(ئۇستازىم تۇرنىياز ئابلاغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)
تۈننىڭ قارا باغرىنى يارغان،
ھېكمەت بىلەن ياڭرىغان ئۈنۈڭ.
مەسۇم دىلنى پەرۋىشلەپ ئۆتكەن،
خۇشھال ئۇزاپ مۇنبەردە كۈنۈڭ.
ئۇيۇن-كۈلگە يامانلاپ كەتكەن،
ئىخلاس بىلەن ئوقۇساڭ كىتاپ.
شىپا تېپىپ ساقايغان تۇلۇق،
ئۇلۇغ ئەلدە قوزغالغان بىتاپ.
روھىڭ ئۈلگە بولغانتى يۇرتقا،
كەلگەن ئىدۇق ئىزىڭنى بېسىپ.
چىققان شەرەپ سەھنىگە مەغرۇر،
چەكسىز ھۆرمەت مىدالى ئېسىپ.
نىيەت قىلغان سۆيۈملۈك ئۇستاز،
ئىلىم بىلەن گۈللەشكە ئەلنى.
قىلىپ يۈكسەك ئېتىقاد بىلەن،
بۈيۈك ئىشقا باغلىغان بەلنى.
ئىزدەپ يۈرگەن جاپاغا چىداپ،
بىخۇت، نادان... خەلققە بەخت.
ياساپ بەرگەن مېھنىتى ھالال!
زېھنى ئويغاق ئەۋلاتقا تەخت.
ياشاپ ئۆتكەن سەھرادا ئۇزاق،
كەلگەن ھەر بىر قىسمەتكە كۈنۈپ.
پۇراق چاچقان ئىزىدىن گۈللەر،
چەكسىز دالا-بوزقىرغا ئۈنۈپ.
ئالغان ھۇزۇر تەشنالىق جانلار،
گۈزەل ھايات باغرىدا كۈلۈپ.
چىركىن تۇيغۇ يوقۇلۇپ كەتكەن،
قىلغان ئاچچىق ھەسەتتىن ئۆلۈپ.
زېمىن بىلگەن قەدرىنى ئەرنىڭ،
تولۇپ چېھرى جىلۋىلىك نۇرغا.
مەكتەپ دېگەن غەزىنە نۇرلۇق،
ماكان قىلغان كۆڭۈلنى دۇرغا.
ئايان بولغان دۇنيانىڭ سېرى،
ئىنسان ئەقلى قىيامغا يېتىپ.
بۇيۇن ئەكگەن مۈشكىلات شەرتسىز،
قىلغان جەڭدە ھالىدىن كېتىپ.
باغۋەن ئەجرى كەتمىگەن بىكار،
كۆمۈك ئالتۇن قالمىغان يەردە.
ئىلىم نۇرى چاقنىغان رۇشەن،
گۈنۈس ئاڭدىن يىرتىلغان پەردە.
لاچىن سوققان بىچارە كەپتەر،
پەريات چېكىپ بۇقۇلدار ھالسىز.
كېتەر ئىنسان باقىغا كۆچۈپ،
قولى قۇرۇق-ئالقىنى مالسىز.
ئاھى قالار يۈرەكنى ئىزىپ،
ياشاپ كېتەر پەرۋاسىز جاھان.
ئۇستاز! روھىڭ مەدەتكار بىزگە،
قۇچاق ئېچىپ ئاسايىش زامان.
مەنبە: ئىجادىيىتم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-14 01:59 AM