سۈيۈنىمەن ئىنىم سىنىڭدىن
ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە ھەر خىل سىناقلارغا دۈچ كىلىدىكەن.مانا مەنمۇ ھايات يۇلۇمدىكى بەزى داۋانلارنىڭ تەسىردە يۇرتۇم باغرىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم.كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن يۇرتۇم بولسىمۇ ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغاچقا ،بۇ شەھەر ماڭا نىسپەتەن ناتۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.
بىراق ئاتا-ئانام ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بۇ يەردە بولغاچ مەن يەنىلا شۇنداق خۇشال ئىدىم.ھەر كۈنى سەھەردە رەھمەتلىك دادامنىڭ بېشىغا چىقىپ دۇئا قىلاتتىم.دادامنىڭ مېھرى مۇھەبببىتى ئىسىمگە كىلىپ كۆزلىرىم نەمدەلگەن ھالدا ئۆيگە ماڭاتتىم.ساپ ھاۋالىق يېزا مۇھىيتى مىھرى ئىسسىق خۇلۇم -خوشنىلارنىڭ يەرگە بېشى تەككۈدەك سالاملىرى...ئىنە، سىڭىللىرىمنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى دىلىمنى شۇنداق سۈيۈندۈرەتتى... يىراقتا چېغىمدا ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى سېغىنىپ ئۇلار بىلەن كۈندە مۇڭدىشىپ كۆرشۈپ ياخشى تاماقتا بىللە بولسام ،خۇشاللىقىمنى ئېيتىپ قايغۇمغا ئورتاق بولسام دەيىتتىم.
مانا مەن ھازىر بۇ مېھرى-مۇھەببەتتىن بەھرىمان بۇلۋاتاتتىم.بەزى كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ شۈكلىشىپ قالسام ئىنىمنىڭ كۈلكە چاخچاقلىرى بىلەن بايامقى قايغۇلۇم يىراققا كىتىپ كۈلۈپ كىتەتتىم.
ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە باراي ياكى سىرىتلارغا چىقىپ ئۆيگە كەلگۈچە ، ئىنىم نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلاتتى.قەلبىدىن سۈزۈك بۇلاقتەك مېھرى-مۇھەببەت تېشىپ تۇرغان ئىنىمنىڭ ماڭا بولغان كۈينىشىدە ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم.گەرچە ئىنىم باشقىلىرمىزغا قارغاندا ئاجىز بىر پۇتى مېيىپ بولسىمۇ،ھەممىدىن كۈيۈمچان تۇرمۇشى ياخشى ئىدى.ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئىدى.چوڭ -كىچىك ھەممىگە كۆڭۈل بۈلۈپ ھەتتا مەھەللىدىكىلەرگىمۇ ياردەم قىلاتتى.ئىنىمگە قارىسام ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئاجىز بۇلۇپ قالغىنىغا شۇنداق ئېچىنىپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلاتتى.بىراق قەلبى ئاق قاردەك پاكىز قەلبىگە مېھرى-مۇھەببەت تولغان ئىنىمنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن سۈينەتتىم، پەخرلىنەتتىم.
كۈز ئايلىرىنىڭ مەلۈم بىر كۈنى ئىنىمغا دىمەيلا مەن سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە موتۇلۇق كىردىم. 25 كىلومىتىر يولنى موتۇلۇق بېسىپ كىرىپ بولغۇچە ئىنىم ئۈچ قېتىم تېلفۇن قىلدى.ھەر سۆزىدە <<ئاچا دىققەت قىل بەك ئاستا ھەيدە>>...ئىنىمنىڭ ئەنسىرشى ئالدىنقى قېتىم موتۇلۇق مېڭىپ يېقىلىپ چۈشۈپ پۇتۇم ،قۇلۇم يارلانغان ئىدى.شۇ چاغدىمۇ پۇت-قۇلى ساق نەگە بارسا ماشىنىدا باردىغان ئىنىم ئالدىراشلىق سەۋەپلىك ۋاختىدا يېنىمغا كىلىپ دۇختۇرخانىغا ئاپرالمىدى.يەنە مۇشۇ كۈيۈمچان ئىنىم ئاڭلاپلا بىردەمدە كەپتۇ.مىنىڭ يىنىڭ يارلانغان قاراپ يۈركى ئىزىغا چۈشتى بولغاي... <<ئاچا مىنى بەكلام ئەنسىرەتتىڭ ساڭا بىر ئىش بولسا دادامغا نىمە دەيىتتۇق >>دەپ مىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى.
دۇختۇر تېڭىش جەريانىدا ئاغرىققا چىدىماي كۆزۈمدىن ئاققان ياشلىرىمنى ئىنىم سۈرۈتكەن ئىدى.
سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىرەر سائەت ئۆتۈپ بولغۇچە كىچىك ئىنىم بىلەن ماشىنىلىق ئارقىمدىن كىرىپ بولدى.نىمىشقا كىردىڭلار دېسەم ،ئېتىزدىن ئۈزدۈرۈپ تاۋۇز ئەپ چىقايلى دېگەنتۇق دىدى.بۇ پەقەت بىر سەۋەپ بۇلۇپ بۇنداق ئۇزۇن يولنى موتۇلۇق مىڭىشىمدىن ئەنسىرەپ كىرگەن ئىدى.
ئىنىمنىڭ بۇ گىپىدىن قەلبىم شۇنچىلىك سۈيۈندى.ماشىنىغا لىق تاۋۇز بېسىپ ئۆيگە ماڭدۇق،مەن موتولۇق ماڭىمەن دېسەم ئىنىم <<ئاچا سەن ماشىنىدا ماڭغىن >>دەپ ئۇنماي موتونى ئۆزى مىندى.كىچىك ئىنىمغا ماشىنى ئاستا ھەيدەپ بىللە مېڭىشنى تاپىلىدىم.ماشىنىڭ ئەينىكىدىن ئىنىمنىڭ تەبەسسۇم چېھرىنى كۆرۈپ،ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدىمكى ...ئاۋازىمنى قويۋېتىپ مەن بەكلام بەخىتلىك مانا مۇشۇ بەخىت ئەمەسمۇ ماڭا دىگۈم كەلدى.بىراق يېنىمدىكى ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئىنىمنىڭ دىققىتىنى بۇرماي دەپ،قەلبىمنى سۈيۈنۈشنى تەبەسسۇمىم ئارقىلىق ئىپادىلىدىم.
دۇنيادا قېرىنداشلىق مېھرى نەقەدەر سۈيۈملۈك ھە!
قېرىنداش دېگەن يىقىلساڭ يۈلەيدىكەن.ئازاپلانساڭ تەسەللى بىردىكەن كۈلكەڭدىن سۈيۈنسە ئازابىڭغا ئورتاق بۇلدىكەن.كىچىك ۋاقتىمدىمۇ بۇ ئىنىمنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايتتىم.9 ئايلىقتا ماڭغان ئىنىم 2 .ياشقا كىرگەندە ئۇكۇل سەۋەپلىك ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى.شۇ چاغدا ئانامغا قاخشىغىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە،بىراق تەقدىرنىڭ قىسمىتىگە نېمە دىگۈلۈك.بىراق ئىنىمنىڭ قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئىدى.مانا بۇ ھال ئىنىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولسا،ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ ھەممىگە كۆڭۈل بۈلۈپ ياشىغىنىدىن سۈيۈنەتتىم.
قەلبىڭ شۇنچە مېھرىگە تولغان،
ھەرقەدەمدە ئويلايسەن بىزنى.
رەھمەت ئېيتاي ئانامغا ھەردەم،
تۇغۇپ بەرگەچ سەندەك ئىنىمنى.
كۆزى ئىدىڭ يەتتە بالىنىڭ،
ئەقىل ئىدراككا قەلبىڭ تولغان.
ئاتا-ئانام سۈينەتتى سەندىن،
ساقلار قىلمىغاننى سەن قىلغان.
ئاپرىن ئېيتىپ مېھرى بۇلقىڭغا،
سۈيۈنىمەن ئىنىم شۇنچىلىك.
ئاللاھ، قىلسۇن تىنىڭنى ساغلام،
ھەر قەدمىڭنى قىلىپ بەركەتلىك.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-11 10:32 PM