مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1041|ئىنكاس: 5

كەشپىيات ئىشقىدا سوققان يۈرەك(ھەسەل ھەرىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەشپىيات ئىشقىدا سوققان يۈرەك


    مەن شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ باغچا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 43ياشلىق سەمەت مەخمۇتنىڭ «قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتى»ياساپ پاتېنت ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ،7-دىكابىر ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغاندا ، بىر قانچە خېرىدار ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە كەشپىياتىنى كۆرىۋاتاتتى.سەمەت مەھمۇت خېرىدارلارغا كارۋاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى.ئۆيىدە پۈتكەن ۋە پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان 10دانە كارۋات ،ھويلىسىدا نۇرغۇن تۆمۈر-قەلەي ، بىر دۆۋە شور تۇز ۋە شور تۇز لېيىدا قۇيۇلغان بىر مۇنچە تۆت چاسا شور تۇز كېسىكى تۇراتتى.
    بۇ كارۋاتنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىككى متىر.كەڭلىكى 90سانتامېتىر بولۇپ،ئاساسلىق ماتىريالى تۆمۈر-قەلەي ۋە شايار تەۋەسىدىكى جاڭگاللىق-شورلۇقتىن كۆپ چىقىدىغان شور تۇز ئىكەن.ئىچىگە توكتا  ۋە سۇدا قىزىيدىغان قۇرۇلما قوراشتۇرۇلغان ۋە 10سانتىمېتىر قېلىنلىقتا شۇر تۇز سېلىنىدىكەن.پارغىمۇ،توكقىمۇ چېتىپ قىزىتىشقا بولىدىكەن.قىزىقلىقىنى يۇقۇرى- تۆۋەن تەڭشىگىلى بولىدىكەن.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە سەمەت مەھمۇت ئەسلىدە نۇرباغ يېزا ئارال كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ،1985-يىلدىن بۇيان ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى سېتىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ،ئىلىكتىر تېخنىكىسىغا ئائىت تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن.2000-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كاللىسىغا جەمئىيەتكە،خەلققە پايدىلىق ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان يېڭىچە بىر ئۈسكۈنە كەشىپ قىلىپ بېقىش خىيالى كېلىپ قېلىپ،كېچە-كۈندۈز دېگىدەك ئىزدىنىپ لايىھەلەش،كىتاب-ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە شور تۇز كارۋىتى ياساشقا تۇتۇش قىلىپ ،2011-يىلى بۇ قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ،دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىغا پاتېنت ئىلتىماسى سۇندى.2012-يىلى 2-ئايدا ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ پاتېنت گۇۋاھنامىسى بېرىلدى.سەمەت مەھمۇت بۇ كارۋاتقا«تەكلىماكان يالقۇنى شور تۇز كارۋىتى»دەپ ئىسىم قويدى ۋە مۇشۇ ئىسىمنى ماركا نامى قىلىپ ئەنگە ئالدۇرماقچى بولدى. سەمەت مەھمۇت ماڭا مۇنداق دېدى:ھازىر جەمئىيىتىمىز تەرەققىي قىلىپ بېنالىشىپ كەتتى.شۇنداقلا، كىشىلەردە سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ كېتىش سەۋەپلىك كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ بلغاچقا،شۇر تۇز كارۋىتىغا بولغان ئېھتىياج كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق توكقىمۇ،پارغىمۇ چېتىشقا بولىدىغان بۇ قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ بازارغا سالدىم.
    ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى ئامانگۈل قايىم بۇ كارۋاتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ بىرى.مەن ئامانگۈلنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا،ئۇ كىچىەن بېنا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ياراشتۇرۇپ قويۇلغان  شور تۇز كارۋىتىدا يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن.بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن:ــ بۇ كارۋاتقا كۆنۈپ قاپلىدە؟ ئۆيگىمۇ شۇنداق يارىشىپتۇ ــ دېدىم گەپ كوچىلاش مەقسىتىدە.
  ــ شۇنداق،مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى بولماي،بەك داۋالىنىپ كەتتىم.بولۇپمۇ ،رىماتىزىم بەك ئېغىر ئىدى.مۇشۇ كارۋاتنى ئېلىپ ياتقاندىن بېرى،سالامەتلىكىمگە نىسبەتەن ئۆنۈمى كۆرۈلدى،پۇتۇممۇ ئاغرىمايدىغان بولدى.بۇ كارۋاتنى بۇرۇنراق سېتىۋالسام بوپتىكەن ــ دېدى ئۇ.
   سەمەت مەھمۇت بۇ شور تۇز كارۋىتىنى تېخى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بازارغا سالغان.ئۇنىڭ يەنە پاتېنتقا ئېرىشكەن،ئەمما تېخى بازارغا سالمىغان «ئاپتۇماتىك قاچا يۇيغۇچ»،پارالىچ كېسىلى،بىلى سۇنۇپ كەتكەن ،ئۆرۈلالمايدىغان بىمارلارنى ئاپتۇماتىك ئۆرۈپ قويىدىغان«بىمارلارغا قولايلىق زەمبىل كارۋات»قاتارلىق ئىككى كەشپىياتى ،يەنە پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بىر كەشپىياتى،لايىھەلەپ،خەرىتىسىنى تەييار قىلغان ئۈچ كەشپىياتى بار ئىكەن.ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرىشىچە؛بارلىق كەشپىياتلىرىغا پاتېنت ئېلىپ،زاۋۇت  ياكى كارخانا قۇرۇپ ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقچى ئىكەن.بىراق ،يۈرىكى كەشپىيات ئىشقىدا سوقىدىغان بۇ دېھقان كەشپىياتچىنىڭ ئۇلۇغ پىلان-ئارزۇلىرىنىڭ رۇياپقا چىقىشىدا خېلە قىيىنچىلىق باردەك تۇرىدۇ.ئۇ يەنىلا ھۆكۈمەت،جەمئىيەت،خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.ئىرادە،تىرىشچانلىق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى،ئېقتىساسلىقلارنى قوللاش سىياسىتى ئۇنى چوقۇم ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ.
   سۆرەتتە:سەمەت مەھمۇت شور تۇز كارۋىتىنى ئاسىرىماقتا.



كەشپىياتچى

كەشپىياتچى

مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-10 01:48 PM  


ئادەم بولماق تەس

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 03:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاقىلىشىش نومۇرى:13657560206

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 04:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ،  ئىستىقباللىق  كەشپىياتكەن  ..  دۇختۇرخانىلارغا  تەسسىس  قىلسىمۇ  بولغۇدەك  

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99414
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-11-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 04:27:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋاتنڭ شىپالق رولىنى  تىخىمۇ ئىنچىكرەك  دەپبەرسىڭز بوپتىكەن ، رەخمەت،

ئۆمۈرمەنزىلدە تاغدەك بالالار قازىنداقاينمغائوغۇل بالا، ئۇ يېرىم ئوغۇل بالا ،
‹‹دەرت -ئەلاملەر كېليدۇ ئوغۇل بالا نىڭ باشيىغا . سايدا تۇگمەن چۆرگىلەيدۇ ، كۆزدىن ئاققان ياشىغا ››.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 05:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسز

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91989
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:41:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل كەشپىياتكەن ، ھەي پۇلۇم بولسا ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىراركەنمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش