چۈشۈمگە كىردىڭىز ئۇستاز...
(مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇتقا تەزىيە)
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
چۈشۈمگە كىردىڭىز، ئۇستاز كېتىپ ئاز كۈندە دۇنيادىن،
نېسىپ بولماي تىرىكلىكتە مۇلاقەت پەيتى ئەسلادىن.
ئىجادقا بەردىڭىز سۆيگۈ، قەلەمنى دىلرەبا ئەيلەپ،
شېئىرغا رىشتىڭىز مەھكەم چېتىلغان، تاڭغا شەيدادىن.
‹‹يۈرەكنى ئالما دەپ سىغدى ۋەتەندەك بىپايان دۇنيا››،
ئەبەدكە قالدى شۇھېكمەت نەزم كۆركىدە ئەنقادىن.
ۋەتەننى يار بىلىپ ئۆتكەن، ئىجادتا ۋايىغا يەتكەن،
قەدىردان ئەردىڭىز سەركە، شېئىر بابىدا بەرنادىن.
ۋەتەننىڭ شائىرى، پەخرى يۈرەكنى ئۆرتىبان كەتتى.
يۈسۈفىي ئاھ ئۇرۇپ جەننەت تىلەر ئۇستازغا ئاللاھتىن!
2013-يىل 25-ئۆكتەبر، ئۈرۈمچى.
ئاپتور: شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى