|
|
|
|
يالقۇن روزىنىڭ كىتاۋىدىكى بىر خاتالىق
مەشھۇر ئوبزۇرچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان، ‹‹ ئويغىنۋاتقان ئەجداد روھى ›› ناملىق كىتاۋىنى سېتىۋىلىپ ئۇقۇش جەريانىدا ،كىتاپتىكى ‹‹ مەنسۇر ئەپەندى بىلەن شاپتۇل داموللىنىڭ دوسلۇقى ›› ناملىق ماقالە مىنى ناھايىتى قىزقتۇردى .
ماقالىغا گىنرال مەھمۇد مۇھىتى بىلەن گىنرال لىيۇ بىن ،ياۋۇرپالىق ئەر -ئايال )شىۋېتسىيلىك دىن تارقاتقۇچىلار بۇلىشى مۇمكىن ) قاتارلىقلارنىڭ ئامما ئارسىدا كىتىۋاتقان سۈرتى قىستۇرۇلغان ئىدى .
سۈرەتكە مەھمۇد مۇھىتى ،رىبالكو،لىيۇ بىن دەپ ئىزاھات بىرپتۇ .
رىبالكو، سوۋېت ئىتتپاقى تەرپىدىن مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش باھانىسىدە قەشقەرگە ئەۋەتكەن مەشقاۋۇل بۇلۇپ ،ھەربىي مەشىقلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ،مەھمۇد مۇھىتى قىسمىدىكى بەزى ئىرادىسى ئاجىز كىشلەرنى خائىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىپ ،مەھمۇد مۇھىتى قىسمىنىڭ ئىچىدىن پارچىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاھىدە مەشقاۋۇل ئىدى .
مەن بۇكىشىنىڭ دىدارنى كۈرۈپ بېقىش مەقسىتىدە رۇسچە تور بەتلەردىن سۈرتىنى ئىزدەپ تېپىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم .
شۇڭا بۇ كىشنىڭ تەقى تۇرقى ماڭا خىلى تۇنۇش ئىدى .
تۇلۇق ئىسمى پاۋېل سېمنۇۋېچ رىبالكو Павел Семенович Рыбалко 1894-1948
مەن توربەتلەردە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆرۈپ،ساقلاپ كىلۋاتقان ،ئاشۇ رەسىمگە تازا زەن سىلىپ قارغاندا ،مەھمۇد مۇھىتى بىلەن
لىيۇ بىننىڭ شەپكىسىدىكى بەلگىسى ئوپمۇ ئوخشاش،بۇلۇپمۇ ئاممىۋى سورۇندا ، گىنرال مەھمۇد مۇھىتنىڭ ھەربىي كىيىم بىلەن گىنرال لىيۇ بىننىڭ بولسا كۆزئەينەك تاقاپ ،شىلەپە كىيىپ يۈرشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
بۇنىڭغا يەنە بىر ئىسپات ،مەنسۇر روزىيېۋنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇنۇ بايانلار ھەم سۈرەتتىكى كىشنىڭ رىبالكو ئەمەس لىيۇ بىن ئىكەنلىگىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ .
يالقۇن روزى ئەپەندى كىتاۋىدا ،يۇرتىمىزدا ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سوۋېت خادىملىرىنىڭ، يۇرتىمىزدا باشقىلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈشى چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇلۇپ ،بۇ بۇيرۇق رىبالكونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە .
كىتاپتا،لىيۇ بىننى رىبالكو ،شىلەپىلىك مەمۇرى ئەمەلدارنى لىيۇ بىن دەپ خاتا ئىزاھلىغان ئىكەن .
يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدىكى بۇ كىچىكىنە خاتالىقنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش ۋە كىيىنكى نەشىرلىرىدە تۈزتىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ بۇ تىمىنى يازدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karahan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-12 11:21 PM
|
|
|
|
|
|