مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4186|ئىنكاس: 48

يانچۇقچىلارغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 09:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يانچۇقچىلارغا ئوچۇق خەت


تۇرسۇنبەگ ياسىن


res05_attpic_brief_副本.jpg


     ئەگەر سىز بىر غورۇرلۇق يانچۇقچى بولسىڭىز ،ئۇنداقتا ھەرقانچە مۇھتاجلىقتا قالسىڭىزمۇ ھەرگىزمۇ داموللامنىڭ  يانچۇقىغا قول سالماڭ ، چۈنكى ئۇنىڭ پۇلى بەلكىم بىر ھارامنى ھالال قىلىش بەدىلىگە كەلگەن بولىشى مۇمكىن .


     ئۇنىڭ پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇ بەلكىم ئۆزى بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئايەتلەر بىلەن سىزنى قارغىۋەتسىغۇ مەيلى ، ئۇرۇق –تۇققانلىرىڭىزنىمۇ قوشۇپ قارغىۋەتسە ئالغان ئىككى – تۆت تەڭگىڭىزگە چۇشلۇق ئىش بولماي قالمىسۇن دىدىم ، مىڭ دىگەن بىلەن ئىمام- موللام ، ئۆلىمالار دىگەن سىزگە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا خۇدانى جىقراق ياد ئىتىدۇ ، ئاللاھ بەلكىم ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجاۋەت قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن ، تۇققانلىرىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن .

ئەگەر سىز ۋىجدانلىق يانچۇقچى بولسىڭىز ، ئۇنداقتا ئاچ قالسىڭىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا چېقىلماڭ ،قىزلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇلار ئىلاجىسىزلىقتىن بەلكىم بۇزۇلىشى مۇمكىن ،شۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە ئۇمۇ سىزدەك يانچۇقچىدىن بىرنى تۇغمايدۇ دەپ كىم ھۆددەقىلالايدۇ دەيسىز . ئەگەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئوغۇرلىسڭىز بەلكىم ئۇمۇ سىزدەك ھارام يولغا مېڭىپ سىزنىڭ كەسپىڭىزگە رىقابەت ئېلىپ كىلىدۇ ، باكلاۋېر يانچۇقچىلارنى كۆپەيتىپ ئۆزىڭىزگە ئىش تاپماي دىسىڭىز كەسىپداشلىرىڭىزغىمۇ بۇنىجىكىلەڭ ، بولمىسا دەرھال كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ .


     ئەگەر سىز بىر ۋاپادار يانچۇقچى بولسىڭىز ھەرگىزمۇ قىينچىلىقتا بالا بېقىۋاتقان ، ھالال تەر بىلەن ئائىلىسىگەقاراۋاتقان بىر دادىنىڭ يانچۇقىغا قول سالماڭ . بەلكىم سىزنىڭ دادىڭىزمۇ شۇنداق قىيىنچىلقلارنى تارتىپ كىچىكىڭىزدە سىزنى باققان بولغۇيتى ، ياكى بەلكىم ئۇ شۇنچە جاپا تارتىپمۇ سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قامداپ بولالمىغاچقا سىزمۇ مۇشۇ كەسىپنى تاللاپ قالغان بولغۇيتىڭىز ، يەنە شۇ گەپ بىچارە دادىنىڭ پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇنىڭ بالىسى كىلىپ سىزنىڭ تاۋىقىڭىزنى چاقىدۇ ، ياكى ئۇنىڭ ئاھۇ – زارى بۈگۈن بولمىسا ئەتە سىزنى ئىزدەپ تاپىدۇ .

   ئەمسە مەن قانداق جان باقىمەن دەمسىز ؟ سىزنىڭمۇ رسقىڭىز بار ، بېرىڭ ، پارىخورلارنىڭ يانچۇقىدىن قانچىلىك ئالالىسىڭىز شۇنچىلىك ئېلىڭ ، جازانىخورلاردىن ئېلىڭ ، كىشىنىڭ رىسقىنى يەۋاتقانلارنىڭكىنى ئېلىڭ ، ھۆكىمەتنىڭ بايلىقىنى يۈتىۋاتقانلارنىڭكىنى ،ھارام تىجارەت بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيتىنى بۇلغاپ پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭكىنى ئوغۇرلاڭ ، كىم توستى ? سىزگە دىسەم ئاشۇ پۇلى ئېشىپ – تېشىپ ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان بىچارە ۋاپادارخوتۇنىغا قارا ساناپ سىرىتتىن ئىككىنجى ،ئۈچىنجى دىگەندەك خوتۇنلارنى ئېىۋالغانلارنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىڭ .بەرىبىر ئۇلارمۇ خەجلەيدىغان يەر تاپالماي مىتىلداپ كىتىپ سىرىتتىن خوتۇن ئېلىۋالىدىغان بولغاندىكىن ئۇلارنىڭ پۇلىنى بولسا جىقراق ئالسىڭىز خەجلەپ بىرىدىغان پۇل قالمىسا قىسىپ ئولتۇرىدىغان بولىدۇ .شۇ بىچارە ئايالى قىلغان ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئاز مىننەتدار بولمايدۇ سىزدىن .

دەپ كەلسەم يەنە بار ، ئەگەر يەنە قول سالاي دىسىڭىز ھازېر جەمىيەتتە نىمە جىق ، قىمارۋاز جىق ، مۇشۇ قىمارۋازلارنىڭ يانچۇقىغا قول سالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ . بىرىنجىدىن بەرىبىر بۇ پۇلمۇ ھارام پۇل ، سىزگە سىڭىدۇ ، ئىككىنجىدىن سىزئالمىسىڭىزمۇ قىمارۋاز خەق بۇ پۇلنى يا بالىسىغا خەجلىمەيدۇ يا ئۆيىگە ، نەگەئاپىرىدۇ ؟ يەنە شۇ ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىزدە تۇرغىنى ياخشى ھېچ بولمىغاندا سىز قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتمەيسىز ئەمەسمۇ .


      يەنە بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي ، بولسا مۇشۇ ئاتا – ئانىسىنى زار – زار قاقشىتىدىغان،  ئوبدان كۈنگە ئىرىشسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەجرىنى ئۇنتۇپ تاشلىۋىتىدىغان ،زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي كۆڭۈل خوشى ئىزدەپ يۈرىدىغان ۋاپاسىزلارنىڭ يانچۇقىغا قول سالسىڭىزمۇ بولىدۇ مىنىڭچە . بەرىبىر ئۇلارمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشلىتىشى كىرەك بولغان ، ئەجرىنى قايتۇرىدىغان جايغا ئىشلەتمىگەندىكىن ئۆزىگە ئاز.

ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز سىز ھالال يول بىلەن پۇل تاپقان يانچۇقچى بولالمىسىڭىزمۇ ۋىجدان بىلەن ، ئەركەكلىك بىلەن ئوغۇرلۇق قىلغان مەرت يانچۇقچى بولالايسىز ، مانا بۇنى كەسپىي ئىستىل ،ئىنسانىي پىرىنسىپ دەيمىز .قېنى شۇ ھارامدىن پۇل توپلىغانلارمۇ ، تاپقان پۇلىنى جايىغا ئىشلەتمىگەنلەرمۇ ئىچى ئېچىشىشنىڭ ، ھەسرەتنىڭ ، زىيان تارتىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ھىس قىلىپ باقسۇن دەيمەنغۇ .

ئەمدى گەپنىڭ ئەڭ مۇھىم يىرىگە كەلدۇق .  ئەگەرشۇ يوللار بىلەن كىرگەن كىرىمىڭىزدىن ئاز تولىنى ئاجىز – يىتىملارغا ، مەكتەپ –سەدىقىلەرگەئىشلەتسىڭىز گەرچە تىلىۋىزور – رادىئودا تەشۋىق قىلمىسىمۇ ،لىكىن سىز يەنىلا ئادالەت يولىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن پىداكار يانچۇقچى بولالايسىز . نىمىشقا دىسىڭىز تىلىۋىزورلاردا كۆپىنچە شۇ ھازېر سىز پۇلىنى ئېلىڭ دىگەنلەرنىڭ گىپى ،  شۇلارنىڭ تەشۋىقاتى دەڭا ، ئۇلار بىلەن بىر يەردە سىزنى تەشۋىق قىلسا سىزگە قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ –دە ،تىلىۋىزىيە ئىستانسى بەك ۋىجدانلىق جاي ، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ . ھېچ بولمىغاندا سىز دىگەن نەق مەيداندا ، خەقلەرنىڭ كۆزىچە ، كۈپكۈندۈزدە ئالسىز ئەمەسمۇ ، بىر خىل ئەركەكتەك – ھە ، لىكىن ئۇلارچۇ ؟ياكى ئىشرەتخانىدا تاپىدۇ ، ياكى يەڭ ئىچىدە تاپىدۇ ، ياكى بىرسىنىڭ رىسقىدىن تاپىدۇ ، ياكى بىراۋلارنىڭ كۆز يېشىدىن تاپىدۇ . ياكى شۇنچە ئىشلەپ تاپقىنىنى جايىدا ئىشلەتمەي شۇ يەردە بۇزىدۇ  . ئىشقىلىپ ھارامدىن تاپىدۇ يا ھارامغا بىرىدۇ . ھەقىقەتەن مەن دىگەندەك قىلسىڭىز بەلكىم سىزنىڭ ئاجىز – يىتم يوقسۇللاغا ، مەكتەپ – مەسچىتلەرگە قىلغان ياردىمىڭىزدىن سىزگىمۇئاز-تولا ساۋاپ يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن  .كىم بىلىدۇ شۇ ھارامخورلارنىڭ ئىشىنى ئاقساتقىنىڭىز ،تاپاۋىتىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ ئاز- تولا بولسىمۇ ھارام پۇلنى ھالال يولغا ئىشلەتكىنىڭىز باياتىن سىزگە ‹چېقىلماڭ›دىگەن موللامنى تەسىرلەندۈرۈپ قالسا ئۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ سىزگە ئاتاپ دۇئاھ قىلىپ قالسا ، ياكى بولمىسا بايا سىزگە ‹ھاي چېقىلماڭ›دىگەن ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ھېلىقى ھارامخور باشلىقنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم بولسىمۇ يەرگە قاراپ تاتىرىپ تىرناق تاتلاپ تۇرىدىغان كۈنگە قالمىسا ، ھېلىقى جاپا بىلەن ئۆي –بالا بېقىۋاتقان دادىنىڭ جاپاسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتمىسە بۇ سىزنىڭ زىممىڭىزگە ساۋاب بولۇپ يېزىلسا شۇنىڭ بىلەن خۇدامۇ سىزگە رەھمەت قىلىپ ، ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .



ئەسەرنى باشقا يەرگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز ، ياكى سالۇنلاردا ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز ئىنكاس بىلەن ياكى ئۇچۇر بىلەن ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، رەھمەت .  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 11:40 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-10 10:09 AM):
بۇ ئەسەر ھەقىقى ئوچۇق خەت بولماستىن ، بەلكى فىليەتون تۈسىدىكى ئەبجەش يازما

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-10 10:10 AM):
باشقۇرغۇچى ئېغىر كۆرمەي (فىليەتون ) ئەبجەش يازمىلار دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز
ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانچۇقچىلار بۇ تېمىنى كۆرەرمۇ؟

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12563
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز...قارىسامغۇ ھەممە گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق بىلىندى ماڭا...

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يەرلىرى ئورۇنلۇق گەپلەركەن بىراق قانداقمۇ ئويلاپ يازغاندۇ بۇ گەپلەرنى ،مەن 10 يىلدىمۇ ئويلاپ تېپىپ بۇلاممايمەن جۇما بۇنداق سۆزلەرنى

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83788
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3477
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-8-11
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:22:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرمەمتىكى يانچۇقچىلار كۈرىدۇ،بەلكىم ۋىجدانلىق يانچۇقچىلار تەسىرلىنىپ مۇشىنداق قىلار!

ئاق كۆڭۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-10 12:06 PM
يانچۇقچىلار بۇ تېمىنى كۆرەرمۇ؟

كۆرۈپمۇ قالا،  بەلكىم كۆرۈپ بولغاندۇ  

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93157
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يانچۇقچى گۇيلەرنى ھوكمەتمۇ يېغشتۇرۇپ بولامىغاندىكىن يىڭلىق يارتىشقا رېغبەتلەندىرپسىز بۇمۇ بولدىغان ئىشكەن ،بېراق شۇلار كورسە بولاتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ، ئالدىنقى كۇنى سڭلىمنىڭ ئايفۇننى ئوغۇرلىۋالدى لىكىن مىنىڭچە ئوغۇرلۇق قىلمىسۇن ئوزى ھالالدىن ئىشلەپ تاپسۇن ،مەن بەك ئوچ بولدۇم بۇ ئوغۇرلاغا ئانىسنىڭ ھەقققى باردەك تاتىنماي قول سالىدۇ ،ئاللا جاجىسنى بەرسۇن .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي يانچۇقچىلار يانچۇق ماراش بىلەن ئالدىراشتۇ،  توربەتكە چىقسىمۇ مۇنبەرگە كىرمەس....

مۇشۇ تېمىنى قەغەزگە بېسپ چىقىرىپ، دوخمۇش- دوخمۇشقا چاپلاپ قويسا ئاندىن كۆرەمىكىن.....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 01:06:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنەچچە  تورداش ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ ، لىكىن ئۆمىدسىزلەندىم : بەلكىم مەن بۇ ھەجۋى ئەسەرنى بەدئىيلىكى تۆۋەن يېزىپ تورداشلارنى راس ئوغرىلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەتكەن دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن .
بۇ ھەرگىزمۇ ئوغىرلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەت ئەمەس ، بەلكى ئوغۇرلارغا يېزىلغان خەت يولى بىلەن جەمىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىللەرنى يورۇتۇپ بىرىشكە ئۇرۇنغان ئىدىم ، يەنى قىزىم ساڭا ئېيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا .  ئەمما ئۈستىدىكى نەچچە تورداشنىڭ ئوغرىلار بۇنى كۆرمەيدۇ ، بۇنداق ئىنسابلىق ئوغرى يوق دىگەندەك قاراشلىرى ئەسىرىم ئۈچۈن مىنى ئەپسۇسلاندۇردى ، بەلكىم مەن بۇ ئەسەرنى يېزىشتا مەغلۇپ بولغان ئوخشايمەن دىدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-10 01:07 PM  


ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش