مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5521|ئىنكاس: 42

شەيتاننى يەڭگەن يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 11:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۇنىڭ تىنىقلىرى ئىتتىكلىشىپ ، پۈتۈن بەدەنلىرى ئوتتەك قىززىپ يۈرىكى تىز-تىز سوققىلى تۇردى . بۇنداق ۋاقىتتا كۆزگە ئۇيقا كىلىش مۇمكىنمۇ ؟ ئۇ ياتقان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كارۋات ئەتىراپىنى ئىككى ئۈچ ئايلاندى-دە ، سۇخانىغا چىقىپ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپ كىردى . تامدىكى سائەت بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن قېرشىقاندەك ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتاتتى . ئۇ دەرىزىدىن ئايغا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە :
نەچچە كېچە پىراقىدا قىيناپ ئۇيقۇسىز قويۇپ يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە قىلغان جانان بىلەن ئاخىرى ۋېسال شارابىنى ئىچىدىغان بولدۇم دېدى ۋە ئۇ چوكاننىڭ چۈشتە دېگەن سۆزلىرىنى قايتا ئەسلىدى :

- ئەمىسە ئىشىكنى تاقىماي ياتىمەن ، سائەت ئون ئىككى بولغاندا كىلىڭ ، دىققەت قىلارسىز .
ئۇنىڭ يۈرىكى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىقراق سوقۇپ كەتتى ، پۈتۈن بەدىنىگە تارقاپ نېرۋىلىرىنى غېدىقلاۋاتقان شەھۋانىي ھېسسايات تەسىرىدىن تىتىرەپ تۇرغان پۇتلىرىنى سۆرىگەن پېتى كارۋىتىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستەل چىرىقىغا قاراپ خىيالغا پاتتى : ئەجەپ قىينالدىميا ... بۇ سەۋدالىق دەردىدە تاماقلىرىم ئازلاپ ئۇيقۇممۇ كەملەپ كەتتى . مانا ، ئەقل-ھۇشى جايىدا ئەمەس ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن . نىمە قىلىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەي قالىمەن تېخى ! ھەي ئايال !! ھەي ئايال !!! « ئايال دېگەن بىر شەيتان ، ھەر دائىم ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەپ تۇرۇش كىرەك » دېگەن گەپ راس ئىكەن جۇمۇ . بىر ئىككى ھەپتە بولدى قايسى چىشى جىن چاپلاشتىكى بىلمىدىم تۇرۇپ-تۇرۇپ شەھۋانى خىياللارغا چۈمۈپ قالىدىغان ، كۇچىدىكى ھەرخىل ياشتىكى قىز-چوكانلارغا قاراپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم دېسە . نىمە تىلىسەڭ شۇنى تاپىسەن دېگەندەك ئۆيۈمگە يېقىن جايدىكى بىر تېجارەتچىنىڭ ئايالى بىلەن بىر-ئىككى قېتىم سالاملىشىپ قويىۋىدىم ئۇمۇ ئاران تۇرغاندەك ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى ، نەتىجىدە بۈگۈن كىچە ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇچۇرشىشىدىغانغا كىلىشتىم ... ئۇچۇرشىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ئىددىيەمدە توقۇنۇش بولۇشقا باشلاۋاتقىننى كۆرمەمدىغان ... قانداق قىلسام بۇ نىيتىمدىن يانارمەن . ئايالىمغا يۈز كىلەلەمەنمۇ ؟ ئۇ مىڭ بىر جاپادا قۇرساق كۈتۈرۈپ يۈرەك پارەمنى ساق-سالامەت يەڭگىپ ئاپىسىنىڭكىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ . يەنە ئىككى ھەپتە بەرداشلىق بىرەلىسەم بۇنداق پەسكەشلىكتىن ساقلىنىپ قالالايتتىم . ياق ، ياق ... ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر قېتىم ئۇنداق ئىش قىلىپ قويسام ھېچ ئىش بولماس ...
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن پۈتۈشكەن ۋاقىتمۇ كىلىپ قالاي دېدى . ئاخىرى ئۇنىڭ شەيتىنى غالىب كىلىپ ئۇنى ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى .

ئۇ ئالدى كەينىگە قارىغاچ ھۇدۇقۇش ئارىلاش ئەنسىزلىك بىلەن تىز-تىز مېڭىۋاتاتتى دەل شۇچاغدا يىراقتىن يىغلىغاندەك بىر خىل ئاۋاز كىلىشكە باشلىدى . ئۇ ، ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭغانسېرى ھېلىقى ئاۋازمۇ تەڭ كۈچىيىشكە باشلىدى ، ئۇ ئەمدى پەرق قىلدىكى بۇ بىرسىنىڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئاۋازى ئىدى . ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىماسلىققا سېلىپ ئۆتۈپ كىتەلمدى ، بۇ ئاۋاز ئاڭلانغان ئۆيدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ھېلىقى چوكاننىڭ ئۆيىگە كىرەتتى . ئۇ مېڭىشىنى ئاستىلاتقاچ قۇرئانغا قۇلاق سالدى .
- غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىن . ( غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلانىڭ يولىغا ئەمەس .... ) .
ئامىن ....
بۇ سۈرە فاتىھەغۇ دېدى ئۇ ئىچىدە .

- يەۋمە تەرەل مۇئمىنىينە ............... ( ئۇ كۈندە ، مۇئمىن ئەرلەرنى ، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ ، ( ئۇلارغا ) بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بىرىلىدۇ ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر ، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتتۇر دېيلىدۇ ) .
نېمە دېگەن يېقىملىق ئاۋاز بۇ !!!

بۇ مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئۇنىڭغا تەسىر قىلماقتا ئىدى ، ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن زەن سېلىپ تېڭشاشقا باشلىدى ...

ئايەت : ئەلەم يەئنى لىللەزىينە ..... ( مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىيقەتكە يەنى ( قۇرئان ئايەتلىرىگە ) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ .... ) .
ئۇ خۇددى بۇ خىتابلار دەل ئۆزىگە قارىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدى-دە ، ئىختىيارسىز قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا شەيتان ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشقا باشلىدى :
- ئۇنچىۋالا بۇپ كەتمە . قۇرئان دېگەننى تېخى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىۋالىسەن . ئۇ جانانىڭ تازا ياسىنىپ سېنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ ، سەن پەقەت ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەڭلا ئىش پۈتىدۇ ... ئۇنداق ئەھمەقلىق قىلما . تىز بول ! خۇدا بەندىلىرنىڭ تۆبىلىرنى قۇبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان تۇرسا يەنە نېمىدىن قورقاتتىڭ ...
ئۇ يەنە بىر ئاز ئىككىلەنگەندەك بولدى-دە ، سەۋر قاچىسى تولۇپ :
ئاھ خۇدا ... مەن قانداق بەندە !! خۇدا ئۆزەڭ بار ... دەپ ۋارقىراپ كەتتى . ئاخىرى ئۇنىڭ ئەقلى ، شەھۋىتى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدى .

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۇنىڭغا خېلى قىيىنغا توختىدى . ئۇ :
خۇدا ئۆزەڭ بار . خۇدا ئۆزەڭ بار ... ئۆزەڭ ساقلا دېگىنىچە كەينىگە يېنىپ ئۆيى تەرەپ كە يول ئالدى .
ئۇ پاكىز يۇيۇنۇپ چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇدى ... سەجدىگە بارغاندا كۆزلىرىدىكى ياشنى تۇتىۋالالماي ئاللاھقا : ئەئۇزۇبىللاھى مىنكە ، ( ئاللاھقا سېغىنىپ سەندىن پاناھ تىلەيمەن ، ياپاناھ .. ) دېۋىدى ئۇ زېمىنغا كىرىپ كەتكەندەك يۇقاپلا كەتتى .

ئەي ئاللاھ ، ساڭا سان-ساناقسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمەن .... مېنىڭ يېڭىۋاشتىن ياخشى ئادەم بولۇشۇم ئۈچۈن يەنە بىر پۈرسەت بەرگىن دەپ بىر سەجدە بىلەنلا ئىماننىڭ تەمىنى ھەقىيقى تېتىغاندەك بولۇپ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .



ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ : سەنجەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 11:54 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زۇلئاي + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
赛米江 + 100
مەلىكە + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96983
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:55:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە شۇنچە زالالاتتە يۇرگەن بەندىسىنى خالىسا بىردەمدىلا ئنسان ئۇنىڭغاتۇلىمۇ ھەيران قالغۇدەك دەرجىدە ھىدايەت قىلىۋىتىدىكەن .اللە نىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشقان بەندەلەربولسا ئۆز ئەقىدىسىدىن ئۆزىمۇ بىلەلمەيلا ئايرىلىپ قالىدىكەن . ئەڭ گۇزەل تەرىپلەشلەر  راببىلئالەمىين ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96983
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 09:58:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لە شۇنچە زالالاتتە يۇرگەن بەندىسىنى خالىسا بىردەمدىلا ئنسان ئۇنىڭغاتۇلىمۇ ھەيران قالغۇدەك دەرجىدە ھىدايەت قىلىۋىتىدىكەن .اللە نىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشقان بەندەلەربولسا ئۆز ئەقىدىسىدىن ئۆزىمۇ بىلەلمەيلا ئايرىلىپ قالىدىكەن . ئەڭ گۇزەل تەرىپلەشلەر  راببىلئالەمىين ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91989
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 10:07:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ! ئېسىل !  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:03:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئاددى سۆزلەر بىلەن، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرگەن ئەسەركەن بۇ ... اللە نىڭ مېنى قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆيدە ياراتقىنىغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،،،،

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1850 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:09:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئاللاھ  ئىككىلا ئالەم سائادەتمەن قىلسۇن تېما ئىگىسى قېرىندىشىم....  تولىمۇ ئىسىل تېما يوللاپسىز...   

   ئاللاھ ھەممىزنى ئازغۇن ئىشلاردىن يراق قىلسۇن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:12:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97331
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:12:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر

زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشنى مىڭ يىل تىلىگەندىن، بىرتال شام ياققان ئەۋزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96039
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:22:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىمىكەن، اللەرەھمەت قىلسۇن!
ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى تەۋبىكە مۇۋەپپەق قىلسۇن، امن!

اللە سىنى ھايۋان قىلماي ئىنسان قىلدى، دىنى-ئىسلام يوللىرىنى ئىنئام قىلدى. ئىبادەتكە ياراتتىم دەپ ئىلان قىلدى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:22:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rahmat

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش