|
|
|
|
سىنى يەنە ئەسلىدىم
شۇ تاپتا نىمە قىلىۋاتقانسەن -ھە؟
مەن سىنى ئەسلەۋاتىمەن،نۇرغۇن خىياللار دوۋىسىدىن شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئاقتۇرىۋاتىمەن،ئۆتمۇشكە قاراپ ئۇچقان خىيال كەپتىرىم يىراقلاپ...بەك يىراقلاپ كەتتى...
سىنى سېغىنىۋاتىمەن جېنىم،خۇددى ئىشىكنى ئېچىپلا كىرىپ كىلىدىغاندەك،بۇ ئازاپلاردىن مىنى خالاس قىلىدىغانداك،مىنى جاھانننىڭ ئەڭ...ئەڭ...خىلۋەتلىرىگە ...پەقەت ئىككىمىزلا مەۋجۇت ساماۋى دۇنياغا ئېلىپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن...
ئەپسۇس...ئۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلىمەن!
قەلبىمدە زىمىستان قىش ھوۋلىماقتا،تۇيغۇلىرىم مۇزلىماقتا ،شۇنچىلىك ئىسسىق ئويدە ئولتۇرغىنىمغا باقماي ،يۈرىگىم ،تەنلىرىم توڭلىماقتا...
ئىسىڭدىمۇ ؟بۇرۇن قار شۇنچىلىك قېلىن ياغقان، شۇنچىلىك سوغۇق قەھرىتان قىشتا ،سوغۇققا پەرۋاقىلماي ،قار ئەڭ قېلىن ھەم ھېچكىم دەسسەپ باقمىغان جايلارغا بېرىپ ئىز قالدۇرۇپ يۈگۈرۈشلىرىمىز،ئۇچۇملاپ قارلارنى بىر بىرىمىزنىڭ قوينىغا سېلىپ قويساقمۇ قىلچىلىك سوغۇق ھىس قىلمىغانلىرىمىز،قوللىرىمىز ئۇششۇپ كەتسىمۇ ئاپ-ئاق قاردىن قار بوۋاي،قار مومايلارنى ياساپ ئوينىغانلىرىمىز.....
نىمە دىگەن گۈزەل ئەسلىمىلەر،نىمە دىگەن تەلەيلىك ۋاقىتلار،نىمە دىگەن ئامەتلىك مىنىۇتلار!!!
بۇگۈن يەنە ئىككىمىز داۋاملىق كىلىدىغان،نۇرغۇن شاتلىق ھەم ئەسلىمىلىرىمىزگە،ۋەدە- قەسەملىرىمىزگە شاھىد بولغان كۆنا جايغا كەلدىم،يېنىمدا سەن يوق ئىدىڭ...
بىز داۋاملىق ئولتۇرىدىغان تاش ئوريندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم،ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ئىدىكى ،ماڭا دەخلى قىلىدىغان ئادىمىزات تۈگۈل بىرەر ئۇچار قاناتلىقمۇ يوق ئىدى.
بۇنىڭدىن تېخىمۇ غېرىپلىق باستى ...ئۇنۇمنى قويىۋېتىپ تازا يىغلىدىم،لىكىن قەستەن سىنى جىلە قىلىپ ئۇرۇشۇپ يىغلىغان ۋاقىتلىرىمغا ئۇخشاش كۆز ياشلىرىمنى سۇرتۇپ قويىدىغان مىھىرلىك قول ئەمدى يوق ئىدى...
شۇنداق ئۇزۇن يىغلاپتىمەن،خۇددى نەچچە كۈنلۈك ئازاپلىرىمنى ھەممىنى مۇشۇ يىغلىشىم بىلەن كۆز ياشلىرىمدا يۈيۈپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك،ئاۋازىم پۇتۇپ كەتكىچە يىغلاپتىمەن.
ئۆزۈمنى خۇددى ياپراقلىرى تۆكىلىۋاتقان تەنھا دەرەختەك ھىس قىلدىم،قەلمىمدە،نە-ئارزۇ،نە-ئۇمۇددىن ،ئەسەرمۇ يوق...
مەن ھەقىقەتەن بىچارە ئىكەنمەن،ئاڭلاۋاتامسەن جېنىم،مەن بەك بىچارىكەنمە،ھەتتا بۇ ھاياتتا كىم بىلەن بىللە ياشاشنى تاللاش ھۇقۇقۇممۇ يوقكەن،ئۇنى چوڭلار بىكىتىپ بىرىدىكەن،ماڭا خەۋەر قىلىپ قويسىلا بولىدىكەن،ماڭا تاللاش ھۇقۇقى بىرىلمەيدىكەەن...
شۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ،زىمىن پىقىراۋاتقاندەك،شۇنچە كەڭرى دۇنيا مىنى قىستاۋاتقاندەك،پۇتۇن تاغلار ماڭا ئۆرۈلۈپ يۈرۈگۈمنى بېسىۋالغاندەك....نەپەس ئالالماي قالدىم...
گەرچە سەن بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ،ساڭا بولغان ئاچچىقىم تېخى بېسىلمىغان بولسىمۇ،لىكىن ھامان بىر كۈنى يېنىمغا قايتىپ كىلىدىغىنىڭنى ،ماڭا قايتىدىن بەخىت ئاتا قىلىدىغىنىڭنى بىلەتتىم...لىكىن ھازىر سىنىڭدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىكى ئازاپلارنىڭ ھازىرقى ئازاپ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئازاپ ئىكەنلىگىنى ھىس قىلماقتىمەن!
شۇ تاپتا باۋارقىرىغۇم،ئادالەتسىزجاھاندىن زارلانغۇم كىلىۋاتىدۇ،لىكىن بىلەمسەن؟ مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ قولىدىن نىمىمۇ كەلسۇن؟بارچە دەرىت ئازاپلىرىمنى مۇشۇ جۈپ كۆزىمدىن چىقىرىپ ئولتۇرماقتىن باشقىغا ئامالىم يوق،تەقدىرىمدىن ئاغرىنساممۇ لىكىن ئۇنى بوسۇپ چىقىپ كەتكۈدەك جۈرئىتىم يوق،تۇرمىشتىن زارلانساممۇ ،نارازىلىقىمنى ئىپادىلەشكە مادارىم يوق....شۇنداق ئازاپلىق ھىسلىرىم بىلەن بۇندىن كىيىنكى ئازاپلىق ھەم مەنىسىز باشلىنىدىغان شۇ كۈنلەرنى كۆز ياشلىرىم بىلەن كۈتۈشكە مەجبۇرمەنر ئاۋازىم بىلەن ...
بىلسەڭ جېنىم،(مىنى ئاخىرقى قېتىم شۇنداق ئاتاشقا رۇخسەت قىل)ساڭا يەنە بىر قېتىم بەخىت تىلىمەكتىن باشقا ئامالىم يوق،بۇ تەقدىرنى مەن ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز،سىنىڭ ئۆزىڭنىڭ نىشانلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭنى ۋە ئۇ يولدا قېيىپ كەتمەي مېڭىشىڭنى ئىشلىرىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن!
ماڭا بەخىت تىلەپمۇ يۈرمە،چۈنكى بەخىتنىڭ ھەممىسىنى ساڭا قالدۇردۇم،ئىلگىرى ماڭا ئاتا قىلغان بەخىتلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر!!!
يۇشۇرۇن كۆيۈش... ئاسمىنىمدا ئايسەن چىرايلىق، نۇرلىرىڭنى تۆكىسەن كۈندە. ئويۇم يىتەر ئۈمۈدۈم يەتمەس، پەرۋانىمەن ئوتتەك ھەۋەسكە، شۇنداق..........پەرۋانە كەبى ئۆتلىرىڭدا كۈيۈپ يۇرىمەن،لىكىن ساڭا بىلدۇرۇشكە ئامالسىزمەن،قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا سۇيۇپ يۇرىمەن لىكىن ساڭا ئېيتىشقا ئامالسىزمەن،بەخىتنىڭ دەرۋازىسى سىنىڭ قەلبىڭگە،سىنىڭ مىھرىڭگە بىكىتىلگەنلىكىنى بىلىمەنۇ..................لىكىن ........لىكىن......چىكىشكە ئامالسىزمەن..... سەندىن تۆكۇلگەن راھەتبەخىش نۇرلارغا چۆمىلىمەنۇ...........ئەمما.....ئەمما.......ئۇمۇدىمنى ساڭا باغلىيالمايمەن.... كۈندە مۇشۇنداق ھەم ئازاپلىق ھەم شىرىن تۇيغۇنىڭ مىھىرلىك باغرىدا قانغۇچە پەپىلىنىمەن..... بۇ ماڭا ئۇلۇغ ئاللاھ بەرگەن ئەركىنلىك!!!
ئاسمىنىمدا ئايسەن چىرايلىق، تارام -تارام ئاقىسەن پەسكە. ئويۇم يىتەر قوللىرىم يەتمەس، ئارىمىزدا مەۋھۇم بىر پەردە. شۇنداق،ئويلىرىمدا سەن....چۇشلىرىمدە سەن........خىيالىمدا سەن........يۇرۇگۇمدە سەن..........لىكىن شۇمەۋھۇم پەردە سىنى مىنىڭدىن ئايرىپ ھىجران ئازاۋىدا قىينايدۇ،بىلمىدىم شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىپ ئاشۇ سىرلىق پەردىلەرنى ئۆز قولۇڭ بىلەن يىرتىپ تاشلاپ ،مىنى راھەتبەخىش نۇرلىرىڭغا چومدۇرەلەرسەنمۇ؟؟؟؟ ئاسمىنىمدا ئايسەن چىرايلىق، ئۈمۈت بىلەن باقىمەن كۈندە، بەزى شۇنداق نۇرلىنىپ چىقساڭ، بەزىلىردە مۇكتۇڭ قەيەرگە؟ كۇنلىرىمنىڭ سىنى مەجنۇنلارچە ساقلاش ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىنى سەن ئەسلا ھىس قىلالمايسەن...... چۇنكى سەن مىنىڭ بىر ئاشىقسىز مەشۇق ئىكەنلىكىمنى تېخى ھىس قىلمىدىڭ،ساڭا بولغان ئوتتەك سېغىنىشلىرىمنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇشقا مەجبۇرمەن.......سەن تېخى بۇنى بىلمەيسەن،ساڭا بىلدۇرۇشكە ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن،چۇنكى قىزلىق غورورۇم ۋە ئەخلاق چەكلىمىسى مىنى ھەر قاچان كىشەنلەپ،چاپچىپ تۇرغان ھىسلىرىمنى تىزگىنلەپ ئۆزۇمنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدۇ،شۇڭلاشقا ساڭا ھەر قانچە كۆيسەممۇ،سىنى يۈرىگىمدىن سويسەممۇ.....ھىسلىرىمنى پىنھان تۇتۇشقا مەجبۇرىمەن.......... يۇشۇرۇن كۆيۇش مەخپى ئازاپ ، بەكمۇ شىرىن لەززىتى. بارمىكىن تاڭ بۇنى بىلەر ، مەندىن ئۆزگە بىر كىشى، مەن ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق بولغان بۇ خىيالى دۇنيارىمدە سەن بىلەن سىردىشىمەن.......سەن بىلەن مۇڭدىشىمەن..........تېخى سەن بىلەن بىللە سەيلى قىلىمەن.......... زىكرىمدا بولسا قاچانلاردىندۇ خاتىرەمگە يېزىۋالغان بۇ نەزمە داۋاملىق زىكىرلىنىدۇ. ئاجايىپ ئىش سىنى بۇنچە سېغىنغىنىمغا ھەيرانمەن........ سەندىكى ئېغىر بېسىق مىجەز،سەندىكى تىرىشچانلىق،سەندىكى ئىقتىدار،سەندىكى ئىرادە...........ئىشقىلىپ سەندىكى بارچە خىسلەتلەر مىنى ئۆزىگە شۇنچە تارتىپ تۇرىدۇ،لىكىن سەن بۇنى ھىس قىلالمايسەن،چۇنكى سىنىڭ كۆرىدىغىنىڭ ،سىنىڭ ھىس قىلىدىغىنىڭ،خۇش چاخچاق،كەپسىز بىر قىز،ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ قانچىلىك غەمكىن ،قانچىلىك ئويچان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايسەن............ سېغىنىش ئىچىدە ئۆتسۇمۇ كۆنلەر، ۋەلىكىن قەلبىمدە سىرلىرىم پىھان. يەشكىنە بىر ئۇزۇڭ قەلبىم سىرىنى، سويگۇمگە بىر ئۆمۇر بىرىپ سەن ئىمكان. بەلكىم ساڭا بولغان بۇ سېغىنىشىم بىر ئۆمۇر سىر بولۇپ ئۆتۇپ كىتەر،قىلىشقان پاراڭلىرىمىز مەڭگۇ شۇنداق چاخچاق پېتى قالار،لىكىن بۇ ئۈمۈد ئالىمى ئەمەسمۇ؟يەنىلا سىنىڭدىن ۋاز كىچەلمىدىم،ساڭا بولغان سېغىنىشىم كۇندىن كۈنگە كۈچەيدى،سىنى ئويلىماسلىققا ئامالسىز ئىكەنمەن.......! بەزى ۋاقىتلاردا سەن بىلەن قىلىشقان شۇ كىچىككىنە پاراڭمۇ،كىچىككىنە ئەھۋال سورىشىشمۇ، ماڭا ئالەمچە خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ،سىنىڭ شۇنچىلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن،شۇڭلاشقا كۆپ گەپ قىلىپ ۋاقتىڭنى ئالماي دەپ ئىلاجىسىز خوشلىشىشقا مەجبۇرمەن،خوشلىشىپ بولۇپ يىگانە گۈلدەك تەنھالىقىمغا قايتىپ مۇڭلىنىمەن،سىنى سېغىنىمەن... سىنى سېغىنىمەن دىيەلمەيمەن،لىكىن سىنى سېغىنغىنىمغا يۇرىكىم گۇۋاھ...... سىنى سۇيىمەن دىيەلمەيمەن،ئەمما ساڭا تەلپۇنىشلىرىمگە ھىسلىرىم گۇۋاھ....... ساڭا كۈيىمەن دىيەلمەيمەن،ئەمما ساڭا كۈيۇشلىرىمگە ساڭا تەشنا قەلبىم گۈۋاھ... گەرچە سېىنىشلىرىمنى ھىس قىلاممىساڭمۇ،ئۆتلۇق كۆزلىرىمنىڭ ھامان ساڭا تىكىلىدىغانلىغىنى كۆرەلمىسەڭمۇ،ساڭا تەشنە بىر يۇرەكنىڭ ئىشقىڭدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاممىساڭمۇ،سەۋدايىلارچە ساقلاشلىرىمنى بىلەممىسەڭمۇ ،بۇ ئاجىز يۇرۇكۇم سەندىن ۋاز كىچىشكە ئەسلا يول قويمايدۇ... بىلگىنكى سىنى مەڭگۈ سېغىنىمەن!
2012.12.15
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-13 09:45 PM
|
|
|
|
|
|