جوڭگۇدا بىر يىل ئىچىدە 23كۈن بايراملىق دەم ئىلىشقا قويىۋىتىلىدىغان بولۇپ
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.
ئاپتونو م رايون دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار بۇنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بۇنداق ئىشلارغا بىرنىمە دىيەلمەمدىغاندۇ؟
ياكى بەك ئالدىراش بولغاچقا ۋاقتى يەتمەمدىغاندۇ؟ياكى غوجامنىڭ قورسىقى توق،قۇلى بىلەن ئىشى يوقمىدۇ؟ۋە ياكى بىزنىڭ سۆزىمىزنى سۆزلىسە ئۇلار ئەمەلدارلىق كۇلاسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقامدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟
بەزى ھۆججەتلەرغۇ بىزنىڭ ناھىيەمىزگە كېلىپ نەچچە ئەلگەكتىن ئۆتۈپ بولغۇچە پۇخراغا پايدىلىقلىرى ئەلگەكنىڭ ئۈستىدە قېلىپ ،بىزنى بەكرەك ئىشلىتىدىغان ،بىزگە ئاز نەپ تېگىدىغانلىرى كېلىدۇ.ناھىيەدىن يېزىغا كەلگۈچە تېخىمۇ شۇنداق.
بەزىدە تېخى ۋىلايەت ناھىيەلەردىن بايراملىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشلىرى كەلسە،يېزا دەرىجىلىك «چوڭ»باشلىقلار دەم ئالغۇزماي ئىشلىتىدۇ.
بىرنىمە دىسەك بىز دەم ئېلىشتا ئىشلەڭلا دىمىدۇق ئۆزەڭلا خىزمەت ۋەزىپەڭلارنى ئورۇنداپ بولالماپسىلە دەيدۇ،«بىرئىشەككە بەش ئىشەكنىڭ يۈكىنى ئارتىپ» قويۇپ.