ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئالەمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا نىسبەتەن يەنە مۇنداق قاراشلىرىمۇ بار ؟
بىز تۇرىۋاتقان ئالەم رايۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، يەرشارىنىڭ تەقدىرى قۇياشنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . يەرشارىدىكى ھاياتلىق قۇياش نۇرىغا تاينىپ ياشايدۇ ، قۇياشنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىتىلغان ھەرقانداق چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئاپەت پەيدا قىلىدۇ . قۇياشنىڭ تۇراقلىق ھالدا ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئۆزگەرتىش يەرشارىنىڭ ئاجىز كىلمات تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىزنى ئاپەت خاراكتىرلىق مۇز دەۋرىگە كىرگۈزىدۇ . قۇياش شامىلى يەنى قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىن كىلىدىغان مۇقىم زەررىچىلەر ئېقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇياش سىستېمىسى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئوخشاش ئاپەت خاراكتىرلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ناۋادا يەرشارىنىڭ ئەتراپىدىكى قايسىبىر تۇرغۇن يۇلتۇز پارتىلىسا ، بىزنى ئەجەللىك رادىئاتسىيە ئىچىدە قالدۇرىشى ، مەلۇم بىر قارا ئۆڭكۈر قۇياش سىستېمىسىدىن كىسىپ ئۆتسىمۇ نۇرغۇن پىلانىتلارنىڭ ئايلىنىڭ ئوربىتىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
ئەمما ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بۇ بارىلىق ئىھتىماللىقلاردىن قېچىپ قۇتىلالىسىمۇ ، ئىنىقكى ئۇ مەڭگۈ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ . قۇياش تارقىتىدىغان نۇرغۇن ئىنىرگىيە يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تۇلۇقلىنىپ تۇرۇشقا مۇھتاج ، ئەمما قۇياشنىڭ يىقىلغۇسى ئاخىرقى ھېساپتا ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ . ئاستروفىزىكا ئالىملىرى ، قۇياشنىڭ يىقىلغۇسىنىڭ خوراپ تۈگىشىگە 4 ~ 5 مىليارد يىل كىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى . ئالەمنىڭ ھازىرقى يېشى 18 مىليارد يىل ، قۇياشنىڭ يېشى بولسا 4.5 مىليارد يىل بولۇپ دەل گۈللەپ ياشناۋاتقان ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە تۇرماقتا .
يىقىلغۇنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، قۇياش يوغىناپ ئاسترونوملار ئېيتقاندەك بىر خىل قىزىل گىگانىت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ . قۇياشنىڭ يادروسى مۇشەققەت ئىچىدە ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى قامداش بىلەن بىر ۋاقىتتا قايتا-قايتا يىگىلەپ ، تاكى كۋانت ئېففېكتى پەيدا بولغاندا ئاندىن تۇراقلىشىدۇ . بۇ باسقۇچتا قۇياش كېڭىيىپ ناھايتى يوغىنىشى ، نەتىجىدە ئەتراپتىكى پىلانىتلارنى يۈتۈپ كىتىشى ، يەر شارىنىڭ ئاتموسفىرا قەۋىتى ئاجرىلىپ كىتىشى ، تاغ جىنىسلىرى ئېرىپ ھەتتا پارغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . كىيىن قۇياش لەيلەپ-چايقىلىپ تۇرىدىغان ھاياتىنى باشلىشى ، ھازىرقى ھىدروگېن يىقىلغۇسى ئىنتايىن يىتەرلىك بولغان يادرو رېئاكسىيىسىنىڭ ئورنىنى ئۇچاغدا ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولمىغان گېلىي يىقىلغۇ قىلىنىدىغان يادرو رىئاكسىيىسى ئېلىشى مۇمكىن ، گېلىي يىقىلغۇسى كۆيۈپ تۇگىگەندىن كىيىن ، تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنىتلار كۆيۈشكە باشلايدۇ .
ئەڭ ئاخىرىدا بارىلىق يىقىلغۇ خوراپ تۈگىگەندە ، قۇياش تۆمۇرگە ئوخشاش بىرقەدەر ئېغىر ئېلېمېنىتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ . ئۇ چاغدا يادرونىڭ يىغىلىشى قايتا ئېنېرگىيە قويۇپ بەرمەيدۇ . تۆمۈر ئاتوم يادروسىنىڭ ئەڭ تۇراقلىق شەكلىدۇر . تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ، بارىلىق سېستېمىلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ تۇراقلىق ھالەتكە يىتىشكە ئىنتىلىدۇ . بۇ باسقۇچتا ، قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرسى مۇقىم ھالدا ئۆرلەپ 1 مىلياد گىرادۇسقا يىتىشى مۇمكىن ، يىقىلغۇ خوراپ تۈگىگەندىن كىيىن ، قۇياش ئىچكى قىسىمىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن بېسىم كۈچى ئاجىزلاپ بارىدۇ ، تارتىش كۈچى يىتەكچى ئورۇننى ئىگلەيدۇ . ئەسلىگە كىلىشكە مادارسىز قالغان قۇياش ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بېسىشى بىلەن قورۇلۇپ ، ئىچكى قىسىمدىكى ماددىلارنى شىددەت بىلەن قىستايدۇ ، نەتىجىدە بۇ ماددىلارنىڭ زىچلىقى ھەر كۇپ سانتىمېتىردا 1 مىليون گرامغا يىتىدۇ . يىقىلغۇ تۈگەپ قورۇلغاندىن كىيىنكى قۇياش يارشارىچىلىك چوڭلۇققا ئۆزگىرىدۇ ، ئاندىن كىيىن نەچچە يۈزمىليون يىل ئىچىدە نىمجان ھالەتتە ئاستا-ئاستا غۇۋالىشىپ بارىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋۇپ بىر قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ .
بىز ياشاۋاتقان يۇلتۇزلار سېستىمىسى ھەمدە باشقا بارىلىق يۇلتۇزلار سېستىمىسىنى ھەممىلا يېرىدە مۇشۇنداق ئوخشاش ئوخشاش بىر قېلىپتىكى تەكرارلىنىش بولىدۇ . تۇرغۇن يۇلتۇز ئالدى بىلەن تۇراقسىزلىشىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن يىقىلغۇسى تۈگەپ تۇرغۇن يۇلتۇز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتىرەلمەي تارتىش كۈچى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلىنىدۇ .
ھالاك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردا يەنىلا نۇرغۇن ھەركەتلەر بۇلىدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەركەتلىنىش ۋاقىت ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ . تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۆيۈپ تۈگىگەندىن كىيىنكى قالدۇقلىرى يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدۇ ، ئۆزئارا سوقۇلۇش پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . قارا ئۆڭكۈر ھەرقانداق تۇرغۇن يۇلتۇزنى ھەمدە ئۇچرىغان باشقا ھەرقانداق ماددىنى يۈتۈپ كىتىدۇ . ئاسترونوملار پەرەز قىلغاندەك ، بىز تۇرۇۋاتقان يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ قارا ئۆڭكۈر بۇلىدىغان بولسا ئۇ ھالدا بۇ قارا ئۆڭكۈر بارغانسېرى يوغىنايدۇ . قارائۆڭكۈردىن چىققان تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزىۋىتىدۇ ، چۈنكى تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى بوشلۇقتىكى دولقۇن بۇلۇپ ، بۇ دولقۇن بارىلىق چوڭ ماسسىلىق جىسىملارنىڭ ئوربىتا ئېنىرگىيىسىنى خورىتىۋىتىدۇ . ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ قالدۇقلىرى يۇلتۇزلار يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى مەڭگۈ تويماس قارائۆڭكۈر تەرىپىدىن يۈتىۋېتىلىنىدۇ . قارائۆڭكۈرمۇ جىم تۇرمايدۇ ، ئۇمۇ تۇختىماستىن رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىپ ، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇمۇ پارلىنىپ تۇگەيدۇ . قەتئىي قىلىپ ئېيتقاندا قارا ئۆڭكۈر قارا ئەمەس ، بەلكى ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ ياردىمىدە ئىزچىل تۈردە خىرە نۇر تارقىتىپ تۇرىدۇ .
ھازىر ئالىملار قارا ئۆڭكۈرنىڭ قانداق ھالاك بولىدىغانلىقىنى تېخى ئىنىق بىلمەيدۇ .
يەنە ئالەمنىڭ باشقا ئاقىۋىتىمۇ بولىدۇ . يۇقىرىقى ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۇرىدىغان خۇلاسە چىقىرىشىدىكى سەۋەپ ، ئالەم ئىزچىل تۈردە كېڭىيىپ بارىدۇ دەپ قىياس قىلىشتىن ئىبارەت . ئەمما بۇ قىياس ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەس ، كىشىلەرگە مەلۇم ئالەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى مۇقىم ھالدا تۆۋەنلەپ بارماقتا .
ئەگەر ئالەم كېڭىيىشتىن توختاپ قالسا ئۇ چاغدا ئالەم تارىيىشقا باشلايدۇ . ئالەمنىڭ تارىيىش ھەركىتى ئۇنىڭ كېڭىيىش باسقۇچىدىكى ۋاقىتنىڭ ئەكس تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ . باشلانغان چاغدا تارىيىش ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ ، بىراق نەچچە ئون مىليارد يىلدىن كىيىن تارىيىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ . ھەرقايسى يۇلتۇزلار سېستىمىسى ھازىر بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقان بولسا ، ئۇ چاغدا ئۆز-ئارا يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ . ئالەمنىڭ چوڭ-كىچىڭلىكىنىڭ 1% چىلىك تارايغاندا ، تارىيىش تەسىرى سۇنىڭ قايناش نۇقتىسىغىچە ئۆرلىتىۋېتىدۇ . نۇرغۇ ئالىملار چوڭ گۈمۈرىلىش ماددىي ئالەمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدۇ . چوڭ گۈمۈرۈلۈشتە يوقىلىش تامامەن يوقىلىش بولۇپ ھېچ نەرسە قالمايدۇ . تارتىش كۈچى ئىلگىرى ئالەمنىڭ تۇغۇت ئانىسى بولسا ، ئەمدى ئۇ ئالەمنىڭ دەپنە قىلغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ .
لىكىن ئالەمنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقىت ئۆلچىمىنىڭ چوڭلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدۇر ، شۇڭا ئالەمنىڭ ھالاك بولىشىنى ئىنسانلارنىڭ ھەركىتى بىلەن باغلاپ قاراشقا بولمايدۇ . ناۋادا قايسى بىر ئىدراكلىق جانلىق تېمىدا ئېيتىلغاندەك يىراق كەلگۈسىدە ھايات كەچۈرسە ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھازىرقى دەۋىرنى ئالەمنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خىل جانلىقنىڭ ئادەم بولىشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇلارنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىگە يەنىلا نەچچە يۈز مىلياد يىللاردىن كىيىنكى تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەقىياتى بىر نەرسە دىسۇن . ئالدى بىلەن سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورنىنى پىكىر قىلالايدىغان ماشىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال چەكلىك مەنىدە ئاللىقاچان ئىشقا ئېشىپ بولدى . كەلگۈسىدىكى تېخنىكا يېڭىلاشنىڭ ۋاقتى يەنە ناھايتى ئۇزۇن ، ماشىنىنىڭ ئادەم مىڭىسى قىلالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالمايدۇ دەيدىغانغا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق ، بەلكى ئۇ تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ . چۈنكى بۇ خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنىنىڭ ئۆلچەم چەكلىمىسى يوق ، شۇڭا كەلگۈسىدە غايەت زور ئادەتتىن تاشقىرى سۈنئىي مىڭىنىڭ بارىلىققا كېلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ،،،،،،