مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 7

خۇجا نىياز- چەۋگەن توپ تەنھەركىتىنىڭ شەرىقە ۋە غەرىپكە تارقىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 12:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Uyghur xelqining chewgen top Tenherkitining sheriqqe we gheripke Tarqilishi

ئۇيغۇرخەلقىنىڭ قەدىمقى چەۋگەن توپ تەنھەركىتىنىڭ شەرىقە ۋە غەرىپكە تارقىلىشى

خۇجا نىياز يوللۇغ تېكىن


维吾尔族古代的体育运动马球(击球)运动传入西方、东方

优路特肯.胡加尼亚孜

قىسقىچە مەزمۇنى:چەۋگەن توپ تەنھەركىتى  ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت ، ئۇيغۇر –قاتارلق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ،ئەڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلاپ ئوينالغان ،قەدىمىي تەنھەركەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرسى، كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ، چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى ، شەرىققە كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (مىلادى552-840) دە  سۇي، تاڭ خاندانلىقى ( جۇڭگو ) غا  تارقالغانلىقى ، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (848-1036) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (848-1369 )دە قىتان ،سوڭ، جىن ، موڭغۇل- يۈەن ،مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغانلىقى؛ ئۇيغۇر قاراخانىيلار دەۋرىدە (مىلادى 850-1212)، چاغاتاي خانلىقى دەۋرى، ئېلخانىيلار ، تۆمىرىيلەر، بابۇرخانلىقى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە  چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە، غەرىپكە تارقالغانلىقى، تۈرلۈك تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ئىخچام ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆز :  ئات ئۇيغۇرلار   چەۋگەن توپ تەنھەركىتى ،شەرىق  غەرىپكە تارقىلىشى

تەنتەربىيە ھەركىتى تارىخى _ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى. تۈركىي خەلقلەردە تەنتەربىيە قەھرىمانلىق، جەڭگىۋارلىق ئەنئەنىلىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.   تۈركىي خەلقلەر تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشتە ھەم دۈشمەنلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  تەنتەربىيىنىڭ رولىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان. بالىلارنى كۈچلۈك،قورقماس، تەدبىرلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈشتە تەنتەربىيىگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بەرگەن. تەنتەربىيە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

چەۋگەن ئۇيغۇر –قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلاپ ئوينالغان ،قەدىمىي تەنھەركەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرسى .چەۋگەن  توپ تەنھەركىتى ئات ئۈستىدىكى تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئەسكەرلىك تەربىيىسى بۇلۇپ ،ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردە تەنتەربىيە ھەركىتى تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن .

ئۇ قارىمۇ- قارشى ئىككى سەپ ئوتتۇرسىدا ،ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ،يەردىكى توپنى،چەۋگەن تاياق ياردىمىدە قارشى  تەرەپ يۆلۈنىشىگە قوغلاپ –سۈرۈپ ،رەقىپ دەرۋازىسىغا (تۆشۈكۈگە) كىرگۈزۈدىغان لەربىرخىل ئات ئۈستى(بەزى شاراىتلاردا ئات مىنمەيمۇ ئوينۇلىدۇ) تەنتەربىيە ھەركىتىدۇر.

تارىخىي يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، چەۋگەن -- پولو ئوتتۇرا ئەسىردە ۋىزانتىيىلىكلەردىمۇ بولغان. بۇ دەۋرىدىكى چەۋگەن ئالما چوڭلىقىدىكى بىر توپ بولۇپ، پالاق شەكلىدىكى تاياق ئارقىلىق ئوينىلاتتى. لېكىن بۇ ئويۇن ۋىزانتىيىگە ئىران ۋە ئانادولۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن.

ئىران خەلقىنڭ ئۇلۇغ شائىرى، تارىخچى،گئوگىراپ ، ھەربىي ئالىم ،ئۇبۇل قاسىم بىننى ئىسھاق فىردەۋسى (مىلادى934-1024 )ئۆزىنىڭ25 يىل (989-1014 ) ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان 120 مىڭ قۇرلۇق «شاھنامە» داستانىدا قەدىمكى تۇران خەلقىنىڭ پادىشاھى -ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) بىلەن ئىران پادىشاھى -سىياھۇشلارنڭ چۆگەن ئوينىغانلىغىنى ھىكايە قىلىدۇ.

قاراخانىيلارخانلىقى (مىلادى850-1212) دا ئۆتكەن ئۇلۇق تىلشۇناس ، ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي « دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ(ئالىپ ئەرتۇڭا) دەپ ئاتىلاتتى. بۇ قاپلانغا ئوخشاش  كۈچلۈك، باتۇر ئادەم، دىمەكتۇر »2 >>كاشىغەر-ئوردۇكەنت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر-مەركەز دىگەن بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئافراسىياپ شۇيەردە تۇرغان»3  دەپ كۆرسىتدۇ.  دىمەك، پاكىتقا قارىغاندا،چەۋگەن- توپتەنھەركىتى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10- ئەسىردىن-7 ئەسىرگىچە  بولغان ئارلىقتا تۇران خاقانى ئالىپ ئەر تۇڭا دەۋرىلىردىمۇ ئوينۇلۇپ كېلىنگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۇيۇن ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۇركى قەۋىملەر ئارسىدا نەۋرۇز ( كۆك بايرىمى -يېڭى يىل، باھار )بايرىمى، ھەر تۇرلۇك بايراملاردا، ھەرتۇرلۇك كۆڭۇل ئېچىش پالىيەتلىردە، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق سۈپىتدە ھەربىي لاگىرلاردىكى قۇشۇنلار ئارسىدا،خان ئوردىسىدا ،كەڭ خەلق ئارىسدىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇيغۇرلادا چەۋگەن توپ ئويناش تارىخى يازما خاتىرلەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق 3000-يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە .ئەمدى تارىخقا يېزىلمىغان دەۋىرلەردەچۇ؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخى ناھايتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان.تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن ( بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى) ئاسىيا يايلاقلىرىدا ، ئەڭ دەسلەپ چارۋىچىلارنىڭ ئىككى سەپ ئاتلىق قۇشۇن بۇلۇپ،قارمۇ- قارشى يۆلۈنۈشتە توپ تالىشىپ ئوينىشىدىن تەرەققىي قىلىپ بارا- بارا  ھەربىي قوشۇنلاردا ھەربىي تەنھەرىكەت تۈرى- شەكلىنى ئالغان.

ھونلار،كۆكتۈركلەر،ئۇيغۇرلاردا بۇ تەنھەرىكەت تۈرى مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ئوينۇلۇپ كېلىنگەن(«بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى چەۋگەن توپ تەنھەركىتى» ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتكەن،شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرماي، دوستلارنىڭ كوڭۈل ئارامىنى ئويلاپ، تەپسىلاتىنى يازمىدىم-ئاپتۇردىن).

1979-يىلى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەۋرىستانلىقىدىن مىلادى 5-ئەسىىردىن 7-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلى تاپقان.

بۇ چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنىڭ  ئۇزۇنلىقى 37سانتېمىتىر بۇلۇپ، بىر دەغنەك-چەۋگەن توپچىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ توپ قوغلاۋاتقان، ھەيۋەتلىق قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە تامبال ۋە تون، پۇتىغا ئۈتۈك كىيگەن، يارىشىملىق بۇرۇت قويغان ،ئىككى كۆ زى يەردىكى توپقا تىكىلىپ، ئوڭ قۇلىدا توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ ئاق ئاتقا مىنىپ ناھايىتى چاققان ، تەڭداشسىز قەيسەرلىك بىلەن، ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھالىتى كۆرسۈتۈلگەن. (  ‹‹شىنجاڭمىلليتەنتەربىيەسى››-1985 » يىلىشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،ئۇيغۇرچە نەشرى 67-  بەتكەقاراڭ).

10.JPG

مانا بۇلار قاڭقىل خانلىقى ياكى تۈرك خانلىقى دەۋىرىدە تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلار ياكى تۈركلەرنىڭ دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان دەللىلەردۇر.

02.JPG


03.JPG


چەۋگەن كۈنىمىزدە <<پولو>> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ۋە ئاتلىق ئوينايدىغان بىر تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، بۇ تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ  مەشھۇر ئويونى ئىدى. چەۋگەن تىبەتچە   <<پولۇ>> سۆزى << توپ >> دېگەن مەنىدە كەلسە، تۈركىي تىلدا توپ <<تەپۈك>> دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئويۇننىڭ بۈگۈنكى ئاتىلىشى، تىبەت تىلىدىكى توپ مەنىسىدە كەلگەن پۇلۇ(pulu) سۆزىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ، ئاتلىق توپ ئويناش  «Polo»  دىيىلگەن.1  ئۇ<< پولو >>   دىگەن ئاتاق-نام بىلەن  ئېنگىلىزلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنياغا تارقالغان.

   چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى-غەرىپكە بولسا ،تۈرك قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقى ,قاراخانىيلار قاغانلىقى ئارقىلىق ، تۈرك-موغۇل،

04.JPG

چاغاتاي خانلىقى، ئېلخانىيلار ، تۆمىرىيلەر، بابۇرىيلەر، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى قارا قويۇنلۇق ، ئاق قويۇنلۇقلار ، كۆلەمەنلەر، سەلچۇقىيلار ۋە ئوسمانىيلار دەۋرىدە كەڭرى تارقىلىپ ئوينالغان.

ھىندىستاندا بۇ دەغنەك توپ ئۇيۇنىنى ئويناش بابۇرنىڭ ئوغلى ھۈمايۇن (1530-  1556)دەۋرىدە كەڭ تار قالغان.

05.JPG

بابۇرشاھ ھىندىستاندا قۇرغان يېڭى دۆلىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن يالغۇز تۇغقانلىرى بىلەن مۇھىم ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە تۆرە- قانۇن ۋە تەنتەربىيىسىنىمۇ ئېلىپ بارغان. پاكىستاندا ھېلىھەم ناھايىتى ياخشى كۆرىلىدىغان <<پولو>> ئويۇنى بابۇرشاھنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېلىپ بارغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىدى  .

كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئېنگىلىزلار ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان مەزگىلىدە(1764) ھىندىستاندا بابۇر تۈرك دۆلىتى ھۈكۈم سۈرىۋاتقان ۋاقىت بۇلۇپ ،بۇ ۋاقىتتا 1860-يىلى  ھىندىستاندا بۇ ئويۇننى كۆرۈشكە باشلايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئېنگىلىزلار  تۈركلەردىن چۆگەن ئويۇنىنى ئۆگۈنۈپ،بۇ ئويۇننى 1871- يىلى ئۆز دۆلىتى ئەنگىلىيەگە ئاپىرىپ تارقىتىدۇ ، 1872- يىلى ئىنگلىز قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوينالغان. ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تارقالغان بۇ ئۇيۇن كېيىن ئەنگىلىيە ،ئامرىكىلارغا تارقىلىپ ،ئولىمپىك تەنتەربىيە ئويۇنى تۈرى سېپىگە قوشۇلىدۇ. 4

06.JPG

يەنى،1876-يىلى ئارىكىلىق مەشھۇر تەۋەككۇلچى-جامېس گوردون بېننېت (James Gordon Bennet،كېيىن كىشىلەر تەرپىدىن ئامرىكا چەۋگەن توپ پىشىۋاسى دەپ ئاتالغان) چەۋگەن توپ تەنھەركىتىى مەستانىلىرىنى باشلاپ ،نىيوركقا قايتىپ،ئامرىكا چەۋگەن توپ جەمىيىتىنى قۇرغان،شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە چەۋگەن توپ تەنھەركىتى پۈتۈن ئامرىكىغا كەڭرى تارقالغان تەنتەربىيە ھەركىتى تۈرىنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالغان.     

07.JPG

شۇنىڭ بىلەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، يەردىكى توپنى سۈرۈپ قارشى تەرەپ ،دەرۋازىسىغا كىرگۈزۈش ياۋرۇپادا«  konno polo  »نامى بىلەن ئاتىلىپ دۇنياغا تۇنۇلىدۇ.

شەرىققە بولسا ،چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى- كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (مىلادى552-840) دە  سۇي، تاڭ خاندانلىقى ( جۇڭگو ) غا تارقالغان ، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (848-1036)ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (848-1369 )دە چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە  شەرىقتە ، قىتان ،سوڭ، جىن ، موڭغۇل- يۈەن ،مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغان.

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دەغنەك توپ ئويناشتىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە  ھەرىكىتى ھەربىي قۇشۇنلاردا ھەربىي ئىشلار تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرى قاتارىدا، مەشىق شەكلىدە قانات يايدۇرۇلغان .

بۇھەقتە سۇڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىر ليۇكېجۇاڭ  ((刘克庄نىڭ «نەي  ئاۋازىنى ئاڭلاش» (闻笛)شئېرىدا چەۋگەن توپ ئويناۋاتقان  كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن.

09.JPG

يەنە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن شائىر چىن يۈەن پۇ(陈元普 ) يازغان《توپ ئويناش چاقىرىقى ۋە توپ ئويناشنى تىزگىنلەش》(击口号戏陈统制) دىگەن شئېرىدا، دەل ھەربىي لاگېردا دەغنەك توپ ئويناش ھەرىكىتى تەسۋىرلەنگەن. 5  چىن يۈەن پۇ 1211-يىلى ئۆتكەن بولۇپ بۇنىڭدىن  قارىغاندا ھەربىي گازارمىلاردا دەغنەك  توپ  ئويناش ھەركىتى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

يۈەن سۇلالىسىدىكى نەزىريىچىسى لى سۈن (李存)قەبرە تېشىغا يازغان«ئۆمۈر باياننامىسى››دا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ئاق سۆڭەك ۋۇتىيەنچىڭ(吴天成) نى «كىچىكىدىن ئەركىن چوڭ بولغان ،ئات مىنىپ چەۋگەن -دەغنەك توپ ئويناشقا ماھىر » دەپ تەسۋىرلىگەن.6

ۋۇتىيەنچىڭ 1254-يىلى توغۇلغان بولۇپ ،20 نەچچە ياشقا كىرگەندە جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى يوقالغان . ئونىڭ كىچىك ۋاقتى دەل جەنۇبى سوڭ سولالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بولۇپ ،بۇنۇڭدىن قارىغاندا ، شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى ،جەنۇبى سوڭ يوقالغىچە ئات تۇپى ھەركىتى ھەربىي لاگىرلاردا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلدارلار ،خەلق ئارىسغىمۇ كەڭ تارقالغان.

مۇڭغۇللار دەۋىردە چەۋگەن توپ تەنھەركىتى  موڭغۇللار ۋە ئوتتۇرا جۇڭگۇ خەلقلىرى ئارىسىغا تېخىمۇ كەڭ تارقالغان،ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان تەنھەرىكەتكە ئايلانغان.

جەنۇبى سوڭ لىزوڭ جادىڭ 14-يىلى (مىلادى 1221-يىلى) جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى ۋەزىر جياۋگۇڭ (珙 赵) نى خېبىيدىكى مۇڭغۇل قوشۇنى تۇرۇشلۇق جايغا (شىمالغا)سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتكەن. ئۇ جەنۇپقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەشھۇر ئەسەر ‹‹موڭغۇل –تاتار خاتىرسى›› (蒙鞑备录 )نى يازغان ،ئۇنىڭ  بۇ ئەسىرى ئەڭ دەسلەپتىكى مۇڭغۇل تارىخىنى تەتقىق قېلىشتا ناھايىتى يۇقىرى قىمەتكە ئىگە ئەسەر بۇلۇپ ،ئۇنۇڭدا كۆرسىتىلىشىچە : مۇڭغۇلار 24 ئادەم دەسلەپتە دەغنەك-چەۋگەن توپ ئويۇنى ئوينىغان. بۇنىڭغاجاۋگۇڭ كەلمىگەن . توپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئادەم ئەۋەتىپ جاۋگۇڭنى چاقىرتقان.« بۈگۈن توپ ئويناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە سىز نىمە ئۈچۈن كەلمىدىڭىز؟ جاۋگوڭ جاۋابىدا: ئالىيلىرنىڭ يول يۇرۇقى بولمىغانچا كەلمىدۇق دېگەن. پادشاھ يەنە«سىز بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كەلگەن ئىكەنسىز،بىز بىر ئائىلىنىڭ كىشلىرى ئەمەسمۇ؟ بىز ئاۋال يىغىلىپ توپ ئوينىساق ،ئوۋغا چىقساق، كەلسىڭىز بولىۋىردۇ. چاقىرتىش ھاجەتسىز ....،،دەپ ئېيتىقان››.

بۇ يەردە دىيىلگەن دۆلەت باشى- پادشاھ چىڭگىزخان بولماستىن،بەلكى مۇڭغۇل قوشۇنى سەركەردىسى-مۇقالى(木华黎 Muqali) ئىدى. مۇڭغۇللار زىياپەت بىلەن ئوۋ قىلىشنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ شەرەپلىك ئىش دەپ بىلەتتى. مۇقالى سەركەردە دەغنەك توپ ئويناش بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلدۇ دەپ قارايتى . بۇنۇڭدىن قارىغاندا,چەۋگەن توپ تەنھەركىتى موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. يەنە جەنۇبى سوڭ سولالىسى ئەلچىسى جاۋگوڭ دەغنەك توپ ئويناشنى ياخشى بىلىدىغان كىشى بۇلۇپ ئۇ،«ئات ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەم ،ئويۇنغىمۇ قىزىقمايدىغان ئادەم؟» دىگەن .

‹‹موڭغۇل –تاتار خاتىرسى››(«蒙鞑备录»)13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىشلار خاتىرلەنگەن. ئۇنۇڭدىن كېيىن قوبلاي دەۋىردە ئىشلار قانداق بولغان؟ يۈەن سولالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە يىزىلغان. يەنە  يۈەن سولالىسدىكى خان ئوردىسىدىكى كىشىلەر تەسۋىلەنگەن يەرلىك تەزكىرە «析津志» (‹‹ شىجىن تەزكىرسى ››)دە  كۆرسۈتۈلىشىچە: خان ئوردىسىدا دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماستىن ،چەت جايلارغا بۈلۈنگەن مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى مۇھىم بايرام كۈنلەردە چەۋگەن توپ تەنھەركىتى بەسلىشىش ئويۇنى ئوينايتتى. ئۇلار،5-ئاينىڭ 5-كۈنى،9-ئاينىڭ 9-كۈنى شىىخۇامىن(西华门) دىكى ھەرقايسى جايلاردا ،تۈمەن،مىڭ ئائىلە ئولتۇراقلاشقان كوچا-بازارلاردا، مەھەلىلەردە چەۋگەن توپ تەنھەركىتى مۇسابىقىسى كەڭرى ئەۋىج ئالغان.كىشىلەر ئات,چەۋگەن-دەغنەك، ئات توپ قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ،چەۋگەن توپ مەيدانىغا چۈشۈشكە تەييارلانغان،ئەتراپ ئادەملەر بىلەن لىق تولغان.....يەنە، يۈةن سۇلالىسى،  لىياۋ، جىن دةۋىرلىرىگە ئوخشاش، چوڭىياڭ بايرىمى بىلەن تاۋۇز چاغىندا چەۋگەن توپ مۇسابىقىسى ھەممە جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن. 7

مىڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە جۇيۇەنجاڭ (朱元璋) نىڭ نەۋرىسى جوشىيەن ۋاڭ(王 宪 朱) توغرۇلۇق<< يۈەن ئوردۇسىدىكى 100 سۆز>> )«元官词百首»(ناملىق خاتىرەنىڭ « يۈەن ئوردىسىدىكى ئەمەلىي ئىشلار»(«事 元官中实») بۆلىكىدە  جوشىيەن ۋاڭ نىڭ ئوردىدا دەغنەك توپ ئوينىغانلىقى تەسۋېرلەنگەن.

لىياۋ،جىن سۇلالىسدىمۇ ئات توپ مۇسابىقىسى ھەركىتى ئۆتكۈزۈلگەن. «جىن تارىخى» دا يېزىلىشىچە،ئوردا ئەمەلدارلىرى، موڭغۇل ئاقسۈڭەكلىرى ۋە خەنزۇ ئەمەلدارلارمۇ ئاتلىق چەۋگەن توپ ئويناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە  قىزىقىپ قاتناشقان .  8

يەنە ئوقيا ئېتىش قاتارلىقلار پائالىيەتلەرمۇ بولغان. يەنە بىر قاتار شىېئر،ئەسەرلەردىمۇ مىڭ سۇلالىسنىڭ باشلىردىمۇ دەغنەك توپ مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان.

دىمەك ، تۈرك قاغانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، دەۋرىدە ئات توپى( دەغنەك – چەۋگەن) توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش  شەكلىدە تاڭ خاندانلىقىغا تارقالغان . كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلقى،ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە داۋاملىق قىتان ،سوڭ، جىن ،موڭغۇل- يۈەن ،مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغان.

ئىزاھاتلار:

http://www.zakkum.net/genel-kultur1

2مەھمۇد كاشىغەرى:<<دىۋانىي لۇغەتىت تۈرك>> 3-توم،1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى،502-بەتكە قاراڭ.

3 مەھمۇد كاشىغەرى:<<دىۋانىي لۇغەتىت تۈرك>> 1-توم،1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى،447-بەتكە قاراڭ.

http://www.superbilgiler.com/polo-nedir4

5 « 渔墅类稿卷八»   

6《吴君才甫墓铭》 卷二十四《俟庵集》

(«راھىپ چى خاتىرسى»24 -جىلىد «ۋۇجۈن سەي قەۋرە تېشى»)

7  بېيجىڭ كىتاپ كۆرگۈ خانىسى« قايتىدىن رەتلەپ، تۈزەپ چىققان  شىجۈن تەزكىرسى>> (析津志 佚辑») بېيجىڭ نەشرىياتى نەشىر قىلغان.203 -،204-بەتلەر.

8   «جىن تارىخى»315-جىلىد ( سەككىز ئەخلاق تەزكىرسى  )

« 礼志八» 卷三十五«

金史

  ئاپتۇر ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى،دوتسېنت

مەزكۇر ماقالە "ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئېلىمىي ژورنىلى" 2012-يىللىق 12-ساندا ئىلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-13 12:08 PM  


10.JPG
08.JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 04:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چەۋگەن توپ ئويۇنىغا بىز پاتنېت تەلەپ قىلساق قانداق بولار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى تىمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خوشالمەن ،مۇئەللىم .
دىمىسىمۇ ئات مەدىنيىتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تىپىك مەدىنيەتلىرىنىڭ بىرى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرىلىق بۇرۇن پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،يېڭى بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96064
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-18
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 05:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت مۇئەللىم........ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم....

كۈچ قۇۋۋەت بىلىمدىندۇر، سائادەت ئىلىمدىندۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96064
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-18
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 06:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yulghunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 04:38 PM
بۇ چەۋگەن توپ ئويۇنىغا بىز پاتنېت تەلەپ قىلساق قانداق  ...

ئەگەر پاتنېت تەلەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، پۇتبولغىمۇ پاتنېت ھوقۇقى تەلەپ قىلساق بولىدۇ.......
پۇتبولنىمۇ قەدىمكى تۈركلەر كەشىپ قىلغان.... ئەسلى ئىسمى تەپۈك. بۇ ھەقتە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› تە
مەلۇمات بار..... ئەمما، مەيلى چەۋگەن بولسۇن، مەيلى تەپۈك (پۇتبول) بولسۇن ھەممىسى بىزنىڭ ئاتا بوۋلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان خالىس تۆھپىسى.... بۇنىڭغا پاتنېت تەلەپ قىلىپ يۈرسەك
بولماس.......

كۈچ قۇۋۋەت بىلىمدىندۇر، سائادەت ئىلىمدىندۇر!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 10:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئۈستىدە ئويبايدىغان توپ ئىكەندە . يىقىلىپ چۈشەرمۇ ئويناۋىتىپ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
g-0 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 11:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش