|
|
|
|
ئاتتىللانىڭ ئىمپىراتور بولىشى
(434-يىلدىن 453-يىلغىچە)
مىلادى 415-يىلى قاراتون ئالەمدىن ئۆتىتى . ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن ، مىلادى 415-يىلدىن 434-يىلغىچە بولغان 20يىل ئىچىدە ، ياۋرۇپا ھون ئىمپىريىسىگە قارا توننىڭ بونچىك(415-422) رويا ئاتلىق ئوغۇللىرى ئىمپىراتور بولدى . بونچىكنىڭ بېلىدا ۋە ئاتىللا ئاتلىق ئىككى ئوغلى بار ئىدى . بىلىدا مىلادى 395-يىلى تۇغۇلغان . ئاتتىللا 400-يىلى تۇغۇلغان .
بونچىك مىلادى 422-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھونلارغا ئۇنىڭ ئۇكىسى رويا ئىمپىراتور بولدى . رويانىڭ ۋاقتىدا(422-434)بىلىدا ھون ئىمپىريىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا ، ئاتتىللا شەرقى قىسمىغا ، ئىلىكخانلار نامى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى .ئاتتىللا ھون ئىمپىريىسىنىڭ شەرقى قىسمىغا ئېلىكخان بولسىمۇ ،ئۇ تاغىسى رويانىڭ قېشىدا تۇراتتى .رويا ئاتتىلانىڭ ھەربىي تالانتىغا ھەيران بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۇلۇغ بىر قوماندان بولىشىغا كۈزى يەتكەن ئىدى .مىلادى 434-يىلى رويا ئالەمدىن ئۆتتى . قائىدە بۇيىچە بىلىدا ھون ئىمپىريىسىگە ئىمپىراتور بولىشى لازىم ئىدى .چۈنكى ، ئۇ ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغانىدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ھەر جەھەتتىن ئاكىسى بىلىدادىن ئۈستۈن تورىدىغان ئاتتىللا ئىمپىراتور بولدى . كىيىن بېلىدا مىلادى 445-يىلى 50يېشىدا ئۆلتۈرۈلدى .
ياۋرۇپا ھون ئىمپىريىسىگە ئاتىللا ئىمپىراتور بولغاندىن كىيىن ھونلار مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيدى .ئاتتىللا مىلادى 447-يىلى شەرقى روما ئىمپىريىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول(ئىستامبول)غا قىستاپ كەلدى . رومالىقلار ئىستامبولنى ساقلاش ئۈچۈن ، ھەر يىلى ئاتتىللاغا 2100لىرا ئالتۇن ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولدى .بىرنىشتامنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، ھونلارغا غەربىي روما ئىمپىريىسىمۇ ھەر يىلى 700پونىت ئالتۇن ياساق تۆلەپ تۇرغان .ھەر يىلى تۆلەيدىغان بۇنداق ياساقلاردىن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىمۇ(224-650)چەتتە قالمىغان.
ئاتتىللانىڭ ئۈلۈمى
ھونلار ۋەھىمىسىدىن ياپراقتەك تىترىگەن ياۋرۇپادىكى پادىشاھلار ئاتتىللاغا ئىلاجىسىزلىقتىن خوشامەت قىلىشىپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەربىلەن سوۋغا سالام قىلىپ يوللىغان . بەزى پادىشاھلار ئاتتىللاغا ئۆز قىزلىرىنى ياتلىق قىلىشقا بېرىپ يەتكەن . ئاتتىللا مىلادى 453-يىلى ( ؟ )پادىشاھسىنىڭ ئىلدىكو ئاتلىق قىزىغا ئۆيلەنگەن .ئىلدىكو توي كىچىسى ئاتتىللاغا ئالتۇن قەدەھتە زەھەر سېلىنغان شاراپنى ئىچكۈزگەن . تاڭ ئېتىشىغا ئاز قالغاندا ئاتتىللانىڭ ئېغىز ۋە بۇرنىدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان ، ئىلدىكو قورقۇپ ،ئەس ھوشىنى يوقاتقان .ئاتتىللا شۇ يۇسۇندا قانغا بۇيىلىپ ئۆلگەن .
ھونلار بۇرۇنلا تەييارلاپ قۇيۇلغان ئالتۇن ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئاتتىللانى ياتقۇزۇپ ،ئاندىن كىيىن ئالتۇن ساندۇقنى كۈمۈش ساندۇققا ،كۈمۈش ساندۇقنى پولات ساندۇققا سېلىپ ،ساندۇقلارنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم بىكىتكەن .ھونلار بۇ ئىشنى ئورۇنلىغاندىن كىيىن ، دوناي دەرياسىنىڭ سۈيىنى توسۇپ باشقا تەرەپكە ئاققۇزۇپ ،دەريانىڭ ئەسلى تەكتىنى چوڭقۇر كولاپ ، ئاتتىللانىڭ جەسىدى سېلىنغان ئۈچ قات ساندۇقنى شۇ يەرگە كۈمۈپ دەريانىڭ سۈيىنى ئەسلى قېنى بۇيىچە ئاققۇزغان . دىمەك ،ئاتتىللا دوناي دەرياسىنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلىنغان . ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ خىل مىتالدىن ياسالغان ئۈچ قەۋەت ساندۇقنىڭ ئىچىدە ياتسا كېرەك .
ئاتتىلا بوۋىسى ئۇغۇزخانغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئىستىلاچى(بويسۇندۇرغۇچى)بۇلۇپ ،ئۇ دۇنياۋى ھۆكۈمران بۇلۇشىنى ئالدىغا مەقسەت قىلىپ قويغان ئىدى .
ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن ئېلىندى .
|
|
|
|
|
|