مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4108|ئىنكاس: 22

تۇغۇتنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئالار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85608
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 08:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئانا بالىنى تۇغىدىغان ئاشۇ دەقىقىلەردە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ناھايىتى چارچايدۇ. تولغاق-ئاچچىق ئاغرىق تۈپەيلىدىن بەدەننى ئىنتايىن قىينايدىغان بىر ھادىسە. بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى ئەرـ ئايال ئىككەيلەنگە نىسبەتەن ئەڭ مۈشكۈل بىلىنىدىغان ھالقىلىق پەيتلەردۇر. ئاللاھ تائالا سۈرە مەريەمدە ئاشۇ قىيىن دەقىقىلەرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: {تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشىغا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيىتتى:‹‹كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!››}
تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق تۇتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ تولغىقى تۇتقاندا ئوقۇشقا بۇيرىغان دۇئانى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ئىبنى سىنىينىڭ قىلغان رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۇممۇ سەلەمە ۋە زەينەپ بىنتى جەھشنى فاتىمەنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئايەتۇلكۇرسى بىلەن:


{شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە(يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى پاپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ): ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمىر قىلىش( يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.} دېگەن ئايەت بىلەن:{شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھدۇر، ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى(ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەرقانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىجازەتنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز-نەسىھەت ئالمامسىلەر؟} دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا ھەم ئۇنىڭغا قېتىپ سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسىنى ئوقۇپ، شەيتاندىن پاناھ تىلەشكە بۇيرۇدى.
ئىبنى سۈننى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«ئايال كىشىنىڭ تۇغۇتى تەسلەشكەندە: {ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىردەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ،(بۇ قۇرئان سىلەرگە)تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ} {ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)} [ ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىلگىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ] دېگەن ئايەتلەرنى بىر قاچىغا يېزىپ، ئۇنىڭغا سۇ  قويۇپ ئۇنىڭدىن ئايالغا ئىچكۈزسۇن. ئۇ سۇنى ئۇ ئايالنىڭ قورسىقى ۋە ئالدىغا سەپسۇن.»


ئايال كىشى بۇ قىيىن سائەتلەردە چىن يۈرىكىدىن دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تەرەپكە يۈزلەنسۇن. قانچىلىك دەرىجىدە ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلسا، ئاللا ئۇنىڭ تولغاق ئازابى ۋە تۇغۇتىدىكى مۈشكۈلچىلككە سەۋر قىلىش كۈچى ئاتا قىلىدۇ ۋە شۇ كۈندىكى تولغاقنىڭ، قىيىنچىلىقلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان سەۋەبلەر تەييارلاپ بېرىدۇ.
شەيخ ئىبنى زەفەرىل مەككى مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا يەتكۈزۈلگەن بىر خەۋەردە ئابا سىررى مەنسۇر ئىبنى ئاممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسىنى قاتتىق تولغاق تۇتقان بىر پەيىتتە ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: "ئى مەنسۇر! تېز بېرىپ داداڭنى چاقىرىپ كەل!" دەيدۇ. ئۇ ئانىسىغا: " مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قولىدىن ھېچ بىر پايدا-زىيان كەلمەيدىغان مەخلۇقتىن ياردەم تىلىمەكچى بولۇۋاتامسىز؟ مېنى ئۇنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتەمسىز؟" دەيدۇ.
ئانىسى : "مەن بەلكىم ھازىر ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن، تېز بولغىن!" دەيدۇ. ئۇ ئانىسىغا: " سىز: ئى ئاللاھ! ماڭا ياردەم قىل! ـ دەپ تىلەڭ" دەيدۇ، ئانىسى ئاللاھتىن شۇنداق دۇئا تىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەنلا بالا تۇغۇلۇشىغا باشلايدۇ.»
ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ ھەممە ئىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىن رەھمىتىنى ئايرىمايدۇ. ئۇنىڭ بەندىلىرىگە بولغان كۆيۈمچانلىقى باشلىنىپلا بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمىدىكى بۇ ئايەتتە ئىشارەت بار:{ ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.} شۇنىڭ بىلەن بالا تۇغۇلۇپ بوۋاقلىق ھاياتىنى باشلاش ئۈچۈن تۆرەلمىلىك ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن بالىنىڭ تۆۋەندىكى ھوقۇقلىرى باشلىنىدۇ.
مەنبە:http://anabala.com/index.php?m=view&id=1202&pageno=3


كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت . اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن .گەرچە ئۇ كۈن ماڭا يىراق بولسىمۇ بىلىۋالاي.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ،ئانىلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىر نى يوللاپسىز ! قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن !

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئولۇغ ئاللا جاھاندىكى بارلىق ئانىلارنىڭ توغۇتىنى ئاسان قىلغاي . ( ئامىن )

خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم،ئۇلۇق ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەرەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،مەن مۇشۇتاپتامۇشۇنداق بىرتەلىمگەبەكمۇموھتاج ئېدىم.پات يىقىندادادابولغىلىۋاتىمەن،قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەتىن ئايالىمنىڭ تۇغۇتىغائاسانلىق بېرىشىنى،پات ئارىدادۇنياغاكەلمەكچى بولغان پەرزەنتىمنىڭ تېنىنى سالامەت،قەلىبنى ئىسلامغامايىل قىلىپ بېرىشنى ئۇنىڭ قەلبىدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسلىرىنى كۆتۈرۈرۋىتىشىنى تىلەيمەن.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 10:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ،ئىگەم ئاياللارنىڭ تۇغۇتىنى ئاسان قىلغاي.پەرزەنىتنىڭ تاتلىقىلىقىدا تولغاق ئازابىنىڭ يامانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ئادەم.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10134
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 10:24:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى بىلىۋالغىنىم بەك ياخشى بولدى، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت. ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 10:31:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، مەنمۇ پات ئارىدا دادا بولماقچىدىم، تىمىڭىز مۇھتاجلىقتا ئىرىشكەن بىر قاچا سۇدەك ياقتى، ئاللا ھەممىنى ئاسان قىلغاي

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1839 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 01:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 07:48 PM
اللەرەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،مەن مۇشۇتاپتامۇشۇنداق ب ...

  ئاللاھ دىگەنلىرڭىزگە يەتكۈزسۈن......     مۇبارەك بولسۇن....  ئەھلى ئېسلامدىن بىرسى  ئاۋۇغۇدەكتە.....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش