مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7567|ئىنكاس: 101

مەن ئىرىمنى ئۇردۇم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 12:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىرىمنى ئۇردۇم،قاتتىقمۇ ئەمەس يۇمشاقمۇ ئەمەس بىرشاپىلاق ئۇردۇم، تۇيۇقسىزلا تەگكەن بىر كاچاتتىن ئۇ چۆچۈپلا كەتتى.مۇھەببەت فىلىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردەك مېنىڭ داۋاملىق ئۇرۇشىمنى كۈتمەستىن قوللىرىنى كۆتۈردى،كۆتۈردىيۇ غەزەپ-نەپرەت ئوتلۇق مۇھەببەت ئارلاشقان كۆزلىرىمدە قېتىپ قالغان ياشلارنى كۆرۈپ مېنى ئۇرۇشقا تەمشەلگەن قوللىرى ھاۋادا لەيلەپ قالدى........ئۇ كۆيۈشۈپ ئاغىرىپ كەتكەن ئىڭىكىنى سىلىغىنىچە ئىشىكنى زەردە بىلەن ياپتىدە،ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.مېنىڭ ئۇرغان كاچىتىم ئۇنىڭ يۈزىگە تەگكەن بولسا قاتتىق يېپىلغان ئىشىك ئۇدۇللۇق مېنىڭ يۈرىكىمگىلا تەگكەن ئىدى،كۆز چاناقلىرىمدا قېتىپ قالغان ياشلىرىم ئەمدىلەتىن مەڭزىمگە يۇقۇشا-يۇقۇشماستىن ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى........قېيىن ئاتام يېزىغا كەتكەچكە بار ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ ئەلەم بىلەن يىغلىماقتا ئىدىم......
   راستىنى دېسەم ماڭا ياخشىمۇ يامانمۇ مۇئامىلىدە بولمايدىغان بۇ نەۋرە ئاكامدىن تولىمۇ بىزار بولماقتا ئىدىم.ئەلۋەتتە سەۋىرنى دوست تۇتىشىم كېرەك ئىدى،4 يىلدىن بۇيان سەۋر قىلدىم،ئىنسابىغا دۇئا قىلدىم،ھېچ بولمىسا كەچلىرى  ئۆيگە بالدۇر كېلىپ ئاتايىن ئىرىم ئۈچۈن ئەتكەن تامىقىمدىن بىر قۇشۇق ئېغىز تېگىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم،بىراق ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى، بۇرۇنقىدەكلا تاشتىن پۈتكەن ھەيكەلدەك سوغوقلا ئىدى.
    قېيىن ئانامنىڭ(دادامنىڭ ئاچىسى)تۈگەپ كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ مىجەزى تېخمىۇ بەك ئوساللىشىپ كەتكەنىدى،بۇرۇنقى ئانچە-مۇنچە كۈلۈپ يۈرىيدىغان چىرايىدىن ئەمدىلەتىن مۇز يېغىپ تۇراتتى توۋا خۇدايىم ،ئايالىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ بالا دېگەن بوپ قالىدىكەن.2 ياشقا كىرگەن قىزىمىزنى بولسا ئانچە-مۇنچە ئەركىلىتىپ قوياتتى،ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكرى كۆيۈنەتتى.مەجبۇرى قىلىنغان نىكاھ شۇنداق بولامدۇ ۋە ياكى بىر نەۋرە تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئەيتۋۇر ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا جەزىم قىلالمايتتىم.گەرچە چوڭلارنىڭ رايى بويىچىلا توي قىلغان بولساممۇ بىراق بىر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ۋە خىيانەت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنىدىم،شۇڭلاشقىمىكىن پۈتۈن مېھىر-مۇھاببىتىم بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلماقتا ئىدىم.
   يولدىشىم بولسا خۇددى ئۆزى جاھاندا ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئەشەددى بىر دۈشمىنى بىلەن توي قىلغاندەك ماڭا بىر قىسىمىلا مۇئامىلە قىلاتتى.نامازلىرىمدا ئۇنىڭمۇ ئەلەكمۇلىللاھ دەپ سەۋر قىلىشىنى،ماڭا كۆيۈنىشىنى ھېچ بولمىغاندا ئاچچىقىنى مەجبۇرى قىلىنغان  بۇ نىكاھتىن چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم.چۈنكى ئوماق قىزىمىزنى يېتىملىك كۆچىسىغا تاشلىغۇم يوق ئىدى.
   سەتىراچلىق دۇكىنىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولغاچقىمۇ ۋە ياكى مېنىڭ گەپ-سۆزۈمنى ئاڭلىغۇسى يوقمۇ بىلمىدىم مېنى پۇل توغىرلىق ئېغىز ئاچۇرمايتتى،سورۇنلارغىمۇ بىللە ئېلىپ بارمايتتى.دادام ئىسسىقسىز قالىدۇ،بالىغا قاراپ تۇر دېگەن گەپلىرى  بىلەن بىر يوقىغىنىچە كۈنۈم كۈنۈم ئۆيگە كەلمەيتتى.بىراق 5 ۋاق نامىزىنى ئەزەلدىن كەم قىلمايتتى،سادىقە-پىتىرنى جايىدا بېرەتتى.توپلىشىپ جېدەلگە ئارلاشمايتتى،قىسىقىسى مەن (نەۋرەئاكامنى)يولدىشىمنى چۈشەنمەيتتىم،ئۇ ئەسكى دېسە ئەسكى ئەمەس ياخشى دېسە ياخشى ئەمەس ئاجايىپلا بىر ئىنسان ئىدى،دائىم پاكىزە يۈرەتتى،ئۇنىڭ بۇنداق (ئالاھىدىلىك)لىرىدىن باشقىلار ئۇنى ھارگىزمۇ ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۇيۇنچى دەپ بىلمەيتتى.........
   باش-ئاخىرى يوق خىيالىمنى بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بۆلىۋەتتى.ئۆيدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپمۇ كۈن چۈش بولۇپ قالغانىدى،بالىنىڭ قورسىقىنى توقلاپ پېشىن نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كەچلىك تاماققا تۇتۇندۇم.بىراق كاللام جايىدا ئەمەس ئىدى،يۈرىكىم نېمىشقىدۇ توختىماي سېلىۋاتاتتى،بەلكى ئېرىمنى ئۇرغىنىمدىن ئۆزۈمچە قورقۇپ كەتكەچكىمىكىن ئىشقىلىپ قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قېلىۋاتاتتىم..........
    تاماقمۇ پىشىپ بالىغا ئەمدى سوۋۇتۇپ بېرىشكە تەمشىلىۋېدىم،ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ھەيران قالدىم،دېمىسىمۇ ئۇ بۇنداق چاغلاردا ھەرگىزمۇ ئۆينى تاپالمايتتى،قورسىقىم توق دەپ تاماققىمۇ قارىمايتتى،ئەجىبا بۈگۈن........ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق بالىغا تاماق يىگۈزىۋاتاتتىم،ئۆزۈمگە ئۇسۇپ قويغان بىر چىنە چۆچۈرىنى ئېلىپ ئېچىشكە باشلىدى،ھەيران قالساممۇ ئۇنىڭغا ماسلاشماقتا ئىدىم،ئۇ يەنە بىر قاچا ئۇسۇشقا بۇيرىدى.
   توۋا دەپ قالدىم ئىچىمدە،بىر كاچات پايدا قىلىپ قالدىمۇ ياكى قورسىقىنى توقلاپ بولۇپ ئاندىن ئاتاكىغا ئۆتمەكچىمىدۇ؟!......
    ئۇنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.
  -بالىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ يېنىمغا كىرە.
    ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇندىدىم،ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇردۇق،ئۇ ئاۋال گەپ باشلىدى.
   -تولىمۇ رايىش ئىدىڭ،توۋا خۇدايىم،سېنىڭدەك يۇۋاش بىر ئايالنى ئېرىنى ئۇردى دېسە كىممۇ ئىشىنەر؟بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدىڭ،نېمە بولدۇڭ؟بىرەرسى ساڭا گەپ ئۆگىتىۋاتامدۇ نېمە؟!
   -شۇنداق، گەپ ئۆگەتتى،شەيتىنىم گەپ ئۆگەتتى،بۈگۈن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىر ئەقىلسىزلىق قىلدىم،دېمىسىمۇ ئېرىمنى خۇدا بىلىپ بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ قارىماسلىقىم كېرەك ئىدى،كۆتۈرگەن قوللىرىم ئۇشتۇلۇشقا لايىق ئىدى،خاتا قىلغىنىمنى بىلسەممۇ بىراق سىز شۇنى بىلىپ قېلىڭ،ئۇرغىنىمغا پۇشايمنىممۇ يوق،خوشلۇقۇممۇ يوق،سىزدەك ئويۇنپەرەس ئەر بىر ئەمەس مىڭ كاچاتقا لايىق ئىدى.....بىراق مەن نېمە قىلدىم؟سىزگە زورلاپ تىگىۋالدىممۇ؟بىر ئايال قىلشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتىمەنغۇ؟يەنىلا رازى بولمامسىز؟بىر نەۋرە بولغىنىمىز ئۈچۈنلا مېنى مۇشۇنداق قىينىسىڭىز بولامدۇ؟بىزدىن بۇرۇنقى چوڭلارمۇ بىر-بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ توي قىپمۇ يەنە شۇنداق بەخىتلىك ئىكەنغۇ؟قارىغاندا كۆز ئالدىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان قىز بالىغا ھېچقانداق بىر ئەر قىزىقمايدىكەندە؟بىزدىنمۇ ئېغىر كۈندە ياشاۋاتقانلار تولىغۇ؟!مەيلى ئىلگىرىكى ئاشىقىڭىز بىلەن توي قىلىڭ ياكى قىلالماڭ ماڭا ئوخشاش سەۋىر قىلىپ چىداپ ئۆتسىڭىز جانابى ئاللاھ ئىككىلا ئالەمدە ئەجرىنى ئۆزى بەرمەسمىدى؟مەن شۇنچە ئەسكىمۇ؟دەڭە،ئۆيدىكى ئىت-مۈشۈكلەرنى ئەركىلىتىسىز،دۇكاندىكى شاگىرىت-بۇرادەرلىرىڭىزگە كۈلۈمسىرەيسىز،ئەجىبا مەن كۆڭلىڭىزدە ئۇلارنىڭ تىرناقچىلىك ھالىتىگە تەڭ بولالماسمەنمۇ؟تاتلىق قىزىمىزنى دەپ بولسىمۇ ئاشۇ شەھۋەتپەرەسلىكىڭىزدىن يىغىلسىڭىز بولمامدۇ؟مەن بەرگەن قۇربانلىقلارنىڭ ئوننىڭ بىرىنى بولسىمۇ قىلالماسسىزمۇ؟!.....
   ئۇ ھەيران قالغان چېغى تۇرۇپلا قېلىۋاتاتتى، چۈنكى مېنىڭدەك موللا بوزەك،مۆرىمەس خوتۇننىڭ بۇگۈنكى كۈندە پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلالايدىغان بولۇپ كېتىشى خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغانىدى.دېمىسىمۇ دەرت-ئەلەم كىشىنى شۇنداق سۆزلەيدىغان قىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ،يەنە نېمىلەرنى دېگنىم يادىمدا يوق،ئىشقىلىپ سۆزلەپلاۋاتاتتىم،يىغلاۋاتاتتىم،4 يىللىق ئازاپلىرىمنى،دەرتلىرىمنى بىراقلا تۆكۈۋاتاتتىم .......
   يىغىلىرىممۇ بىرەر قۇر توختاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە سۆز باشلىدى.
  -سېنى ئەتىگەندە نېمىشقا ئۇرمىغىنىمنى بىلەمسەن،ئاپئاق چېچەكتەك يۈزلىرىڭنى مەينەت قولۇمدا بۇلغۇغۇم كەلمىدى،دېمىسىمۇ سەۋەنلىك ئۆزۈمدە تۇررۇپ يەنە سېنى ئەيىپلەشكە يۈزۈم چىدىمىدى،بىراق بۇ كۈنلەرمۇ ئاخرلىشاي....
   ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
   -قاچان؟قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ئاچچىق يۇتۇپ يۈرىكىم زەرداپ بولۇپ ئەجىلىمدىن بۇرۇن ئۆلگەندىمۇ ياكى ساقايماس مەينەت كېسەلدىن بىرى ئانا-بالا ئىككىمىزگە يۇقۇپ بولغاندىمۇ؟!....
  ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيۋاتاتتى،قۇرۇق شۇئارلىرىدىن خالىيراق بولاي دەپ ياتاق ؟ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،باياتىن توختاپ قالغان ياشلىرىم يەنە قەيەردىن پەيدا بولدى بىلمىدىم،يىغلاپلا كېتىۋاتاتتىم.....
   شۇ يىغلىغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئويغانغىنىمدا يولدىشىم جەيناماز ئۈستىدە دۇئادا ئولتۇراتتى،يىغىدىن قاپاق بولۇپ كەتكەن كاللامنى كۆتۈرۈپ مەنمۇ نامازغا تۇتۇندۇم بىراق ئىرىمنىڭ دۇئادىكى يىغا ئارلاش ئاۋازى مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلماقتا ئىدى.راستىنى دېسەم ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى.4 يىل بىر ياستۇققا باش قويغان ئىرىمنىڭ بۇنداق ھالىتىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانىدىم،يۈرىكىم ئىزىلىپلا كېتىپ باراتتى............
   ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئاستاغىنە ئەتىگەنلىك ناشتىغا تۇتۇش قىلدىم.بىراق قوللىرىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا ماڭا پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى چۈنكى كاللام يولدىشىمنى ئۇرغان ئاشۇ دەقىقىلەرگە كېتىپ باراتت،ئەلۋەتتە ھېچ ئىش سەۋەپسىز ئەمەس ئىدى،ئۇنى ئىشقا ئۇزىتىۋېتىپ بالدۇرراق قايتىك كېلەرسىز دېگىنىمگە مېنى تويغۇزۇپ سىلكىپ تۇرۇپ پۇل توغرىسىدا گەپ قىلماقچى بولساڭ ئىشكاپتا بار،ئۆزۈڭ ئېلىپ خەجلە،بىراق باشقا ئىشلارىمغا ئارلاشما دەپ ناشتىلىق بەرگىنى ئۈچۈنلا شەيتىنىم غالىپ كېلىپ ئاشۇ ئەخمىقانە ئىشنى قىلىپ سالغانىدىم......
   ناشتىنى كۆڭۈلسىزلا ئاخىرلاشتۇردۇق، مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ ئاياقلىرىنى چوتكىلاپ بەردىم،چاپانلىرىنى ئىلغىدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم.ئۇ ھەممە تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشىلىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچتى، ئاچتىيۇ،خۇددى بىر نېمىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك تۇيۇقسىزلا كەينىگە ئۆرۈلدى:
   -بۇ كۈنلەردىن مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا بىزار، بىلەمسەن،مېنىڭمۇ بۇنداق ياشىغۇم يوق،مەن سېنىلا ئەمەس ئۆزۈمنىمۇ تەڭ قىيناۋاتىمەن،ساڭا ۋەياكى نىكاھىمىزغا دوق قىلىپ بۇنداق قىلىۋاتقىنىم يوق،نېمىشقا بۇنداق بوپ قالغىنىمنى ھەم بۇنداق قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن خوتۇن(ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم شۇنداق چاقىرىشى ئىدى)چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىۈپ كېتىۋاتىمەن،بولدى بەس ،بۇ كۈنلەرمۇ ئەمدى ئاخىرلاشسۇن،بەلكىم بىر كاچات پايدا قىلدى دەپ ئويلاپ قالغانسەن،ئۇنداق ئەمەس ،ھېلىمۇ ياشلىقىمنى بۇنداق بىۇدە ئۆتكۈزۈشتىن زېرىكىپ تۇرغانىدىم،ئاپاممۇ كەتتى،قېرىغان دادامنى ھېلىمۇ بەك قاقشاتتىم،تۆنۈگۈنكى بىر تەستەك مېنى خېلىلا سەگىتىپ قويدى،ئەتىگەندە نامازدا تۆۋە قىلىۋېتىپ قارىداپ بۇلغىنىپ كەتكەن قەلبىمدىكى  خۇنۈكلىشىپ قالغان مۇھەببەتلىك يۈرىكىمنى بىر كىشى پاكىزە يۇيۇپ قويغاندەك  بىر خىللا يېنىكلەپ قالدىم،مېنى كەچۈر دېمەيمەن،بىراق ئاللاھ خىالىسا ئۆزگىرىمەن،ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگىن.
   ئۇ شۇنداق دېگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى.ئىشىكتىن چىقىپ بولۇپ يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ:
   -بۇگۈن بىرىنىڭ بالىسىنىڭ ئات چېيى بار ئىدى،بەلكىم كەچرەك قايتىشىم مۇمكىن.
   ئۇ ماڭا لەپپىدە بىرنى قارىۋېتىپ:راست دەۋاتىمەن دەپ قوشۇپ قويدى.
     ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزلىرىدىن گەرچە قاتتىق ھەيران قالغان بولساممۇ تازا بەك خۇش بولۇپ كەتمىگەنىدىم،بۇنداق سۆزلەرگە كۆنۈك بولساممۇ بىراق نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغان سۆزلىرى يۇقارقىدەك ئۇنداق تەسىرلىك ھەم‹‹دەبدەبىلىك ››ئەمەس ئىدى.
   مەن نېمىمۇ دەي؟نېمىمۇ قىلالايتتىم؟قارىغاندا بىزگە ئوخشاش تويلاشقان بىر نەۋرىلەرنىڭ  نىسبەتەن نىكاھىغا ئېلىپ ئېيتقاندا ئەرگە قارىغاندا ئايالنىڭ بەكرەك ئېغىر بولىشى ۋە سۈكۈت قىلىشى مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت ئوخشايدۇ؟!......نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاۋاتاتتىم،بىراق نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم،كاللام قۇپقۇرۇق،خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە قايتىدىن بىنا بولىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئىشىنىڭ-ئىشەنمەسلىكنى بىلمەيۋاتاتتىم،بەلكىم ماڭىمۇيېڭى بىر دۇنيا قۇچاق ئېچىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەنلەرنى ئويلاپ باش-ئاخىرى يوق خىيال دۇنياسىدىن ئۆزۈمنى تارتتىمدە،يولدىشىمنىڭ ماڭا ئېيتقان ئاخىرىقى سۆزىنى قايتا-قايتا پىچىرلاپ ئەلەم بىلەن ئاچچىق كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئاستاغىنا بېرىپ ئىشىكنى ياپتىم.
   


        خاتىمە
  مۇھەببەت بەزىدە ھىجراندىن ئاپىرىدە بولۇپ ،كىشى قەلبىگە مەڭگۈ خوشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ،يەنە بەزىدە بولسا خوشاللىق ئىچىدە ئاپىرىدە بولۇپ بىردەملىك كۆز يېشى ئىچىدە ئۇنتۇلىدۇ.....ھەممە نەرسە چۈشكە ئوخشايدۇ،بىر قارىسا شىرىن،لېكىن ھەممىسى تېزلا غايىپ بولىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ ئالقىنىغا سىزىلغان رەسىم خالاس......


    مەزكۇر تېما ناتۇنۇش بىر تونۇشۇمنىڭ ئېغىزاكى بايابىغا ئاساسەن شەخىسنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئازراق بايان ۋە تىل تەسۋىرى قوشۇپ ئەسەر مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا مۇنبەرگە يوللاندى.بۇ تېمىنى مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىشتىكى مەقسىدىم مۇنبەردە قانداقتۇ ئەرلەرنى سۆكۈش ۋە ياكى ئاتالمىش ئاياللار ھوقوقىنى تەشۋىق قىلىش ئەمەس بەلكى جەمىيىتىمىزدىكى ئاشۇ خىل نىكاھ مۇھىتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ بولۇپمۇ مۇقەددەس نىكاھ قارىشىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىشىنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلغان ئاساستا يېزىپ چىقىلدى.

مەنبە:ئىزىلگەن يۈرەكلەر.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akkapa + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
花公主 + 10 ياخشى يېزىپسىز،ئەسەر.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 03:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1061
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 04:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئوقۇپ تېخى سىزنى يولدىشىنى ئۇرغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن....

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 04:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى تولىمۇ كۈچلۈك ئىكەن تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم،ئوقۇپ بۆلەكچە بولۇپ قالدىم.ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلغاي،جۈپتى ھالالىمىز بىلەن ئىناق ئۆتكىلى نىسىپ قىلغاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuzay0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-13 04:29 PM  


ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100162
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 04:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يېزىش بەك زۆرۈرمۇ ئەمەس ،لېكىن ئانا تىلىمىزنى ئاسراش بەك ئۇلۇق بۇرچىمىز . قۇردشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سۆزلەرنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە مەنىسىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن .ئاپتورنىڭ قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 04:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          مۇھەببەت ئالامەت نەرسىكەن...   ھەممە ئادەم ئوخشاش بولسىمۇ بۇ كۆڭۈل دىگەن  بەزى  ئادەمگىلا چۈشۈپ بەزى ئادەملەرگە چۈشمەيدىكەن.....      ھەي بۇ ئشىلارنى زە..........

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:11:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئەسەرنىڭ چىنلىقى يۇقىرى چىقىپتۇ.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بەك ياخشى يېزىپسز قېرىندىشىم.بىر نەۋرە تۇققانلار توي قىلىپ قاملىشىپ كەتسە بەكمۇ ئوبدان بولدىكەن ،قاملىشالماي قالسا تۇققانلار تولىمۇ سەتلىشىپ كېتىدىكەن.بار ئەلەمنىڭ ھەممىسى بىچارە قىزغا بولىدىكەن،شۇنداق بىر نىكاھ مۇھىتىنى بەكمۇ چوڭقۇر يورىتىپ بېرىپسىز .ئاشۇنداق مۇھىتتىكى ياشلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ ياش يىگىتلىرىمىزنىڭ نىكاھىغا سەل قارىماسلىقىنى، ئائىلىسىگە كۆيۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100676
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى بۇلارنى سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن بېشىنى ئوقۇپ، ئىبرەت ئالساق بولغۇدەك ، ياخشى يېزلىپتۇ  

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش