مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3062|ئىنكاس: 13

ھون نامىنىڭ تارىخىي ھەقىقىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 01:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھون نامىنىڭ تارىخىي ھەقىقىتى

مۇھەممەت قادىر

مۇتلەق كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار «ھون» ئېتىمولوگېيىسىنىڭ «كۈن» نامىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئەجدادىنىڭ  ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىگە باغلاپلا قانائەت ھاسىل قىلغان. بۇ خىل قانائەتچانلىق ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن تارىختىن بېرىكى رىقابەت مۇناسىۋىتى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى يورىتالمايلا قالماستىن ھەتتا ھونلارنىڭ تارىختا شىمال ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىزدېرەكسىز يوقۇلۇش سەۋەبىنى ئەبەدىلىك مۇئەمماغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ھون نامىنىڭ قويۇلۇشتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا خەنزۇ خەلقى بىلەن ھونلارنىڭ تارىخى مۇساپىسىدا رىقابەتلىك، دەۋىر بۆلگۈچ ھەركەتلەرگە تۈرۈتكە بولىدىغان، كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئوت ئۈچقۇنلىرىنىڭ مەشئەلدەك چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز...

«تارىخىي خاتىرىلەر» (ئۇيغۇرچە نەشرى، 24-بەت)تىكى «ھونلار جۇۋ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى شىيەن يۈنلەر دەپ ئاتالغان» دېگەن بۇ بىباھا تارىخى ئۇچۇر «شىيەن يۈن» ئاتالغۇسى ئىچىدىكى «يۈن» بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ھىندىستان پەيلاسوپى بىت پاي ھېكمەتلىرى («كەلىلە ۋە دېمنە» 2-بەت) دىكى «چىن پادىشاھى ‹ھۇمايۇن› ئاتالغۇسى ئىچىدىكى «يۇن»، «تۈكىي تىللار دىۋانىي»(3-قىسىم 197-بەت)دىكى «يۇن» ۋە «يۇن ئارىق»تىكى «يۇن»قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مەنبەلەردىكى تۆت دانە «يۇن»نىڭ مەلۇم ئىزچىللىقتا تەكرارلانغانلىقى ھون نامى تارىخىي ھەقىقەتنىڭ توغرا لېنىيىسىنى ئېچىشىمىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ.


1- جۇڭگۇدا سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى قاراشلار


سۇمرۇغ جۇڭگۇ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى بىر سېھىرلىك قۇش بولۇپ، ئۇ كېيىنچە ئەجدەرھا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا جۇڭخۇا مىللى روھىنىڭ سىمۋولى بولغان. ئەمما سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىزچىل سىر بولۇپ كەلدى. يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇڭجىياڭ شەھرى گاۋمىياۋ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر ئاق رەڭلىك ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇمرۇغىنىڭ سۆرىتى بايقالغان بولۇپ، موتىخەسسلەرنىڭ ھۆكىمىچە 7800 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكى ئايان بولغان. بۇ بايقاش «سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى»نىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماددىي ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ، ئارخولوگىيە ساھەسىنى زىل-زىلگە سالدى.

جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى سۇمرۇغ سۆرىتىنىڭ خۇنەندىن بايقىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىك ئەمەس. خۇنەن بولسا مەملىكىتىمىز شالچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى، سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كېلىشى قەدىمىي شالچىلىك مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ ئەسلىدىنلا شالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. چاڭشادىكى داتاڭ خارابىسىدىن بايقالغان 7000 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتىدە سۇمرۇغ دەل شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئىدى.

زور مىقداردىكى يازما ماتىرياللار شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شالچى مىللەتلەر قۇشنى تۇتېم قىلغان. بۇ ئىلىم ساھەسىگە تونۇشلۇق. مىڭ سولالىسى مىڭ شىنزۇڭ 44-يىللىرى (مىلادى 1573-1620 يىللار) سىزىلغان چاقماق ئىلاھى- قۇش باش، ئادەم تەنلىك بولۇپ، قولىدا يەنە بىر قۇش تۇتۇقلۇق ئىدى. بۇنداق ئادەم بىلەن قۇش بىرگەۋدىلەشكەن ئوبراز تىپىك قۇش تۇتېمىغا چوقۇنۇشنىڭ مەھسۇلى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇنىڭدىن 390 يىل ئىلگىرى قۇش تۇتېمىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى خونەن خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىدى. خۇنەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى كۆۋرۈك باشلىرىدا ھېلى-ھەم قۇش شەكىللىرى ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنى قۇش توتېمىغا چوقۇنۇش مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى دىيىشكە بولىدۇ.
    قەدىمكىلەر توتېم قىلغان بۇ خىل قۇش «قىزىل قۇش»، «قوياش قۇشى»، «ئەنقا» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، شالچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. سىماچەننىڭ «تارىخى خاتىرىلەر» («史记»)دە مۇنداق دىيىلىدۇ: «يەندى دەۋرىدە قىزىل قۇش توققۇز تال باشاقنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا، باشاقلار چۈشۈپ كەتسە پادىشا تېرىۋېلىپ ئېتىزغا تېرىپتىمىش، بۇ زىرائەتنى يىگۈچى ئۆلمەپتىمىش.» ئاتالمىش «قىزىل قۇش»، «قوياش قۇشى»، «ئەنقا» دېگەنلەر سۇمرۇغ ئىلاھى قۇشىنىڭ ئەسلى شەكىللىرى ئىدى. «广雅»دا «ئەنقا سۇمرۇغ تۈرىدىكى قۇشتۇر» دەپ ئېلىنغان.

سۇمرۇغ مەدەنىيىتى شالچىلىق مەدەنىيىتىنى چۇڭقۇر مەنبە قىلغانلىقتىن، ئىناقلىق، بىردەكلىك سۇمرۇغ ئوبرازىنىڭ ئاساسىي ئىپادىسى بولۇپ قالغان. «山海经»دا «سۇمرۇغ يىمەك- ئىچمىكى تەبىئىي، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئۇينىيالايدىغان قۇش بولۇپ، ئۇنى كۆرگۈچىلەر بۇ دۇنيادا تىنچ-ئامان ئۆتىدۇ» دېيىلگەن. شۇڭا سۇمرۇغ كىشىلەر ئارىسىدا قەدىمدىنلا گۈزەللىك، ئىناقلىق ۋە خەيرىيەتلىكنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن.

سۇمرۇغ ئوبرازى ئەسلىدىنلا ئىناقلىق قارىشىنىڭ مەھسۇلى. بىر جەھەتتىن، ئۇ «قارشىلىقنىڭ بىرلىكى»دەك زىددىيەتنىڭ بىرلىكى، يەنى ئەركىكى «风» (ئەنقا)، چىشىسى «凰» (سۇمرۇغ) بولۇپ، «凤凰» سۇمرۇغ دېگەنلىك ئەركەك بىلەن چىشىنىڭ بىرلىكى، بىرلىكنىڭ خەيرلىك بولىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكى بولۇپ، قۇش توتېمى ئاساسىدا، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۇرۇق جەمەتلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇغۇرۇپ، توپلاپ، گۈزەللەشرۈتۈشتىن ھاسىل بولغان. مەسىلەن، «说文»دا سۇمرۇغ ئوبرازىدىكى كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئالدى تەرىپى ھاڭگىرتقا، كەينى تەرىپى بوبرا كىيىككە، پىشانىسى قاقىرغا، قوۋۇزى سوقسۇرغا، مەيدىسى ئەجدەرھاغا، دۈمبىسى تاشپاقىغا، ئىڭىكى قالغاچقا، تۇمشۇقى توخۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بەش خىل رەڭنىڭ مۇجەسسىمى.» دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.

جۇڭگۇ مەدەنىيىتىدە، سۇمرۇغ ئوبرازى يالغۇز تەبىئەتتىكى ئىناقلىقنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، يەنە ئىنسانلار جەمئىيتىدىكى ئىناقلىقنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. سۇمرۇغدىكى بەش رەڭ كېيىنچە قەدىمقى جەمئىيەتتىكى ئىناقلىق، تىنىچلىققا چېتىلىدىغان (1) ئەخلاق، (2) ئادالەت، (3) ئەدەپ، (4) رەھىمدىللىك، (5) ئىشەنچتىن ئىبارەت بەش قائىدىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان. مەسىلەن، «山海经»دا مۇنداق دېيىلگەن: «سۇمرۇغنىڭ بېشى ئەخلاق، قانىتى ئادالەت، دۇمبىسى ئەدەپ، كۆكرىكى رەھىمدىللىك، قۇرسىقى ئىشەنچىنىڭ سىمۋولىدۇر.» مەزكۇر كىتاپتا يەنە مۇنداق دىيىلىدۇ: «ئەنقا ناخشا ئېيتسا، سۇمرۇغ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. سۇمرۇغنىڭ بېشىغا ئەخلاق، قانىتىغا ئىتائەت، كۆكرىكىگە رەھىمدىللىك، دۈمبىسىگە ئادالەت يېزىلغان بولۇپ، كۆرگۈچىلەر دۇنيادا تىنىچ ئامان ئۆتەر.»

قەدىمدە، سۇمرۇغ يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. «ئىناقلىق ھەممىدىن ئەلا»نى تەشەببۇس قىلغان كۇڭزى دەل جۇڭگۇ تارىخىدا تۇنجى قېتىم سۇمرۇغ («风») دەپ تەرپلەنەن كىشىدۇر. قەدىمقى ئىدىئالوگ لاۋزى سۇمرۇغنى كۇڭزىغا تەمسىل قىلغان بولۇپ، «جۇاڭزىدا»دا مۇنداق خاتىرلەنگەن: «لاۋزى كۇڭزىنىڭ بەش شاگىرتىنى ئېلىپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سوراپتۇ، كۇڭزى جاۋاپ بېرىپ: «بىرىنچىسى باتۇرلۇق، ئىككىنچىسى پاراسەت، ئۈچىنچىسى ۋاپادارلىق، تۆتىنچىسى رەھىمدىللىك، بەشىنچىسى ئەلەم.» دەپتۇ. لاۋزى - «جەنۇپتا بىر قۇش بار، ئۇنىڭ ئىسمى سۇمرۇغ دەپ ئاڭلىۋىدىم... سۇمرۇغ بۈيۈكلۈك ۋە ئادالەت، پاراسەت، ۋە ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن دە.» دەپتۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ مەدەنىيىتىدىكى ئىناقلىق تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن. سۇمرۇغ ئوبرازىدىكى بۇ «بۇ ئىناقلىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى سۇمرۇغقا مۇناسىۋەتلىك ئىدىئوملاردىمۇ دائىم ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: 1) «风和» - ئەنقا بىلەن سۇمرۇغنىڭ جۈر بولۇپ سايرىشى، بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەنقا بىلەن سۇمرۇغ جۈر بۇلۇپ سايرىغاندا ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدا ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. 2) «百鸟胡风»  -بارچە قۇشلار سۇمرۇغقا يۈزلىنەر. بۇ جەمئىيەتتىكى ئىناق تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ يەنە كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمدارلارنىڭ دانالىقىدىن بارچىنىڭ ئۇنىڭغا بوي سۇنىشىغا تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، پاراسەتلىك دانالارغا ئاممىنىڭ ئەگىشىشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. 3) «风阳»- سۇمرۇغلار قوياشقا باقار. بۇ ئوبرازلىق ھالدا ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى دەۋرىدىكى قوياش قۇشى بىلەن قوياشنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن؛ يەنە پادىشا بىلەن ۋەزىر-ۋۇزرالار ئوتتۇررىسىدىكى ئىناق، ماسلاشقان ھالەتنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، ۋاڭ شېجېننىڭ «风记» -سۇمرۇغ قوشىقىدا «ئەتراپىدا نىيەتداش ۋەزىرلەر بولسا، سۇمرۇغلار ھەمنەپەس قوياشقا باقار.» دەپ ئېلىنغان.


2-سۇمرۇغ رېۋايىتى

سۇمرۇغ ئەپسانىلەردىكى سېھىرلىك قۇش بولۇپ، ئەركىكى «风» (ئەنقا)، چىشىسى «凰» (سۇمرۇغ). قەدىمكىلەر بوبراكىيىك، سۇمرۇغ، تاشپاقا، ئەجدىھانى ئاسمان-زىمىندىكى «تۆت روھ» دەپ ئاتايدۇ. سۇمرۇغ ھەققىدىكى رىۋايەتلەر شەرقتە تارقالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ شەرقنىڭ ئىلاھى قۇشى، قېرىماس قۇش دېگەن ناملىرىمۇ بار. سۇمرۇغ يەنە قىزىل قۇش، ئوت قۇش، ئۆلمەس قۇش، قېرىماس قۇش دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى مىسىر رېۋايەتلىرىدە، سۇمرۇغنى چوڭ كىچىكلىكى شۇڭقار بىلەن تەڭ، بەدەنلىرى ئالتۇن رەڭ پەيلەر بىلەن قاپلانغان، چاقناپ تۇرىدىغان قاناتلىرى بار، تاشقى كۆرۈنىشى رەڭگا-رەڭ، ئاۋازى يېقىملىق، كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرۈپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان قۇش دەپ قارايدۇ. سۇمرۇغ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى بىر قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇق يېنىدا ياشايدىكەن. ھەر كۈنى تاڭ سەھەر يېتىپ كەلگەندە قۇش سەھەر قوياش نورىغا چۈمۈلىدىكەن ھەمدە يېقىملىق، گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن. قوياش ئىلاھى بولسا جەڭ ھارۋىلىرىنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى جىمجىتقىنە تىڭشايدىكەن. بۇ چاغدا جاھاندا خۇددى ئاران بىر سۇمرۇغلا مەۋجۇتتەك بولار ئىكەن. سۇمرۇغنىڭ ئۆمرى 500 يىل بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم ئۆلۈمگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلگەندە خۇشپۇراق دەرەخ شاخلىرىدىن ئۇۋا ياساپ، ئوت يالقۇنى ئىچىدە كۆيىدىكەن. ئۇ كۆيۈپ تۈگەر چاغدا يېڭى تۇغۇلغان بىر سۇمرۇغ ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدىن ئۇچ        ئۇچۇپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ رەڭگى زىيادە ئوتلۇق، گۈزەل ئىكەن. ئۇ دورا دەرىخىنىڭ شەربىتىنى ئۆلگەن سۇمرۇغنىڭ جەسىتىگە سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قوياش شەھرىگە ئۇچۇپ بېرىپ، تۇخۇمنى قوياش ئىلاھىنىڭ نەزىر سۇپۇسى ئالدىغا قويىدىكەن. سۇمرۇغنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەجدەرھادىن ئايرىلالمايدۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە شۈەن يۈەن پادىشا ئۈچ چوڭ قەبىلە، 72 كىچىك قەبىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئومۇم مۈلۈكچىلىكتىكى دۆلەتنى قۇرۇپتۇ. پادىشا بىرلىككە كەلگەن توتېم بېكىتمەكچى بولۇپ، ئەسلىدىكى ھەرقايسى چوڭ-كىچىك قەبىلىلەر ئىشلەتكەن توتېملار ئاساسىدا يېڭىدىن بىر توتېم- ئەجدارھانى ياساپ چىقىپتۇ.

ئۇنداقتا، سۇمرۇغ قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئەجدەرھا توتېمى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ توتېملىرى ئىشلىتىلمەي قاپتۇ. پادىشاھنىڭ بىرىنچى ئايالى لېي زۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئايال بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ يېڭى توتېمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان قەبىلىلەرنىڭ توتېملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىلغاپ، پادىشاھنىڭ ئەجدەرھا توتېمى ياساپ چىقىش ئۇسۇلىغا ئوخشىتىپ، توزنىڭ بېشى، ئاققۇنىڭ تېنى، ئالتۇن توخۇنىڭ قانىتى ۋە پىيى، ئالتۇن رەڭ قۇچقاشنىڭ رەڭگى... قاتارلىقلاردىن بىر جۈپ چىرايلىق، ئېسىل، چوڭ قۇش قۇراشتۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىسىم قويغۇچى بۇ بىر جۈپ چوڭ قۇشقا ئايرىم- ئايرىم «风» ۋە «凰» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.

سۇمرۇغنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى ئەتراپىدا بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى رەڭلىك ساپال بويۇملاردىكى نۇرغۇن قۇشلار نەقىشلىرى سۇمرۇغنىڭ دەسلەپكى شەكلىدۇر. بۇنىڭدىن 6700 يىل بۇرۇنقى جېجىياڭ يۈياۋ خېمۇدۇ مەدەنىيەت خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان پىل چىشى سۆڭەك قۇرالىغا جۈپ قۇش شەكلى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ جۇپ قۇش نەقشى چوقۇم قەدىمكى سۇمرۇغنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرلىنىشىدۇر.

قەدىمدە، سۇمرۇغ ئېسىللىك، ئالىجاناپلىق، ئەخلاق- ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، كىشىلەر ياخشى ئىشلارغا بولغان ئىنتىلىش سەۋەپلىك بەزى تاغۇ-دەريا، شەھەر- بازارلارنى سۇمرۇغ نامى بىلەن ئاتىغان. مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر سۇمرۇغ تېغى دەپ ئاتالغان 42 تاغ بار ئىكەن. بۇ بەلكىم، شۇ تاغلارنىڭ سۇمرۇغقا ئوخشىغانلىقىدىن ۋەياكى قەدىمكى رېۋايەتنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنلىك تۈپەيلىدىن بولىشى مۇمكىن. بۇ سۇمرۇغ نامى بىلەن ئاتالغان تاغلار ئېلىمىزنىڭ تۆۋەندىكى 20 گە يېقىن ئۆلكىسىگە تارقالغان:

(1) لىياۋنىڭ ئۆلكىسى چاۋياڭ شەھرى فېڭ چىڭ مانجۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى

(2) جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھرى رۇيئەن ناھىيىسى

(3) خۇنەن ئۆلكىسى خېڭدۇڭ ناھىيىسى، فېڭ خۇاڭ ناھىيىسى، چىياڭ ناھىيىسى، پىڭ جىياڭ ناھىيىسى

(4) شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن ياھىيىسى، تۇڭگۈەن ناھىيىسى، ئەنكاڭ ناھىيىسى

(5) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چاۋجۇۋ شەھرى، زېڭ چىڭ شەھرى

(6) گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاتۇنۇم رايونى نەندەن، تىيەنئې، خېچى، يىشەن قاتارلىق تۆت ناھىيە شەھەر

(7) سىچۈەن ئۆلكىسى پىڭشۈي مىياۋزۇ، تۇجىيا ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، چىڭدۇ شەھرى، شىيۇشەن تۇجىيا مىياۋزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، شىچۇڭ ناھىيىسى، داشىيەن ناھىيىسى

(8) خېبېي ئۆلكىسى چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، تاڭشەن ناھىيىسى

(9) خۇبېي ئۆلكىسى جىڭشەن ناھىيىسى، جىيايۈ ناھىيىسى، دايې ناھىيىسى، شۈەنخۇا شەھرى

(10) شاڭخەي شەھرى سۇڭجىياڭ ناھىيىسى

(11) جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇجىن ناھىيىسى، جىياڭنىڭ ناھىيىسى

(12) فۇجىيەن ئۆلكىسى شاشىيەن ناھىيىسى

(13) يۈننەن ئۆلكىسى نەنپىڭ بەيزۇ پۇمى ئاپتۇنۇم ناھىيىسى

(14) خېنەن ئۆلكىسى شىن يې ناھىيىسى

(15) ئەنخۇي ئۆلكىسى فىڭياڭ ناھىيىسى

(16) خيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى لۇبېي ناھىيىسى

(17) جىياڭشى ئۆلكىسى فىڭچېڭ ناھىيىسى، شيۇشۈي ناھىيىسى، يۈشەن ناھىيىسى

(18) گۇيجۇ ئۆلكىسى فىڭگاڭ ناھىيىسى

(19) نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايونى لۇڭدى ناھىيىسى


ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە سۇمرۇغ ھەيكىلىگە ئائىت تېپىندىلار ناھايىتى مول بولۇپ، ھەيكەلدە ئىپادىلەنگەن سۇمرۇغنىڭ سىرىتقى تەن تۈزۈلىشى ئاۋىستىرالىيە ۋە ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلاقلىرىدىكى ئېنگىلىزچە ئاتالغۇ بىلەن ئاتالغان <<  secretary bird  >>  دېگەن قۇشقا تامامەن ئوخشاش. بۇ قۇشنىڭ بوي ئېگىزلىكى 120 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ قۇش ئاساسلىقى يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشايدىغان يىرتقۇچ قۇش تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇ ھەتتا بۈركۈت ۋە بۆرىنىمۇ قورقىتالايدۇ.

سۇمرۇغ بىلەن بۆرىنىڭ سېلىشتۇرما رەسىمى (1)

psbCANU0HG3.jpg


تۆۋەندىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان سۇمرۇغقا ئائىت مەدەنىيەت بويۇملىرى:

رەسىم (2)

رەسىم (3)

رەسىم (4)

رەسىم (5)

رەسىم (6)

رەسىم (7)

رەسىم (8)

رەسىم (9)

  

رەسىم (10)

رەسىم (11)

سۇمرۇغنىڭ ئاۋىسترالىيە ۋە ئافرىقىنىڭ كېنىيىدىكى بۈگۈنكى ھەقىقى قىياپىتىنى كۆرۈپ باقايلى:

رەسىم (12)

رەسىم (13)

رەسىم (14)

رەسىم (15)

رەسىم (16)

        


3- ھون نامىنىڭ تىل يىلتىزى «يۇن» ھەققىدە تارىخى دەلىللەر


بىرىنچى دەلىل، ئەمەلىيەتتە «ھون» ئاتالغۇسىنىڭ تىل يىلدىزى «يۇن» بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىيەن يۈن»؛ «كەلىلە ۋە دېمنە»دىكى «ھۇمايۇن»؛ «تۈكىي تىللار دىۋانىي»دىكى «يۇن»، «يۇن ئارىق» (سۇمرۇغ ئېرىقى) قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «يۇن»نى ئاساسىي مەنبە قىلغان. مەزكۇر ئاتالغۇ «يۇن»نىڭ تىل روشەنلىكى ھوما قۇشى (ئەنقا، سۇمرۇغ، قەقنۇس) دېگەنلىك بولۇپ، بىز ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ دائىملىق كىنايە ئادىتى بويىچە ھوما قۇشىنىڭ چىشىسى «سۇمرۇغ» دەپ ئاتاپ تۇرايلى. بىر بوغۇملۇق «ھون» بىلەن «يۇن»نىڭ يىلدىزداشلىقى بويىنچە ھەر ئىككى بوغۇم بېشىدىكى «ھ» ۋە «ي»نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشچانلىقىنى نەزەرگە ئالغىمىزدا، بۇ ھۆكۈم شەكسىزكى «ھون» (يۈن) دىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك نامىنىڭ تارىخى ئەينەنلىكىگە پۈتۈنلەي زىپچىلاشقان.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن غەربى ۋە غەربى شىمالدىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى مۇناسىۋىتى، قەدىمكى يىپەك يولىنى ئاساسى لېنىيە قىلغان، غەرپتىن شەرقكە، شەرىقتىن غەرىپكە ئۈزۇلمەي قاتناپ تۇرغان سودا كارۋانلىرىنىڭ سودا-سېتىق مۇناسىتى، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت سورۇنى، ھەرقايسى سۇلالە ۋە ھەرقايسى خاندانلىق ئەلچىلىرىنىڭ قۇتلۇق قەدەم ئىزى چۈشكەن، جاھان كەزدى سەيياھلارنىڭ ئەلۋەك ئارامگاھى بولغان تىنىچلىق ئاساسىدىكى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت بولۇپ كەلدى. گەرچە ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەت تارىخنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولغان بولسىمۇ، گاھىدا بۇ خىل مۇناسىۋەت ئاندا-ساندىكى رىقابەت ئامىللىرى ئېلىپ كەلگەن زىددىيەت كەسكىنلىكىدە قارمۇ-قارشى قۇتۇپلارغا ئايرىلىپ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارغىمۇ سەۋەپ بولغان. بۇنداق چاغدا ھەرقايسى تەرەپ ئۆزلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باتۇر كۆرسىتىش مەقسىدىدە ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلغۇچى قەۋم ۋە مىللەت توپىغا ئاجايىپ كۈچتۇڭگۈر ھايۋان ۋە يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ نامىنى توتېم ياكى قۇت بەلگىسى قىلىپ قوللىناتتى. خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ئەجدارھا (يىلان) بىلەن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «سۇمرۇغ» (ھۇما) مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بارلىققا كەلگەن. ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىنسانلار ئاتەشپەرەسلىك مەزگىلىدە ئاسمان (كۈن) تەڭرىسى بىلەن يەر تەڭرىسىنى ئاساسى ئىككى ئىلاھ دەپ قارىغاچقا، خەنزۇلار ئەجدەرھا (يىلان)نى يەر ئىلاھى دەپ قاراپ ئۇنى ئۆزىلىرىگە قۇت بەلگىسى قىلدى، ھونلار سۇمرۇغ (ھۇما)نى ئاسمان (كۈن) ئىلاھى دەپ قاراپ ئۇنى ئۆزلىرىگە قۇت بەلگىسى قىلدى. بۇ ئىككى قۇت بەلگىسى بولغان يىلان بىلەن سۇمرۇغنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىدىكى بىر-بىرىگە تۈپتىن قارمۇ-قارشى بولغان قورقۇنۇچلىق ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، يىلان ئاساسەن بارلىق ئۇچار قۇشلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ؛ سۇمرۇغ ئاساسەن يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. بىز بۇ خىل ھۆكىمىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە قەدىمكى ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا نەزەر سالساقلا كۇپايە:

ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ يىلاننى ئوزۇقلۇق قىلىش ئادىتى رەسىمى:

رەسىم (17)

رەسىم (18)

رەسىم (19)

رەسىم (20)




  داۋامى بار


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 01:52 AM  


پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 02:10:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەسىم (21)

خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «ئەجدەرھا» (يىلان)نىڭ قۇشنى ئوزۇقلۇق قىلىش ئادىتى رەسىمى:

رەسىم (22)

رەسىم (23)

رەسىم (24)

رەسىم (25)

رەسىم (26)

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى پادىشاھلىق ۋە ھەرقايسى سولالىلەردە ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغ بىلەن خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ئەجدەرھا (يىلان) ھېچ قاچان بىرلىكتە سىزىلمىغان. بۇ ئىككى رەقىپ قۇت بەلگىسى پەقەت مانجۇ خانلىقى مەزگىلىدىلا بىللە (قوش گېزەك قىلىپ) سىزىلدى. بۇ بەلكىم، مانجۇلارنىڭ ئاجدادى توڭغۇس (تاڭغۇز-شەرقى ئوغۇز)لاردىن كېلىپ چىققانلىقىدىن بولسا كېرەك.

بىللە سىزىلغان ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسى رەسىمى (27):

يۇقۇرقى ئابزاستىكى «...يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇڭجىياڭ شەھرى گاۋمىياۋ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر ئاق رەڭلىك ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇمرۇغىنىڭ سۆرىتى بايقالغان بولۇپ، موتىخەسسلەرنىڭ ھۆكىمىچە 7800 يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكى ئايان بولغان. بۇ بايقاش «سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى»نىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماددىي ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ، ئارخولوگىيە ساھەسىنى زىل-زىلگە سالدى. » دېگەن خۇشخەۋەردىن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسىنىڭ 7000 يىللار مۇقەددەم بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھونلار بىلەن خەنزۇلار تارىخى مۇناسىۋىنىڭ مەزكۇر ۋاقىتتىن باشلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن ھونلارنىڭ 7000 يىلدىن ئارتۇق تارىخى قېرىنداشلىق مۇساپىسىدە گاھىدا خەنزۇلار ھۆكۈمران ئورۇننى ئېگەللىگەن بولسا گاھىدا ھونلار ھۆكۈمران ئورۇننى ئېگەللەپ، ئۇلارنىڭ رىقابەتلىك تارىخى كەچمىشلىرىنىڭ تارىخى يالدامىسى تاكى بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. بىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان مۇنۇ مەدىنىي يادىكارلىق بويىمىغا قاراپ باقايلى:

ھونلار قۇت بەلگىسىنىڭ خەنزۇلارنىڭ قۇت بەلگىسىدىن ئۈستۈن تۇرغان ھەيكەل كۆرۈنىشى رەسىمى (28):




ئىككىنچى دەلىل، ئوبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى «ئەھرىمەن دېۋە» ۋە «سۇمرۇغ» ھەققىدىكى تەسۋىرى:

قاتا- قاتار يىللار ئۆتەر باشلىدى،

شەھرىيار دۆلىتى گۈللەپ ياشنىدى.

دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،

ئەمما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن.

ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،

يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.

بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،

ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.

(«شاھنامە»، 2-، 3- بەتلەر)


پەرزەنتسىزلىكتىن كۆپ ئازاپ چېكىپ سام،

دەرت چېكىپ، دىلىغا ئىزدەيتتى ئارام.

بىر بوۋاق تۇغۇلدى ئاخىر ئانىدىن،

قوياشتەك نۇر چاچار ياتقان جايىدىن.

ھۆسنىدە، چىرايدا ئالەمدە بىر تاق،

ئەمما ئەيبى بار، چاچلىرى ئاپپاق.

بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن،

كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن...»

«جۈپتى ھالالىڭدىن تۇغۇلدى» دەپ چال،

سامغا ئېيتىشقا يوق ھېچكىمدە ماجال.

غۇلىچىنى ئاسمانغا يېيىپ سام پېقىر،

ياراتقانغا نىدا ئەيلەپ قىلدى پىكىر:

«ئەگەر قىلغان بولسام مەن ئېغىر گۇناھ،

دىۋىلەرگە ئەگەشكەن بولسام گەر، گۇناھ.

بۇ شەرمەندىلىكتىن سىقىلدى جېنىم،

نۇمۇستىن تومۇردا  قاينايدۇ قېنىم.

ياتار پالۋان زاتى، بىگۇناھ گۈدەك،

ئاڭا ئاقمۇ بىردەك، قارىمۇ بىردەك.

مېھىرسىز ئاتىسى تاشلاپ قىلدى خار،

ئەمما ئەزىزلىدى پاك پەرۋەردىگار.

(«شاھنامە» 32-33-بەتلەر)

نارېسىدە بالا ياتار بىگۇناھ،

ياتاتتى ئۇ يالغۇز تاپالماي پاناھ.

بىر سۇمرۇغ بالىسىغا ئىزدەيتتى يىمىش،

ئېگىزدىن قىلاتتى يەرنى نامايىش.

كۆردى، بىر بوۋاق يىغلاپ ياتاتتى،

تىپچەكلەپ پۇتلرىن ھەريان ئاتاتتى.

بەزىدە بارمىقىن ئىمەر شوپۇلداپ،

بەزىدە يىغا باشلار ھەدەپ ۋار-ۋارلاپ.

مېھىر سالدى سۇمرۇغ دىلىغا خۇدا،

قەقنۇسلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇ ھەتتا.

بالىنى ئاپتاپتىن ئېلدى سېلىپ چاڭ،

ئاسماندىن تاشلاپ تىز ئۆزىنى، قاراڭ!

ئىلبۇرز تاغ ئۈستىگە چىقتى كۆتۈرۈپ،

ئۇۋىسى ياققا باردى بۇلۇتنى يېرىپ.

سۇمرۇغ بالىلىرىغا تاشلىدى نەزەر،

بوۋاق كۆزلىرىدىن قانلىق ياش ئاقار.

كەرەم قىلغانىدى شەپقەتلىك خەللاق،

تەقدىرنىڭ يازمىشى باشقا ئىدى، باق...

ئاڭا لايىق ئوزۇق ئوۋلاپ كېلەتتى،

سۈت ئورنىغا ھايۋان قېنى ئېمەتتى.

گۈدەك ئۆسمۈر بولدى، يىگىتمۇ بولدى،

ئاستا ئاۋازمۇ جاھاننى ئالدى.

ئادەملەردىن خالىي ئۆسسىمۇ خامۇش،

ئادەملەر تىلىنى ئۆگەتكەندى قۇش.

سۇمرۇغ ئاۋازىدا سۆزلەيتتى چېچەن،

ئەقلى-ھۇش جايىدا،گەپ تاتلىق سۇخەن.

جايىڭ بۇ جاھاندا ئەڭ يورۇق دەرگاھ،

ئىككى قانىتىڭ ماڭا تاج-كۇلاھ.

سۇمرۇغ جاۋاپ بېرىپ دېدى: «سەن ئەگەر

شاھانە تۇرمۇشقا تاشلىساڭ نەزەر،

بۇ جاي كۆرىنەر ساڭا بەكمۇ تار،

يېڭى ھايات چىللار سېنى، ئەمدى بار.

دوستانە مېھىر بىلەن ساڭا باقىمەن،

شۇدەم پادىشاھلىق تەرەپكە ئۇزىتىمەن.

(«شاھنامە» 32-33-34-35-بەتلەر)

مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ھەتتا نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى پارس خەلقىنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان بۇ تارىخى داستاننىڭ جەۋھىرى بولغان ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قەلەمگە ئالغان «شاھنامە»نىڭ بىز يۇقۇردا تەكىتلىگەن پارچىلىرىدا ئىران شاھلىرى ۋە ئىران خەلقى تۇرانلارنى «ئەھرىمەن دېۋە»گە ئوخشىتىپ:

دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،

ئەمما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن.

ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،

يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.

بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،

ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.

بايانى بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»نىڭ بالىسىنى بۆرىگە ئوخشىتىپ، بىزگە ئىختىيارسىز ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىنى توتېم قىلغانلىقىدەك «ئوغۇنامە»دىكى تارىخى كەچمىشنى ئەسلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سام ئۇيغۇر (بۆرى)گە ئوخشاش سىياقتا تۇغۇلۇپ قالغان پەرزەنتى زالنى باياۋان چۆلگە تاشلىۋەتكەندە ئۇنى سۇمرۇغنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشى تەپەككۇرىمىزنى ئالاھىدە غىدىقلايدۇ. دېمىسىمۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسان بالىسىنى بىر قۇشنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشى ھېچقانداق ئەقىلغا سىغمايدىغان پەۋقۇلاددە ھادىسە بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە سۇمرۇغقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ياكى سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلغان مەلۇم ئىنسان توپىنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا (زال)غا خەيرىخاھلىق قىلىپ ئۆز ھامىسىغا ئالغانلىقىدەك تارىخى ئەسلىمە بولىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرغا ئوخشاش تۇغۇلۇپ قالغان بالىنى تاشلىۋەكتەندە ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىدە ياكى قەدىمكى ئىران بىلەن دوستانە ئۆتىۋاتقان خوشنا ئەلدىن قايسى بىر كىشى بۇ بالىغا شاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قورۇقماي ھامىلىق قىلالىشى مۇمكىن؟ بۆرىگە ئوخشاش تۇغۇلۇپ قالغان بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئىھتىماللىقى پەقەت تۇران (ئۇيغۇر)لاردا... دېمىسىمۇ، تارىختا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان تۇران بىلەن ئىراننىڭ ئايىغى چىقماس مارافونچە جەڭگە-جېدەللىرى ھەر ئىككى تەرەپنى زىيادە ھالسىراتقانلىقتىن، تۇران تەرەپ ئىككى دۆلەت زىددىيىتىنى پەسەيتىش مەخسىدىدە ئەۋلاتلار ئىجىللىقىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن شۇبۇ بۆرە نۇسخىسىدىكى شاھ پەرزەنتى تاكتىكىسىنى يۈرگۈزگەن بولۇش ئىھتىمالەنلىكى چوقۇم. «شاھنامە»داستانىدىكى سامنىڭ ئۆز خانىشىدىن كۈنلەپ قېتىلغان كۈلكىلىك مۇنۇ بېيىت ھۆكۈمىمىزنى تېخىمۇ قۇۋەتلەش كۈچىگە ئېگە:

بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن،

كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن.

ئەگەر باشقىچىرەك بولۇپ چىقسا ئىش،

سىرنى ئانىسىدىن كېرەكتۇر بىلىش.

(«شاھنامە» 12-33-بەتلەر)

دېمەككى، سامنىڭ پەرزەنتىنى بېقىۋالغۇچى تۇرانلار ئىچىدىكى سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلغان مەلۇم قەبىلە بولىشى چوقۇم. «شاھنامە»دە «ئەھرىمەن دېۋە» بىلەن «سۇمرۇغ» سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بىر جۈپ ئۇقۇم تەرزدە بولۇپ. ئەھرىمەن دېۋە سام پەرزەنتىنى «بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن» تەسۋىرىگە كەلتۈرسە، سۇمرۇغ ئەھرىمەن دېۋىنىڭ تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ھالەتتە كېلىپ، ئەھرىمەن دېۋە بىلەن سۇمرۇغنىڭ ئېتنىك مەنبە بىردەكلىكى ھۆكۈمىنى پەيدا قىلىشىمىزغا سەۋەپ تۇغدۇرىدۇ.

ئۈچىنچى دەلىل، «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا مەھمۇد بوۋىمىز » ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈ*رك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خۇزخۇر› دەپ ئاتىلىپتۇ.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت) دېگەن باياندىكى «ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن...» تەسۋىر بىلەن تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە»دە «...شۇڭقارنىڭ ئاڭاغۇسۇ ئۇشبۇ تۇرۇر...» («ئوغۇزنامە» 1980-يىلى بىرىنچى نەشرى، 26-بەت) دېگەن قۇر ئاستىغا شۇڭقارغا ئوخشىمايدىغان بەلكى بىز يۇقۇردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سۇمرۇغقا ئەينەن ئوخشايدىغان سۆرەتنىڭ بېرىلىشى. يەنە ئۇشبۇ «ئوغۇزنامە»دە قىرىق غۇلاچ خادا ئۈستىگە ئالتۇن توخۇ («تاغۇق»)، كۆمۈش توخۇ («تاغۇق») قويدى دېگەن بايان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانلىرى ۋە تارىخى قىسسىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئۇچار قۇشلارنىڭ قۇت بەلگىسى سۈپۈتىدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىشى ھەرقانداق ئوقۇرمەننى تەئەججۈپلەندۇرمەي قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغىنىمىزدەك، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخولوگلارنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشى ئاستىدىكى مىلادىدىن 4000 يىللار مۇقەددەم تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ چەكسىز ئىپتىدائىي ئورمانلىق، سازلىق ۋە ئېكىنزارلىق ئەۋزەل ئېكولوگېيىلىك شارائىت ئاستىدا سۇمرۇغنىڭ ياشاش موھىيىتى تولۇق ھازىرلانغان بولسا، بۇ ئىككى ئويمانلىقنىڭ كېيىنچە قۇرغاقلىشىش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ رايۇندىكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولىشى سەۋەپلىك سۇمرۇغدىن ئىبارەت بۇ نەچچە مىڭ يىللىق قۇت بەلگىمىزنى گاھىدا لاچىن، گاھىدا شۇڭقار، گاھىدا توخۇ تەزردە تەسەۋۋۇرىمىزدا خاتا ھالدا زايىر بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز بۇ ئىھتىماللىقنى نەزەرگە ئالمىغان ئەھۋالدىمۇ، پۈتكۈل تۈركىي قەۋملىرىنىڭ ھەرخىل ئۇچار قۇشلارنى قۇت بەلگىسى قىلىش ئومۇمىيىتىنى نەزەگە ئېلىپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ شاھ قەبىلىسىنىڭ سۇمرۇغنى قۇت بەلگىسى قىلىشىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.

تۆتىنچى دەلىل، سۇمرۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قۇت بەلگىسى بولغاچقا پەررىدن ئەتتار بىلەن ناۋائىي ھەم ئۇنىڭدىن ئىگىرىكى پىشىۋالىرىمىز داستان، غەزەللەر ۋە ھېكمەتنامىلەر تۈزۈشكەن. بۇنىڭ تىپىك ئۆلگىسى ناۋائىينىڭ «مەنتىقۇتتەيىر» (قۇشلار تىلى) ناملىق داستانىدۇر. ئۇنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى (قانات پىيى) توغرىسىدا:

دىدى ھۇدھۇد كىم بۇ ئىش بولمىش يەقىن،

كىم ئىرۇر مەشرىقدە شەھرى ئاتى چىن.

شەھرى يوقكىم ۋۇسئەت ئىچرە بۇ جاھان،

ئول جاھان خەلقى ساۋادىندا نىھان.

خەتتەسى خۇشراق ئىرەم گۈلزارىدىن،

سۈيى دىلكەشراق بىھىشت ئەنھارىدىن.

بىر كېچە ئول شاھى دۆلەت ئاشىيان،

دەھر ئارا پەرۋازىنى ئەيلەپ ئايان.

ئىتتىپاقا سەير تۈشمىش چىن سارى،

ئول ساۋادى مۈلك خۇد ئايىن سارى.

ئول تۈن ئول كىشىۋەر سەراسەر يارۇمىش،

ۋاقىف ئەلنى بىشۇئۇر ئەتمىش ئول ئىش.

سىلكىنىپ چىن سارى تۈشمىش بىر پەرى،

تاپمىش ئاندىن زىيىب پەرھىن كىشىۋەرى.

رەڭگى، نىقىش ئول بىر دەغايەتتىن پۇزۇن،

كىم ئۇنىڭ شەرھىدە بولغاي سۆز ئۇزۇن.

تاڭلاسى چۈن كەلمىش ئەل ئۇز ھالىغە،

باقىپ ئول پەر رەڭ بىلە ئەشكالىغە.

ھەر كىشى باغلاپ تەخەييۇلدىن قەلەم،

قىلمىش ئول پەر نەقشىدىن تەرھى رەقەم.

بارچەنىڭ نەقشى خىيال ئەندىشەسى،

بۇ ئىش ئاندىن بولماس ئول ئېل پىشەسى.

ھەر كىشىنى قىلمىش ئول نەقىشى خىيال،

نەقىش تەسۋىر ئەمرىدە ساھىب كامال.

ئاتى مانى خامەسى مۇئىجىز ناماي،

سەنئىتى نەززارەسى ھەيرەت پەزاي.

بۇيلە نىسبەتلەردىن ئەھلى مەئىنەۋى،

چىندا دەرلەر كارگاھى مەئىنەۋى.

ئول پەر ئەمدى گويىياكىم چىندادۇر،

ھۆردەك ئول مۇلك خۇلد ئايىندادۇر.

بۇ ئىمىش بۇ پەر زوھۇرىنىڭ ئىشى،

مۇندىن ئارتۇق پەھىم قىلمايدۇ كىشى.

كۆرمەكىدىن كىمە دەم ئۇرمايدۇرۇر،

سۆزنى بۇ غايەتكە يەتكۈرمەيدۇرۇر.

زاتىدىن مىدەيدۇر ئول خۇدكىمە سۆز،

كىم ئېرۇر كۆر ئاندا ھەر بەندىدە كۆز.

ئول پەي ئۆزرە ھەر تەرەپ تارى ئانىڭ،

پىل سۇپاتىنىڭ نەمۇدارى ئانىڭ.

بى ئەدەد نەقىش ئولدى ئول پەر ھالىدىن،

ناقىل ئول پەر ساھىبى ئەفئالىدىن.

رەڭلار ئول پەردە بىھەد بىقىياس،

ھۆكىم ئەسماسىغە قىلدى رەھ شۇناس.

كىمە تەۋف ۋە سىررى ئەھۋالىن دىمەس،

ھەرگىز ئاندىن ھىچ پەر خالى ئىمەس.

ئەمرۇ نەھى بارچىمىزغە پەرز ئەين،

تەركى ئەمرۇ نەھيىدە يۈز شۈرەشىن.

كەلدى مەئىمۇرىغە ئۈمىدى ۋىسال،

ئاسى ۋە جافىسىغە بىمۇ- نىكال.

چۈشتى قۇشلارغا بۇ ھالەتتىن خۇرۇش،

شەۋق سالدى ھەر بىرى كۆڭلىگە جۇش.

«چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى توغرىسىدا بايان» ناھايىتى موھىم بولغاچقا ئۇنىڭ نەسرى تەرجىمىسىنىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر...

ھۆپۈپ دىدىكى: بۇ، كۈن چىقىش تەرەپتىكى چىن ناملىق شەھەردە بولغان ۋەقە... دۇنيادا چىن شەھرىدەك كەڭ شەھەر يوق، ئەمما جاھان خەلقى ئۇنى بىلمەيدۇ... ئۇ شەھەرنىڭ بوستانلىرى ئىرەم باغنىڭ گۈلزارىدىن ياخشىراق، ئۇنىڭ سۆيى جەننەتتىكى ھەۋزىكەۋسەرنىڭ سۈيىدىنمۇ دىلكەشراق... بىر كېچىسى ئۇ دۆلەتنىڭ شاھى ئاشيانىسىدە تۇرۇپ ئالەم ئارا پەرۋاز قىلماقچى بولدى... پايانسىز، گۈزەل چىن مەملىكىتىگە سەيلە قىلىشنى قارار قىلدى... شۇ كېچىسى چىن مەملىكىتى پۈتۈنلەي يورۇپ كېتىپ، ۋاقىپ بولغان كىشىلەر مەس، بىھۇش بولغانمىش... سۇمرۇغنىڭ سىلكىنىشى بىلەن بىر تال پىيى يەرگە چۈشۈپ، پۈتۈن چىن مەملىكىتى ئۇنىڭدىن زىننەت تاپقانمىش... ئول پەينىڭ رەڭدارلىقى نەقشىدارلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ... ئەتىسى ئەل ئۆز ئۆز ھالىغا كېلىپ، ئۇ پەينىڭ رەڭگى ۋە شەكلىگە قاراپ... ھەر كىشى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇ پەينىڭ نەقشىنى سىزغانمىش... بارچە نەققاشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەقىشلىرىنىڭ ھەممىدىن يۇقۇرى بولىشىنىلا ئويلايتتى... بۇ نەقىشنى كۆرگەن ھەربىر كىشى تەسۋىرى سەنئەتتە شۇنداق كامالەت ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى... شۇلاردىن بىرى بولغان مانى ئىسىملىك كىشىنىڭ قەلىمى مۆجىزىلىك قەلەم بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئىتى كۆرگىچىلەرنى ھەيران قالدۇراتتى... بىلىمدانلار بۇ ئىشلارغا قاراپ، ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ كارخانىسى چىن مەملىكىتىدە دەيدۇ... بۇنىڭدىن ئارتۇغىنى بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ گۈزەللىك شۇ پەينىڭ شۇ زىمىنغا چۈشكەنلىكىدىندۇر... كىشىلەر بۇنى كۆرگەنلىكىدىن ئارتۇق گەپ قىلىشمايدۇ... كىشىلەرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندەكلا، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ زاتى توغرىسىدا دىيەلمەيدۇ... ئۇ پەينىڭ ھەر تەرەپتىكى تارىلىرى پىلنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ... نەققاش ئۇ پەينىڭ ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىدىن ۋە ئۇ پەينىڭ ئەھۋلىدىن سان-ساناقسىز نەقىشلەرنى ئىشلىدى... ئۇ پەيدىكى قىياسقا سىغمايدىغان رەڭلەر ئۇنىڭ ئىسىملىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ... كېچ كىشى ئۇنىڭ سىرىنى دىمەيدۇكى، ئۇنىڭ ھەر بىر قانات پىيى خىسلەتلەردىن خالى ئەمەس... ئەمىرىنى قىلىش، نەھيىدىن يېنىش ھەممىمىزگە پەرز بولۇپ، بۇنى قىلمىساق نۇرغۇن غەۋغالار يۈز بېرىدۇ... ئەمىر ۋە نەھيىنى بىجا كەلتۈرگەنلەرگە ۋەسىلنىڭ ئۈمۈدى بار، گۇناھكارلارغا قورقۇنچ ۋە ئازاپ بار... قۇشلار بۇ ئەھۋالدىن غۇلغۇلىغا چۈشۈپ، قەلبىدە ئىتتىپاقلىرى قايناپ تاشتى...

ھۆپۈپنىڭ سۇمرۇغ ھەققىدە ھېكايە قىلىشى، مۇھەببەت ئوتىنىڭ قۇشلارنىڭ دىلىدىن تىلىغا ئۆتىشى

ھىچقايسى قەۋم ئارا يوق بۇيلە شاھ،

ئانسىز ئولغانلارغا يۈز مىڭ دەرت ئاھ.

دىدىلار ھۇددۇغەكىم، ئى پىشىۋا،

بۇيلە شاھنىڭ پۇرقەتى ئەرمەس راۋا.

دەھىر ئارا بولغاي بۇ يەڭلىغ شاھىمىز،

بارچە تۈرلىل ھالدىن ئاگاھىمىز.

بىر خىجالەتكە كىرىپتار ئولغامىز،

پۇرقەتى ئاشۇبىدىن زار ئولغايمىز.

بۇيلە غەپلەتكە ئۆلۈم راجىھ دۇرۇر،

ئەھلى ھۇش ئالىندا بۇ ۋازىھ دۇرۇر.

سەن ئارامزدە چۇ كەلدىڭ رەھ شۇناس،

بارچەمىزدىن بۇدۇر ئەمدى ئىلتىماس.

كىم بارىغە مۇقتەرالىق قىلغاسىن،

بۇ سەپەردە پىشىۋالىق قىلغاسىن.

كىرگامىز ئول شەھيولىغە جان بىلە،

جان ئاۋۇچلاپ دىدەئى كىريان بىلە.

ۋەسىل كامىن ئەيلەگەيمىز مۇلتەمەس،

ئىستەمەكتىن تىنماغايمىز بىر نەپەس.

ئانچە ئۇرغايمىز بۇ يولدا بالۇ پەر،

ئەيلەگەيمىز قەتئى ئانچە بەھرۇبەر.

كىم ۋىسال كامىغە يا يەتكەمىز،

يا تەمەنناسىدا جان تەرك ئەتكەيمىز.

بەشىنچى دەلىل، تاڭ دەۋرى شائىرى يۈەن جىڭ بىلەن لى بەينىڭ سۇمرۇغنى ئۇيغۇرلارغا سىمۋول قىلىپ يازغان شېئىرلىرى:

يۈەن جىڭ

بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئاياللار مەشغۇلى،

زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.

سۇمرۇغ ئاتەشنىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولسا ئەگەر،

نەۋ باھار بۇلبۇل كۈيى ياڭرايتتى بىر سالقىن ھامان.

ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ-زىننەت، تىل ئۆگىنىش،

بولدى بەس-بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.

(«شىنجانىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى» 41-بەت)

لى بەي

يولۋاسلار تەڭ ساز ياڭرىتىپ، ئەنقا-سۇمرۇغ ھارۋا تارتىپ،

پەرىشتىلەر كۆز ئالدىمدىن سەلتەنەتتە ئۆتتى شۇنداق.

(«تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» 34-بەت)

يۈەن جىڭ شېئىرىنىڭ ئىككىنچى بېيىتىدا سۇمرۇغقا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيغۇر قىزلىرى ساز بىلەن مۇڭ قىلسا نەۋ باھارنى ئەسلىتەتتى دېگەن مەنا ئەكىس ئەتكەن. لى بەينىڭ بېيىتىدىكى «ئەنقا -سۇمرۇغ ھارۋا تارتىپ» دېگەن مەزمۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ھارۋا ۋە ئېگىز ھارۋا ياسىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان «ئەنقا-سۇمرۇغ»نى ئۇيغۇرلارغا تەڭداش ئۇقۇم تەرىزدە ئالغان.

ئالتىنچى دەلىل، «چىن (秦)نىڭ ئەجدادى-قەبىلە ئاقساقىلى چۈەن شۈنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان قىز نۈشيۇ رەخىت توقىۋاتقاندا ئالدىغان چۈشكەن قالغاچنىڭ تۇخۇمىنى يەپ قويغانلىقتىن دايى ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغىدۇ...دايىنىڭ ئوغلى دافېي بولۇپ قەبىلە ئاقساقىلى شۇن ئۇنىڭغا يىڭ (赢) فامىلىسىنى سوۋغا قىلىدۇ...دافېي دالىيەن (大廉  يەنى نىياۋسۇشى 鸟俗氏) ۋە رۇمۇ () دەپ ئىككى ئوغۇل كۆرگەن... دالىيەننىڭ چەۋرىسى جۇڭيەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرىكى قۇشقا ئوخشايدىكەن ئەمما ئادەمدەك سۆزلەيدىكەن، شاڭ خانى تەيۋۇ () ئۇنى ھارۋىكەش قىلغان. (جۇڭ يەننىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن فېي لىيەن، ئې لەي شاڭ خانى جۇۋغا خىزمەت قىلغان.» بۇ ئابزاستىكى قىز نۈشيۇنىڭ قالغاچ تۇخۇمىنى يەپ ئېغىر ئاياق بولۇپ قېلىشى تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىنىڭ ئىشىنىش دائىرىسىدىكى تارىخى ئەينەنلىك ئەمەس.

نۈشيۇنىڭ قالغاچ تۇخۇمىنى يەپ قويغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى تارىخى ئابىدىگە قاراپ باقايلى:

رەسىم (29)

رەسىمدىكى قۇش بىز يۇقۇردا كۆرسەتكەن ئافرىقا ۋە ئاۋىستىرالەيدىكى سۇمغۇرنىڭ ئەينەن ئۆزى بولۇپ، بۇ ئىككى قۇشنىڭ سۆل تەرىپىدىكى قۇشنىڭ تۇرۇش ھالىتى «ئۇغۇزنامە»دىكى شۇڭقارنىڭ ھالىتى بىلەن تامامەن ئوخشاش («ئوغۇزنامە» 26-بەت):

رەسىم (30)

«تارىخىي خاتىرىلەر» بىلەن «ئوغۇزنامە»نىڭ بىرىدە «قالغاچ»، بىرىدە «شۇڭقار» دەپ خاتا ھالدا ئاتىلىپ ئەمەلىيەتتە «ئوغۇزنامە»نىڭ قەغەز يۈزىگە سىزىلغان قۇشنىڭ سۆرىتى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تەسۋىرىمىزدىكى سۇمرۇغقا ئوخشاپ قالىدۇ؟ بىز «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «قالغاچ»نىڭ ئىككى ئاچىماق قۇيرۇقى بىلەن سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال ئۇزۇن قۇيرۇقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرگىنىمىزدە مەسىنىڭ ماھايىتى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ قالىدۇ:

سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال ئۇزۇن قۇيرىقى:

رەسىم (31)

رەسىم (32)

رەسىم (33)

رەسىم (34)

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال قۇيرۇقلۇق قىلىپ سىزىلغان رەسىمى:

رەسىم (35)

يۇقارقى بەش رەسىمنى بىرگەۋدە قىلىپ قارايدىغان بولساق «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى «قالغاچ»نىڭ ئىككى تال قۇيرۇقى ھازىرقى ئافرىقىنىڭ كېنىيەدە ۋە ئاۋىستىرالىيىدىكى سۇمرۇغنىڭ ئىككى تال قۇيرىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. «ئوغۇزنامە»دىكى خاتا ئاتالغان «شۇڭقار» بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنە شۇ «ئوغۇزنامە»گە سىزىلغان شۇڭقار رەسىمى بىلەن ھازىرقى سۇمرۇغنىڭ قىياپىتى تامامەن بىردەك.

سۇمرۇغنىڭ تارىخنامىلەردىكى ئوبرازىنىڭ گاھى «قالغاچ»قا، گاھى «شۇڭقار»غا، گاھى «ياۋا توخا» (قىرغاۋۇلغا) ئوخشاش سىزىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، ئارخىلوگلارنىڭ ھۆكىمى بويىچە تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىنىڭ 4000 يىللار مۇقەددەم قۇملىشىش ۋە قۇرغاقىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن سۇمرۇغنىڭمۇ بۇ رايۇندىكى نەسلىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن كېيىنكىلەر ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغنىڭ سىزىلىشىدا ۋە ھەيكىلىدە تارىخىي چىنلىق ئەكىس ئەتمىگەنلىكى چوقۇم.

بىز «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى: «دالىيەننىڭ چەۋرىسى مىڭشى جۇڭيەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرىكى قۇشقا ئوخشايدىكەن، ئەمما ئۇ ئادەمدەك سۆزلەيدىكەن. شاڭ خانى ئۇنى ھارۋىكەش قىلماقچى بولۇپ، پال سالدۇرۇپ كۆرگەنىدى، پال چوڭ ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرگەن...» دېگەن بۇ كۈلكىلىك بايانغا قارايدىغان بولساق، ئادەمنىڭ قۇشقا ئوخشاش ھالەتتە بولىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا «جۇڭ يەن»نىڭ ھون (ئۇيغۇر)لارغا ئوخشاش مويلۇق، مەيدىسى قويۇق تۈك قاپلىغانقى سەۋەپلىك «قۇش مەيدە» تەسۋىرىدە كەلگەنلىكىگە، يەنە بىر قېتىم قاقاھلاپ كۈلمەي قالمايمىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭ يەننىڭ پادىشاھقا ھارۋىكەش بولىشىغا قاراپ ھون (ئۇيغۇر)لارنىڭ تارىختىكى ئېگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) دېگەن پەخرى نامىنىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئەسلەپ قالىمىز... ئەگەر بىز «جۇڭ يەن»گە ھەقىقى ئەجدات لەقىمى قويماقچى بولساق «قۇش مەيدە» ئەمەس «سۇمرۇغ مەيدە» بولىشى كېرك ئەلۋەتتە...

يەتتىنچى دەلىل، بىز ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى سۇمرۇغ سۆرىتىنىڭ خۇنەندىن بايقىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىك ئەمەس. خۇنەن بولسا مەملىكىتىمىز شالچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى، سۇمرۇغنىڭ دۇنياغا كېلىشى قەدىمىي شالچىلىك مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۇمرۇغ ئەسلىدىنلا شالچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى. چاڭشادىكى داتاڭ خارابىسىدىن بايقالغان 7000 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتىدە سۇمرۇغ دەل شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئىدى...» دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرگۈچى، شال مايسىسىنى چىشلەپ تۇرغان ئاجايىپ بەدىئىي قىياپەتتىكى بۇ سۇمرۇغ ھەيكىلىدىن ھوزۇرلانغاچ تەپەككۇرىمىزنى تارىخنامىلەرگە ۋە تارىخى داستانلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى:

رەسىم (36)



«شاھنامە»دىن پارچىلار:

شاھقا ھالاللىق بولغاچ مۇيەسسەر،

بېشىغا نۇر يېغىپ بولدى مۇنەۋۋەر.

ئەھرىمەن دىۋىنى يېڭىپ ئۇرۇشتا،

مىندى تىزگىن قىلىپ يالىنى قولدا.

شۇندىن بۇيان توقۇپ خالىغان زامان،

مىنىپ كېزەر بولدى پادىشاھ جاھان.

جىنلار كۆرۈپ بۇ ئاجايىپ ئىشنى،

ئىسيان كۆتۈرۈشتى باشلاپ ئۇرۇشنى.

نەرە تارتىپ كېلەر قارا دېۋە پىشىۋاز،

ئاسمانغا يېتەتتى ھۆركىرىگەن ئاۋاز.

ئۇزۇنغا سوزۇلماي ئۇرۇش تۈگىدى،

نۇرغۇن دىۋىلەرنىڭ بېشى كېسىلدى.

ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ خوتۇنى ئەرسىز،

قالغانلىرىنى بولسا قىلىشتى ئەركسىز.

باغلاپ سۆرەپ كەتتى كەتتى، بارۇ خارۇزار،

ئىلتىجا قىلاتتى بارى زارۇزار.

«بىزنى ئۆلتۈرمىسەڭ يېڭى بىر ھۈنەر

ئۆگۈتۈپ قوياتتۇق سىلەرگە يارار»

ھەممىسىگە ھايات بەخش قىلدى شاھ،

يېڭى ھۈنەرلەردىن بولاي دەپ گاھ-گاھ

يېشىلگەچ پۇت قولىدىن ئىشكەل ۋە زەنجىر،

ئۆتۈشتى پادىشاھ پادىشاھ تەرەپكە ئاخىر.

شاھقا ئۆگىتىشتى خەت يېزىش سىرىن،

دىلىغا تولدۇرۇپ مەرىپەت نۇرىن.

بىرلا يېزىق ئەمەس ئوتتۇز يېزىقنى،

ئەرەپچە، رۇمچە، پارىسچە ئوقۇشنى،

سوغدىيۇ، چىنيۇ، پەھلەۋىنى ھەم،

شاھ يېزىپ ئوقۇيتتى ھەممىسىن ئىلدام،

پەقەت ئوتتۇز يىل ئۇ شاھ بولدى ئاخىر.

(7-، 8-بەتلەر)

(شاھ) خەلىققە ئۆگەتتى قوي يۇڭىنى ئېلىپ،

ئۇنى ئېگىرىشنى ئۇرچۇققا سېلىپ.

ئۆگەتتى ئېگىرىش، توقۇشنىمۇ ھەم،

يۇڭىدىن توقىماقچى ماتايۇ گىلەم.

تىز ماڭار جانىۋار بولسا بېقىشنى،

ئارپا، سۇلۇ يىغىپ قىش ئۈتكۈزۈشنى.

(7-بەت)

(شاھ) ئېرىقلارغا يوللاپ ئابى كەۋسەرنى،

ئاسان قىلدى ئىنسان جاپاسىنى.

ئاۋامنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىماق ئۈچۈن،

تېرىشقا يىغىشقا ئۆگەتتى پۈتۈن.

ھەركىم تېرىپ تاپار ئۆز نېىنى،

كۆچمەنچىلىك ئەمدى قىينىماس جېنىنى.

بۇرۇن بۇ ئىشلار ئەمەستى ئادەت،

ياۋا مېۋىلەردىن باشقا يوق نېمەت.

كىشىلەر ھەمىشە يۈرەتتى ئاچ-توق،

بىر تېرىدىن باشقا يېپىنچىسى يوق.

(5-بەت)

«تارىخى خاتىرىلەر»دىن:

خۇاڭدى (شۋەن يۋەن)... بەش ئەناسىرنىڭ تەبىتى بويىچە بەش خىل زىرائەت ئۆستۈردى. ئاھالىلەرگە خەمخورلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ باش-كۆزىنى سىلىدى... ئۆي جاي سېلىپ، كېيىم كېچەك تىكىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى. ھەرخىل زىرائەت ۋە ئۆت-گىياھ دەرەخلەرنى ۋاقتىدا تېرىپ، تىكىپ ئۆستۈردى... خەلقنى سۇ، ئوت ۋە ھەممە بايلىقنى تېجەپ ئىشلىتىشكە ئۆگەتتى. تۇپراقنىڭ خاسىيىتىدىن بىشارەت بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇاڭدى (پادىشاھ)دېگەن نام قارار تاپتى.» ( «تارىخى خاتىرىلەر» ئۇيغۇرچە، ‹1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى› 16- 17- 18-بەتلەر)

«ئوغۇزنامە»دىن:

«... ‹ئىتىلنىڭ سۆيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟› لەشكەرلەر ئىچىدە ئولۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بار بار ئىدى. ئۇ قابىلەتلىك ۋە ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال -ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ... ئاشۇ ياغاچلارنى كەستى. ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شاتلىنىپ كۈلدى، ئېيتتىكى: <ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ...» (52-بەت). «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى... بۇ ئايغىر ئات كۆزدىن يۈتتى... ئۇ ئات مۇزتاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى... لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى، ئۇ ھېچنىمىدىن قورۇقماس باتۇر ئادەم ئىدى... ئۇ ئايغىرنى ھازىر قىلدى (ئايغىرنى تۇتۇپ چىقتى)... ئوغۇزخان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى: «ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق...» (53-54-بەتلەر).   «... لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستام بار ئىدى... ئۇ تۆمۈر دۇقاغۇل ئىدى... <سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى (قۇلۇپلاقلىق تۆمۈر ئىشىكنى دېمەكچى ئاچ... (ئۇنىڭغا) قالاچ دەپ ئات قويدى...»

يۇقارقى «شاھنامە» ۋە «تارىخىي خاتىرىلەر»دە كىشىلەرگە دېھقانچىلىق قىلىشنى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىشنى ۋە رەخت توقۇشنى نېمە ئۈچۈن پادىشاھ ئاۋام پۇقرالارغا ئۆگىتىدۇ؟ ئىشلەپ چىقىرىشقا بىۋاستە قاتنىشىدىغان ۋە مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش تەجىربىسىگە ئېگە ئاۋام- پۇخرا نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ئىقتىرانى يارىتالمايدۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىچە «ئوغۇزنامە»دە نىمە ئۈچۈن يۇقارقى كەشپىياتلارنى ئاۋام-پۇقرا كەشىپ قىلىدۇ؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، «ئەھرىمەن دېۋە» ئىران شاھى «ھۇشەڭ» ۋە «تەھمۇرەس»كە 30 خىل يېزىقنى، تېرىقچىلىق قىلىشنى ۋە توقىمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى... ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھ «شۋەن يۋەن»گە شال ئۇرۇقىنى سۇمرۇغ تاشلاپ بەردى...

تارىخى مەنتىقىگە ئۇيغۇن شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، قەدىمكى زامانلاردا يات ئەلدىن كەلگەن دىن تارقاتقۇچىلار، ئەلچىلەر، سەيياھلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئاۋال كۆرىشىدىغىنى شۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھ، ۋەزىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. بۇ سەۋەپلىك يات ئەلنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەر سەنئىتى ۋە ھەرخىل يېڭىلىقلىرى ئاۋال ئوردا ئارقىلىق ئاندىن ئاۋام پۇقرا ئىچىگە ئۆزلىشىدۇ. بىز بۇ تارىخى مەنتىقىسىز ھەرقانداق پادىشاھنى ئوردىدا خارامان يۈرۈپ، ھېچقانداق ئىشلەپچىرىشقا بىۋاستە قاتناشماي تۇرۇپ ئاۋام -پۇقراغا تېرىقچىلىق ۋە قول-ھۈنەر تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى دېيەلمەيمىز... دېمەككى «ئوغۇزنامە»دىكى ھەرخىل ئىقتىرانىڭ ئاۋام تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى شەكسىز تارىخى ھەقىقەت!...

«شاھنامە»دە ئىرانلار ۋە پارىسلارنىڭ قەدىمكى تۇران (ئۇيغۇر~ ھون)لارنى «ئەھرىمەن دېۋە» دەپ ئېلىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىگە قاراپ باقايلى؛ «ئەھرىمەن دېۋە» ئاتالغۇسىدىكى «دېۋە»گە «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا: «تەۋە- تۆگە. بىرلىك ۋە كۆپلۈك ئۈچۈن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. ئىككى مەخرەج ئارىسىدىكى ‹ۋ› بىلەن ئېيتىلىدۇ. ئوغۇزلار بۇنى ‹دەۋە› دەيدۇ.» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 3-قىسىم، 311- بەت). «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى ئوغۇزلارنىڭ تىل ئادىتىدىكى ھازىرقى تۆگە نامىنى كۆرسىتىدىغان «دەۋە» بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «دېۋە»نى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ئە» ۋە «ئې» قىسمەن پەرقنى نەزەرگە ئالمىغاندا ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش ئاتالغۇ بولۇپ، «ئە» بىلەن «ئې» تاۋۇشىنىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىش ۋە ئۆتۈشۈشچانلىقى ئىنتايىن تىز. مەسىلەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە «ئەلى»نى «ئېلى»، «سەلىم»نى «سېلىم» دەپ ئاتاش ئادىتىدە «ئە» تاۋۇشى بىلەن «ئې» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشىغا ۋاقىت پەرقى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز ھاجەتسىز. تۆگىنى كۆرسىتىدىغان ئوغۇزلارنىڭ «دەۋە» ئاتالغۇسىدىكى ئىككى بوغۇم «دە» بىلەن «ۋە» بىرلىكتە تەلەپپۇز قىلىنغاندا «دە»دىكى «ئە» بىلەن «ۋە»دىكى «ۋ» ئۇچرۇشۇپ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ يەڭگىللىك ئادىتى بويىچە ئەسلىدىكى «دەۋە» بويىچە ئەمەس بەلكى «دىۋە» ياكى «دېۋە» تىل ئىستىمالىغا يۈزلىنىدۇ. دېمەك، «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «دېۋە» بىلەن ئوغۇزلارنىڭ تىل ئادىتىدىكى «دەۋە»نىڭ ئوخشاشلىق تىل ھەقىقىتىدىن تۆگىنىڭ ئىككى ياكى بىر لوكىلىق ئاجايىپ بەھەيۋەت زور مەخلۇق ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن «چۆل كېمىسى» دېگەن تەمسىلىدىن ھوزۇرلانغاچ، «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «ئەھرىمەن»نىڭ زادى قانداق ئاتالغۇ، قانداق تىل يىلدىزىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تىل ئامبىرى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىن مۇئەييەن ئۇچۇرغا ئېگە بولۇپ باقايلى؛ «ئۇرۇمزۇن- بوياق (يىپەك بويىقى)» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 1-قىسىم 186-بەت). «ئۇرۇمزۇن»دىكى «زۇن» رەڭنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھېلىھەم ئاياللار ۋە قىزلار بوينىغا ئاسىدىغان مارجان-ھېقىقلارنى «زۇننار» دەپ ئاتاپ، «زۇننار»دىكى «زۇن» ئارقىلىق «ئۇرۇمزۇن»دىكى «زۇن»نى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ يەردىكى «زۇن» پەقەت ۋە پەقەت بوياق ۋە رەڭنىلا كۆرسىتىدۇ. «زۇن»غا ئالدى قوشۇلغۇچى ياكى ئارقا قوشۇلغۇچى ئۇلانغاندا ئېگىلىك قوشۇمچىسى ھاسىل بولۇپ، «زۇن»نىڭ ئالدى ۋە ئاقا قوشۇلغۇچىسى «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سۇئالغا ئېنىقلما بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇ نېمىنىڭ بويىقى؟ بۇ ئەتلەسنىڭ بويىقى؛ بۇ قانداق بوياق؟ بۇ ماتا بويايدىغان بوياق... دېمەككى، «ئۇرۇمزۇن»-يىپەك بويقى (يىپەكنىڭ رېڭى) بولۇپ. بىز «ئۇرۇمزۇن»دىكى «ئۇرۇم» بىلەن «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوڭ تەرەپتە ئالتۇنخانلىق... سول تەرەپتە ئۇرۇم خاقان بار ئىدى...» دېگەن تارىخى باياندىكى «ئۇرۇم»غا نەزەر سالساق «ئۇرۇم»نىڭ تىل يىلتىزىنى قېزىشقا بولغان ئىشتىياقىمىزنىڭ ئوتتەك يېلىجاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز... بىز ھازىرمۇ، ئاياللار ۋە قىزلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ «ئۆرۈمچاچ» دەپ ئاتايمىز، بۇ يەردىكى «ئۆرۈم» چاچنىڭ توقۇلىشىنى يەنى چاچنى ئۈزۈن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ بۇ ئۈچ بۆلەك چاچنى بىر-بىرىگە ئالماپ توقۇش ۋە ئۆرۈشنى كۆرستىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈش مۇكىنكى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ يىلتىزداشلىقى شەكسىز بولۇپ، ھەتتا بۇ ئىككى مەنبەدىكى «ئۇرۇم» بىلەن «ئەھرىمەن دېۋە»دىكى «ئەھرىمەن» تېخىمۇ چوڭقۇر يىلدىزداشلىققا ئېگە بولۇپ، «ئاق ئۇرۇم» (ئەھرىمەن)-ئاق يىپەك دېگەنلىك، «ئەھرىمەن دېۋە»نىڭ تىل يىلدىزى «ئاق ئۇرۇم دەۋە» ئېنىقلىمىسىدا كەلگەن بولۇپ، «ئاق ئۇرۇم دەۋە»نىڭ سانسىز تارىخى تەكرارى «ئەھرىمەن دېۋە»دە موقۇملاشقان. كۆرۈش مۇمكىنكى «ئەھرىمەن دېۋە» (ئاقئۇرۇم دېۋە)نىڭ ھەقىقى مەنىسى ‹ئاق يىپەك كارۋانلىرى› دېگەن تارىخى مەنانى ئاشكارىلايدۇ («تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا «دەۋە» كۆپلۈك قوشۇمچىسى بولۇپمۇ كېلىدۇ دېگەن دەسلەپكى ئۇچۇرغا قاراڭ).

تارىختا ئىرانلارنىڭ تۇرانلارنى نېمە سەۋەپتىن «ئەھرىمەن دېۋە» دەپ ئاتىغانلىقىغا قاراپ باقايلى؛ قەدىكى تۇرانلار (ئۇرۇملۇقلار-ئۇيغۇرلار) ئۆزىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان يىپەك (ئۇرۇم) بويۇملىرىنى «چۆل كېمىسى» بولغان زور مەخلۇق ئەڭ ئېگىز تۆگە (دەۋە)گە ئارتىپ، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ تۆگىگە ئارتىلغان يۈك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قەدىمكى يىپەك يولى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ پارىس زىمىنى ۋە ئىران زىمىنىغا كىرگەندە، بۇ كارۋانلار توپى ئۇلارغا بەھەيۋەت ئاجايىپ ئېگىز كۆرۈنۈپ (ئادەم تۆگىگە مىنگەندە تۆگىنىڭ ئېگىزلىكى تېخىمۇ زىيادىلىشىپ كېتىدۇ) بۇ كارۋانلارنىڭ ئىنسان سىياقىدىن ھالقىغان ھالدىكى ھەيۋەت كۆرۈنىشىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىغان ھالدا ھەيران قېلىشقان... ئاخىرى ئۇلار ئىران بىلەن تۇراننىڭ كېيىنكى پەيدا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيىتى تۈپەيلى بۇ ‹ئاق يىپەك كارۋانلىرى›نى بەتبەشىرە «ئەھرىمەن دېۋە» سەلبى سىمۋولىغا موقۇملاشتۇردى... شۇ سەۋەپتىن، «شاھنامە»دە تۇرانلارنى كەمسىتىش تەرىزدىكى بايانلاردا «ئەھرىمەن دېۋە» ئىشلىتىلگەن بولسا، «سام»نىڭ بالىسى («زال»)نى بېقىۋالغانلىقىدەك تۇرانلارنىڭ ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى كۆرگەندە ئۇلارنى «سۇمرۇغ» قىياپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ...

بىز ئۈچ مەنبە («شاھنامە»، «تارىخى خاتىرىلەر» ۋە «ئوغۇزنامە»)دىن سۇمرۇغقا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرغا ئېگە بولىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئىختىيارسىز ھالدا، ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى «ھۇمايۇن»ۋە «ئۇما»غا دىققەت قىلماي تۇرالمايمىز؛ [قەدىمكى زاماندا چىن (بۇنىڭدىن 5500 يىل بۇرۇنقى «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ ئۈچ ئوغلىغا مەملىكەتنى ئۈچكە بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ قورىقان-ئۈچ چىن-ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى» يەنى «ئۈچ خۇ- 三胡(ئۈچ ھون)» («تارىخى خاتىرىلەر» 230-، 238-بەتلەر) دىن ئىبارەت ئوغۇزخان قۇرغان چىن دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ) مەملىتىكىنىڭ بىر پادىشاھى بار ئىدى. ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتى مەشرىقتىن مەغرىپكىچە تارالغان بولۇپ، بارلىق داڭلىق پادىشاھلار ئىتائەت ھالقىسىنى جان قۇلىقىغا سېلىپ ئۇنىڭ پەرمانىغا بوي سۇناتتى... بۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى «ھۇمايۇن»...ئىدى...» («كەلىلە ۋە دېمنە» 1-2-بەتلەر)؛ [سانسكرىتچە «پۇرانا» دېگەن قەدىمكى تارىخى ھېكايىلەر توپلىمىدا <ھىما> (قار پەرىسى) بىلەن كائىنات ئىلاھى <شىۋا>نىڭ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ توي قىلىشقانلىقى توغرىسىدا بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ...كېيىنكى زامانلاردا ھېندىستانلىقلار مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن <ھىما> پەرىگە چوقۇنغان، ئۇنى غايىۋانە كۈچ ھاسىل قىلغۇچىلارنىڭ سىمۋولى قىلغان. ئۇلار بۇ پەرىنىڭ ئىسمىنى «ئۇما» («ھىما»)دەپ ئاتايتتى...] («بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1986-يىلى بىرىنچى نەشرى، 47-48-بەتلەر). بىز ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى «ھۇمايۇن» ۋە «ئۇما» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دىكى «ئۇما-ئانا. تۈبۈتچە.»، «ئۇما-ئۆيگە كەلگەن مېھمان. مېھمان كەلسە قۇت كېلەر...» (124-بەت)نى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىز ئەنئەنىسىدىكى «ھۇما-بەخت قۇشى»نىڭ دەل ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى سۇمرۇغنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىدەك تارىخى ئىزچىللىقنى بايقايمىز. ئۇنداقتا «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا نىمە ئۈچۈن ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان سۇمرۇغقا «يۇن. يۇن قۇش- توز قۇشى» (3-قىسىم 197-بەت) دەپ ئىزاھات بېرىلىپ قالىدۇ. بىز «يۇن» ئاتالغۇسىنىڭ تەگ ئاساسىغا قارايدىغان بولساق، «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا ئات بىلەن سۇمرۇغ ئاتالغۇسىنىڭ پەقەت بىر ئاخىرقى «د» تىل تاۋۇشى «يۇن. يۇن قۇش-توز قۇشى»، «يۇند-ئات، يىلقا» («تۈركىي تىللار دىۋانىي» 3-قىسىم 7-بەت) بىلەن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئات بىلەن سۇمرۇغنىڭ قىسمەن تەن تۈزىلىشىدىكى ئورتاقلىقىغا قارايدىغان بولساق، يۇقۇرقى رەسىمدىكى سۇمرۇغنىڭ باش قىسمىدىكى پەيلىك تاجى قىسمى بىلەن ئات بوينىنىڭ يۇقۇر قىسمىدىكى ياللا بىلەن تامامەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىختا ھونلار تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى سۈپىتىدە ئات كۆندۈرگۈچى ۋە ئەڭ بۇرۇن ئات ئۈستىگە چىققان خەلق بولغاچقا ئاتنىڭ دۇلدۇلدەك يۈگرەش سۈرئىتىنى سۇمرۇغنىڭ ئۇچۇش تىزلىكىگە سېلىشتۇرما قىلىشمۇ «يۇن» بىلەن «يۇند»نىڭ تارىخىي ئورتاقلىقى بولسا كېرەك. «تۈركىي تىللار دىۋانىي»دا توز قۇشىنىڭ «يۇن» دەپ ئىزاھلىنىپ قېلىشى، بىرىنچىدىن، سۇمرۇغنىڭ ئىككى ئۈزۈن قۇيرىقىنىڭ توزغا ئۆخشاپ قالغانلىقىدىن؛ ئىككىنچىدىن، 4000، 5000 يىللار مۇقەددەم تارىم، جۇڭغار ئويمالىقىنىڭ قۇرغاقلىشىپ سۇمرۇغ نەسلىنىڭ قۇرۇپ ئۇنى ئەسلەش مۇشكۈلچىلىكىدىن بولغان. غەرپ (ياۋرۇپا) مەنبەلىرىدە سۇمرۇغ (ھۇما) قۇشىنى ئوت قۇشى دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر سۇمرۇغ بالىسى («قەقنۇس»)نى ئوتتىن تۆرىلىدۇ دەيدۇ . بۇنىڭ ئىلمى دەلىلى شۇكى ئىنسانىيەت ئاتەشپەرەسلىك مەزگىلىدە كۈننى ئۇلۇقلاش ئارقىلىق ئات بىلەن سۇمرۇغنى كۈنگە ئەگىشىپ تىز ئۈچقۇچى ۋە تىز يۈگۈرگىچى سانالغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان تۈنجى ئوغلىغا «كۈن» ئىسمىنى قويىشىمۇ يۇقۇرقى دەلىلىمىزگە كۈچ بېغىشلايدۇ.

«ھۇما» قۇشىنىڭ ئەركىكى «ئەنقا»، چىشىسى «سۇمرۇغ»، بالىسى «قەقنۇس» بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز «ھۇما» قۇشىنى «بەخت قۇشى» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھەقىقى سىماسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ ئەركىكى ئەنقا رەسىمى (37)

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ چىشىسى سۇمرۇغ رەسىمى (38)

ئافرىقىنىڭ كېنىيە يايلىقىدىكى ھۇما قۇشىنىڭ بالىسى قەقنۇس (39)

ئەگەر يۇقارقى ئەنقا، سۇمرۇغ ۋە قەقنۇسنىڭ بىرلەشمىسى «ھۇما- بەخت قۇشى»دەپ قارالمىغاندا «تارىخى خاتىرىلەر» (ئۇيغۇرچە نەشرى، 221-بەت)دىكى «مۇۋاڭ زاۋفۇغا ھارۋا ھەيدىتىپ ... شىۋاڭمۇ (西王母- غەربى خان ئانا) بىلەن...» كۆرۈشمەس ئىدى... مانا بۇ «西王母» (ئۇماي) ئانا، ئەڭ قەدىمكى رىقابەتچان ئىككى خەلق ھونلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تارىخنامىلەردە داۋاملاشقان بىر-بىرىگە قىلىشقان كىنايە ئىزچىللىقىدۇر...

4- ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبە بىردەكلىكى ئاساسىدىكى «رۇڭ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى


«تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە» ۋە «كونا تاڭ نامە»دىكى ھون نامىنىڭ ھەرخىل ئاتىلىشى ھەم بىز ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ھونلارنىڭ نامى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار تىلىدا نەچچە ئون خىل ئاتالغان بولسىمۇ، بۇ خىل نامنى ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرى ھونلارنىڭ قۇت بەلگىسى بويىچە ئاتالغان «يۈن» (سۇمرۇغ) نامى؛ يەنە بىرى ھونلارنىڭ زىمىن تەۋەلىكى بويىچە ياكى ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بويىچە ئاتالغان «رۇڭ» نامىدۇر. بىز ھونلارنىڭ «يۈن» دىن ئىبارەت قۇت بەلگىسى بويىچە ئاتالغانلىقىنى يۇقۇرقى يەتتە دەلىلىمىز ئارقىلىق ئوتتۇراغا قويغان ئىدۇق. ئەمدى ھونلارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يەنە بىر چوڭ ئاتالغۇ «رۇڭ» نامىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى دەلىللەيمىز.

ھونلارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى يەنە بىر چوڭ ئاتالغۇ «رۇڭ»نىڭ كېلىش مەنبەسىنى «ئوغۇزنامە»دىكى «...سول تەرەپتە ئۇرۇم خاقان بار ئىدى...» دېگەن «ئۇرۇم» بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق دەپ ئىزدەنگىنىمىزدە، «رۇڭ»دىن ئىبارەت بىر بوغۇملۇق تىل تاۋۇشى «ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسكپكسىيە قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

بىز «ئوغۇزنامە»دىلا «ئۇرۇم» ئاتالغۇسىنى كۆرۈپ قالماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەزگىزى «ئۈرۈمچى»نامىنىڭمۇ تارىختا «ئۇرۇمتاي» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلما نامى «رۇمتاي(لۈن تەي)»  («دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» 2-بەت) ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، تەبىئىي ھالدا «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لوغىتى» (202-بەت)تىكى « 仑头国» (ئۇرۇم تاي بەگلىكى)نى ئەسلەش بىلەن بىرگە، «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ سول تەرپىگە توغرا كېلىدىغان «ئۇرۇم»نىڭ ماھىيەتتە جۇڭغار ۋە تارىم ئويمانلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقىنىڭ قەدىمدە «كىن ئۇرۇم» (مەرگىزى يىپەك دۆلىتى)، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ «ئۇرۇمتاي» (كىچىك يىپەك دۆلىتى) ئىكەنلىكىنى «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى شەخسكە باغلانغان «كىن ئوڭچۇر»دىكى «كىن» ۋە «شاھنامە»دىكى ئىككى قېتىم تەكرارلانغان «كىن»نىڭ شەكسىز ھالدا «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن»نى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرىمىز. بۈگۈنكى كۈندىكى «كۇئىللۇن تاغلىرى» (昆仑山)دىكى كۇئىللۇن ۋە «كىروران» بىز خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلغان ئىككەمچى ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئەسلى ئەجدادىمىزنىڭ تىلىدا «كىن ئۇرۇم »دەپ ئاتالغان بولسا، خەنزۇلار ئۇنى «昆仑» دەپ تىرانسپكسىيە قىلغاندىن كېيىن، بىز ئۇنى يەنە خەنزۇلاردىن قوبۇل قىلىپ «كۇئىللۇن» ئىككىلەمچى ئاتالغۇسىغا ئايلاندۇرىۋالغان.

دېمەككى، «ئۇرۇم» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى «رۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسپكسىيىسى «رۇڭ» ھونلارنىڭ توپىنومېيىلىك پاسىل ئېنىقلىمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ موھىمى «رۇڭ» ھونلارنىڭ ئېتنىك مەنبە روشەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشتىمۇ بىباھا قىممەتكە ئېگە.


5- خەنزۇلار بىلەن ھونلارنىڭ قېرىنداشلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر


بىرىنچى دەلىل، ھونلار بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن قەدىمكى يىپەك يولى ئارقىلىق سودا ئالاقىسى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خۇنەندىن 7800 يىل بۇرۇنقى سۇمرۇغ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن ساپال بويۇمنىڭ بايقىلىشى بۇنىڭ ماددى پاكىتى بولالايدۇ. بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرى تارىم، جۇڭغارنىڭ چەكسىز سازلىق، ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە ئېكىنزارلىق ئېكولوگىيىلىك ئەۋزەل شارائىتىدا ئەللىك- ئاتمىش مىلىيۇن ئىنساننى بېقىش شارائىتىغا ئېگە ئىدى. «ئوغۇزنامە»دە «... سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى. بۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى...»دىكى «...شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى...» دېگەن بايانغا قارىساق، تارىم ۋە جۇڭغار ئېكولوگېيىسىنىڭ قەدىمدە باشقا رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئەلالىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. مانا مۇشۇنداق «شەھەرلىرى كۆپ» بولغان «ئۇرۇم»لىقلارنىڭ سەيياھ ۋە سودىگەر سۈپىتىدە باشقا ئەللەرگە بېرىشى تۇرغانلا گەپ. يەتتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە تۇرغان ئىككى ئېتنىك مەنبەدىكى ئىككى ئىنسان توپىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا بىر-بىرىگە سىڭىشىشى ئەلۋەتتە تارىخى مەنتىقىگە زىت ئەمەس.

ئىككىنچى دەلىل، بىز «تارىخى خاتىرىلەر»گە ۋە «خەننامە»گە قارايدىغان بولساق ھونغا ۋە ھوننىڭ ئەۋلادىغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئاساسەن خەنزۇچە ئىسىم بىلەن ئاتالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئاسسىمۇلاتسىيە جەريانىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئۈچىنچى دەلىل، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھونلارنىڭ ئىزدېرەكسىز يوقالغانلىقىغا قاراپ «ھونلار نەگە كەتتى؟» دېگەن خىتابى سۇئالىغا... ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بارماق ئىشارىسى بىلەن كۆرسىتىپ «ھونلار مانا بۇ يەردە » دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مۇمكىن. سەۋەپ شۇكى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى پادىشاھلىققا ئەل بولغان ھونلارنىڭ سانىنى «تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە» ۋە «كونا تاڭنامە»دىن تەخمىنى ئېنىقلىساقمۇ بىر مىلىيۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ... ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى بىر مىلىيۇن نوپۇسنىڭ بۈگۈنكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ۋارىيانتىنىڭ 100 مىليۇندىن كام ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس.

تۆتىنچى دەلىل، ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا خەنزۇلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان فامىلىسى 11 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ فامىلىسى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. بىز تارىخى مەنبەلەردىكى ھونلارغا مۇناسىۋەتلىك فامىلىنى ئېنىقلايدىغان بولساق مىڭدىن ئارتۇق فامىلە ھونلار ئەۋلادى بولۇپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى زاماندىكى تىببى ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىرسىيەت ئىلمىدىكى «د ن ئا» ئېنىقلىمىسىنىڭ بارغانسىرى روشەنلىشىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۇ 11 مىڭ فامىلە ئېگىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىگە قايتىدىن ئېتنىك تامغىسى بېسىشى مۇكىن.


6- ھونلارنىڭ ئەجدادى «ئۇرۇم» (ئۇيغۇر)لار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئوغۇزلار


ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» دېگەن تەتقىقات ماقالىسىنىڭ قانداق مۇددائا ۋە قانداق مەقسەتتە يېزىلغانلىقىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك. مەرھۇم ئالىمنىڭ بۇ كاتتا ئەمگىكى «چىن» ۋە «ماچىن» ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ تۈنجى سىگنالى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يەنىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلغۇچىلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولدى. بۇ بوشلۇقنىڭ يەنىلا ئاسقۇدا تۇرىۋېرىشى ھەممىمىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە... بۇ ئەپسۇسلۇق پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن 3600 يىل بۇرۇنقى (ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ھۆكىمى بويىچە) ئەڭ قەدىمقى تارىخىنى ۋە ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىنى يورۇتۇپ بېرىش مەسىلىسى ئىدى...

«ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان ئالتە ئوغلىغا «يا ئوقنى قاياققا توغرىلىسا ئوق شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ...» ھېكمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زىمىن دائىرىسىنى ئۈچكە بۆلۈپ دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىنى «يا»غا ئوخشىتىپ، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىنى «ئوق»قا ئوخشىتىپ، دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىنى پادىشاھ، كېيىنكى ئۈچ ئوغلىنى ۋەزىر (دەسلەپكى ئۈچ ئوغلىغا بوي سۇنغۇچى) تەزىردە ئۈچ پادىشاھلىققا بۆلىۋەتكەن. بۇ ئەڭ قەدىمكى تارىخىمىزدىكى «ئۈچ چىن» («ئۈچ قورىقان») - ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى ئىدى... ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» دېگەن بۇ تەتقىقات دەل ئەشۇ تارىختىكى «ئۈچ چىن»نىڭ ئىككىسى بولۇپ، يەنە بىر «چىن» ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان. ئەسلى ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن بۇ ئۈچ پارچە زىمىنىڭ بىرى غەرپتە، يەنە بىرى شەرقتە، ئۈچىنچى بىرى دەل ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا : «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن...» (1-قىسىم، 592-بەت «ئۈچ قىسىملىق ‹تۈركىي تىللار دىۋانى» دەسلەپكى نەشرى»)دىن ئىبارەت «ئۈچ چىن» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ «ئۈچ چىن»نىڭ جايلىشىش ئورنىغا ئاساسەن ئەڭ غەرپتىكىسى تارىختا «ماچىن» (مۇرچىن- قاراچىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ داۋاملاشقان شاھلىرى تارىختا قاراخان نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن. ئەڭ شەرقتىكىسى «تاڭ چىن» («داك چىن- كۈن چىقىش تەرەپتىكى چىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ شاھلىرى تارىختا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس-شەرقتىكى ئوغۇزلار) نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن. ئوتتۇردىكىسى «ئار چىن» (چىن) نامى بىلەن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ شاھلىرى «چىن» نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن... بۇ «ئۈچ چىن» تارىختا «ئۈچ قورىقان»، «قورىقان»(قورىغار) دەپمۇ ئاتالغان...

«ئوغۇزنامە»دە يەنە ئوغۇزخان «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خانلىق (ئۇيسۇنلار) بىلەن «سول تەرەپتىكى «ئۇرۇم»نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ «ئۇيسۇنلار» (ئالتۇن خانلىق)نى باشقۇرۇشنى ئۇيسۇنلارنىڭ ئۆزىگە بەرمەي ئەكسىچە ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن «ئۇرۇم»لىقلارنىڭ جەڭگىۋار ھەربى قىسمى «يۇن» (ھون)لارنى شەرققە يۆتكىگەن. «ئۇرۇم»لىقلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى ئۈچۈن «ئۇرۇمتاي»لارنىڭ جەڭگىۋار قىسمىغا «ساقلاپ» (ساك) نامىنى بېرىپ غەرپكە يۆتكىگەن.

ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان قويغانكەن، ئوغۇزخاننى مۇئەييەن زامان ھالقىسىغا ئېگە قىلىش، ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنلەشتىكى بىردىن-بىر توغرا ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئەبۇل غازى باھادىرخان بىلەن مۆجىزى ئوغۇزخاننىڭ ياشىغان دەۋرى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىرى: «ئەجداتلىرىمىز بۇ زىمىندا ياشاۋاتقىنىغا ئالتە مىڭ يىلدىن ئاشتى» («تەۋارىخى مۇسقىييۇن»، 51-بەت) دېسە؛ يەنە بىرى: «ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن.» دېگەن قاراشنى ئالغا سۈردى. بىرى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادى 7- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان بولسا، يەنە بىرى، مىلادى 16- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان. ئەگەر بىز 7- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتنى تۆت مىڭ يىل دەپ قارىساق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400 يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 2012 نى قوشساق 5412 يىل بولىدۇ؛ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئالتە مىڭ يىل بىلەن 16- ئەسىرىدىن كېيىنكى 500 يىلنى قوشساق 6500 بولۇپ قالىدۇ-دە ئىككىسىنىڭ قارىشىدا 1100 يىل پەرق شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش ئىچىدە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ئوغۇزخاننى 5412 يىل مۇقەددەم قىلىپ تەخمىنلىشى، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدىكى شاھلار نەسەبىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك دەلىل كۈچىگە ئېگە قىلغان:

«شاھ مەلىكنىڭ... باشچىلىقىدا ئىراققا كەتكەن سالۇر خەلقى كۆپ يىللار ئۇ يەردە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇگۇرجىق ئاتلىق بىر ئېسىل يىگىت پەيدا بولدى. تۈركمەنلەرنىڭ تارىخ بىلىدىغان كشىلىرى ئۇگۇرجىق ئالىپنى ئون ئالتە ئەۋلاد ئاۋۋالقى ئوغۇزخانغا ئۇلاشتۇرۇپ شۇنداق سانايدۇكى: ئۇگۇرجىق ئالىپ، ... قازان ئالىپ... تاغ خان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئوغۇزخان. بۇ سۆز تامامەن يالغاندۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئوغۇز زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقا قەدەر بەش مىڭ يىل ئۆتتى. ئۇگۇرجىق زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقىچە بەش يۈز يىل، ئالتە يۈز يىل ئۆتتى. ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسى تۆتمىڭ تۆت يۈز يىل. ئون ئالتە ئەۋلاد تۆت يۈز يىلدا، ھەرقانچە بولسىمۇ تۆت يۈز ئەللىك يىلدا ئۆتۈپ بولىدۇ. خوش، ئۇگۇرجىقنىڭ قالغان تۆت مىڭ يىلدا ئۆتكەن ئاتىلىرىنىڭ ئېتى قېنى؟ بۇ يېزىلغان ئون ئالتە كىشىنىڭ ئوغۇز ئوغۇللىرى بولغىنى توغرا ۋە ئۇگۇرجىقنىڭ ئاتىلىرى بولغىنىمۇ توغرا. ئەمما قايسى كىشى قوۋم ئىچىدە مەشھۇر بولسا شۇ كىشىنى يازغاندۇر. ئاللاھ بىلىدۇكى، بۇ يېزىلغان كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئارىسىدا ئون بەش ۋەيا يىگىرمە كىشىنىڭ ئېتى يېزىلماي قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسىدا تۆت مىڭ تۆت يۈز يىل ئۆتكەن. ھەرمىڭ يىلدا قىرىق ئەۋلاد ياشاپ ئۆتسە، ئىككى يۈز ئەۋلات ئۆتكەن بولىدۇ. بەس، بۇمۇ يالغانچىلىق بولارمۇ؟ ... ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن. قازان ئالىپ پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن ئۆتكەنىدى. ياشانغان چېغىدا مەككىگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھالدا سالۇر قازان ئالتە ئەۋلادتا ئوغۇزخانغا قانداق ئۇلىشار ؟ يەنە سالۇر قازان قايى قورقۇت ئاتا بىلەن بىر زاماندا ئىدى...» («شەجەرەئى تەراكىمە»، «بۇلاق»، 1999- يىللىق 3-سان، 115-116-بەت).

ئەبۇل غازى باھادىرخان ئوغۇزخاننىڭ دەۋران سۈرگەن پەيتىنى ئۆزى ياشىغان دەۋر (مىلادى 17-ئەسىر)دىن بەش مىڭ يىل ئىلگىرى قىلىپ كۆرسىتىشىدە نېمىنى ئاساس قىلغانلىقىنى پەرىق قىلالمىغان تەتقىقاتلچىلار، بۇ خىل ھۆكۈمنى ئاساسسىز، دەلىلى قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە ئەمەس- دەپ گۇمانلاندى. نامازنى تەرك قىلمايدىغان، تەرەت ئېلىپ پاكلانغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېزىقچىلىققا تۇتىنىدىغان ئەبۇل غازى باھادىرخاندەك مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابىنىڭ «ئاللاھ بىلىدۇكى» دېگەن سۆزنىڭ قانداق قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەرقانداق كىشى پەرەز قىلالايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ھۇلى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن كەلگەنلىكى ئىھتىمال:

بىرىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان شاھ ئەۋلادى بولغاچقا، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدا ئۆتكەن شاھلار تارىخى، نەسەپ خاتىرىسى تەرىزدە ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئەشۇ ماتىريالنى مەنبە قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان، ئوبول قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى ئىران پادىشاھلىرىنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن يىللار ھىساۋىنى ئاساس قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. «شاھنامە»نىڭ مۇقەددىمە ئىلاۋىسى ئۈچۈن يېزىلغان («شاھنامە»نىڭ تېماتىكىسى ۋە تۈزۈلىشى)دە، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ: « ‹شاھنامە› چوڭ ھەجىملىك داستانلار تۈركۈمى بولۇپ... مىلادىدىن ئىگىرىكى 3223- يىلدىن مىلادىنىڭ 651-يىلىغىچە... بولغان 3874 يىللىق رىۋايەت ۋە ھېكايەت سۆزلەنگەن.» («شاھنامە»، 3- بەت) دېگەن سۆزىدىكى، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223 يىل» بىلەن ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ۋاستىلىق ھالدا، ئوغۇزخان مىلادىدىن 3400 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن دېگەن سانلىق مەلۇمات 177 يىل پەرىق بىلەن، ئىككىلا شەخسنىڭ يىل ھىساۋى ئاساسەن بىردەك. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يات قەۋم ۋە يات ئەلدىن «سىندۇ»، «تاڭغۇت» ۋە «شاغام» تەرەپلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. دېمەك، ئوغۇزخان ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرگەن ۋاقىت، ئىراننىڭ مىلادىدىن 3223- يىللار ئىلگىرىكى تۈنجى پادىشاسى «كەيۈمەرس» سەلتەنەتى بولۇپ، ئۇرۇشتا «كەيۈمەرس»نىڭ شاھزادىسى سىيامەك ھالاك بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئىرانلىقلارنىڭ ئوغۇزلارغا قويغان ھاقارەتلىك نامىنىڭ «ئەھرىمەن دىۋە» ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئوغۇزلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئىران، پارىسلارغا تۈنجى قېتىم تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولۇش مۇمكىنلىكىنى يۇقۇردا كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئۈچىنچىدىن، ئەبۇل غازى باھادىرخان «ئوغۇزنامە»دىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش قۇراللىرى ھەققىدىكى تەسۋىر ئارقىلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئۆزىدىن ياشىغان دەۋردىن 4600 يىل ئىلگىرىكى باسقۇچىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

تۈركى خەلقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تارىخنامىللىرى بىلەن مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغان تارىخى داستانلاردا ئىككى خىل ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن؛ تارىخنامىلەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئىنساننىڭ يارىلىشىغا ئائىت تەپسىلاتلار بېرىلگەندىن سىرت،  ئىنسان ئىپتىداسىدىكى مۇئەييەن قەبىلە ۋە مىللەت يىلتىزىنى، ياراتقۇچىنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى)گە باغلىغان بولسا؛ تارىخى داستانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئارقىلىق جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن ھالقىسى يورۇتىلغان. تارىخى داستانلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە ئىنساننىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى تىل شەكىللەنگەندىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا، جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ كونكىرت ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تارىخنامىلەردىن تولىمۇ مۇقەددەملىكى ۋە چىنلىقىنى ئىپادا قىلىدۇ.

«ئوغۇزنامە»نىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدا ئوغۇزخاننىڭ ئاتىسى قىلچە تىلغا ئېلىنماي، ئەكسىچە، ئوغۇزخاننىڭ ئانىسى بولغان «ئايخان» دېگەن ئىسىمغا «ئاي» بىلەن «خان» (پادىشاھ) نامى قوشۇلۇپ، ئايال زاتىنىڭ پادىشا بولغانلىقىدەك، ئىنسانلار جەمىئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. «... بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى... بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى.» دىگەن بايان ئارقىلىق «ئوغۇزخان» ئانا ئۇرۇقى جامائەسىگە ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتقان.  تارىختىن رىياللىققىچە، جانلىقلار دۇنياسىدىن ئاڭلىق ئىنسانلارغىچە، ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، بىر قېتىم ئېمىپلا قايتا ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىغا ۋاپاسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغۇلنى پەقەت ۋەپەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇ، رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇتلەق مومكىن بولمايدىغان، بولۇپمۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاڭسىز بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆرۈلمەيدىغان ھادىسە. بۇ بايان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھوكۇمرانلىقىغا ئۆتىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئەمىلى قىممىتى يوق. بۇ مۇناسىۋەتتە، ئەجداتلىرىمىزنى «ئوغۇزنامە»داستانىدا، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە يۈسەك پەللە ياراتقان تىل ئۇستىللىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى بىرلا قېتىم ئېمىپ، قايتا ئېمىشنى رەت قىلغان ئوغۇلغا «ئوغۇز» دەپ ئىسىم قويۇش بولسا كېرەك. بۇ، ئوغۇل ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىنى كەسكىن رەت قىلسىمۇ، ماھىيەتتە، گىن، ئىرسىيەت ۋە ئۇدۇم ئۇلاش قىممىتىدە، ئەجداتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا، «ئوغۇز» تېخىمۇ ئۇلۇقلانغان ھالدا، «ئوغۇزخان»دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى: «... كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئۇران... ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى چىقتى... ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شاتلاندى...» قاتارلىق بايانلاردىكى بۆرە تۇتىمى ئارقىلىق «ئوغۇزخان»، ئانا ئۇرۇقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى؛ ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق<بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر كالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان> شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى...» دېگەن- رايىش، يۇۋاش ئوتخور ھايۋان كالىنىڭ سىياقىدىن ھالقىپ، گۆشخور، يىرتقۇچ بۆرە سىياقىغا كىرگەنلىكىدە. دېمىسىمۇ، ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنى ئىنسانلار جەمئىىتىنىڭ تىنچلىق مەزگىلى؛ خۇددى كالىنىڭ سۈت بەرگىنىگە ئوخشاش ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يەتكۈزگۈچى پەرىشتە سۈپەتلىكى؛ ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقى دېيىلگەندە- ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، غەيۇر ۋە كۈچتۇڭگۈرلىكى، خۇددى بۆرىگە ئوخشاش يىرتقۇچ، ئوۋلىغۇچى ۋە بويسۇندۇرغۇچى رەۋىشتە بولىشى تەبىئى. ئۇنداق بولمىغاندا، «ئوغۇزخان» قەھرلىك ئەر (كۆك بۆرە) سۈپەت، دەبدەبىلىك تۇنجى يۈرىشنى باشلىماس ئىدى. بۇ جەھەتتە، «ئوغۇزنامە»نى نوقۇل  رىۋايەت ۋە ئىپوس پۈچەكلىكىدىن، تۇركى قەۋملىرىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىگە ئۆتۈپ، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەجدات سالاھىتى ھازىرلانغان، ئەڭ قەدىمى ئېتنىك قامۇس يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ئوبىكتىپ تارىخى ھەقىقەت. كونا تاش قۇرال دەۋرى ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ پادىلىق ئىجتىمائى تۈزىمىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ۋە قىسمەن سانجىغۇچى قۇراللار ("جىدا" -تاش، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان قىسقا قوزۇقسىمان نەيزە)نىڭ ياسىلىشى، ئوقيا، بال-بال قورچاقلار، ھەم قىسمەن يۇۋاش، رايىش (قوي،كالا پادىلىرى) ھايۋانلارنىڭ تۈنجى قەدەمدە كۆندۈرىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىنىشى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئانا ئۇرۇق جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. سىپتا تاش قۇراللار بىلەن تۈچ قۇراللار (ئېنېلوئىت)، ئالتۇن بويۇملار بىلەن مىس ۋە تۇچ قۇراللار (بىرونزا) ۋە ئاندا- ساندا تۆمۈر قۇراللارنىڭ  ئىشلىتىلىشى، جۈملىدىن چارۋىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ياۋىلىغى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئاتنىڭ كۆندۈرۈلىشى قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرى ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى روشەن بەلگىلىرىدىن ئىدى.

«ئوغۇزنامە»دىكى: «...ئوغۇز خاقان...قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى... نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى...قىئات...گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى...» دېگەن قۇرال- ياراق تەپسىلاتىدىن، ئوغۇزلارنىڭ ئەجدادىدىن تارتىپ نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ ۋە قالقانلارنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلىكىنى، پەقەتلا تاياق ئۇچىغا بېكىتىلگەن تاش، سۆڭەك، تۈچ ۋە مىستىن سىلىقلاپ (سۈركەپ) ئۇچلانغان نەيزىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى، ئەڭ ئۆتكۈر تۆمۈر نەيزىنىڭ تۇنجى ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن ئوغۇزخان ئۇنى بەدىنى تۆمۈردەك قاتتىق چوڭ ھايۋان قىئاتقا ئىشلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوغۇزخان «... تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان...»دىگەن شۇئارنى توۋلىمىغان بولاتتى. قىممەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈش ۋە مىس ئىككىنچى، ئۈچۈنچى ئورۇندا. ئەمما، «ئوغۇزنامە»دىكى «... بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۇڭلۇكى كۆمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى...» تەسۋىرىدىن: ئالتۇن، كۆمۈشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى، ئالتۇن، كۆمۈشتىن تۆمۈرنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىغىدەك تۆمۈر قەھەتچىلىكى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا، «ئوغۇزنامە»دە ئالتۇن-زەرگەر ئۇستىسى تىلغا ئېلىنماي، «...تۆمۈر دوقاغۇل...»نى تۆمۈرچى تەرىزدە ئالاھىدا تىلغا ئالغان. «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى... مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى.» دىگەن بۇ باياننى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى: "پادىشا مىنگەن ئاتنىڭ قېچىپ كېتىشى ھىچ ئەقىلغا سىغمايدىغان ھادىسە" دىيىشى تۇرغانلا گەپ. دىمىسىمۇ،   نەچچە ئون مىڭ ئارغىماقلار ئىچىدىن تاللىنىپ  قانچىلىغان سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «شاھ تۇلپىرى»  سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئات، ئالدىدا تۇرغان مول يەم- خەشەككىمۇ پەرۋا قىلماي، «مۇزتاغ ئىچىگە» قېچىپ كىرىپ كېتىشى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرمەي قالمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئات ئەمدىلا كۆندۈرۈلگەن، بىپايان يايلاقنى كۆرگەندە تۇۋىقى قىزىپ، كىشىنەپ ۋە چاپچىپ، يېشىل يايلاقلاردا يايلىغانلىرىنى ئۇنتىيالمىغان ياۋا ئاتتۇر.

تارىخشۇناسلارنىڭ: «ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۇمرانلىقىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا دەسسشى بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن» دەپ تەخمىنلىشى، «ئوغۇزنامە»نىڭ يۇقارقى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى تەسۋىرى بىلەن تامامەن بىردەك. ئەمدىلىكتە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن» دىگەن ھۆكىمىنىڭ ھەقىقى ۋەزنىنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشەنگەندەك قىلىمىز.

ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان شەخسەن ئۆزى قويغان تۇرۇقلۇق، بۇ مۇبارەك نام نىمە ئۈچۈن ئۇغۇزلارنىڭ 22 قەبىلىسى، ياكى توققۇز ئوغۇزلارغا تەئەللۇق بولماي، «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولۇپ قالىدۇ ؟ بۇ سۇئالغا ئىككى خىل چۈشەنچە بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. بىرى، ئوغۇز خاقان تۆت تەرەپكە «مەكتۇپ» ئەۋەتكەندە، ئوڭ تەرەپتىكى «ئالتۇن خاقان» قارشىلىقسىزلا دوسلۇقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما، سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان قارشىلىق بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان دەل ئەشۇ «ئۇرۇم خاقان» ۋە «ئۇرۇم» خەلقىنى خۇددى «قور- كۆنەلگە»دەك ئويۇتتۇرۇش مەخسىدىدە ئۇلۇغ يۈرۈشكە ئاتلانغان. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر نامى «ئۇرۇم»لارغا تەئەلللۇق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، بىز «ئوغۇزنامە»دىكى مۇنۇ بايانغا قارىساق مەسىلە ناھايىتى ئېنىق چۈشۈنىشلىك بولۇپ قالىدۇ: «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۆمۈش ئوق كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۆمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى... ئوغۇز خاقان... ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ‹ھەي ئاكىلار (كۈن، ئاي، يۇلتۇز)، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن›... ئوغۇز خاقان... ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى: ‹ھەي ئىنىلەر (ئاسمان، تاغ، دېڭىز)، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش (ياغا بويسۇنۇڭلار)›... ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى». ئوغۇز خاقاننىڭ «يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن بۇ سۆزىدىن، بارلىق زىمىننى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ («يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ‹ئارچىن›، تۆۋەن چىن ‹ماچىن›)نى («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 592- بەت) ئۈچ ئوغلى (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز)غا بەرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ «ئۈچ چىن»نىڭ ئىككىسى («تۆۋەن چىن» بىلەن «ئارچىن») «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم» تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئوغۇز خاقاننىڭ ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىلگەچكە، قالغان بىر ئوغلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر نامى ئىككى ئوغلىغا (كۆپ سانلىققا) تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلگەن بولىشى مۇمكىن.

بىز «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەلىللىمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا تەئەللۇق قىلىپ قويىشىمىز ئاساسسىز بولۇپ قالىدۇ.

«ئوغۇزنامە»نى نەشىرگە تەييارلىغۇچى گېڭ شىمىن بىلەن تۇرسۇن ئايۇپ، «ئۇرۇم» ئاتالغۇسىغا سەۋەپسىزلا «شەرقى رىم»نى كۆرسىتىدۇ-دەپ، ئاددى ھالدىلا ئىزاھات بېرىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە «ئۇرۇم» ئاتالغۇسى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئالتۇن خاقان» (ئۇيسۇن) نامى بىلەن يانداش ۋە ئايرىلماس قوش گېزەك، ۋەزنى ئەڭ ئېغىر، زور تارىخى ئاتالغۇ. «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇز خاقان ئۇلۇق يۈرىشىنىڭ بىردىن- بىر مەقسىدى، ئوغۇزلار بىلەن ئالتۇن خاقان (ئۇيسۇن) ۋە «ئۇرۇم»نىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىدىكى يىلتىز بىردەكلىگى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەمدەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئوغۇز (تۈركى) قەۋىملىرىنىڭ قەدىمكى شەرقى رىمدىكى ئىتالىيانلار بىلەن قىلچىمۇ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى ئوغۇز قەۋملىرى ئىتتىپاقىغا «ئۈچ قورىقان» (ئۈچ قېرىنداش~ 三骨利斡) ۋە «قورىقان» (骨利斡) شەكلىدە كىرگۈزۈش تولىمۇ گۆدەكلىك. ئوغۇز خاقان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرپىدە «ئالتۇن خاقان» ۋە «ئۇرۇم خاقان» بولۇپ، «ئۇرۇم»نىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى سول تەرەپكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا «ئوغۇزنامە»دە «سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى» دېيىلگەن. شەرقى رىم ئوغۇزخان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ سول تەرپىگە توغرا كېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئوغۇزنامە»دە پۈتكۈل ئوغۇز (تۈركى) قەۋملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرۈشلىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان ئۇرۇش تەپسىلى بېرىلمەي، پەقەت «سىندۇ، تاڭغۇر، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى.» دېگەن ئازغىنە قىستۇرما بايان كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا «ئۇرۇم» ھەرگىزمۇ «شەرقى رىم»نى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شەكسىز ھالدا ھازىرقى تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئويمانلىق بۇنىڭدىن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا «ئۇرۇم» دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى «كىن ئۇرۇم»-  مەرگىزى يىپەك دۆلىتى («كىروران خانلىقى ~ 楼兰国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 199- بەت)، جۇڭغار ئويمانلىقى «ئۇرۇمتاي»- كىچىك يىپەك دۆلىتى («ئۇرۇمتاي خانلىقى~ 轮台国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 202- بەت) قاتارلىق كونكىرت ناملار بىلەن مەشھۇر. ئۈرۈمچى نامى ھەققىدىكى ماتىرياللاردا، «ئۇرۇمتاي» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلما شەكلى «رۇمتاي»نى ئۇچرىتىمىز. «تاڭنامە»دە ئۈرۈمچىنىڭ ئەشۇ قىسقارتىلما نامى «رۇمتاي»نىڭ ئەينەن ھالدىكى خەنزۇچە تىرانسىپكسىيەسى «لۈنتەي» (轮台) نامى تىلغا ئېلىنغان. «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران» («楼兰»)، «كۇئىنلۇن~ 昆仑»ۋە ھازىرقى كۇئىنلۇن تاغلىرى (昆仑山) تارىم ئويمانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئاتالغۇ «كىن ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسىپكسىيە قىلىنىشى ئىدى. «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن» ئاتالغۇسى «تارىخى خاتىرىلەر»دە ئىككى جايدا تىلغا ئېلىنغان. «شاھنامە»دىكى «ئەۋج ئېلىپ كىن» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسى تۇراننىڭ ئىرانغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدۇر. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا: «كىن يىپار- كىندىك ئىپار» (1-قىسىم، 442-بەت)دىكى «كىن»نىڭ بەدەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىندىككە ۋەكىللىك قىلىپ "مەرگەز" ۋە  "ئوتتۇرا" ئۇقۇمىنى بېرىدۇ. شۇڭا،«تۈركى تىللار دىۋانى»دا «...كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا "كىن- كەن" سۆزى قوشىلىدۇ...» (1-قىسىم، 442-بەت)، «ئۇرۇم زۇن- بوياق (يىپەك بويىقى)» (1- قىسىم، 186- بەت) ئىزاھاتلىرى ئارقىلىق بىزگە، «كىن» ۋە «ئۇرۇم» توغرىسىدا تارىخى خاراكتىرلىك خۇشخەۋەر ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا «كىن»- مەرگەز، ئوتتۇرا؛ «ئۇرۇم»- يىپەك دېگەن مۇنتىزىم يەشمىلەرگە ئېگە. ھازىرقى ۋاقىتتىكى تىل ئىستىمالىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆرۈلگەن ئۇزۇن چېچىنى «ئۆرۈم چاچ» دەيمىز. «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» يىپەكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاددى ۋە قوپال توقۇلىشىغا قاراپ «ئۆرۈم چاچ»تىكى «ئۆرۈم»گە تەققاسلانغان بولىشى مۇمكىن.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى، «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» نامى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا زىپچىلاشقان ئىكەن. ئوغۇز ئاتىمىز قويغان مۇبارەك ئۇيغۇر نامى «روران» (ئۇرۇم)لىقلار ئىپتىخارىغا تەۋە بولۇش بىلەن بىرگە، «ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىراسپكسىيىسى «روڭ»نى ئۆزىگە ئېتنىك مەنبە قىلغان ھونلارمۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بولىشىدا شەك يوق...


7- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدات ئاتىسى ئوغۇزخان («ئاتاساغۇن»)


«ئۇيغۇر» نامىنى ئوغۇز خاقان قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامىنى پەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىپ، باشقا تارىخى مەنبەلەردىن ئۇچرىتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن بولىدۇ ؟ ئوغۇزخاننىڭ تارىختا باشقىچە نامىمۇ بولغانمۇ ؟ بىز تۆۋەندىكى تارىخى ئۇچۇرلارغا قاراپ بۇ مەسىلىگىمۇ جاۋاپ تاپالايمىز:

«تۈركى تىللار دىۋانى»: «ئوغۇز، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامىغىغا قاراپ تونۇيدۇ...بۇ تامغىلار ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاق ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە، شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونىۋالىدۇ...بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ نامىلىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر... ئۇلار ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.»(1-قىسىم، 77-80-بەتلەر).

«تۈركى تىللار دىۋانى»: «ئاتاساغۇن- تىۋىپ.» (1- قىسىم، 117- بەت).

«...ئوغۇزلار ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئۇرۇشقاق ۋە قارانىيەت. قىش-ياز ئوت، سۇ قوغلىشىپ يايلاقلاردا كۆچۈپ ياشايدۇ. يايلاقلىرى ئات، كالا، قوي، قۇرال-ياراغ ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئوۋ ئولجىللىرىدىن ئىبارەت. ئۇلاردا سۆدىگەرلەر كۆپ، ئوغۇزلارنىڭ ياكى سودىگەرلەرنىڭ بارلىق ياخشى نەرسىلىرى، مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىتىقات قىلىش ئوبيېكتى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار تىۋىپلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ، مەيلى قەيەردە ئۇچرىشىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ. بۇ تېۋىپلارمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مۈلكىنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ بازىرى يوق، لېكىن ئۇلاردىن چېدىرلاردا ئولتۇرىدىغانلار  كۆپ. ئۇلارنىڭ قۇرال-ياراغ ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى بولۇپ، جەڭلەردە ناھايىتى باتۇر. قەھرىمان كېلىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزلۈكسىز ھوجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش يولىدا قانداق نەرسە ياكى ئادەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ماڭىدۇ. ئاندىن ناھايىتى تىزلىك بىلەن چېكىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبىلە سەردارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جېدەل- ماجرالارنى ھەل قىلىدۇ.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «19-باپ. ئوغۇز دۆلىتى توغرىسىدا»، 130-بەت).

«بۇ يەرنىڭ شەرقىدە جۇڭگو، جەنۇبىدا تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋ قارلۇق زىمىنى، غەربىدە قىرغىزلار بولۇپ، ئۇلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پۈتكۈل زىمىنىغا جايلاشقان. تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ دۆلەت ئەڭ چوڭ، توققۇز ئوغۇزلار بۇرۇندىنلا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ خەلق ئىدى. قەدىمكى زاماندا پۈتكۈل turkنىڭ خانلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن چىقاتتى. ئۇلار ئۇرۇشقا ماھىر مىللەت، ناھايىتى كۆپ قۇراللىرى بار.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «12-باپ. توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 116-بەت).

«ياغمىلار دۆلىتىنىڭ شەرقىدە توققۇز ئوغۇز دۆلىتى، جەنۇبىدا (؟)  خورانگىن دەرياسى بار. بۇ دەريا كۇچا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. غەربىدە قارلىق دۆلىتىنىڭ چىگرا رايۇنلىرى بار. بۇ دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىقى تازا روناق تاپمىغان، بىراق يۇڭ- تېرە كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئوۋ ئولجىسى كۆپ. ئۇلارنىڭ بايلىقى ئات ۋە قوي، ئادەملىرى قەيسەر، كۈچلۈك، ئۇرۇشخۇمار؛ قۇراللىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھى بىر قوۋمدىن. ياغمىلارنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى بار، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلاردىن نامدار 1700 قەبىلە بار ئىكەن. ئۇلار مەيلى تۆۋەن تەبىقىدىكەر بولسۇن ياكى ئاقسۆڭەكلەر بولسۇن پادىشاھىنى ھۆرمەت قىلىدۇ...» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «13-باپ. ياغمىلار دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 119-بەت ).

«تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «ھودۇدۇلئالەم»دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، قەدىمكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچىلار دىندارلار بىلەن پادىشاھلاردۇر. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئاتاساغۇن- تىۋىپ» بىرلا شەخس بولغان ئىكەن، ئۇ چوقۇم ھەم دىندار ھەم پادىشاھ سالاھىيىتىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ شاھ ئاتىسىدۇر. «دىۋان»دىكى «خان- تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇ” خان “ دىيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى ” خاقان “ دىيىلىدۇ.» دېگەن سۆزدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ «خان» سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كىشى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇرخان»دۇر. «ئوغۇزنامە»دە تەسۋىرلەنگەن «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان»نى تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈرگۈچى دەل «ئوغۇزخان». «ئوغۇزخان» تۈركلەر تارىخىدا  «ئاتاساغۇن»دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخسكە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالىشىدا ئىختىلاپ بولمىسا كېرەك. «ئاتاساغۇن»دىكى «ساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلار نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئاتاساغۇن»- ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى دېگەنلىك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئاددىي يەشمىگە قاراپ: «”ئاتاساغۇن “ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇنداقتا، ”بالاساغۇن “-ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ پەرزەنتى دېگەنلىكقۇ ؟»دەپ سورىشى تەبىئىي. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! «ئاتاساغۇن» بىلەن «بالاساغۇن»دىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى «ساغۇن» يەنىلا ساكلار بىلەن ھونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما «بالاساغۇن»دىكى «بالا»نى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ” ر“ ھەرپى تاشلىنىپ، ”بىلا، بىلە“ دېيىلىدۇ» («تۈركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت). بۇنىڭدىن قارىغاندا، «بالا»نىڭ ئەسلىي مەنىسى بىللە تۇرغۇچى دېگەن مەناغا ئېگە. شۇنداق بولغاندا، «بالاساغۇن»- ساك بىلەن ھون بىللە، ساك بىلەن ھونلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكسېپى دېگەنلىك. تارىختا ھونلار بىلەن ساكلارنى بىرلەشتۈرگىچى «ئاتاساغۇن» نامى پەقەت بىرلا تارىخىي شەخس («ئوغۇزخان»)نى كۆرسەتسە، «ساغۇن» ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسەپ تۈزگەن جاي نامىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە «بالاساغۇن» شەھرى ئىسكەندەر ئىستىلاسىدىن كېيىن بەرپە قىلىنغان شەھەر بولسىمۇ، ئەمما «ساغۇن» ۋە «ئاتاساغۇن» ئاتالغۇسى «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىدىن تولىمۇ قەددەم ئاتالغۇ. ھونلار بىلەن ساكلارنى تۇنجى قېتىم قېرىنداشلارچە قۇچاقلاشتۇرۇپ، ئوغۇز قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان «ئاتاساغۇن» («ئوغۇزخان») چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلھاملىرىدا «ساغۇن» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولىشى مۇمكىن. «ھودۇدۇلئالەم»دىكى چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، «ئاتاساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچى بىردىنبىر شاھىنشاھتۇر.

ئوغۇزخان ئەتراپتىكى قېرىنداش قەۋملەرگە يوللىغان مەكتۇبىدا: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ» دەپ جاكارلايدۇ («ئوغۇزنامە» 46-، 47- بەتلەر). ئوغۇزخاننىڭ بۇ يەردە « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» دېگەنلىكى، «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوغۇزخان دەۋرىدىن بۇرۇن مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «ئۇيغۇر» نامى ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى سىياسى شۇئارى ۋە سىياسى مۇدائاسىدىكى ئۆزى قويغان يېڭىچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» (ئۇيغۇرخان) دىيىش ئارقىلىق، تۇنجى قېتىملىق تۈركى قەۋملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى، بىرلىكسەپ قۇرغۇچى، ئويۇشتۇرغۇچى، خۇددى «قور-كۆنەلگە»گە ئوخشاش سۈتنى ئۇيۇتتۇرغۇچى «قور پادىشاھ ~胡王» (http://baike.baidu.com/view/500205.htm) سالاھىيىتىنى نامايەن قىلغان. قەتئى ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، بۇ يەردىكى «قور- كۆنەلگە» ئوغۇزخان پادىشاھقا، ئۇ ئۇيۇتتۇرماقچى بولغان سۈت پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرى (ئوغۇز قەۋملىرى)گە سىمۋوللانغان. «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئوغۇزخان «ساقلاپ»، «قانقا»، «تۆمۈر دۇقاغۇل»، «قاغارلىغ»، «قىپچاق» قاتارلىق ناملارنى ھەربىر تارىخى ۋەقەلىككە باغلاپ قويغانلىقىنى، ئەمما، ئۇيغۇر نامىنى ھېچقانداق ۋەقەلىككە باغلىمايلا تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدۇق. بىزدىكى ئەپسۇسلۇق، تارىخى تەپەككۇرىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئوغۇزخاننىڭ سىياسى مۇددائاسىنى نەزەرگە ئالماسلىقتىن كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە، «ئوغۇزنامە»نىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق يېرىدە ئۇيغۇر نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى، ئوغۇزخاننىڭ خۇددى «قور» (كۆنەلگە)گە ئوخشاش سۈتنى قېتىقتەك ئويۇتتۇرغىنىدەك، پۈتكۈل ئوقياچى خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئويۇشتۇرۇشنى ئەڭ ئالى غايە قىلغانلىقىدۇر. مانا بۇ، پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنىڭ ھەمنەپەسلىكىنى ئۇيغۇر (قور) نامىغا تەڭداش قىلغان زور تارىخى بۇرۇلۇش پەيتىدىكى مۆجىزىلىك ئاتالغۇ.

ئۆزگىلەر مەجبۇرى سوۋغا قىلمىغان بولمىسىلا، بىر مىللەتنىڭ مۇبارەك نامىنى مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار پەيتلىرىدە شۇ مىللەت ئەزالىرى ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئەژدات- ئاتىللىرى قويغان بولىدۇ. تۈركى مىللەتلىرنىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدا ئۈچ قېتىم ئاجايىپ ئىپتىخارلىق ئەڭ جەڭگىۋار چاغلىرى بولغان. بىرى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400- يىللاردا (ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا. بۇ مەسىلىنى تۆۋەندە ئايرىم تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز) ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋىملىرىنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدەك جەڭگىۋار پەيتى. ئىككىنچى قېتىملىقى، مىلادىدىن ئىلىگىرىكى 500 يىللارغا توغرا كېلىدىغان ئالىپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) دەۋرى. ئۈچىنچى قېتىملىقى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 195- يىللار ئەتراپىدا ھون خانى باتۇرخاننىڭ: «بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى» («تارىخى خاتىرىلەر 110- جىلد، ھونلار تەزكىرىسى»، 407- بەت) دېگىنىدەك- جەڭگىۋار پەيتى. ئۇيغۇر نامىنىڭ ئوغۇزخان دەۋرى، ئالىپ ئەرتۇڭاخان دەۋرى ياكى باتۇرخان دەۋرنىڭ قايسىسىدا قويۇلغانلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، باتۇرخان دەۋرىدە قويۇلغانلىقىنى بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، «دىۋان»دا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن ئۇيغۇر نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدىكى «خۇزخۇر» (xuzxur) نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغان ۋاختى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329- يىللارغا توغرا كېلىدۇ دىيىلسە، باتۇرخان «خۇزخۇر» نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن 134 يىل كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، ئۇيغۇر نامىنى ئالپ ئەرتۇڭا دەۋرىدە قويۇلغان دەپ قارىساق، بۇ خىل قاراشمۇ تارىخى مەنتىقىگە زىتلىقى بىلەن پۈت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئالىپ ئەرتۇڭا ئىران بىلەن تۇرانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە ئۇرۇشتىكى تۇرانلارنىڭ ئىرانغا قارشى تارىخى قەھرىمانى بولۇپ، تارىخى بايانلاردا «قاراخان» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، نوقۇل «تۆۋەن چىن» (ماچىن)نىڭ پادىشاسى ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان تۈگىمەس جەڭگە- جېدەللىرىدىن «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلىشىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئۇ، «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان»نى بىرلەشتۈرگىدەك تارىخى سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان. ئەگەر بىز، ئوغۇزخان بىلەن ئالىپ ئەرتۇڭانى بىر تارىخى شەخسنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىساق، ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ پەرزەنتلىرى ئوغلى «بارمان» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 503- بەت)، قىزى «قاز» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 204- بەت) بىلەن ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن روشەن پەرقكە ئېگە.

ئۇنداقتا، «خۇزخۇر» (xuzxur) نامىنى ماكادونىيىلىك ئسكەندەر زۇلقەرنەين قويغانمۇ ؟ ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىسلتىلاسى قەدىمىنىڭ تۇران ئىلىگە يېتىشى، تۈركى قەۋملىرىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار پەيتلىرىمىدى ؟ ئىسكەندەر بارلىق ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ ئەجدات سالاھىتىگە ئېگىمۇ ؟
  «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى: «ئوغۇز تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى... ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ... بىرىنچىسى: قىنىق. ئىككىنچىسى: قايىغ. ئۈچىنچىسى: بايۇندۇر... بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ناملىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر... ئۇلارمۇ ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا- بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگۈزىدۇ.» (1- قىسىم، 77-، 78-، 80- بەتلەر) دېگەن بايانغا قارىغاندا، ئىسكەندەرنى تۈركى قەۋىملىرىنىڭ ئەجدادى دىيىشكە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand) نامىنى ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاستە قويغانلىقى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand) گىركچە ئاتالغىمۇ ئەمەس، ھەم پارسچە ئاتالغىمۇ ئەمەس. ئۇ، ساپ تۈرك تىلى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزمۇ- سۆز مەناسى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن؛ «ئىناندىم،ئىشەندىم. مەن ئاڭار ئىناندىم-مەن ئاڭا ئىشەندىم...» (1-قىسىم، 276-بەت). «ئىنانچ-ئىشەنچ، ئىشەنچلىك.» (1-قىسىم،180-بەت). «ئىنانچ-ئىشەنچ، ئىشەنچىلىك، ئىنانچ بەگ- ئىشەنچىلىك بەگ»(3-قىسىم،609-بەت). بۇنىڭغا قارىغاندا «ئىنان» (inan)- ئىشەنچ، ئشەنچىلىك دېگەن مەنىدە. ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىز بويىچە «خۇزخۇر» (xuzxur)- ئىتتىپاقلاشماق، ئويۇشماق دېگەن مەنىدە. «ئاند-قەسەم...» (1-قىسىم،60-بەت). «ئاندغاردىم- قەسەم ئىچكۈزدۈم...» (1-قىسىم،410- بەت). «ئاندغاردى-ئاند ئىچكۈزدى، قەسەم قىلدۇردى» (3-قىسىم575-بەت). بۇنىڭدىن مەلۇمكى «ئاند» (and)- قەسەم مەنىسىدە كەلگەن. ئۈچ سۆزلەمنى بىرلەشتۈرگەندە «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand)- ئۇيۇشۇش (بىرلىكسەپ تۈزۈش ~ ئىتتىپاقلىشىش ~ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش) ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىشەنچىلىكلەر دېگەن مەنانى ئاشكارىلايدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئوتتۇرغا قويۇلغان تۆۋەندىكى تەپسىلاتنى ئىنچىكىلىك تەھلىل قىلغىنىمىزدا مەسىلىنىڭ ماھايىتى تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىنىدۇ:

«ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خۇزخۇر› دەپ ئاتىلىپتۇ.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت). بۇ ئۈچۈردىن قارىغاندا، تۈرك خاقانى ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا ئىنتايىن چەبدەس، ئۆز ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىنمۇ قورقمايدىغان، ياش ۋە قورقۇمسىز تۆت مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق. ئەمما، ئۇلار زور قوشۇن ئالدىدا ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ھەممىسى قۇربان بولغان. پەقەت بىرنەچچىسى يارىدار ھالەتتە ئىلاجىسىز ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىسكەندەرنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا، غەزەپ قەھرى بىلەن: «ئىناند خۇزخۇراند !!!» (inan xuzxurand !!!) – بىز ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئشەنچىلىك قېرىنداشلارمىز !!! دېگەن شۇئارنى قاتتىق توۋلاپ، ئۆلۈمنى پىسەنتىگىمۇ ئالمىغان. بۇ ئىھتىماللىقنى تۆۋەندىكى يەنە بىر ئۇچۇر تېخىمۇ قۇۋەتلەيدۇ:

«ئۆگە – تەجىربىلىك، ئەقىللىق، گاداڭ. ئاددى خەلق ئىچىدىن چىققان قېرى- سال كىشىلەرگە بېرىلگەن، تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئاتاق. بۇ سۆز مۇنداق كېلىپ چىققان: زۇلقەرنەين چىنغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك خاقانى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى: ‹سىز زۇلقەرنەينگە ياشلارنىلا ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجىربىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بولىشى كېرەك ئىدى› دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبىلىك مەنىسىدىكى ‹ئۆگە› سۆزىنى قوللۇنۇپ، ‹ئۆگەنمۇ ؟› دېگەن. ۋەزىر ‹ھەئە› دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلىرىگە ھوجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرك ئەسكىرى زۇلقەرنەين ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمياننى بېلىگە ئېسىۋالغان ئىكەن، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى ئەتىگەن تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر- بىرىدىن: ‹بۇ نېمە ؟› دەپ سوراشقاندا، ئۇلار: ‹ئالتۇن قان› دىيىشكەن. شۇڭا شۇ جايدىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھوجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 122-، 123- بەت). بۇ باياندىن شۇنداق بىر ئېسىل ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە شۇنداق بىر ھېكمەت ئايانكى، تۈرك ئەسكەرلىرى ئىچىدە قېرى ۋە قىرانلار سەۋرجانلىق بىلەن ئەپلىك پۇرسەت ئىزلەپ، تەجربىلىك ھالدا ئۇرۇش قىلىپ ھامان غەلىبە قىلىشنىلا ئويلايدۇ. ئەگەر، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، چېكىنىشنىمۇ بىردىن -بىر ئاقىلانە چارە دەپ قارايدۇ. تۈرك خاقانى بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت ياشلارنىلا ئاتلاندۇرۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئۈزۈل- كېسىل قۇربان بېرىش روھى بىلەنلا ئىسكەندەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇپ، سۈلھىگە مەجبۇرلاشنى ئاخىرقى مەخسەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى جىددى پەيتتە بۇ ھېكمەتتىن ۋەزىرنى ۋاقىپلاندۇرۇش تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى. ۋاقىپلاندۇرۇلغان تەقدىردە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسىمۇ، 4000 ياش ئەسكەرنىڭ 8000 ئاتا-ئانىسىنىڭ قان- ياشلىق كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرىغا پادىشاھ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا پادىشاھ يۈزە كۆرۈنۈشتە ۋەزىرنىڭ مەسلەھەتىنى ئاڭلىغاندەك قىلىپ، يەنىلا تەكرار قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن بىرلا ياشانغان كىشىنى ئەۋەتكەن. ئىھتىمال بۇ ياشانغان كىشى پادىشاھنىڭ ئايرىم قوبۇل قىلىشى ۋە قۇلاق تۈۋىگە پىچىرلاشلىرى ئارقىلىق، پادىشاھ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ۋىدالىشىش خاراكتىرلىك خەيرلەشكەن بولىشى مۇمكىن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ۋەھىمىلىك ھالدا شۇنداق ئويلىدىكى: «بىرنەچچە مىڭ تۈرك ئەسكىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بۇ دەرىجىدە بولسا، نەچچە ئون مىڭ تۈرك ئەسكىرىنىڭ ھەيۋىتىگە كىم بەرداشلىق بېرەر؟... ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان بىر- ئىككى ئەسىرنىڭ ‹ئىناند خۇزخۇراند !!!› (!!!inan xuzxurand) دەپ توۋلىشى ئەسكەرلىرىمنىڭ يۈرىكىگە قانچىلىق قورقۇنۇچ سالغاندۇ ؟...»؛ ئىسكەندەر، «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand)نىڭ ئاددى يەشمىسى بولغان- «ئۇيۇشۇش (بىرلىكسەپ تۈزۈش ~ ئىتتىپاقلىشىش ~ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش) ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىشەنچىلىك قېتىنداشلارمىز» دېگەن خاتابى شۇئارنى ھەربى ئالىم ۋە سىياسىيونغا خاس سەزگۈرلىكى بىلەن: «بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ» دېگەن ئالاھىدە بولغان باشقىچە تەبىرنى بەردى. ئۇنىڭ بۇ تەبىرى، تۈركى قەۋملىرىنىڭ قېرىنداشلارچە بىرلىكسېپى، خۇددى، كوللىكتىپ ھالدا ئوۋ ئوۋلىغان بۆرىلەرنىڭ نەتىجىسىز قالمىغىنىغا ئوخشىتىلغان ئىدى. تۈرك پادىشاسىنىڭ كۈتكىنىدەك «سىرلىق تاكتىكا»نىڭ مۆجىزىلىك نەتىجىسى كۆرۈلدى؛ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۈركلەر بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى... «زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھوجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.»

يۇقارقىلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين «ئىناند خۇزخۇراند» دېگەن ئاتالغۇنى ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرغا قويمىغان بولۇپ، ئۇ، تۈرك پادىشاسىنىڭ «سىرلىق تاكتىكا»سىنىڭ تەسىرىدە، «خۇزخۇر»غا خۇددى ئۇيغۇر نامىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ئوخشاش تىل شۇناسلىق نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ھەربى ۋە سىياسى نوقتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى- خالاس.

ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىستىلاسىغا ئاتلىنىپ تۈرك زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى، بىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «خۇزخۇر» نامىنىڭ قويۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تۈركى قەۋملىرىنىڭ جەڭگىۋار پەيتى ئەمەس. بەكلى ئۇلارنىڭ ھەربى مۇداپىئە ھالىتىدە، ھەتتا چېكىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى ئىككى تەپسىلاتتىن ئېنىق كۆرەلەيمىز:

«...زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ ‹شۇ› ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى ‹شۇ› قەلئەسىنى ‹شۇ› ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ‹زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشىمىزمۇ ؟ نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن ؟ › دەيدۇ. ئەسلىدە خاقان ‹شۇ› خۇجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىپ تاپقان قىرىق كىشىلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپى ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۆمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىگى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆدەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ موشۇ كۆمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: ‹غاز، ئۆدەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن ؟ ›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملىرىنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ، ئۇلاردا ‹خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس› دېگەن گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم  قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلاق تاپالىغانلار ئالدىراش- تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاقلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ  ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ، تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپ-تۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كۆچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاق تاپالمىغانلىقتىن، بالا –چاقىللىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنى كىتاپنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم،  ماللىرىغا باسىدىغان تامغىللىرىنىمۇ شۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىللىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى دۇمبىللىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋېتىپ، ھېرىپ-ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۈمگەن ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: ‹ئەي ئادەملەر، زۇلقەرنەين بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز› دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: ‹قالاچ-مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار› دەپتۇ. كېيىن ئۇلار ‹قالاچ › دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر. زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار ‹تۈرك مانەند-تۈرككە ئوخشايدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنكە قەدەر نام بولۇپ قالغان.  تۈرۈكمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر. لىكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شۇدۇر. خاقان ‹شۇ› چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش ‹ئالتۇنقان- ئالتۇن خان› دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە ‹ئالتۇنخان› دەپ ئاتىلىدۇ، زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھ تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان ‹شۇ› قايتىپ كېلىدۇ. ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ، ئاندىن ئۆزنامى بىلەن ئاتالغان ‹شۇ› شەھەرنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ» (3-قىسىم، 564-بەت).

« سۈ كەلدى يەر ياپا

قارار قار (كۆكنى با)سا

قاچتى ئاڭار ئالب ئايا

ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار»

(«يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ- توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دىگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ ياشىدى.») («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 288- بەت). شېىردىكى دەسلەپكى ئىككى مىسرا، ئىسكەندەر قوشۇنىنىڭ پامىر-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىغاندىكى دەھشەتلىك كۆرىنىش تەسۋىرى. كىيىنكى ئىككى مىسرادىكى تەسۋىرلەنگەن شەخس «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى «ئالپ ئايا» بولۇپ، ئۇ بەلكىم ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)تىن 171 يىل كېيىن ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىللاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۇنجى قېتىم زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ 4-، 5-ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن. «ئالپ ئايا» چوقۇمكى «ئالىپ ئەرتۇڭا»دىكى «ئالپ»نى تەخەللۇس قىلغان.

يۇقارقى تارىخى بايانلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئىسكەندەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر نامىنى قوغۇچىلاردىن ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر نامىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتىكى جەڭگىۋارلىقىغا ئىجابى جەھەتتىن باھا بەرگۈچى خالاس. ئۇيغۇر نامىنى قويغۇچى ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىق يەنىلا ئوغۇزخان.

يۇقارقى تەپسىلاتتىكى ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلىشىدىكى 5600 يىلدىن ئاتۇق تارىختىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، گەرچە ھونلارنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دېسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم»لارنىڭ بىرقىسمى بولغان ھونلارنىڭ مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئايرىلىپ شەرقكە سىلجىشىدىن ئۇلارنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىشىمىزغا ئاساس بولالايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئايرىلماي، ئىپتىدادىن ئىنتىھاسىغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى «ئۇرۇم»لىقلار نەزەرگە ئېلىنماسلىقتەك «تۆگىنى مىنىپ ئۇنىڭ سانىنى كەم چىقىرىش» ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 02:16 AM  


پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 11:46:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاجايىپ مۇرەككەپ تارىخلاركىنا بۇ ؟ ماۋۇ خەق بىلەن تۇققان چىقىپ قېلىۋاتىمىزغۇ ئەمدى ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13847
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 12:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 11:46 AM
ئاجايىپ مۇرەككەپ تارىخلاركىنا بۇ ؟ ماۋۇ خەق بىلەن تۇ ...

بىئولۇگىيەدە «د ن ئا خەرىتىسى » دەيدىغان بىر خەرىتە بار ، شۇنىڭدا خرومۇسۇم توپىنىڭ گېن شىپىرىنى يىشىپ سىزىپ بىرىدۇ ، شۇنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۇلاردىن 5-10مىڭ ئادەمنىڭ  ، ماۋۇلاردىن 5-10مىڭ ئادەمنىڭ گېن شىپىرىنى خەرىتىلەپ سىزىپ باقسا ، كىم -كىمنىڭ  «تۇغقىنى » ، كىم- كىمنىڭ «نەۋرە ئىنىسى ، كۈكۈن تۇغقىنى » ھەممىنى بىلگىلى بولىدۇ ،  مەن ئۇقۇغان تارىخى ماتىرىياللاردىكى پاكىتلارغا قارىغاندا بىزنىڭ قەۋمىمىز ئالاھىزەل 19-20مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە ئىكەن ، مەدەنىيەت ، تىل ، خاراكتىر ، قىياپەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسە ئىنسانلارنىڭ قەدىمىسى بىزنىڭ مۇشۇيەردىن تارقىغان ، بىراق بۇنى دەپ ماختىنىپ كېرىلىپ كىتىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئاتابوۋىلىرىمىز ئاللابۇرۇن دەپ قويغان :«بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ »دەپ ، داۋاملىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قۇشۇش ئۈچۈن  ھۇررا ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 01:01 PM  


ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 02:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 11:46 AM
ئاجايىپ مۇرەككەپ تارىخلاركىنا بۇ ؟ ماۋۇ خەق بىلەن تۇ ...

ھەممىمىز تۇغقان ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ يە قېرىندىشىم،ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ بالىلىرى بىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 03:08:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 03:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 03:08 PM
لىكىن بەزى  خەق  ئۆزىنى  ئاتام  مايمۇنتى  دەپ   چىڭ  تۇرۋ ...

ۋۇي مۇنداقمۇ بىگەپ باتى ھە ،دېگىنىڭىزمۇ توغرا ئەمدى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1063
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 04:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچى ھەقىقەتەن جاپا چىكىپتۇ،نۇرغۇن تارىىخلارنى بىلىۋالدۇق،رەھمەت سىزگە!

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 04:44:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96064
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-18
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 05:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karlik يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 04:44 PM
بىز تۈركىي مىللەتلەر ھونلارنىڭ ئەۋلادىمۇ ?

ئەلۋەتتە ھونلارنىڭ ئەۋلاتلىرى.........

كۈچ قۇۋۋەت بىلىمدىندۇر، سائادەت ئىلىمدىندۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش