NASA: مارستا بىر قەدىمقى كۆل تېپىلدى
بىلىمخۇمار
2013-يىلى 9-دىكابىر
ناسا نىڭ ھازىر مارس ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «ھەۋەسكار» (Curioisity) ناملىق ماشىنىسى بىر كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان قەدىمىي سۇ كۆلىنى بايقىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ھەۋەسكەر» ئارقىلىق توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ بېكىتىشىچە، مارسنىڭ ئۈستىدىكى بۇ سۇ كۆلى نەچچە ئون مىڭ يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىكەن. بۇ ئۇچۇرنى كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى جون گروتزىڭگەر (John Grotzinger) بۈگۈن كالىفورنىيەنىڭ سان فرانشىسكو (San Francisco) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا جۇغراپىيىلىك فىزىكا بىرلىكى نىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر «ھەۋەسكار» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان رايون ئاشۇ كۆلنىڭ ئىچىدىكى بىر جاي بولۇپ، مارسنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىپ بولغان، ياكى ھاياتلىققا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تېيىز، كىسلاتالىق، ۋە تۇزلۇق سۇلار ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئانچە-مۇنچە ساقلىنىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، بۇ يەردە پاكىز سۇلار مەۋجۇت بولغان. بۇ يەردىن تېپىلغان لايلارمۇ بۇرۇن مۆلچەرلەنگەندىن ياشراق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مارستا سۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىت بۇرۇن مۆلچەرلىگەندىن ئۇزۇنراق ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن. بۇ كۆلدە تاش يەيدىغان مىكروبلار ياشاپ باققان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بايقاش بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلىرىدا خەۋەر قىلىندى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
NASA Mars rover finds evidence of life-friendly ancient lake
http://www.reuters.com/article/2013/12/09/us-space-mars-idUSBRE9B815620131209
http://s1.reutersmedia.net/resources/r/?m=02&d=20131209&t=2&i=818860579&w=580&fh=&fw=&ll=&pl=&r=CBRE9B81NS700
A self-portrait of the Mars rover Curiosity is seen in this February 3, 2013 handout image courtesy of NASA. CREDIT: REUTERS/NASA/JPL-CALTECH