مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 757|ئىنكاس: 2

ساراڭلىق جۆيلىمىسى ( سەرسانى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 02:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساراڭلىق جۆيلىمىسى                                 


سەرسانى


         بىر قىسىم دوسىتلىرىم بار ، ھە دىسە باشقىلاردىن قسۇر تېپىپ ، باشقىلانىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ يۈرۈيدىغان . بىر تۇرۇپ ئىشرەت قىلغانغا لەنەتلەرنى ياغدۇرۋاتقان ، بىر تۇرۇپ ، باشقىلارىڭ كىيىملىرىنى تەنقىتلەۋاتقان . دوستلۇرۇم دەيدۇ : “ تاماكا چەكمىسە بولمامدۇ ؟ ھاراق ئىچمىسە بولمامدۇ ؟ ئۇ نەرسىلەر ھارام ئىدىغۇ ؟ چوشقا دىگەن سۆزنى ئاڭلىسا ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كېتىدىغان ، تىللاپ تۈكۈرىدىغانلار تاماكىنى يېرىم سائەتتە بىر تالدىن چېكىپ ، ھاراقنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىپ ، يەنە بىر نەرسىلەرنى نان يىگەندەك خاتىرجەم يەپ يۇرۇۋاتقان .. .  ئوغۇللىرىمىز مانا شۇنداق كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ، بىر ۋاقىتلاردە كونىلار ئورۇقلارنى بىلىگە سۇيقاش بارمىغان ، جىن تىپىۋەتكەن ، ئاۋاق  سۆزلىرى بىلەن ئاتايدىغان ، تەمبەل يىگىتلىرىمىزدىن ، مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ، مەردانە تۇرالايدىغان يىگىتلىرىمىزدىن ئەللەر سۆيىنىدىغان ، قىزلىرىمىز خۇپىيانە ئاشىق بۇلۇپ كۆيىدىغان ئىدى ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بېلىگە سۇيقاش بارمىغان ، ئاۋاق ، جىن تىپىۋەتكەنلەر كلىشكەن ، قامەتلىك ھېسابلىنىدىغان ، قىزلىرىمىز كەينىدىن يۈز مىتىر يىراق كەتكۈچە قاراپ قالىدىغان بولىدى .      
            بىر ۋاقىتلاردا قىزلىرىمىزنى شەرمى ھايالىق ، خۇلقى مىجەزى ياخشى ، تارتىنچاق ، ئىزانى بىلىدۇ ، ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ تاللايدىغان ، ھەم شۇنداق قىزلاردىن سۆيىنىدىغان ، يىراق ئارلىقتىن سۇغا چىققانلىرىدا بىر كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويلىرىدا ، كۆل بويلىرىدا كۈنلەپ كۈنلەپ ساقلايدىغان ،  بىرەر قېتىم كۆزىمىزنى ئۇچراشتۇرۋالساق دەپ ئارمانلارنى قىلىشىدىغان ، تويغا كىلىشىپ قويۇپ توي كۈنىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ئىدۇق . چۈنكى شۇ نىكاھ ئوقۇلۇپ توي بولمىغۇچە جۆرىمىزنىڭ كۆزلىرىگىمۇ قاراشقا پېتىنالمايتۇق . شۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقى توي خۇشاللىقى ، توي تەقەززاسى بولىدىكەندۇق . مانا ھازىر يولدا كىتىۋېتىپ بىرەر قىزغا قاراپ سالساق بىز نۇمۇس قىلىپ كۆزىمىزنى ئېلىپ قاچمىساق تۆۋەن قارىمايدىغان بولدى. قىزلىرىمىزنى   شوخ ، قىلىقلىرى ئوماق ، گەپدان ، مەن نەگە  دىسەم بىللە ماڭالايدۇ ، ئوغۇللارغا گەپ بەرمەيدۇ ... دەپ تاللايدىغان بولدۇق . مۇھەببەت پاخاللاشتى ، اللا ياراتقان ئەڭ گۈزەل ھەم شېرىن ھېس تۇيغۇلارنىڭ بىرى بولغان مۇھەببەت خالىغانچە باشلايدىغان ، خالىغانچە تاشلايدىغان نەرسىگە ئايلاندى . يەنە نىمە سىناپ ئۆي تۇتىۋاتقانلارنى ئاڭلىدۇق . توي قىلىشقا نەچچە يىل بار تۇرۇپ جۆرىسىنىڭ ، ياق جۆرىسى دىگىلىمۇ بولمايدۇ “. نەچچىسىنىڭ توي قىلىپ بىر باشقا چىقىشىنى ھېچچىكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ .” ھەممە بارى يوقىنى بىلىپ كۆرۈپ بۇلۇپ ئۆتمۇشتىكى نىكاھكا ، تويغا بولغان قىزغىنلىق ، تەقەززالىق ئاللا قاياقلارغىدۇ يوقالدى . قىزلىرىمىز ئاشۇ كىيىملىرى بىلەن كوچىلاردىلا  ، مىنىڭ بار يوقۇم مۇشۇ دىگەندەك مېڭىپ يۈرىشىدۇ  . بۇنىڭ يەنە قىزىققىدەك يىرى بولسۇنمۇ ؟ بىر ئىشىك يېپىقلىق بولسا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىغا قىزقىشىدۇ ، كۆرۈشكە تەقەززا بۇلىشىدۇ ، ئەمما ھەممىگە ئېچىۋىتىلگەن بىر ئۆ ي بولسىچۇ ؟ بۇنىڭ يەنە قىزىققىدەك يىرى بولسۇنمۇ ؟ بىر قېتىم كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى كۆرۈش ئىستىكى يەنە بولسۇنمۇ ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس . “ مەن دوستلىرىمغا بولدى قاينىماڭلار ... گىپىمنىڭ ئايىغى چۈشمەي تۇرۇپ يەنە  باشلاندى “ سەن بىر دەپ باق ئاداش ، كېچە - كېچىلەپ سورۇن يەنە نىمە قاتار چايلاردىن قالمىدۇق ، بىرەر قېتىم باللىرىمىزنى ئولاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا بوۋىللىرىمىز ، دادىللىرىمىز بىزگە سۆلەپ بەرگەن مىھېىر مۇھەببەت سادىق بۇلۇش ، ئۆز ئىلىنى چوڭقۇر سۆيۈش ، قوغداش ، ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بۇلۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا باي ھېكايە چۆچەكلىرىمىزنى سۆزلەپ بىرىپ باقتۇقمۇ ؟ مۇشۇ قاتار چاينى دىسەم ئاداش ، بىر ئايال بولغۇچىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى نىمە ؟ يولدىشى ، پەرزەنتلىرى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ، تامىقىنى ئىتىپ بىرىش ...   بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى نىمە دىگەن تۈ گىمىگەن قاتار چاي ؟ بۇ زادى قەيەردىن كىرگەن ئادەت ؟ نەزىردىن ئۆلۈم پەتىسىدىن كەچسەك كەچتۇق ، قاتار چايدىن قالمىدۇققۇ ؟ ئۆيدە ئاتا - ئانا مىھرىگە تەشنا پەرزەنتلەرنى كىمگىدۇ قاراشقا تاپلاپ قۇيۇپلا ئويىنىمىزنى ئوينىدۇق ، مۇشۇنداق بولسسا شۇ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە بىز ئاتا - ئانىلارغا قانچىلىك ھۆرمەت ، قانچىلىك مۇھەببەت ، قانچىلىك تەپ تارتىش بۇلار ؟ ؟ ؟  پەرزەنتلىرىمىز ئويۇنبەز بۇلۇپ قالسا تەنقىدلىسەك ئوچۇق ئاشكارە دىيەلمىسىمۇ ئىچىدە   سەن ئۆزۈڭ قانداق ئوينايسەن؟ تېخى مىنى ئويۇنبەز دەۋاتامسەن ؟  دەپ ئويلىماسمۇ ؟  ئاتا - ئانامغا  ئاشۇ ئاتالمىش سورۇنلىرى ، قاتار چايلىرى مەندىن مۇھىم ، ئانا - ئانام مىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ... دىگەنلەرنى سەبى قەلبىگە قان ياشلىرى بىلەن يازماسمۇ ؟ ؟ ؟
         ئاتا - ئانىمىزنى يوقلاش  ئۈچۈن بىر ئايدا بىرەر قېتىم ۋاقىت چىقارمىغان ۋاقىتلىرىمىزدا پەرزەنتلىرىمىز   ھە  ئەسلى ئاتا - ئانا دىگەننى مۇشۇنداق ھەممىدىن بىكار بولغاندا ئاندىن يوقلايدىغان ئىش ئوخشايدۇ   ...   دەپ ئويلىماسمۇ ؟
        ئەيىش ئىشرەت كوچىللىرىدە مېڭىۋاتقىنىمىزدا ، باشقا ئاياللارغا بۇزۇلغان چېغىمىزدا ئەگەر مەن چۆرگىلىتىپ يۈرگەن ماۋۇ ئايال مىنىڭ ئايالىم بۇلۇپ ، مىنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر ئەر چۆرگۈلتۈپ يۈرگەن بولسا قانداق ھېسىياتتا بۇلاتتىم دىگەننى ئويلاپ باقتۇقمۇ ئاداش ؟ ؟ ؟
       چوڭ بازار ئەتراپى ، دۆڭكۆۋرۈك تەرەپلەردە تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىرىدىن ھازىرقى سوغاققا بەرداشلىق بىرىپ توڭلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن قوللىرىنى قانچىلىك ئۆمۈد لەر بىلەن بىز سۇنسا بىر يۈەننى ئىككىلەنمەي بىرىپ ئۆتمەيمىزيۇ ئاشۇ نايناق قىزلارغا يۈزلەپ مىڭلاپ خەجلەپ بەرسەك قورسىقىمىز ئاغرىمايدۇ ، مۇشۇ چاغلاردا ئۆيدە ئولتۇرۇپ باللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئىتىپ  ، كىر قاتلىرىمىزنى يۇيۇپ ، ئەتىگەنى ئاللاھا تاپشۇرۇپ ئۇزۇتۇپ ، كەچلىكى يولىمىزغا تۆت كۆزى بىلەن قارايدىغان مېھرىبان ئايالىمىزغا بىرەر قۇر كىيىم ئېلىپ بەرمىگىنىمىز ئىسىمىزگە كەلدىمۇ ؟  ؟  ؟
       گەپنى يىغىپ كەلسەك ئاداش ، ھازىرقى جەمىيىتىمىز دە تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغىنى بىلەن مېھىر - مۇھەببەت ئازلاپ كەتتى ، ئىشەنچ يوقاپ كەتتى . قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلمايۋاتىدۇ ، يىگىتلىرىمىز ئۆز ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىدۇ ...” دوستلىرىم شۇنداق قايناپ ئاخىرى توختىدى . ماڭا سۆز قىلىش نۆۋىتى كەلگەندەك ھېس قىلىپ سۆز باشلىدىم .
       بۇنچىلىك قايناشنىڭ ھاجىتى يوق ئاداش . بىز ئۆلمەيمىز . بىزنىڭ قارا يەرگە كىرىپ بۇ دۇنيالىقتىكى قىلمىش ئەتمىشلىرىمىزدىن جاۋاب بېرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز كەلمەيدۇ ئاداش . يەنە ساڭا دىسەم قىز يىگىتلەرگە نىمە دەپ قاينايسەن ؟ سېنىڭ نىمە كارىڭ ؟ سەن يا .ئۇنىڭ ئاكىسىمىدىڭ ؟ دادىسىمىدىڭ ؟ سېنىڭ باشقۇرۇشقا ، ئۇنداق مۇنداق دىيىشكە ھوقۇقۇڭ يوققۇ . يىگىتلىرىمىز نىمە بۇلۇپتۇ ؟ بىر ياخشى ياشاۋاتمامدۇ ؟ نىمە ئۇ سىنىڭ دىگەنلىرىڭ ، قايسى زامان بۇ ؟ بۇلارغىمۇ شۇنداق ، بۇلارمۇ ئۆلمەيدۇ ئاداش . چەككەن ، ئىچكەن ، يىگەن ھاراملىرىدىن ، قىلغان زىنالىرىدىن جاۋاب بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئەمەسمۇ ئاداش . شۇڭا سەن قايناپ يۈرمە .
ھەرخىل سورۇنلاردا ئويناۋاتقان ، پەرزەنتلىرىگە تىگىشلىكى ئۈگەتمەيۋاتقان ، كۆيۈنمەيۋاتقان ئاتا - ئانىلارغا كەلسەك ئاداش ، ئۇلار ھەم قېرىمايدۇ .  پەرزەنتلەرنىڭ قارىشىغا ، كۆيۈنىشىگە مۇھتاج بولمايدۇ ئاداش ، ئاشۇ سورۇنلىرى ، قاتار چايلىرى ئۇلارغا مەڭگۈ ھەمراھ بۇلىدۇ ئاداش . سەن بىلمەيدىكەنسە ن ، ياشاشنىڭ مەنىسى دەل شۇنداق ئويۇنلاردا ئەمەسمۇ ؟ نىمە قىلىدۇ ئوينىماي ؟ تەلىيى قېچىپ تاساددىبى ئۆلۈپ تارتىپ قالسىمۇ باشقىلار ئۇلارنىڭ ئورنىدا بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرى ، ئائىلىسىنى قانداق باشقۇرغانلىقى توغۇرلۇق جاۋاب بىرىپ بىرىدۇ ئەمسمۇ . شۇڭا ئوينىماي نىمە قىلىدۇ .
        يەنە بىر گەپ ئاداش ، بىلىۋال پۇل ھەممىگە قادىر جىمۇ . بۇلۇپمۇ ھازىرقى زاماندا نىمە قىلىمەن دىسەڭ قىلىسەن ، نىمە لازىم بولسا تېپىلىدۇ . شۇ ڭا ئىسىڭدە چىڭ تۇپ ، ئۇنداق تولا قايناپ يۈرمەي ۋاستا تاللىماي پۇل تېپىشقا تىرىش . پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا ئاداش .
       ئەمدى سەن كىيىملىرىنى تۈزۈك كىيمىگەن قىز ئاياللار توغۇرلۇق قايناپ قالدىڭ ، بۇمۇ ئورۇنسىز ، ھەم خاتا ئاداش .
       نىمە قىلىدۇ گۈلدەك ياشلىقىدا يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋالماي ؟ اللا ياراتقان ئۇ بەدەنلەر ئەجىبا پەقەت بىر يولدىشىغا مەنسۇپمىدى ؟ باشقا ئەرلەرمۇ كۆرۈپ قويسا نىمە بۇلۇپتۇ ؟ ئۇنداق دىمە ئاداش . قىزلار ئاشۇنداق ئاز كىيسە يىگىتلەر بەكرەك قارايدۇ . بۇ مۇ قىزلارنىڭ باشقىلار تەرپىدىن بايقالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى ئاداش . قايسى زامان بۇ ؟ ئوچۇق قالغان يەرلەر دوزاق ئوتىدا نەچچە مىڭ يىللاپ كۆيىدۇ دىگەن نىمە ئۇ ؟ سەن نەدە قالدىڭ ئاداش ؟ مانداق بىز
- ئەسىردە  2013- يىلىدا ياشاۋاتقاندەك گەپ قىل  . بەكلا قالاق بۇلۇپ كىتىپسەن ، زامانغا ماسلىشىپ ياشاشنى ئۈگەن . . .
        ئۇھ ... دوستلىرىمغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى شۇنچە تەستە چۈشەندۈردۈم . ھېرىپمۇ كەتتىم . شۇنىڭ بىلەن سائاتكە قاراي دەپ شۇنداق قولۇمغا قارىغىنىمنى بىلىمەن ، ئويغۇنۇپ كەتتىم . قارىسام ئايالىم تاھارەتكە سۇ راسلاۋېتىپتۇ ، شۇ ئان ئورنۇمدىن تۇردۇم ...

سەرسانى
2013-يىلى نويابىر ئەنخۇي


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 10:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانلار نىمىشقا سەت،ھەممە يېرىنى ئېچىۋەتكەچكە،ئادملەر نىمىشقا چىرايلىق،كىيىم كەيگەچكە،قېنى ئادەملەر كىيىمىنى سېلىۋەتسۇن،ئادەمدىن ھايۋانلىمۇ قاچىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىق جۆيلىمىسىكەنغۇ...

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش