يوق.  مۇشۇ ئىشقا بىر تەۋىر بەسەك بولتى.

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 05:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇچلۇق ئەسەردىن يەنە بىرسى مىسرانىمغا كەلگىننى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 06:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق يازارسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100473
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 07:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن يوللىسا بولمامدۇ .....ماۋۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ باش ئاخىرى يوق نىمىلەرنى تەستىىقلىمىسا بولمامدۇ دەيمەن....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش